تېما: ئوقۇتقۇچى نىمىشقا سۈكۈت قىلسىز
دەرىجە: يىڭى ئەزا
جەۋھەر: 11
يازما: 0
جۇغلانمىسى: 1440
شۆھرەت: 0 كىشىلىك
تىللا: 1 دانە
توردا: 0(سائەت)
تىزىملاش: 2010-08-22
ئاخىرقى: 2010-08-22
تىما قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-21 13:52

0 ئوقۇتقۇچى نىمىشقا سۈكۈت قىلسىز

ئەسكەرتىش: بۇ يازما sql تەرىپىدىن يورۇتۇلدى(2010-09-21)

يەتتە يىل ئىلگىرى ئوقۇتقۇچى بولدۇم، ئەلۋەتتە ئالقىش ساداسى ئىچىدە. قانداقلا بولمىسۇن بۇ بىر شەرەپلىك خىزمەتتە. لېكىن، قىسقىغىنا بۇ يەتتە يىلدا، مەن ئوقۇتقۇچى بولۇشنىڭ دەرد-ئەلمىنى يەتكۈچە تېتىدىم. ئوقۇتۇش ۋەزىپىسى ئېغىر، ئۈزۈلمەيۋاتقان ئىمتىھانلار، ئوقۇتۇشتىكى ئاقىۋىتى بىلەن ھېساپلاشمايدىغان ئىسلاھاتلار، ئاتا-ئانىلارنىڭ ھاقارەتلىرى، يەرلىك خەۋەرلەردەك مۇشۇنداق ئەستايىدىل پروگراممىلارنىڭمۇ ئوقۇتقۇچىنى ئاشۇرۇپ مەسخىرە قىلىشنى ئۇنتىماسلىقى، ھەر خىل ۋاستىلارنىڭ سەلبىي خەۋەرلىرى ۋە ھەممە يەردە ئۇچرايدىغان ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلگەن پاش قىلىش تېلىفۇن نومۇرلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قالتىس پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى ...

#^] v5s  

خۇددى بىرلا كېچىدە ئوقۇتقۇچىدىن ئىبارەت بۇ كەسىپ ئاسماندىن يەرگە ئېتىلىپ، بۈگۈنكى ئوڭايسىز ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويدى، بۇنىڭغا كىم مەسئۇل؟ بارغانسېرى ئاۋۇۋاتقان نامۇۋاپىقلارغا نىسپەتەن، ئوقۇتقۇچى، سىز نېمىشقا سۈكۈت قىلىسىز؟

~{xm(p  

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بىر ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىغا تەربىيە قىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن، ئائىلە باشلىقى تەرپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋېتىلىپتۇ. مېنى ئىختىيارسىز سوغۇق تەر بېسىپ كەتتى: بۇمۇ بىزنىڭ قەلبىمىزدىكى ئىززەت-ئېكىرام قىلىدىغان كەسىپمۇ؟ «ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى» دا ئېنىق قىلىپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ مائاش ئېلىپ دەم ئالىدىغان ۋاقتى بولۇش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. لېكىن، قانچىلىك ئوقۇتقۇچى بۇ دەم ئېلىشنى خاتىرجەم ئالالىدى؟ يەرلىك مائارىپ تارماقلىرى قىشلىق تەتىلدە يىغىلىپ، 15 كۈندىن ئاز بولمىغان ھالدا ئۆگىنىش قىلىشنى، بۇنى يىلمۇ يىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى. بىرلا رايون «ئۈلگە بولۇپ» قىلىپ تۈگەتسىلا مەيلىتى، باشقا رايونلارمۇ بۇ خىل ئۇسۇلنى «ئۈگەنمەكتە»، بۇ ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىغا خىلاپمۇ-ئەمەس؟ ئوقۇتقۇچىلار ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە بالىلار ئۈچۈن تىرشىۋاتىدۇ، بىراق ئاتا-ئانىلار يەنىلا باشقىچە قاراشتا بولىۋاتىدۇ، ھەتتا ئالدىدىلا ھاقارەتلەۋاتىدۇ، ئوقۇتقۇچى ئۆز ئوبرازىنى ساقلاش ئۈچۈن، ئاچچىقىنى ئىچىگە يۈتىۋاتىدۇ.

H}p5qW.tH:  

ئويلاپ بېقىڭ، مۇشۇنداق ئەھۋالدا قانداقمۇ ئوقۇتقۇچى بولغۇسى كېلىدۇ؟ بىر چاغلاردا باشلانغۇچنىڭ تۆۋەن يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرماسلىق بەلگىلەندى. ئوقۇتقۇچىلار شۇنداق قىلدى، بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار ئوقۇتقۇچىلار ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمىدى، دەپ مەكتەپ مۇدىرىغا ئەرز قىلدى؛ ئوقۇتقۇچىلار بەلگىلىمە بويىچە قىلماي، تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۋىدى، يەنە بەزى ئاتا-ئانىلار بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلدى، دەپ مائارىپ ئىدارىلىرىگە ئەرز سۇندى، ھەي ئوقۇتقۇچى بولماق نېمە دېگەن تەس-ھە! تەمىناتنى ئېلىپ ئېيتساق، بەزىلەر ئوقۇتقۇچىنىڭ تەمىناتى ياخشى دەيدۇ، ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىدىكى مەمۇرىي خادىملار بىلەن باراۋەر تەمىناتتىن بەھرىمان بولۇشى كېرەك، دېگەن بەلگىلىمىسىدىن ئوقۇتقۇچىنىڭ قانچىلىك ئۇۋالچىلىقتا ئىكەنلىكىنى بىلمەمدىكىنە. يەنە مىسالغا ئالساق، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى، بەزى بىر ئورۇنلارنىڭ تەشۋىقات زۆرۈرىيىتى بىلەن تىلغا ئېلىپ قويغىنىدىن باشقا، كىمنىڭ ئېسىدە بار دەيسىز؟! ئوقۇتقۇچىلار تىلغا ئۇچرىسا گەپ قىلالمىسا، ئۇرسا قول ياندۇرالمىسا، ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغاندا دەردىنى ئېيتالمىسا، تەمىناتىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلالمىسا، ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرەلمىسە، بىز يەنە نېمىشقا سۈكۈت قىلىمىز؟ ئوقۇتقۇچىلار يېڭى ئاجىز توپ(تۈركۈم) بولۇپ قالدى، ئوقۇتقۇچىنىڭ سۈكۈت قىلىشى بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە تېگىشلىك ئىش بولۇپ قالدى. ئۇنداقتا، بىزنىڭ سۈكۈت قىلىشىمىز پەقەت چۈشنىشكىمۇ ئېرشىلمىسە، بىز يەنە نېمىگە سۈكۈت قىلىمىز؟ ئوقۇتقۇچىنىڭ ھوقۇقى تارتىۋىلىنغانسېرى، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىززەت-ئابرۇيى دەپسەندە بولىۋېرىدۇ.

بۇ تىمىنى تەستىقلىغۇچى: iziz
دەرىجە: يىڭى ئەزا

جەۋھەر: 0
يازما: 68
جۇغلانمىسى: 153
شۆھرەت: 12 كىشىلىك
تىللا: 71 دانە
توردا: 17(سائەت)
تىزىملاش: 2010-09-20
ئاخىرقى: 2010-09-23
كىرىسلو  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-21 17:20

بولدى كۆڭلىڭىزنى ھەرگىز يىرىم قىلماڭ !!! بەزى-بىر ئشلارغا زادى ئامال يوق-دەيسىز~ھەي...بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ~چۈنكى سىلەر «ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى» سىلەر تەربىيلىگەن ئادەملەر،مانا بۈگۈن «ئىز»مۇنبىرىدە سىز بىلەن سىرداشمايۋاتمامدۇق...قانداق دىمىدىم.. $Le|4Hj  
ئىز قالدۇرالمىساڭ ئىزلارنى ئىزدە....!
دەرىجە: دانىشمەن

جەۋھەر: 12
يازما: 853
جۇغلانمىسى: 4761
شۆھرەت: 91 كىشىلىك
تىللا: 893 دانە
توردا: 515(سائەت)
تىزىملاش: 2010-03-02
ئاخىرقى: 2010-09-24
ئوروندۇق  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-21 17:25

ئوقۇتقۇچىلارلا ئەمەس ئاددىسى مۇنبەر باشقۇرغان باشقۇرغۇچىلارمۇ سۈكۈتتە تۇرۋاتىدۇ!
دەرىجە: چەۋەنداز

جەۋھەر: 0
يازما: 559
جۇغلانمىسى: 1712
شۆھرەت: 0 كىشىلىك
تىللا: 561 دانە
توردا: 143(سائەت)
تىزىملاش: 2010-08-17
ئاخىرقى: 2010-09-24
پول  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-21 17:32

تۇمۇش شۇنداق ئىكەن . ئۆلمىگەن ئادەم ھاياتلىقنىڭ قەدرىنى بىلمىگەنگە ئوخشاش ھەممە ئېشنىڭ ئاسىنى يوق . كۆڭلىڭىزنى يىرىم قىلماڭ .
دەرىجە: دانىشمەن

جەۋھەر: 321
يازما: 806
جۇغلانمىسى: 4370
شۆھرەت: -3 كىشىلىك
تىللا: 811 دانە
توردا: 302(سائەت)
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2010-09-22
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-21 19:53

ئويلۇنۇپ قويۇشقا تېگىشلىك ... ھەقىقەتەن ئەتىراپىمىزدا ئۇچرايدۇ ، شۇنداق ناچار كەپپىيات ...
دەرىجە: چەۋەنداز

جەۋھەر: 0
يازما: 358
جۇغلانمىسى: 1129
شۆھرەت: 31 كىشىلىك
تىللا: 362 دانە
توردا: 44(سائەت)
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2010-09-24
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-21 23:19

مەن ئىشىنىمەن سىز چوقۇم ئۆز كەسپىڭىزدىن نۇرانە يۇلتۇزىڭىزنى چاقنىتالايسىز  ھايات مۇساپىسى  تۈز ئەمەس ئوقۇتقۇچى ئۇ بىر مەشئەل مەڭگۈ نۇر چېچىپ تۇرۇدىغان نۇرلۇق مەشئەل
دەرىجە: چەۋەنداز

جەۋھەر: 0
يازما: 358
جۇغلانمىسى: 1129
شۆھرەت: 31 كىشىلىك
تىللا: 362 دانە
توردا: 44(سائەت)
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2010-09-24
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-21 23:20

خىزمەت سەۋەبىدىن بەك ئۆزىڭىزنى ئازابلىۋالماڭ
anka