ئېلىسا مۇنبەرگە كېلىپ توختىدى ۋە قولىنى پەستىكى ئوقۇغۇچىلارغا بىلىنەر-بىلىنمەس پولاڭلىتىپ قويدى. ئېغىزى ئوچۇق، كۆزى بىر نوقتىغا قادالغان، نېمە دىيىشىنى ، نېمە قىلىشىنى دەماللىققا بىلەلمىدى. نېمىنى، قانداق دەيدۇ؟ ئۇ سۆزلىيەلمەيدۇ. مېڭە پالەچلىنىش كېسىلى ئۇنى كىچىك چېغىدىلا سۆزلەش ئېقتىدارىدىن ئايرىۋەتكەن. ئەمما ئۇ ئىنتايىن ياخشى ئاڭلىيالايدۇ. بالىلىقتىكى قان ياشلىق، ئازاپلىق كۈنلەر ئىچىدە ئۇ مەغرۇرلۇق بىلەن قەددىنى كېرىپ مۈشكۈللۈك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشقان ۋە كالفورنىيە ئونۋېرسېتىتىنىڭ سەنئەت پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇققا ئېرىشكەنىدى.
-ئېلىسا دوكتۇر- بىر ئوقۇغۇچى تۆۋەن ئاۋازدا سورىدى،- كېچىكىڭىزدىلا مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قاپتىكەنسىز. ئۆزىڭىزدىن يىرگىنىپ نەپرەتلىنەمسىز؟
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى قوپاللىق بىلەن سورالغان بۇ سۇئالدىن بىئەپ ھېس قىلغاندەك تۇرۇپ قالدى. ئەمما ئېلىسا سۇئال سورىغان ئوقۇغۇچىغا قاراپ ئىللىق كۈلۈمسىرەپ قويغاندىن كېيىن ئارقىسىغا بورۇلۇپ دوسكىغا مۇنۇلارنى يازدى.
1.مەن بەك ئۇماق.
2.قول-پۇتۇم ھەقىقەتەن كېلىشكەن.
3.دادام-ئاپام مېنى قەۋەتلا ياخشى كۆرىدۇ.
4.رەسىم سىزالايمەن، ئەسەر يازالايمەن.
5.ئۇماق بىر تال مۈشۈكۈم بار.
6.......
سىنىپ ئىچى تىمتاسلىققا پاتتى. ھېچكىم چوڭراق تىنىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى. ئۇ ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ ئوقۇغۇچىلارغا قارىۋەتكەندىن كېيىن يەنە بۇرۇلۇپ دوسكىغا مۇنۇلارنى يازدى؛«مەن ئۆزەمدە بار نەرسىلەرگىلا قارايمەن، ئۆزۈمدە يوق نەرسىلەر ھەققىدە قايغۇرۇپ ئولتۇرمايمەن"
سىنىپ ئىچىدە قىزغىن ئالقىش چاۋاكلىرى ياڭرىدى.ئېلىسا ئىللىق تەبەسسۇمى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا باقتى. كۆزلىرى تېخىمۇ يۇمۇلۇپ كەتتى. مەڭزىدە مەڭگۈ ئۆچۈرگىلى بولمايدىغان مەغرۇرلۇقنىڭ ئەكسى سۈپىتىدە بىر تامچە ياش چاقنىغىچە قېتىپ قالدى.
ھەقىقىي باتۇرلۇق ئاللا ساڭا ئاتا قىلغان ھەممە نەرسىنى قورقماي قوبۇل قىلىشتۇر!