1.ئالدىغا قارىغان- باتۇر،ئارقىسىغا قارىغان قورقۇنچاق،ئىككى يىنىغا قارىغان ئىھتىياتچان.( سىز قايسى خىلدىكىسى،ھەم قايسى خىلدىكىسى بولوشنى خالايسىز ).
2.كۆز ئالدىدىكى نەپ ھەممە ئادەمنىڭ نىيىتىنى ئاشكارلايدۇ.
3.بىرى دوختۇرخانىدا ،يەنە بىرى،مەسچىت ياكى قەبرىستانلىقتا خۇدا ئەڭ كۆپ يادلىنىدۇ.
4.رەقىبىڭ ئاجىز بولسا،باتۇرلىقىڭمۇ چاغلىق.
5.كۈلۈپ تۇرۇپ ئاچچىقلانساڭ بوشاڭسەن،ئاچچىقلىنىپ تۇرۇپ كۈلسەڭ زەھەرخەندىسەن.
6.دۇنيا ئاياللار بىلەن گۈزەل،ئەرلەر بىلەن قۇدرەتلىكتۇر.
7.ھالقىلىق پەيىتتە بىر قارارغا كىلەلمىسەڭ،ئۇنىڭ دەردىنى بىر ئۆمۈر تارتىسەن.
8.تەرەققىي قىلمىغان ئەللەردە خام ئەشيا كۆپ،تەرەققىي قىلغان ئەللەردە ھۆنەر تىخنىكا.
9.مەڭگۈ ياش تۇرۇش مومكىن ئەمەس،لىكىن چىرايلىق قىرىش مومكىن.
10.ئەل-جامائەت ئالدىدا ئوسال بولماي بولماي دىسەڭ ،بىرى،خوشامەتنى ئاز قىل،يەنە بىرى غەيۋەتنى.
11.ئاۋۋالقى ئايالىڭغا بەگ بولساڭ،كىيىنكى ئايالىڭغا قۇل بولسىەن.
12.شائىر يۈرىكىگە ئوت كەتكەن كىشىلەردۇر.
13.ھايۋان يەپ سەمرىيدۇ،گەپ ئايلىنىپ.
14.ئادەم ئازاپلانغاندا ھەممە دۈشمەن كەبىي كۆرىنىدۇ،خۇشھال بولغاندا ھەممە دوست كەبىي كۆرىنىدۇ.شۇڭا ھەمىشە دوسىت بىلەن دۈشمەننى ئارلاشتۇرۇپ قويىمىز.
15.ئىشىكنى ئەتسەڭ ئۆيۈڭ،ئىغىزىڭىنى ئەتسەڭ ئۆزۈڭ خاتىرجەم ياشايسەن.
16.نىمىشقا باشقىلار سىنى ئىتراپ قىلمايدۇ،چۈنكى سەنمۇ شۇلاردەك ياشىدىڭ-دە !
17.ئىشتان كۇسارغا قاراپ يۈزلەندى، كۆڭلەك باغىرداققا قاراپ .
18.بىر كۈنكۈك نەتىجەڭنىڭ ياخشى ياكى يامان بولىشى كەيپىياتىڭغا باغلىق.
19.دۇنيانىڭ سىرى شۇكى بىكار ياتساڭ كۈن ئۆتمەيدۇ،مىدىرلىساڭ ئىش مەڭگۈ تۈگىمەيدۇ.
20.ئىككى خىل كىشى بىلەن ئەبەدى مۇناسىۋەت قىلما،بىرى سىنى قارلىغان كىشى بىلەن،يەنە بىرى ئاتاڭنى خارلىغان كىشى بىلەن.بۇنداقلاردىن يەنە تىخىمۇ كۆپ يامانلىق كىلىشى تۇرغان گەپ.
21.ھاياتتا بىر نەرسە كەمدەك ياشايسەن،ئىرىشكىنىڭ باشقا ئادەم،سىغىنغىنىڭ باشقا ئادەم.
22.بىر ئادەمنىڭ پاكىزلىغىنى بىلمەكچى بولساڭ،بىرى تىرنىقىغا قارا، يەنە بىرى چىشىغا .
23.ئۇششۇق ئادەمگە گەپ قىلغانلىق -ھەرىنىڭ ئۇۋىسىنى كوچىلىغانلىق.
24.تەۋەككۈلچىك قىمارغا ئوخشايدۇ،يا ئۇتىسەن،يا ئۇتتۇرىسەن.
25.خورازنىڭ سوقوشى باز -باز بىلەن بىلنىدۇ،قىزلارنىڭ يىلىسى ناز بىلەن.
26.كۆز كۆرركۈچى،دىل تونوغۇچىدۇر.
27.سىناقتىن ئۆتمىگەن دوستۇڭغا پۇل ئۆتنە بىرىپ تۇرساڭ،بىرى پۇلۇڭدىن،بىر بولسا دوستۇڭدىن،يەنە بىر بولسا ھەر ئىككىلىسىدىن ئايرىلىپ قىلىشىڭ مومكىن .
28.ئادەم ئۆلگەندىن كىيىنمۇ ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلغىلى بولىدۇ،ئۇ بولسىمۇ مەرھۇمنىڭ ياخشى گىپىنى قىلىش.
شىنجاڭ مەدەنىيتى2010.4ساندىن ئىلىندى.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز، مۆھتىرەم قىرىنداشلار،يۇقارقى بۇ تەپەككۇر ئۈنچىلىرىگە قاراپ بەلكىم سۆيۈنۈش ھىسىياتىمىز قوزغالغاندۇ،بۇ ھەر قانداق بىر زىھنى ئوچوق ئەقىل ئىگىسىدە بولىدىغان ۋە چوقوم بولوشقا تىگىشلىك سۆيۈملۈك تويغۇ،ئەمما مەن بۇنى يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمدەك شىنجاڭ مەدەنىيتى2010.4ساندىن ئالدىم.دىمەككى بۇنداق بىزنىڭ سۆيۈنۈش ھىسىياتىمىزنى قوزغايدىغان،ئەقىل بۇلىغىمىزنى ئاچىدىغان،بىزنىڭ دىل ئوزوقىمىز بولغان يازمىلار بۇلار بىلەنلا چەلەنمەيدۇ.بىزنىڭ نۇرغۇن ئىسىل تەۋەررۈك كىتاپلىرىمىز،قىممەتلىك تەرجىمە ئەسەرلىرىمىز ئاز ئەمەس، ئەمما ئۇنى ئوقويدىغانلار پەقەتلا چەكلىك ياكى يىتەرلىك ئەمەس دەپ ئويلايمەن .كىتاپخانىلىرىمىزغا قاراپ باقساق شۇنچە قىممەتلىك ئەسەرلىرىمىز توپا بىسىپ تۇرۇپتۇ،بۇنى كۆرۈپ روھىم بىر قىسمىلا بولوپ قالىمەن.بىزدە ئوقويدىغانلار ،تەپەككۇر قىلىدىغانلار ،ئويلىغىنى ئۈچۈن ئەمەلىي قەدەم باسىدىغانلار زادى قانچىلىكتۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن .بۇ خىلدىكى كىشىلىرىمىزنىڭ تىخىمۇ كۆپىيىشىنى تولىمۇ،تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن.ھەم ئىگىمىز ئاللاھتىن تىلەيمەن .
مومكىن بولسا قىممەتلىك ژۇرنال ۋە كىتاپلىرىمىز توپا بىسىپ قالمىغاي.ھەممەيلەن كىتاپ ئوقوش،تەپەككۇر قىلىش،ئويلىنىش،ئويلىغنى ئۈچۈن ئەمەلىي قەدەم ئىلىش ھەممەيلەنگە ئادەت بولغاي ئىلاھىم...مەن بۇنى ھەممەيلەنگە تەۋىسيە قىلىمەن ھەم بۇ مىنىڭ زور ئۈمىدىم .مەن يەنىلا قىرىنداشلىرىمنىڭ پىكىرلىرىمنىڭ توغرا بولمىغان تەرەپلىرىگە تۈزتۈش بىرىشىگە،كەم تەرەپلىرىنى تولوقلىشىغا مۇھتاجمەن .