خىزىرنىڭ چاپىنىغا ئورىنىۋالغان ئالۋاستى
ئالتۇنگۇل رەجەپ
ئېنتېرنىت تور بەتلىرىدىكى مۆجىزىلەر دەسلەپ مىنى ئالامەت مەھلىيا قىلغان . يېقىننىڭياقى ئۇنىڭدىنمۇ رايىم ياندى.چۈنكى، ئىكراندىكى رومىلى چۈشۈپ كەتكەن ساھىپجامالنىڭ ئەسلىدە گەدىنىگىچە تۇزلۇقباش ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتىم.
ئىچىمدە قورقۇنچ يامراپ تۇرىدۇ... بالىلار بۇ بەتبەشىرىلىكنى كۆرۈپ قالسا، كۆزلىرىگە يىڭىناسقۇ چىقىپ قالارمۇ؟
شۇ تەشۋىش، ئەندىشە ئىچىدە يۈرىكىم چىگىدەكتەك قورۇلۇپ كۆيىشىدۇ.ئەمدىلىكتە ساھىپجامالنىڭ كۆڭلىكى يوق يالىڭاچمىش.تېخى ئاڭلىسام ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى كالا تەمرەتكۈسى بېسىپ كىتىپتۇدەك. ، يەنە قانداق ئىشلار بوپ كىتەر؟! شۇنىڭ دەردىدە تۇرسام<< كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال>> دەپ يېقىننىڭياقى يانفونىمنى يېڭىلىقنىڭ ئەڭ سېسىق بىر تۈرى____ ئەخلەت ئۇچۇرلار بۇلغىۋەتتى.لېكىن ئۇنىمۇ ئىشلەتمەي ئامالىم يوق! چۈنكى، ئۇ مىنى تاشقى دۇنياغا باغلاپ تۇرىدىغان قاشاڭ قۇلاق!
ئىچىمدە كەكرىدەك، تىلىمدا زەھەردەك بىر ئاچچىق يامراپ تۇرىدۇ.... پەردازلايمەن دەپ پوخاققا سۆگەل قوندۇرۇپ ئولتۇرغىلى نەدىكى چولام، ئاچچىققا تولغان ئىچىمدىكىنى ئۆز پېتى دەۋىرەي، ئەسلىدە پاختىنىڭ ئىچىدە چوغ ساقلىغىلى بولاتتىمۇ؟
بىر چاغلاردا ئۇلۇغ ئەدىب_بۈيۈك ئادەم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى ئىسسىق قېنىنى سىياھ قىلىپ ئۆز قەۋمىنىڭ قەھرىمانلىق تارىخنى << ئىز>> رومانىدا مۇنداق يازغان:
ياش ئىدۇق ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز،
ئەمدى ئاتقا مىنگۈدەك بوپ قالدى ئەنە نەۋرىمىز
ئاز ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز،
ئەمدى چوڭ كارۋان ئاتالدۇق قالدۇرۇپ چۆللەردە ئىز.
قالدى ئىز چۆللەر ئارا، گاھى داۋانلاردا يەنە،I
قالدى نى _ نى ئارسلانلار دەشت _ چۆلدە قەۋرىسىز.
قەۋرىسىز قالدى دېمەڭ يۇلغۇن قىزارغان دالادا،
گۈل _ چېچەككە پۈركىنۇر تاڭنا باھاردا قەۋرىمىز.
قالدى ئىز، قالدى مەنزىل، قالدى ئۇزاقتا ھەممىسى،
چىقسا بوراق كۆچسە قۇملار ھەم كۆمۈلمەس ئىزىمىز.
توختىماس كارۋان يولىدىن گەرچە ئاتلار بەك ئورۇق،
تاپقۇسى ھېچ بولمىسا، بۇ ئىزنى بىر كۈن نەۋرىمىز، يا ئەۋرىمىز.
...........................................................................
نەقەدەر راست__ ھەقىقىي،نەقەدەر مەردانە_مەرد، گۈزەل قۇرلار ئىدى_ھە؟! ياراشقان تۇراق، ۋەزىن، شەكىل_چاپىنى ئاندىن سەلتەنەتلىك... ئۇنىڭغا تەقلىد قىلىشقا ،ئۇنى چاكىنا ھەزىلنىڭ دەستىكى قىلىشقا ئەسلا بولمايتتى.
كىم دەيدۇ سېرىق بېيتنى يېڭىلىق دەپ ؟!! يېڭىلىقمىش تېخى، يېڭىلىقتىن دۇنيانىڭ ئەس_ھوشى خىرەلىشىۋاتمامدۇ؟!
يېڭىلىق دىسە، توغرا،ئەيدىز كېسىلىمۇ ئاجايىپ يېڭىلىقلارنىڭ بىرى، ئۇ تەرەققىيات تەجرىبىخانىسىدا تىرىك ئادەم بەدىنى كلىنكا قىلىپ ئۆستۈرۈلگەن ۋەيران قىلىش دەرىجىسى ئەڭ دەھشەتلىك 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ياپۇنىيەنىڭ << چۇما>> باكتىرىيىسىدىنمۇ نەچچە ھەسسە قورقۇنۇچلۇق ۋىروس!
..... كاككۇك سايرىدى. مەن كۇنۇپكىنى باستىم.
__ ۋەي ياخشىمۇسەن؟ نەدە؟ ھە-ئىشخاناڭدا بولساڭ تېخى ياخشى، سەن ئالدىراش بولساڭ مەن سەندىن ئۆتە، شۇتاپ ئۆتۈم يېرىلغۇدك ئىچىم غەش ، شۇنداقتىمۇ ساڭا ئۇچۇر قىلىپ يوللاپ بىرەي، ئۇقۇپ جېنىڭ چىقىپ كەتمىسۇن، چۈنكى ،ئۇ قۇرلار پاھىشىدەك چاكىنا، يۇندىدەك مەينەت، تاپتەك سېسىق، قايسى تۇسسىز ھەزىلكەشنىڭ توقۇغان نىمىسى-بۇ؟! مەسلىكىدە ئاق سۈت بەرگەن ئانىسىغا چاقچاق قىلىپ سالغان توڭگۇزنىڭ ئىشىغۇ-بۇ؟! ئۆز يېغىدا ئۆز يېغىنى قورۇپ،ئۆز قېنىدا چاي دەملەپ ئاندىن ئۆز گۆشىنى ئۆزىگە يىگۈزۈپ ئۇستىخانلىرىنى غاجىلاتقاندەك ئۆز مىللىتىنىڭ بىر مۇقەددەس شېئىرىي_____ ئىنقىلابىي مارشىنىڭ سەلتەنەتلىك چاپىنى كىيگۈزۈپ ،تۇراق ،ۋەزىن،شەكلىگە تەقلىد قىلىپ چىقىپتۇ. تېخى ماۋزۇسى << قىزلار مارشى>> مىش....ئىش تېپىلمىسا خوتۇنىنىڭ كالتە ئىشتىنىنى يۇيسا بولمامدۇ ئۇ لاتا!!!!!!!!!!!..
__ نىمە بولدى؟ كىمنى دەيسىز....__ دوستۇمنىڭ بۇ قايناشلىرىنى ئاڭلاپ دۇدۇقلاپ قالدىم،__ بىلىمەن ،ياخشىغا ئىشارە، يامانغا جۇۋالدۇرۇز، سىلىققا بىېلىق، قۇتۇرغا تىمساق بۇلۇپ تېتىيدىغان ئۇ ئادەم، ئاچچىقتىن يېرىلاي دەۋاتسا ، يەنە ئۇنىڭغا سالا قىلىپ << قاننى قان بىلەن يۇيغىلى بولماس>> دەپ مەدەنىيەىتلىك سۆزلەش ھەققىدە نەسىھەت قىلالايتتىممۇ مەن
__ دۆت! كىملىكىنى بىلسەم ، ھېلىغىچە جىم تۇراتتىمما ؟! دەپ تۇرسام يەنە چۈشەنمىدىڭما؟
__ تازا ئىنىق ئەمەس ...سىز... {
___ ئىزىپ چۈشەندۈرۈشكە نەدىكى چۇلام، كۆڭلۈم تېخىمۇ غەش بۇلىدۇ شۇ، ئەڭ ياخشىسى ئۆزەڭ ئۇقۇپ چۈشىنىۋال....ئانىسىدىن تۇغۇلمايدىغان بالا بولمىغىنىدەك، دۇنيادىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىگىسى بۇلىدۇ، بۇ چۇقۇم شېئىر يازىدىغانلارنىڭ سايىسىدىن ئاتلاپ ، ئىزىغا دەسسەپ چۈشۈپ كەتكەن ئۇۋىقىدا دانلاپ جان باقىدىغان بىر قوڭالتاقنىڭ ئىشى. پۇلى ئەرزان ئەرگوتونىڭ مەينەت كەيپىدە ئولتۇرۇپ،ئۆزىنىڭ بىر ئايالنىڭ ئىچ قارنىدا بىخلىنىپ ،ئۇنىڭ باغرىنى يېرىپ چىققىنىنىمۇ ئۇنتۇپ توقۇپ چىققان تېمىسى....
مۇشۇ ئۆمرمدە بىرىنىڭ بىراۋنى بۇنچىلىك تىللاپ باققىنىنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن،ئۇنىڭ گۈلدۈرمامىدەك ئاۋازى،شىۋىرغاندەك نەپەسلىرى قۇلاقلىرىمدىن خوخا تىكەن سۆرىگەندەك يوپۇرۇلۇپ ئۇدۇل مېڭەمگە سانجىلدى.ئۇ، شۇ ئاچچىقىدا خوشمۇ دىمەي تىلىفۇننى ئۈزىۋەتتى.
دەقىقە ئۆتمەي قاشاڭ قۇلاق قورقۇش ئۈنىدە سايرىدى. بۇ تېلىفۇنۇمغا ئۇچۇر كەلگەندە چىقىدىغان ئاۋاز ئىدى.
رەڭلىك ئىكران بەتلىرىنى ئاچتىم.، كۆزلىرىمگە قاندەق قىزىللىق تىقىلدى.
قىزلار مارشى
قىز ئىدۇق نى يىگىتلەرنى ئازدۇرۇپ يۈرگەندە بىز،
ئەمدى چوكان دەپ ئاتالدۇق قالدۇرۇپ .....ئىز.
ياش ئىدۇق باغلار ئارا سۆيۈشۈپ يۈرگەندە بىز،
ئەمدى يۈزگە چۈشتى قورۇق ساڭگىلىدى مەيدىمىز.
قالدى ئىز لەۋلەر ئارا...قالدى نى ماز يىگىتلەر قىز تاپالماي......
..........................................
كۆز ئالدىمنى قاراڭغۇلۇق بېسىپ يۈزلىرىمنى ئوت ئالدى،بەندە ئەزايىم بەزگەكتەك تىترەپ،قانلىرىم قەھرى غەزەپتىن پۇرۇقشىپ قايناپ....قولۇمغا چايان چاپلىشىۋالغاندەك تېلىاۇنۇمنى چۆرۈۋەتتىم. گىرۋەكلىرى ئاچ يېشىل ،سەيۋە رەڭ قاشاڭ قۇلاق چاقچۇق يولىدا چاقپىلەكتەك پىرقىراپ ،چۇۋۇلغان ئىچقارنىدىن باتارىيىسى چاچراپ چىقتى.ئاياغلىرىم ئاستىدىكى كاۋچۇك پۇچۇقلىرىنى دەسسەپ تۇرۇپ شىۋىرلىدىم....يىپلىرى مەشۇت تالاسىدەك نەپىس قىل قان تۇمۇردىن، گۈل -چەكمەنلىرىنىڭ رەڭگى- جۇلاسى كۆز قارچۇغىدەك نۇرانە-ئوت رەڭدە يالقۇنلاپ تۇرىدىغان ،ھارارىتى ئاتىنىڭ جېنىدەك ئىسسىق ،ئانىنىڭ نەپەسلىرىدەك مەيىن ،تەگ-سۈپىتى ئالتۇندەك ساپ،گۆھەردەك ئېسىل بىر خىزىرىنىڭ مۇقەددەس چاىنىغا ئورىنىۋالغان مەلئۇن،بەتبەشرە ئالۋاستىنى قايسى ئىبلىس بۇقسۇپ كەتكەن ئەخلەت ساندۇقىدەك ئىچقارنىدىن قەي قىلىپ تۆكتى!
تەخسىراتقا كىتىشتىن قورقماي ،ناپاك تنىگە خىزىرنىڭ ئۇلۇغ يەكتىكىنى يېپىنىپ رەستىگە چىققان زادى قايسىڭ؟!؟!لەنەت ساڭا ،مىڭ لەنەت!! ھەي،ئەقىلسىز،پەزىلەتسىز ئەخمەق!سەن ئەسلىدە ھېچىمىنى ئويلىغۇچىلىكى يوق، ھېچنىمىگە ھىساپ ئەمەس قەدىرسىز ،سۇۋەررەكتەك زىيانداش ماڭقۇرت بولساڭمۇ ئاخرەتتىكى ئۇلۇغ بوۋىمىزنىڭ روھىنى قوندۇرمىساڭ بولماسمۇ؟!
بىلگىنكى ھەرقانداق بىر ئەخلاقسىزنىڭ ھىسابى بولغىنىدەك دەھشەتلىك ھاقارەتنىڭ جازاسى بولىدۇ!!!
ئاپتور: خوتەن ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدە
يېڭى قاشتېشى ژورنىلى 2008 -يىلى 5-سان