تېما: ئانا ئەخلاقى
دەرىجە: يىڭى ئەزا
جەۋھەر: 69
يازما: 0
جۇغلانمىسى: 986
شۆھرەت: -3 كىشىلىك
تىللا: -11 دانە
توردا: 0(سائەت)
تىزىملاش: 2010-07-24
ئاخىرقى: 2010-07-24
تىما قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-24 15:33

ئانا ئەخلاقى

 


ئانا ئەخلاقى


  1-بالىڭىزنى دىققەت- ئېتىۋار بىلەن تەربىيلەڭ. ياخشى پەزىلەت،گۈزەل ئەخلاق،ئەدەپ- ئەخلاقنى ئۈگۈتىپ، مىجەز، خۇلقىنى گۈزەللەشتۈرۈڭ. باشتىن- ئاخىر ئەقىل، ئىدراكلىق قىلىپ تەربىيلەڭ .


  2-باللىرىڭىز يىغلىسا، شوخلۇق قىلسا ئاچچىقلانماڭ .كۈلۈپ،


ئوچۇق- چىراي ئەركىلىتىپ خۇشاللىق بىلەن تەربىيە بىرىڭ .


3-ئۇلارنى ئىسسىق سۇ بىلەن،پات- پات يۇيۇندۇرۇپ تۇرۇڭ.


  قاتمۇ- قات نەرسىلەر بىلەن ئورىماڭ، بەدىننى قىسىپ تۇرىدى


  غان تار كېيىملەرنى كېيگۈزمەڭ .


4-بالىلار ساپ ھاۋاغا ناھايىتى مۇھتاج. شۇڭا ئۇلار ياتىدىغان ئۆي ساپ بولىشى كېرەكلىكىنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ .ئۈستىگە قىلىن، ئېغىر نەرسىلەرنى ياپماڭ .


  5-ئالتە ئايغىچە سۈتتىن باشقا ئوزۇق بەرمەڭ،چىشى چىقىشتىن ئاۋال گۆش يىگۈزمەڭ،ھەرگىزمۇ تاماقنى ئۆزىڭىز چايناپ يىگۈزمەڭ


6-بالىنى ئىمىتىۋاتقان ۋاقىتلىرىڭىزدا سۈتىڭىزنىڭ بۇزۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، پىياز، سامساققا ئوخشاش نەرسىلەرنى يىيىشتىن ساقلىنىڭ ،بولۇپمۇ ئىچىملىكلەردىن ھەزەر ئەيلەڭ .


  -7 باللىرىڭىزنى ھەددىدىن زىيادە ئەركە ئۆستۈرمەڭ .ھەممە نەرسىنى ئۇلارنىڭ ئۆز ئىختىيارىغا قويىۋەتمەڭ .گەپ ياندۇرۇشقا ئۈگەتمەڭ ،ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىڭىزنى تۇتۇشنى بىلىڭ .


  8-بالىڭىزنىڭ باتۇر بولۇپ ئۆسۈشى ئۈچۈن ئۇلارنى قورقۇنچاق قىلىپ قويماڭ .جىن، بۆبۆ دەپ بالىڭىزنى قورقۇتماڭ .


 


دانالار ھېكمەتلىرى


 


  -مۇنداق ئىككى كىشى ھەسرەت چىكىپ ئۆلىدۇ؛


بىرى-بار تۇرۇپ يەپ-ئىچمىگەن،يەنە بىرى-ئىلىم ئۈگۈنىپ ھېچقانداق ئىش قىلمىغان .


  -يامان ئاقىۋەت بىلەن گۇم بولىدىغان پادىشاھدىن ،كىلىچەك


تىكى بەخىتلىك بولغان گاداي ياخشى .


  -ئەقىللىق كىشى جىدەل بولغان يەردىن قاچىدۇ .ئەمما قەيەردە قەيەردە تېنىچلىق بولسا شۇ يەرگە لەنگەر تاشلايدۇ، چۈنكى ئاۋۋالقى جاي بىخەتەرلىكتىن يىراقتا، كىيىنكى جايدا ھوزۇر- ھالاۋەت ياندىلا .


  -كىمىكى قول ئاستىدىكىلەرگە كەڭ قورساق بولمىسا، كۈچلۈكلەرنىڭ جەۋرى-زۇلمىغا ئۇچرايدۇ .


 -ھەممە كىشىلەرنىڭ چىشى ئاچچىق- چۈچۈك نەرسىلەردىن قامىسا،قازىلارنىڭ چىشى تاتلىق نەرسىلەردىن قامايدۇ .


  -كىمىكى دۇنيانىڭ تەربىيسى بىلەن توغرا يولدا ماڭمىسا، ئاخىرى ئازاپ- ئوقۇبەتكە قالىدۇ .


- ئۆز نەپسىنىلا ياخشى كۆرۈدىغان ئادەم قابىليەتلىك كىشى بولالمايدۇ، قابىليەتسىز ئادەم باشلىق بولالمايدۇ .


  -كىمىكى بىلىم دەرىجەمنى كىشى بىلسۇن ،دەپ باشقىلارنىڭ سۆزىگە ئارىلىشىۋالسا، ئەمىلىيەتتە ئۆزىنىڭ ئەڭ بىلىمسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويىدۇ خالاس .


 -بىر ئالىمدىن كىشىلەر سوراشتى: «سەن ئىلىم- پەننىڭ مۇنداق ئىگىز چوقىسىغا قانداق يەتتىڭ؟» ئۇ، ئالىم جاۋاپ بەردى؛«بىلمىگەنلىرىمنى سوراشتىن نۇمۇس قىلمىدىم ».


  - ساۋاتسىز سوپى پىيادە قالغان يولۇچىدۇر، ھورۇن ئالىم ئۇخلاپ ماڭغان ئاتلىقتۇر .


  - ئىرادىسىز ئوقۇغۇچى پۇلى يوق ئاشىققا، بىلىمسىز ساياھەتچى قاناتسىز قۇشقا، ئەمگىكى يوق ئالىم مېۋىسىز دەرەخكە، بىلىمسىز زاھىت ئىشكى يوق ئۆيگە ئوخشايدۇ .


  - ياخشىلارنىڭ بىشىغا كەلگەن قىيىنچىلىق بەخىت كەلتۈرۈدۇ،يامانلارنىڭ دۆلىتى بىشىنى تۆۋەن قارىتىدۇ .


  -كىمىكى نەسىھەت ئاڭلىمىسا، ئۇنىڭ نىسىۋىسى تاپا- تەنە ئاڭلاش بولىدۇ .


 - كىمىكى ئىلىم ئۈگۈنىپ ئەمەلدە ئىشلەتمىسە، يەرنى ھەيدەپ قويۇپ ئۇرۇق چاچمىغان ئادەمگە ئوخشاپ قالىدۇ .


 - تاشقى كۆرنۈشى گۈزەل بولسا، ئىچكى دۇنياسى گۈزەل بولىۋەرمەيدۇ .


- ھەر نەرسىنىڭ يىڭىسىنى .ئختىيار قىل،دوسىتلۇرۇڭنىڭ كونىسىنى ئىزىز بىل .


 - كىمىكى نادان بىلەن ئولپەت بولسا ياخشىلىق كۆرمەيدۇ .


 - كىشىلەرنىڭ يوشۇرۇن ئىيىپىنى تاتىلاپ ئاچما، چۈنكى ئۇلارنى رەسۋا قىلىش بىلەن ئۆزەڭنىمۇ ئىشەنچىسىز ئادەم قىلىپ قويىسەن .

بۇ تىمىنى تەستىقلىغۇچى: alim