بىر قىز مىنى شۇنداق ئويلاشقا مەجبۇر قىلدى . مەن يولۇقتۇرغان بىر قانچە قىز مىنى شۇنداق ئويلاشقا مەجبۇر قىلدى . نىمە دەيمەن ؟....
ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان قىز ئىكەن . ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ، ئائىلىسنىڭ گىپى چىققاندا ئۇ قىز يىغلاپ سالدى . بىلىمدىمكى ، ئۇ قىزنىڭ ئاتا- ئانسى ئاجىرىشىپ كىتىپتۇ . ئۇ ھەمىشە بۇ دۇنيادىن بىزار ۋە نارازى ئىكەن . ئۇ قىزغا تەسەللىي بىرىپ نۇرغۇن گەپلەرنى قىلدىم .
مۇستەقىل ياشاڭ ! سىز بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى . ناۋادا سىز ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىگەن بولسىڭىز بۇ ۋاقىتقىچە ياتلىق بۇلۇشىڭىز مۇمكىن ئىدى . شۇ چاغدىمۇ مۇستەقىل بىر ئائىلە باشقۇراتتىڭىز . ھىلىمۇ ھەم شۇ مەزگىلدە سىز . ئەجەبا پۈتكۈل بەخىت ئىستىقبالىڭىزنى ئائىلىڭىزگىلا باغلاپ قويسىڭىز توغرا بۇلامىدۇ ؟ ئۇنداق ئەمەس ، سىز دېگەن سىز . ئادەم ئۆمۈرلۈك بەخىتكە باشقىلارغا تايىنىپ ئىرشىمەن دىسە توغرا بۇلامدۇ . مەردانىلىق بىلەن غالىپ ياشاشىنى ، تۇرمۇشتىكى ھەر بىر پۇرسەتلەردىن شاتلىق ۋە نەتىجە ئىلىشنى بىلىشى كىرەك .مۇكەممەل بىر ئائىلىگە ئىرىشلمەسلىك بەخىتسىزىلىك بىراق بۇنى سىز بىر قېتىملىق چېنىقىش پۇرسىتى ۋە مۇستەقىل ياشاشىتىكى بىر باسقۇچ قىلىۋالسىڭىز بولىدىغۇ ؟ سىز ئۇ بەخىتكە ئىرىشەلمىدىڭىز .ئۇ بىر زىيان ( ناۋادا ئىرىشتىڭىز دىگەن ھالەتتىمۇ ئاتا- ئانىڭىز خالماسىتىن بىر ئۆيگە كىرسە ، سىز يەنە قانچىلىك بەخىتلىك بولماقچى؟) . مەھرۇم بولغىنىڭىز ، يىغلىغىنىڭىز ، ئازابلانغىنىڭىز . بۇ يەنىمۇ زور زىيان ئەمەسمۇ ؟ سىز قوش زىيان تارتىشنى خالامسىز ؟ بۇنى ئويلاپ كۆردىڭىزمۇ ؟يوق ؟....
ياشاش دىمەك تۇرمۇشنىڭ تەمىنى تېتىش دىمەكتۇر . بەخىت دىگەن يالغۇز ئاتا- ئانسى بىلەنلا بىرگە بۇلۇش ئەمەس . مۇھىمى ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى ، كۆز ئالدىدا ھايات تۇرۇپ بىرىشى مانا شۇنىڭ ئۆزى بەخىت . بەخىتنى سىز يارىتىسىز ، ئۆز مۇھىتىڭىزدا ياشاپ تاۋلاپ چىقىسىز . ئۆزىڭىز قۇراشتۇرىسىز . مانا بۇ سىزنىڭ بەختىڭىز .
... ئۇ قىز يېشنى سۈرتتى .
دىمەك سىز مەيلى قانداق ئائىلىدە تۇغۇلۇڭ ، مەيلى ھايات سەپرىڭىزدە قانداق ئازابلارغا دۇچ كىلىڭ ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا دۇچ كىلىڭ سىز پەقەت شىددەتلىك قارا يامغۇرنىڭ كەينىدىن ئالتۇندەك ئاپتاپنىڭ چىقىدىغانلىقىنى تېخى ھەسەن- ھۈسىنمۇ قۇشۇلۇپ رەڭگارەڭ تۇرمۇشنىڭ سىزنى كۈتۈپ تۇردىغانلىقىنى ئىسڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ. مانا بۇ سىزنىڭ بەختىڭىز .