ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ۋە ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ مەشھۇر پىشىۋاسى-نىياز كېرىم شەرقىي ھەققىدە
关于维吾尔族书法与维吾尔族书法艺术大师尼亚孜•克里木
غەنىزات ئۇيغۇر
مۇقەددىمە
ئۇيغۇرلاردا خەتتاتلىق ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە.ئۇيغۇرلارمەيلى تۈرك -رونىك يېزىقىنى ئىشلەتكەن دەۋرلەردە بولسۇن،ياكى ئۇرخۇن-يىنسەي يېزىقىنى ئىشلەتكەن دەۋرلەردە بولسۇن ۋەياكى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلەتكەن دەۋرلەردە بولسۇن ئۆزلىرىنىڭ يېزىقىنى سەنئەتلىك شەكىلدە ئىپادىلەشكە ئەھمىيەت بىرىپ كەلگەن.ئۇيغۇرلار ئىشلەتكەن يېزىقلارنىڭ ناھايىتى چىرايلىق ھۆسىنخەت نۇسخىلىرى بولۇپ بۇ يېزىقلاردا خەتتاتلار تەرىپىدىن يېزىلغان ھۆسنخەتلەر ئاۋامنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپلا قالماي يەنە ئۆزگە ئەللەرنىڭمۇ قايىللىقى ۋە ھەۋىسىنى قوزغىغان.ھالبۇكى ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەر مابەينىدە ئۇيغۇر خەتتاتلىرى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان نەپىس ئەسەرلەر تارىخىمىزدىكى تەكرار يۈز بەرگەن كىتاب كۆيدۈرۈش ۋەقەسى ھەمدە دىن ئالمىشىش(دىن ئالمىشىش بىلەن تەڭ يېزىقمۇ ئالماشقان) سەۋەبى نەتىجىسىدە كۆيدۈرۈلگەن.
ھازىرقى مۇڭغۇللار قوللىنىۋاتقان مۇڭغۇل يېزىقى ئەسلىدە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بولۇپ ،مىلادىدىن بۇرۇنقىIV-Vئەسىرلەردىن تارتىپ تاكى مىلادىXIIIئەسىرلەرگىچە قوللىنىلىپ①بۇ يېزىق ئارقىلىق كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان گۈزەل ۋە نەپىس خەتتاتلىق ئەسەرلىرى ئىجاد قىلىنغان.نىھايەتكى مىلادى IXئەسىرلەردە ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن باشلاپلا ئەينى چاغدىكى قەشقەردە قۇرۇلغان دۇنياغا مەشھۇر بۇددا ئىبادەتخانىلىرى،مەشھۇر رەسىملەر،ھۆسىنخەتلەر ②رەھىمسىزلەرچە كۆيدۈرۈلگەن ،ئاجايىپ نەپىس ھەيكەللەر ۋە بۇددا ئىلاھلىرىنىڭ ھەيكەللىرى چېقىپ تاشلانغان،بىر دىن ئارقىلىق يارىتىلغان ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيەتنى يەنە بىر دىن مۇرتلىرى پۈتۈنلەي يوقىتىۋىتىش دۇنيا تارىخىدا ئىنتايىن كەم ئۇچرايدۇ.
ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ قەدىمكى زامان ۋە ھازىرقى زامان
تەرەققىياتى توغرىسىدا
ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن ئەينى چاغدىكى پۈتكۈل قاراخانىيلار سۇلالىسى دائىرسىدە ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى قوللىنىلغان.مەھمۇد ئىبنى ھۈسەيىن قەشقەرى،يۈسۈپ خاس ھاجىب، نىزامىدىن مىر ئەلشىر نەۋائى،مەۋلانە ئەبەيدۇللا لۇتفى، ئەھمەد بىننى مەھمۇد يۈكىنەكى،مۇھەممەد سادىق قەشقەرى،خانىش ئاماننىساخان، نورۇز ئاخۇن غېرىبى،ئابدۇرېھىم نىزارى...قاتارلىق مۇتەپەككۇر ئالىم-ئەدىبلەر ئەينى دەۋرنىڭ مەشھۇر ئالىم-ئەدىبلىرى بولۇپلا قالماي،مەتبەئە تېخنىكىسى تېخى مەيدانغا كەلمىگەن ئەشۇ دەۋرلەردە ئۆز ئەسەرلىرىنى ناھايىتى نەپىس ھۆسنخەت بىلەن يېزىپ قالدۇرغان ئۇستاز خەتتاتلىرىمىز ئىدى. ئۇلارنىڭ قول يازما نۇسقىلىرىنىڭ تىرانسىكىرىپسىيىسى بۇ قارىشىمىزنى روشەن دەلىللەيدۇ،ئەلۋەتتە.
ئازاتلىقتىن كېيىن پارتىيە مەركىزىي كومتېتى ۋە گوۋۇيۇەننىڭ غەمخورلۇقى، مەرھۇم ۋە ھايات ئالىملىرىمىزدىن ئىبراھىم مۇتئىي،مەمتىمىن يۈسۈپ،ئابدۇرېھىم تىلەشوپ ئۆتكۈر،ئەھمەد زىيائىي،ئىمىن تۇرسۇن ،مەمەتتۇرسۇن باھاۋىدىن،ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن قاتارلىق ئالىملىرىمىزنىڭ زور كۈچ چىقىرىپ ماسلىشىشى،شىنجاڭ ئاپتونۇم رايۇنلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق كومتېتىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ھازىر بىز قوللىنىۋاتقان ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى يەنىمۇ مۇكەممەلەشتۈرۈلدى.بۇ يېزىق ئارقىلىق مەشھۇر خەتتاتلىرىمىزنىڭ تىپىك ۋەكىلى نىياز كېرىم شەرقى،مەشھۇر رەسسام ۋە خەتتات غازى ئەھمەد،خەتتاتلاردىن قاينام جاپپار،ھوشۇر ئىبراھىم قاتارلىقلار،بولۇپمۇ نىياز كېرىم شەرقى ناھايتى نەپىس ۋە گۈزەل ھۆسنخەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىپ،ئاساسىي جەھەتتىن ئىككى ئەسىرگە يېقىن ئۈزۈلۈپ قالغان ئۇيغۇر خەتتاتلىقىمىزنىڭ تارىخىنى بىر-بىرىگە ئۇلىدى.
نىياز كېرىم شەرقىنىڭ ئۇيغۇر خەتتاتلىقى تارىخىدا تۇتقان ئورنى
ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ تارىخدا شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت-سەنئىتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان سەنئەتكارلار توپى بولىدۇ،ئەمما ئاشۇ سەنئەتكارلار توپى ئىچىدە ئەڭ قابىل ھەممە سەنئەتكارلارغا باشلامچى بولۇپ ماڭىدىغان بىر باشلامچى بولىدۇ.خۇددى ئۇيغۇر رەسساملىرىغا ئۇلۇغ رەسسام غازى ئەھمەد باشلامچى بولۇپ ماڭغىنىغا ئوخشاشلا نىياز كېرىم شەرقى بارلىق ئۇيغۇر خەتتاتلىرى ۋە ھۆسىنخەت ھەۋەسكارلىرىغا باشلامچى بولۇپ ماڭدى،ھەم نۇرغۇن خەتتاتلارنى تەربىيلەپ، خەتتاتلار قوشۇنىغا قوشتى.ئۇنىڭ بىۋاستە ۋە ياكى ۋاستىلىك تەربىيلىشى نەتىجىسىدە مەۋلان شەرق ئوغلى،قۇربانجان روزى شەيدائىي،ئابلىكىم زۇنۇن جەۋلانى...قاتارلىق ئۈمىدلىك ياش خەتتاتلار يېڭىدىن يىتىشىپ چىقىپ ئۆزىنىڭ خەتتاتلىق جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى نامايان قىلىشقا باشلىدى.
نىياز كېرىم شەرقى 1948-يىلى تۇرپان شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1958-يىلىلا ئۇ خەتتاتلىق جەھەتتىكى تالانتى بىلەن مەكتەپ ۋە جەمئىيەتنىڭ دېققەت - ئېتىبارىنى قوزغىغان. ئۇ بارلىقىنى خەتتاتلىق سەنئىتىگە بېغىشلاپ، " ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتى توغرىسىدا" ناملىق بىر قەدەر سىستېمىلىق ئىلمىي تەتقىقات ئەسىرىنى ئېلان قىلغان ھەمدە بۇ ئەسىرى ئاپتونۇم رايونىمىزدا بىرىنچى دەرىجىلىك " سەنئەت غۇنچە ماكاپاتى" غا ئېرىشكەن. 1985-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە ئۈرۈمچى ۋە قاراماي قاتارلىق شەھەرلەردە تۆت قېتىم شەخسىي " خەتتاتلىق سەنئىتى كۆرگەزمىسى" ئاچقان. ئۇنىڭ خەتتاتلىق ئەسەرلىرى كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك كۆرگەزمىلەرگە تاللىنىپ ھەمدە مۇكاپاتلىنىپ، ئاپتونۇم رايونىمىزغا شان - شەرەپ كەلتۈرگەن.مەركىزىي مىللەتلەر شۆيۈەنى، شىنجاڭ داشۆسى، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى ۋە شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسىدا " ئۇيغۇر خەتتاتلىقى" توغرىسىدا لىكسىيە سۆزلەپ كەڭ خەلق ئاممىسىنى خەتتاتلىق جەھەتتىكى بىلىملەر بىلەن تەمىنلىگەن. ئۇ ئۇيغۇر خەتتاتلىق ئەنئەنىلىرىگە ئىجابىي ۋارسلىق قىلىپلا قالماي، بەلكى چەتئەلنىڭ ۋە قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ خەتتاتلىق جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرىنى ماھىرلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە بېيىتىشتا كۆرۈنەرلىك ھەسسە قوشتى.
ھازىر ئۇ جوڭگۇ خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى.جوڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيەت-تەتقىقات جەمئىيتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى،جوڭگۇ تارىخ مۇزىىي رەسىم كارىدورى سەنئەت كومتېتىنىڭ مەسلىھەتچىسى،ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر جەمئىيتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى،ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيەت - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى. ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەتتاتلار جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.شىنجاڭ يىپەك يولى خەتتاتلار،رەسساملار ئاكادىمىيسىنىڭ مۇئاۋىن ئاكادىمىيە باشلىقى،دۆلەتلىك1-دەرىجىلىك گۈزەل سەنئەت ئۇستازى.ئاپتونۇم رايونلۇق خەتتاتلىق نەزىرىيە تەتقىقات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ يىپەك يولى خەتتاتلار، رەسساملار ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى. ئاپتونۇم رايونلۇق ۋە ئۇنىڭ نەپىس ۋە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە خەتتاتلىق سەنئىتى ئەسەرلىرى ئامرىكا،ئەنگىلىيە، تۈركىيە، ئۆزبىكىستان،ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى...قاتارلىق 30نەچچە دۆلەت ۋە رايۇندا كۆرگەزمە قىلىنىپ،زور شۆھرەت قازانغان.
نىياز كېرىم شەرقىينىڭ ھەرقايسى نەشرىياتلار تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان <<ئۇيغۇر خەتتاتلىقى قوللانمىسى>>،<<تاللانغان ھۆسنخەتلەر>>،" ‹‹ئۇيغۇر خەتتاتلىق ئەسەرلىرىدىن تاللانمىلار›› ، " ھۆسىن خەت نۇسخىلىرى" ۋە‹‹ ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ھۆسنخەتخەت يېزىش مەشىقى››،<<ئولىمپىكقا بېغىشلانغان ھۆسىنخەت ئەسەرلىرى-نىياز كېرىم شەرقىي >>،رەڭلىك مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى يېزىلغان ئاسما ھۆسىنخەتلەر،شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت-فوتوسۈرەت نەشرىياتى نەشىر قىلىپ تارقاتقان <<ياشا جانىجان ئانا ۋەتەن>>،<<غېرىپ-سەنەم(داستاندىن ئېلىنغان شېئىر)>>، <<مۇقام >>،<<ئاچىل،ئاچىل،گۈل ئاچىل>>....قاتارلىق يۈز پارچىدىن ئارتۇق كىتاب ، رەڭلىك ئاسما ھۆسىنخەت،مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ ھېكمەتلىك سۆز لىرى ئۇۇيغۇر خەتتاتلىقىدىكى ھەرخىل نۇسقىدا ئاجايىپ نەپىس،ئېقىن سۇدەك راۋان ۋە ئويناق،ئەركىن ۋە جانلىق يېزىلغان بولۇپ،بۇ ئۆلمەس ئەسەرلەر ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە تەرەققىياتىدا ئۆرنەك بولۇش رولىنى ئويناپلا قالماي يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ خەتتاتلىق سەنئىتىنى دۇنياغا تونۇتۇش رولىنى ئوينىدى. ئۇ باشتىن-ئاخىرى ئۆزىنىڭ يۈرەك قېنىنى ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى،راۋاجلىنىشى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن سەرپ قىلغان پىشىۋا خەتتات بولۇش سۈپىتىدە خەلقىمىزنىڭ قەلىب تۆرىدە ھۆرمەت،ئىپتىخار،سۆيۈنۈش ئىچىدە مەڭگۈيادلىنىدۇ.ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەتتاتلىقى گۈلزارلىقىنى بەرپا قىلىش يولىدا تۆككەن ھەربىر تامچە قان-تەرى تارىخ بەتلىرىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئالىدۇ.
_____________________________
پايدىلىنىلغان مەنبەلەر؛
ئارخىئولوگ قۇربان ۋەلى: ‹‹بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز›› ،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
ئابۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن :‹‹ ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى ›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
گېڭ شىڭمىن :‹‹ قەدىمكى ئۇيغۇرلار››،شىنجاڭ ياشلار -ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى
تاڭ شۇەنزاڭ :‹‹غەرپكە ساياھەت خاتىرىسى ›› (خەنزۇچە) ،جىلىن خەلق نەشرىياتى شىيادەن : جوڭگۇ خەتتاتلار جەمئىيتى تورى : جوڭگۇ خەتتاتلار جەمئىيتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى- نىياز كېرىم شەرقى
نىياز كېرىم شەرقىي: ‹‹ ئۇيغۇر خەتتاتلىقى قوللانمىسى››،شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت،فوتو سۈرەت نەشرىياتى