قەغەز ئۈستىدە لەيلەپ تۇرغان ئاۋازىم
5,4" CF$ قەغەز ئۈستىدە لەيلەپ تۇرغان ئاۋازىم بوۋامنىڭ تىلەكلىرىنى دادامنىڭ ئىزلىرىدىن ئىزدەۋاتىدۇ،مىسالى دېڭىز ساھىللىرىدىكى بېلىقچى ئۆز مەۋجۇتلۇقىنىڭ كاپالەتنامىسىنى بىپايان دېڭىز قوينىدىن ئىزدىگەندەك...توغراقلاردىن ئاتامنىڭ سىيماسى چاقناۋاتىدۇ،بەئەينى ئاتام توغراققا ئايلىنىپ، غۇرۇرى توغراقلاردا پارلاۋاتقاندەك ...
J0&-UnJ توغراقتىكى قەيسەرلىك،توغراقتىكى بەردەملىك،توغراقتىكى جەسۇرلۇق ماڭا كشىلىك ھايات قامۇسىنى قايتىدىن ۋاراقلاتتى. ئوغلۇمنىڭ كېلەچىكى ئۈستىدە تەرلەپ ئولتۇرۇپ ئويلىنىشقا ئالدىراتتى.پايانسىز قۇم بارخانلىرىغا نەزەر سېلىپ ھەيكىلىمنى چېقىۋەتتىم.چۈنكى بۇ قۇملۇقلاردا پارە بولغان تۈمەنمىڭ ھەيكەل بار،چۈنكى بۇ ھەيكەللەر قەلىبلەرگە تىكلەنمىگەن.چۈنكى بۇ ھەيكەللەر ئۆزلۈك مەۋجۇدىيتى ئىسيانىدا ئۆرتەنمىگەن...
X^&--@l}T! كۈز پەسلىدىكى يۇلغۇنلارنىڭ قىپقىزىل ياپراقلىرىدىن ئەجدادلىرىمنىڭ يۈرىكىنى كۆردۈم.توغراق قامىتىدىكى ئاتامنىڭ ئېغىر قەدەملىرى سايلىقتا ئىز قالدۇرالامدۇ؟!...قەغەز ئۈستىدە لەيلەپ تۇرغان ئاۋازىم يەنە بىر ئىرادىن كىيىن ئوغلۇمنىڭ قۇلىقىغا ئاڭلىنالامدۇ؟!...
mBye)q$ توغراققا قاراپ شىۋىرلىدىم.ئالدىمدا تۇرغىنى ياشقىنە توغراق ئىدى.بەلكىم ئۇنىڭ يېشى مەن بىلەن تەڭدۇر...ياكى مەندىن خېلىلا چوڭدۇر.بىراق ئۇنى مەندىن ئۈچ ئىرا كىيىن ياشاش پۈرسىگە نائىل بولىدىغان باللىرىم كۆرەلەيدۇ.ئۇنىڭ ئىسىمىنىڭ توغراق ئىكەنلىكىنى بىر كۆرۈپلا بىلەلەيدۇ...
be-HF;lZe' قەغەز ئۈستىدە لەيلەپ تۇرغان ئاۋازىمنى توغراق شاخلىرىغا سىڭدۈرۈۋەتتىم...
cna%;f. 2010-يىلى،24-سىنتەبىر،قەشقەر