YB5"i9T2
?FQ#I~'< بىرىنچى ھىكەيە: < ئوغلۇم،ئاناڭ ئىككىمىزنى كەچۈر >
e"nm< & توردا تونۇشۇش،سۆھبەتلىشىش، مۇھەببەتلىشىش، ئۇچرىشىش، ئالدىنىش، قاتارلىقلارنى كۆردۇق ، ئاڭلىدۇق ،ئۇلار ئاساسەن ياشلار .مەن يېقىندا توي قىلغىنىغا 23 يىل بولغان بىر ئەرنىڭ ئايالى تورغا مەستانە بولۇپ قالغانلىغى سەۋەبىدىن ئاجرىشىپ كەتكەنلىك ھىكايىسىنى ئاڭلىدىم. سىزمۇ ئاڭلاپ باقامسىز، ئەمما،ھىچكىمنىڭ ھەقىقىي ئىسمىنى تىلغا ئالمايمىز. .
MEiP&=gX! _ توي قىلغىنىمىزغا ئاز كەم 24 يىل بولاي دىگەندە ئاجراشتۇق،ئوغلىمىز ئالى مەكتەپكە ئۆتكىلى ئىككى يىل بولغان ئىدى،يازلىق تەتىلدە قايتىپ كېلىپ <<نىمىشقا ئاجراشتىڭلار؟>> دەپ سورىغاندا ،قانداق جاۋاپ بېرىشنى بىلەلمەي قالدىم. بىر كېچە ئويلانغاندىن كېيىن ئىشنىڭ باش-ئاخىرىنى تولۇق سۆزلەپ بەردىم، ئوغلۇم ھىچنىمە دىمىدى،كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى.......
D(AH3`*|# _ئەر-ئايال ئىككىمىزنىڭ مۇقىم خىزمىتىمىز،كىرىمىمىز،بىلىدىغانلارنىڭ مەستلىگى كەلگۈدەك ئائىلىمىز بار ئىدى. ئوغلىمىز ئالىي مەكتەپكە كەتكەن يىلىدىن باشلاپ ئايالىم تورغا چىقىشنى ئۆگەندى.شۇنىڭدىن باشلاپ ئوغلىمىز بىلەن دائىم دىگۈدەك توردا پاراڭلىشىپ تۇردۇق.بۇ چاغدا مەن ئايالىمنىڭ توردا ئوغلۇم بىلەنلا پاراڭلاشمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم.دەسلەپتە بەك چوڭقۇر ئويلاپ كەتمەپتىمەن.كېيىن ئايالىمنىڭ كومپىيۇتېرنى ئېچىپلا ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋېلىشى، مەن ئىشىكنى چەكسەم كومپىيۇتېرنى ئۆچۈرۋېتىپ خېلىدىن كېيىن ئىشىكنى ئېچىشى مېنى گۇمانلاندۇرۇپ قويدى.مەن كومپىيۇتېرنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن،ئەمما بىر
~|V^IJZ22 ساۋاقدىشىم بۇ ساھەدە مۇتەخەسسىس ئىدى. كۆڭلۈمدىكى گۇماننى تۈگۈتۈش ئۈچۈن ساۋاقدىشىمنى تەكلىپ قىلدىم.ئايالىمنىڭ چ چ سۆھبەت خاتىرىسىنى ساۋاقدىشىم كۆپ كۈچىمەيلا تېپىپ چىقتى.شۇ چاغدىلا ئايالىمنىڭ توردا مۇھەببەتلىشىۋاتقىنىغا بىر يىلدىن ئاشقانلىقىنى،<يىگىتى > بىلەن بىر نەچچە قېتىم كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدىم .ساۋاقدىشىمغا بۇ ئىشنى ھىچكىمگە تىنماسلىق توغرىسىدا ۋەدە ئالغاندىن كېيىن،ئايالىمغا توپلىغان < ئاخبارات>لىرىم بىلەن ئاجرىشىش كېلىشىمىنى تۇتقۇزۇپ قويدۇم.ئايالىم ئۆيدىن ئالىمەن دىگەننى بەردىم.خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدە< ئارىمىزدا ھىسسىيات قالمىدى،بىر ئۆيدە تۇرۇش ئىمكانىيىتى يوق،قەتئى ئاجراشمىساق ئاقىۋېتىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس> دەپ جەدۋەل تولدۇرۇپ ئاجراشتۇق.
0@
Y#P|QF <قېرىغاندا قېرى تاتۇق،قىلىقلىرى ئۇندىن ئارتۇق> دىگەندەك ،نىمە قىلىق بۇ نەۋرە كۆرەي دىگەندە ؟دىگۈچىلەرمۇ بولدى.باشقىلارغا راست گەپنى قىلىشتىن ئۇيالدىم،پەقەت<چىقىشالمىدۇق > دەپ جاۋاپ بەردىم. بۇ ئىشنىڭ ماڭا قانچىلىك ئېغىر كەلگەنلىكىنى تىل بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن ئەمەس.ئارزۇ قىلىدىغىنىم ،بۇ ئىشنىڭ ئوغلۇمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئوقۇش،تۇرمۇش،خىزمىتىگە تەسر كۆرسەتمەسلىگى، ئاپىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشى ،خالاس.
%c }V/v_h ئوغلۇم،ئاناڭ ئىككىمىزنى كەچۈر.....
Y^eN}@]?& ')y2W1
b dgkA ئىككىنچى ھىكەيە:ئالدامچى ئاشىق
D@O
`"2 مەن ئۇنىڭ بىلەن چ چ دا تونۇشتۇم ،،ئۇنىڭ مۇھەببەت ، ھايات توغرىلىق سۆزلىگەن تېتىىملىق سۆزلىرى مېنى قايىل قىلدىم ، ھەتتا بارا-بارا ئۆزىگە رام قىلىپ باغلىۋالدى ، ئۇ ئۆزىنى توي قىلمىغان دەپ تونۇشتۇرغاچقا ئۇنى ھايات يولۇمدىكى ئۆمزۈرلۈك ھەمراھىم ددەپ قارىغان ئىدىم ..بىزنىڭ مەۋھۇم دۇنيادىكى مۇھەببەتىمىز شۇنداق چوڭقۇر ئىدىكى بىر كۈنمۇ چچ دا ئۇچراشمىساق ، تېلفۇندا ئەسرالىشىپ تۇرمىساق كۆڭلىمىز ئۇنىمايتتى ، مېنى ئۆزى تۇرىدغان شەھەرگە يۆتكەپ كېلىپ ئەمرىگە ئالىدىغانمۇ بولدى...لېكىن بىر كۈنى ئۇنىڭ بىر ئالدامچى ئىكەنلىگىنى بىلىپ قالدىم ..شۇ كۈنى ئۇنىڭ مۇڭداشقۇسى ئوچۇق بولۇپ ئادەتتىكىدەك سالام يوللىدىم ،..ئۇنىڭدىنمۇ ئۇچۇر كەلدى..ئۇچۇر <ھەيران قالغان ئىپادىدىكى سىز كىم؟ دىگەن خەت ئىدى...مەن ئۇنىڭغا < بىر كۈن بولا بولمايلا ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ جېنىم دەپ ئۇچۇر قالدۇردۇم ..كىم بىلسۇن چ چ دا ئۇچۇر قايتۇرغىنى مەن ئۇزۇندىن بۇيان ئاشىقىم دەپ بىلگەن كىشىنىڭ ئايالى ئىكەن .بۇنى بىلىپ ئۆزۈمنى خۇددى ئاسمادىن تاشلىۋەتكەندەك ئازاپلاندىم ،،ئۇنىڭ كېيىنكى چۈشەندۈرۈشلىرىگە قۇلاق سالماي ،ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەن بولساممۇ ئۇنىڭ ساپ ، سەمىمىي مۇھەببىتىمنى ئالدىغانلىقىدىن خورلۇق ھىس قىلدىم....
H3A$YkK [ @rTB&>` مەنبە :\(پايدىلانما:قانۇنچىلىق گېزىتى)
UerbNz|