تېما: شېئىر ۋە شائىر ( ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر )
دەرىجە: يىڭى ئەزا

جەۋھەر: 1
يازما: 29
جۇغلانمىسى: 161
شۆھرەت: 24 كىشىلىك
تىللا: 34 دانە
توردا: 71(سائەت)
تىزىملاش: 2010-09-18
ئاخىرقى: 2010-09-23
تىما قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-19 17:53

0 شېئىر ۋە شائىر ( ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر )

$_UF9 l0  
شېئىر ۋە شائىر
0.5_,a n3  
KKzvoc?Bt  
6bn-NY:i  
J5"*OH:f  
3WY W])  
( نەسرىي شېئىر ) td~3N,S  
Ww~0k!8,t  
7$;$4.'  
FRW.  
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
BSY#xe V  
@!da1jN  
JNz0!wi  
6>I.*Qt \l  
DvCt^O*  
||=Duk  
M=A9a x  
Q:\hh=^  
*&]l  
$EIkk= z  
شېئىر مارجان ئەمەس ، يىپقا تىزىپ قويسا تۇرۇۋېرىدىغان ياكى ئەزان ئەمەس ، قۇلاقنى تۇتۇپ ئېيىتسا بولۇۋېرىدىغان . شېئىر - "ئايەت" ئەمەس ، مەنىسىنى ئۇقماي ئوقۇسىلا بولۇۋېرىدىغان ياكى ماتا ئەمەس ، دۇكان قۇرۇپ توقۇسىلا چىقىۋېرىدىغان . شېئىر - كەشتە ئەمەس ، رەڭدار مەشۇت بىلەن لاتىغا تىكىپ قويىدىغان ياكى سۈرەت ئەمەس ، قەغەزگە سىزىپ قويسىلا بولۇۋېرىدىغان . 08a|]li  
شېئىر ھەم ھۆسنى ، ھەم پۇرىقى ، ھەم تىكىنى ، ھەم يوپۇرمىقى بار گۈلگە ئوخشىشىپ كىتىدۇكى ، ھۆسنى بىلەن دىلنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلار ؛ پۇرىقى بىلەن جانغا راھەت ۋە ھوزۇر بەخش ئېتەر ؛ ئىشىق ئەھلى ئۇنى قۇلاققا قىسار ياكى گۈلدەستە ياساپ جانانىغا تۇتار ! +IYSWR  
شېئىر -ئاسماندىكى يۇلتۇز ئەمەس ، كېچىسى پارقىراپ كۆرۈنگەن بىلەن نەئىسسىقى ، نە يورۇقى تەگمەيدىغان؛ شېئىر-خۇددى بىر مەشئەلدۇركى ، كېچە زۇلمىتىدە ئىنسانغا يول كۆرسەتكۈچى ياكى بىر گۈلخاندۇركى پايانسىز دەشىتلەرنى يورۇتۇپ ، سوغدىن تىترىگەن تەنلەرگە ئارام بەرگۈچى! vNbA/sM  
شېئىر-چۆلدىكى ئالۋۇن ئەمەس ، گاھى كۆل ، گاھى دەريا ، گاھى شەھەر ، گاھى گىياھ بولۇپ كۆرۈنگەن بىلەن قوغلاپ يەتكىلى بولمايدىغان . شېئىر-بىر قاينام بۇلاققا ئوخشىشىدۇكى ، تەشنالارغا ئارام ، دەرتمەنلەرگە داۋا ، بىمارلارغا شىپا ، غەمكىنلەرگە شاتلىق ، ئاجىزلارغا كۈچ ۋە ئۈمىد بەخش ئەتكۈچى! M'iKk[Hjfx  
شېئىر - ھاپىزنىڭ ناخشىسى ئەمەسكى ، ئاڭلىغانسېرى كىشنى مۈگدەك باسىدىغان . شېئىر-بىر گۈلدۈرمامىدۇركى ، ئۇنىڭ ئاۋازى جاھاننى تىترىتىپ ، خامۇش كۆڭۈللەرنى ئويغاتقاي ؛ كىشىنى سەگەك قىلىپ جەڭگە ئۈندىگەي ، ئەبەدىي ھاياتقا چاقىرغاي! dk/*%a +  
شائىر-قاغا ئەمەس ، كۆرۈنگەن دەرەخكە قونۇۋېلىپ قاقىلداۋېرىدىغان . شائىر -خۇددى تاڭ توخۇسىدۇركى ، كېچە تاڭنى چىللاپ تىنماس ؛تاڭ ئاتقاندا ، ئەلنى ئىشقا ، ھاياتقا ، ئەمگەك ۋە ئىجادقا ئۈندەر . شۇڭا ، كىشىلەرنىڭ "ئالتۇن خوراز ھەققىدە قىسسە -رىۋايەتلەر توقۇشى ، شەھەر دەرۋازىلىرى بىلەن قەسىر -ئايۋان مۇنارلىرىنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ھەيكىلىنى ئورنىتىشى ھەرگىز تاسادىپىي ئەمەس ،ھالبۇكى جاھان-جاھان بولغاندىن بۇيان ، ھېچكىم قاغىنىڭ ھەيكىلىنى ئورناتقىنى يوق . Pa +BE[z  
شائىر-تۇتىقۇش ئەمەس ، نېمىنى ئۆگەتسە شۇنى دورايدىغان ، ياكى ئۆمۈر بويى دوراشتىن بۆلەكنى بىلمەيدىغان . +.I'U9QeUN  
بۇ يەردە ئۇلۇغ ئەزەربەيجان شائىرى فۇزۇلىنىڭ مۇنۇ بېيىتىنى ئەسلەپ ئۆتۈش ئورۇنسىز بولماس : IcQ!A=lB  
qGCg3u6  
%LHV0u  
" قاراتاشتىن ئەگەر قان بىرلە رەڭگىم ئەيلىسەڭ ، ^;Q pE  
رەڭگى تەغيىر بولۇر ، ئەمما لەئلى بەدەخشان ئولماس . 0pa^O$?p  
تۇتىغا تەلىمى ئادايى كەلىمات ئەيلىسەڭ ، ~+yo;[1Yc  
نۇتقى ئىنسان بولۇر ، ئەمما ئۆزى ئىنسان ئولماس ."
[uQZD1 
>:&p(eu)L0  
شائىر چىن مەنىسى بىلەن بۇلبۇلدۇر . بۇلبۇل ھېچقاچان باشقا قۇشلارنى دورىمايدۇ ، باشقا قۇشلارمۇ بۇلبۇلنى ھەرگىز دورىيالمايدۇ . چۈنكى ، بۇلبۇلنىڭ ئۆز تىلى ، ئۆز سۆيگۈسى ، ئۆز تەپەككۇرى ۋە ئۆز تۇيغۇسى بار . uTGvXKL7  
شائىر-كېپىنەك ئەمەس ، كۆرۈنگەن گۈلنىڭ ھەممىسىگە پەرقسىز قونۇپ ، ھوزۇر-ھالاۋەت ئېلىشنىلا بىلىدىغان؛ شائىر -چىراغ پەرۋانىسىدۇركى ، ھالاك بولۇشىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنى ئوتقا ئۇرغۇچى!... @!3^/D3  
شائىر -شاھ ۋە سۇلتانلارنىڭ نازۇ-نېمەتكە تولغان داستىخانلىرى ئەتاراپىدا چۆرگىلەپ يۈرىيدىغان ياكى زاھىتلارنىڭ ئېتىكىدە خورۇلداپ ياتىدىغان مۈشۈك ئەمەس ، بەلكى پايانسىز دەشتلەردە ئەركىن كېزىپ يۈرىيدىغان تەمەسىز ئارىسلاندۇركى ، ئۇنىڭ بىر ھۆركىرىشى بىلەن تاغۇ-تاشلار زىلزىلىگە كېلىپ ، تۈلكە -بۆرىلەر ھۇشىنى يىغقاي! " پادىشاھ نىكولاي ئۈستەلگە بىر مۇشت ئۇرغاندا پۈتۈن ئوردا تىترەپ كېتەتتى ؛ لېف تولىستوي ئۈستەلگە بىر ئۇرسا پۈتكۈل روسىيە زىلزىلىگە كېلەتتى " دېگەن رىۋايەت مۇبالىغە بولمىسا كېرەك . چۈنكى ، لېف تولىستوي شېئىر يازمىغان بىلەن چىن شائىر ئىدى . شائىر پەقەت خەلق بىلەنلا شائىردۇر ۋە مەڭگۈ ئۆلمەستۇر! ,D,f9  
مەسىلەن ، چۈيۈەن بىلەن ئەلىشىر ناۋائى ؛ لىبەي بىلەن پوشكىن ؛ بايرۇن بىلەن لۇتپۇللا مۇتەللىپكە ئوخشاش...
$#3<rcOq  
.fY<"2g  
':)j@O3-  
+N:6wZ7 
مەنبە: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېئىرلىرىدىن
[ بۇ يازمىنىOMERدە2010-09-19 18:01قايتا تەھرىرلىدى ]
بۇ تىمىنى تەستىقلىغۇچى: alim
دەرىجە: يىڭى ئەزا

جەۋھەر: 1
يازما: 29
جۇغلانمىسى: 161
شۆھرەت: 24 كىشىلىك
تىللا: 34 دانە
توردا: 71(سائەت)
تىزىملاش: 2010-09-18
ئاخىرقى: 2010-09-23
كىرىسلو  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-19 18:21

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! bu" 68A;>  
باشقۇرغۇچىلارغا: sAD P~xvU  
     مۇنبىرىڭلارنىڭ ئەزالار ئەسەر يوللاش جەريانىدىكى ئۆز يازمىسىنى تەھرىرلەش ۋاقتى ئاران 10 مىنۇت ئىكەن، شۇ سەۋەبتىن مەزكۇر تېمىنىڭ ئابزاسلىرىنى رەتلەشكە ۋاقىت يېتىشمىدى. رەنجىمەي ئۆزەڭلار رەتلەپ قويارسىلەر. بولۇپمۇ مەشھۇرلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ! شۇنىمۇ دەپ قويۇش كېرەككى، ئەزالارغا بەرگەن تەھرىرلەش ۋاقتىڭلار تولىمۇ قىسقا ئىكەن؛ ھىچ بىر مۇنبەردە مۇنداق قىسقا ئەمەس، ئويلۇشۇپ باقارسىلەر! خوش، ئىشلىرىڭلارغا اللە ئاسانلىق بەرسۇن!...
دەرىجە: چەۋەنداز

جەۋھەر: 0
يازما: 515
جۇغلانمىسى: 1670
شۆھرەت: 0 كىشىلىك
تىللا: 517 دانە
توردا: 131(سائەت)
تىزىملاش: 2010-08-17
ئاخىرقى: 2010-09-23
ئوروندۇق  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-19 18:24

رەھمەت سىزگە. ياخشى ئوقۇشلۇق ئىكەن.
دەرىجە: چەۋەنداز

جەۋھەر: 0
يازما: 346
جۇغلانمىسى: 553
شۆھرەت: 27 كىشىلىك
تىللا: 350 دانە
توردا: 77(سائەت)
تىزىملاش: 2010-07-13
ئاخىرقى: 2010-09-22
پول  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-20 10:13

ئابدۇرىھىم ئۆتكۆر  شىئىرلىرىدىن بىر نەچچىنى قويۇپ قوۇماي شىمەگە !  مەن ئابدۇرىھىم ئۆتكۇر نى   خىلى بىر داڭلىق شائىرلارغا تەڭ قىلمايمەن جۇمۇ!  مەيلى ئۇيغۇر ياكى چەتئەل بولسۇن !