تېما: قايغۇلۇق خەۋەر
دەرىجە: يىڭى ئەزا

جەۋھەر: 18
يازما: 12
جۇغلانمىسى: 2196
شۆھرەت: 1 كىشىلىك
تىللا: 18 دانە
توردا: 43(سائەت)
تىزىملاش: 2010-04-04
ئاخىرقى: 2010-10-04
تىما قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-30 18:24

قايغۇلۇق خەۋەر

 

مۇسبەتنامە


    


خەلقىمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى، قابىل كارخانىچى،شىنجاڭ «ئارمان»مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر سانائىتى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى ئادىل ئابلا ئەپەندى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى سەھەردە قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ بەختكە قارشى ئالەمدىن ئۆتتى.


     مەرھۇم ئادىل ئابلا ئەپەندى 1965-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇلاقتاغ (شىمىگۇ) رايونىدا خىزمەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى بۇلاقتاغ رايونىدا تاماملىغان، 1982-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1985-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە ئۈرۈمچى ۋېيخۇلياڭ ئېلېكتېر ئىستانىسىسدا خىزمەت قىلغان. 1997-يىلى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئىنىسى رادىل ئابلا بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭ «ئارمان» كەسپىي چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، شىركەتنىڭ باش لىدىرلىقىنى ئۈستىگە ئالغان. 2006-يىلى 2- ئايدىن 2008 – يىلى 6- ئايغىچە شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتىدا سودا- سانائەت باشقۇرۇش EMBA  ماگىستىرلار سىنىپىدا ئوقۇغان.


مەرھۇم ئادىل ئابلا «ئارمان» شىركىتىنى قۇرغان 10 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىنىسى رادىل ئابلا بىلەن بىرلىكتە «ئارمان» شىركىتىدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل – قىزلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، 10 مىڭ يۈەن مەبلەغ بىلەن ئىش باشلاپ، «ئارمان» شىركىتىنى ئەڭ دەسلەپكى كۆلىمى 15 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان بىر كىچىككىنە ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى دۇكىنىدىن، ھازىرقى تىزىمغا ئالدۇرغان مەبلىغى 50مىلىيۇن يۈەنگە يەتكەن، ئىشچى – خىزمەتچىسى 2000 دىن ئاشىدىغان، مەھسۇلاتلىرى 200 خىلغا يەتكەن، يېزا ئىگىلىكى، سانائەت، پەن–تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن زامانىۋى گۇرۇھ شىركەتكە ئايلاندۇرغان.


مەرھۇم ئادىل ئابلا خەلقىمىزنىڭ پەخىرلىك كارخانىچىسى بولۇپلا قالماي، يەنە تۇرمۇشتا ئاددى – ساددا، كىچىك پېئىل، چىقىشقاق، مېھرىبان ۋە مەرد – مەردانە ئوغلان ئىدى. ئۇ «ئارمان» شىركىتىدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل – قىزلىرىنى ئۆز قېرىندىشى، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئۆز قىيىنچىلىقى دەپ بىلەتتى. نامراتلارغا، يىتىم – يېسىرلارغا، مائارىپقا ۋە قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان ساخاۋەت ئىگىسى ئىدى. ئاتا – ئانىسىغا ۋاپادار، ئائىلە ۋە بالا – چاقىلىرىغا كۆيۈنىدىغان، تەبىئەتنى قىزغىن سۆيىدىغان مەسئۇلىيەتچان ھەم غۇرۇرلۇق ئەزىمەت ئىدى.


ئەپسۇس! تولىمۇ ئەپسۇس!! شۇم ئەجەل بۇ پەخىرلىك ئوغلانىمىزنى ئارىمىزدىن تولىمۇ تۇيۇقسىز ھەم بىمەزگىل ئېلىپ كەتتى! مەرھۇمنىڭ ۋاپاتى يالغۇز ئابلا ھاجىم جەمەتى ۋە «ئارمان» گۇرۇھى ئۈچۈنلا چوڭ يوقىتىش بولۇپ قالماي، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈنمۇ چوڭ يوقىتىش. شۇنداق بولغاچقا، مەرھۇمنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدىكى شۇم خەۋەر ئەل ئارىسىدا تارقالغاندا مىڭلىغان، يۈزمىڭلىغان يۈرەكلەر مەرھۇم ئۈچۈن ھەسرەت چەكتى، ئاھ ئۇردى ۋە كۆز يېشى قىلدى.


ئەلۋىدا، پەخىرلىك ئوغلان، ئەلۋىدا قېرىندىشىمىز ئادىل ئابلا، سەن ھايات چېغىڭدا ئۆز ئەجرىڭ ۋە يۈرەك قېنىڭ بەدىلىگە تىكىلگەن ئابىدىلەر بۇ سېھىرلىك ماكاندا مەڭگۈ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغۇسى! سېنىڭ قەلبىڭدە بىخ سۈرگەن ئارمانلىرىڭدىن بۇ سېھىرلىك ماكاندا گۈللەر ئېچىلىپ، مەڭگۈ خۇش پۇراق چاچقۇسى! سەن خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ ھايات!


               


ئۇلۇغ ئاللاھ مەرھۇمغا جەننەت ئاتا قىلغاي!


 


2010-يىل 9-ئاينىڭ 28-كۈنى


مەنبە؛ئوكيان تورى

بۇ تىمىنى تەستىقلىغۇچى: 520Studios
دەرىجە: دانىشمەن

جەۋھەر: 0
يازما: 745
جۇغلانمىسى: 2073
شۆھرەت: 0 كىشىلىك
تىللا: 748 دانە
توردا: 214(سائەت)
تىزىملاش: 2010-08-17
ئاخىرقى: 2010-10-05
كىرىسلو  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-30 18:52

ھەي ! ئاللاھ  ئۇ قىرىندىشىمىزغا رەھمەت قىغاي .
كۈلۈپ قارا ، كۆز يېشىڭنى كۆرمىسۇن دۇنيا !!!~
دەرىجە: دانىشمەن

جەۋھەر: 0
يازما: 898
جۇغلانمىسى: 3408
شۆھرەت: 27 كىشىلىك
تىللا: 937 دانە
توردا: 268(سائەت)
تىزىملاش: 2010-04-07
ئاخىرقى: 2010-10-04
ئوروندۇق  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-30 19:00

ئارىمىزدىن يەنە بىر كارخانىچى كىتىپ قاپتۇ..اللا ياتقان يىرىنى جەننەت قىلسۇن،ھەجەپمۇ كۆڭلۈم يېرىم بولدى دىسە،
دەرىجە: يىڭى ئەزا

جەۋھەر: 0
يازما: 91
جۇغلانمىسى: 442
شۆھرەت: 3 كىشىلىك
تىللا: 90 دانە
توردا: 29(سائەت)
تىزىملاش: 2010-09-09
ئاخىرقى: 2010-10-04
پول  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-30 19:00

ئەپسۇس    ياتقان يىرى جەننتتە بۇلسۇن  ئامىن
ئىز قالدۇرالمىساڭ ئىزلارنى ئىزدە....!
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

جەۋھەر: 13
يازما: 963
جۇغلانمىسى: 5108
شۆھرەت: 116 كىشىلىك
تىللا: 1003 دانە
توردا: 657(سائەت)
تىزىملاش: 2010-03-02
ئاخىرقى: 2010-10-05
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-30 19:00

خەيئىر ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن!
دەرىجە: يىڭى ئەزا
جەۋھەر: 1
يازما: 17
جۇغلانمىسى: 1231
شۆھرەت: 0 كىشىلىك
تىللا: 17 دانە
توردا: 16(سائەت)
تىزىملاش: 2010-05-09
ئاخىرقى: 2010-09-30
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-30 19:23

ئارىمىزدىن يەنە بىر كارخانىچى كىتىپ قاپتۇ..ئاللا ياتقان يىرىنى جەننەت قىلسۇن،ھەجەپمۇ كۆڭلۈم يېرىم بولدى دىسە، بۇ راسـتىنلا قايغۇلۇق خەۋەركەن..............
ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ھاياتتۇر،ھايات ..
دەرىجە: چەۋەنداز

جەۋھەر: 1
يازما: 487
جۇغلانمىسى: 3476
شۆھرەت: 16 كىشىلىك
تىللا: 497 دانە
توردا: 272(سائەت)
تىزىملاش: 2010-05-06
ئاخىرقى: 2010-10-02
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-30 19:41

قايغۇلۇق خەۋەر ئىكەن .تۆھپىكارلار   خەلىق قەلبىدە مەڭگۈ چاقناپ تۇرغان نۇر..ئاللا ياتقان يىرىنى جەننەت قىلسۇن.
anka
@@@@@@@@
دەرىجە: پالۋان

جەۋھەر: 0
يازما: 127
جۇغلانمىسى: 7876
شۆھرەت: 4 كىشىلىك
تىللا: 117 دانە
توردا: 373(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-26
ئاخىرقى: 2010-10-05
7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-30 20:27

ئۇلۇغ ئاللاھ مەرھۇمغا جەننەت ئاتا قىلغاي!
«ئۈمىد»   غەلبە دىمەكتۇر
دەرىجە: زېرەكشاھ

جەۋھەر: 0
يازما: 1047
جۇغلانمىسى: 2456
شۆھرەت: 25 كىشىلىك
تىللا: 1053 دانە
توردا: 776(سائەت)
تىزىملاش: 2010-03-01
ئاخىرقى: 2010-10-05
8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-30 21:29

راستنلا قاتتىق قايغۇلۇق خەۋەركەن ، خۇدايىم مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلغاي، ئامىن.    
تارىخ بولسا، ئاجىزلارنىڭ دۈمبىسىگە يېزىلىدۇ.
مىنىڭ مۇشۇنداق ياشىغۇم بار
دەرىجە: يىڭى ئەزا

جەۋھەر: 0
يازما: 81
جۇغلانمىسى: 309
شۆھرەت: 11 كىشىلىك
تىللا: 81 دانە
توردا: 7(سائەت)
تىزىملاش: 2010-08-30
ئاخىرقى: 2010-10-02
9-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-30 21:53

نەدە  شۇنداق   ياخشى  ،  تەرەقىياتنى  ئىلگىرى  سۇرۋاتقان  ئادەملەر     بالدۇر  كىتىپ  قالدىكەن..

ئاللا  ئۆزىگە  يارىغان  ئادەملەرنى   يىنىغا  بالدۇر  ئەپ  كىتەرمىش  .

ياتقان  يېرى  جەننەت  بولسۇن