ئادەم ۋە ئەقىل توغرىسىدا
ئادىمىيلىكتىن تاپار ئادەم شان ، ئادەم بولسىلا ھەممە بار ھامان
ئادەم پەقەت ھۆسنى بىلەن گۈزەل ئەمەس ، ئادەملىك جەۋھىرى بىلەن گۈزەل بەس .
سەن ئادەم ئىكەنسەن ، ئۆزگىمۇ ئادەم ، كەمچىلىكسىز ئادەم بولماس ھامانەم.
ئىنسان جۈرئەت قىلىپ تىكسە گەر جاننى ، يەرگە ئېلىپ چۈشكەي ئاسماننى .
-ئەقىلنىڭ يولىدىن ماڭسا ھەر كىشى ، ھېچقاچان يامانلىق بولمايدۇ ئېشى.
ئەقىل باشتا بولسا ، ھەر ئىشچان كىشى ، ئالدىرىماي ئويلۇنۇپ قىلىنار ئىشى .
- ئەقىلسىز باش ، جانسىز تەندۇر .
- ئەقىل سىزىقىدىن چىقما ھېچقاچان ، كۆڭۈلگە دەرىت - ئازاپ سالار پۇشايمان .
- كىمىكى بولسا ئەقىلگە يولداش ، يىغلىغانغا بولىدۇ قولداش .
زېرەك ۋە دانادۇر پەقەت شۇ ئادەم ، سەۋىر - تاقەت قىلسا ئېغىر دەرىدتە ھەم .
- ئىستىسەڭ ياخشىلىق ، ئەقىل پاسىبان ، قارا بۇلۇتقىمۇ چىقىسەن ئامان .
- كىشى پاراسەتتە كەم بولسا قانچە ، ئەيىبىنى ئاقلاشقا ماھىردۇر شۇنچە
ئۈنچىلەر
- يىگىتلىكىڭنى غەنىمەت بىلىپ ئۆزۈڭنى قىرىلىق جاپاسىدىن قۇتقاز .ئاقىل بولساڭ نادان بىلەن سۆز تالاشما . ئاداۋەت ھەم ھەسەتنى يۇيۇپ ھەر قانداق قىلىپ بولسىمۇ ، بىر نەچچە كۈن ياكى بىر نەچچە مىنۇت بولسىمۇ ئۆزۈڭنى خۇش - خۇي تۇتقىن . بۇ كېسەل بولۇشتىن ساقلىنىشنىڭ بىردىن - بىر چارىسى .
مەنمەنلىك بىلەن تەكەببۇرلۇق قىلغىچە ، ئۆز ئەسلىڭنى يەكەببۇر قىلغىن . ئالىم ئەگەر مەنسەپ ئۈچۈن ئۆزىنى خار قىلىدىكەن ، ئۇنىڭ بىلىمى نادانلىقنىڭ دەلىلىدۇر . ئاچكۆزلۈك ئىنساندىكى ئەڭ قەبىھ ئىللەتتۇر . ئاچكۆزلۈكنىڭ ئاقىۋىتى كىشىگە غەم - ئۆكۈنىش ، ھەسرەت كەلتۈرىدۇ ...
ھەر قانداق ئىشنىڭ مۇكاپاتى بولىدىغانلىقى راسىت . يامانلىقنىڭ مۇكاپاتى يامانلىقتۇر . شىرنىڭ ئالدىدا شىر جىڭى قىلىش كېرەك . ئەگەر شىر بولمىغان تەقدىردىمۇ چوقۇم يولۋاس بولۇش كېرەك . ئەگەر 100 يىلدا بىر خۇشاللىق نىسىپ بولسا ئۇنىڭ كەينىدىن يۈزلەپ خاپىلىق تەييار بولۇپ تۇرىدۇ .
ئۆزۈڭنى قەدىر - قىممەتكە ئىگە قىلاي دېسەڭ، پىتنە - پاساتتىن يىراق بول . قەيەردە پىتنە - پاسات بولسا ، ئىنىقكى ، شۇ يەردە خوۋلۇق بولمايدۇ ، يالغانچىلىق - ئىنساننى ئاپەت توزىقىغا گىرىپتار قىلغۇچىدۇر..
-ئەقىللىق ، ئاقكۆڭۈل ئادەملەر ئۇشتۇمتۇت بىرەر جىددى ۋەزىيەتكە ياكى خەتەرلىك ئەھۋالغا دۇچ كېلىپ قالغاندا ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا قانداق قىلغاندا ئۇنى يەڭگىلى ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىغىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە باش قاتۇرىدۇ ۋە ئۈنۈملىك چارە - تەدبىرلەرنى ئىشقا سالىدۇ . نەتىجىدە ئۇتۇپ چىقىدۇ . قارا نىيەت ، شەخسىيەتچى ئادەملەر بولسا ، ئۇنىڭ ئەكسىچە قانداق قىلىپ ئۆزىنى قوغداپ قىلىش ،زىيان تارىتماسلىق ئۈستىدە باش قاتۇرىدۇ . نەتىجىدە «نىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك »دېگەندەك ھەممىدىن قۇرۇق قالىدۇ . ئىشنى ئۆزىنى مەغلۇپ قىلىش بىلەن ئاياغلاشتۇرىدۇ .
يىڭىلىق يارىتىش ۋە تارىخ تەرەققىياتىنىڭ چاقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تالانت كەتمەيدۇ .ئۇ ئەنئەنىۋى تەييار ئەندىزە ، فورما ، ئۇسۇللارغا قارىتا « نىمە ئۈچۈن » دېگەن سۇئالنى قويۇشقا ھەممىدىن مۇھتاج .
كىتاپتىكى تەييار نەرسىلەرگە يىپىشىۋالىدىغان ، ئۇنىڭغا ئادەتتىن تاشقىرى چوقۇنىدىغان ئادەملەر دائىم بەزى زور بايقاشلارنىڭ ئوبدان پۇرسىتىنى قولدىن بىرىپ قويىدۇ . ئەگەر بىر ئادەمدە ئالدىنقىلار ئوتتۇرىغا قويغان تەييار فورما ، ساۋاتلارغا قارىتا گۇمان نىمە ئۈچۈن دېگەن سۇئال بولمايدىكەن ، مەڭگۈ يىڭىلىق يارىتالمايدۇ ۋە تارىخ تەرەققىياتىنىڭ چاقىنى ئىلگىرى سۈرەلمەيدۇ .
- سۆزۈڭدە تەمە بولسا بىمەنىدۇر ، تەمەدىن كېچىپ ئېيىتقان سۆزۈڭ خوپتۇر .
- شات ياشاشنى خالىساڭ ئەلدىن تەمە ئۈز .
- ئىنسان ئىچىدە ئەڭ ئەبلەخ ئىنسان - نەپسى - ھاۋا كەينىدىن بولىدۇ سەرسان .
- كىمىكى ئۆز نەپسىگە بولۇپتۇ بەندە ، ھېچكىمدىن ئالقىش ئالماس ئالەمدە .
- دوسىتلار ئارا ئىناق بول ، ئىناق ،دۈشمەنلىكنى بىلسەڭ ، يىراق بول ، يىراق .
- نۇمۇسچانلىق ئادەمنىڭ ئىككىنچى قەۋەت ئىچكى كىيىمى .
- ھۈنىرىڭگە بولما كۆپ مەغرۇر ، ئايىغىڭدا مۇستەھكەمرەك تۇر .
- دىلىڭغا پۈكمىگىن ئەسلا يامانلىق ، غەمدىن قاچ ، تېلىگىن شادلىق - ئامانلىق .
- ساڭا سىر دەپ ئېيىتسا ، ئىشەنمە ھەر دەم ، ساڭا ئېيىتقاننى ئېيتار باشقىلارغا ھەم .
- بىر ئىشتا ئوڭۇشسۇزلۇققا دۇچ كەلسەڭ ، ئۈمىدسىز بولما .
- بىر پارچە ياخشى كىتاپ ئوقۇپ چىقىش ، نۇرغۇن ئالىجاناپ كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆكۈزگەنگە باراۋەر .
- بىكار تەلەتلىك ئادەت ، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ بەخىتسىز ئاپەت .
- ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ ئەڭ رۇشەن ئالاھىدىلىكى شۇكى ، ئۇلارنىڭ ئىرادىسى بەكمۇ جاسارەتلىك بولىدۇ .
- جاھاندىن مۇراتسىز ئۆتۈش - بەئەينى مۇنچىغا چۈشۈپ ، پاكلانماي چىققانغا ئوخشاشتۇر .
- يەر ئاستىدىكى يىلتىز دەرەخنى ياشارتىپ مېۋىلىتىدۇ ، لېكىن ئۇ ئۆزى ھېچقاچان ھەق تەلەپ قىلمايدۇ .
قانچە كۆپ تىل بىلسەڭ ، شۇنچە ئۇزاق ياشايسەن . ئارقىغا قاراپ ئالغا يۈرۈش كىرەك . بىزنىڭ تەربىيچىمىز ئۈچلا: تەبىئەت ، يىللار ۋە ئەسەرلەر . ھەر بىر خەلىقنىڭ مەدىنيىتى - تازىم قىلىشقا ئەرزىيدىغان مەدىنيەت .
- ئۆز ئۆيىدە ئەخمەق ، ئەقىلسىز ئادەم خوشنىسىنى ھاقارەتلەيدۇ ، ئۆز مىللىتى ئىچىدە ئەخمەق ئادەم باشقا مىللەتنى ھاقارەتلەيدۇ ...
- دانىشمەن ئادەم ھاياتقا نىسبىتەن ئوزۇقلۇققا مۇئامىلە قىلغاندەك ، كۆپ تاللاشنى ئەمەس ، بەلكى جەۋھىرىنى تاللىۋىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ ، ئوخشاشلا ھاياتتىن بەھرىمان بولغان ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقىنى ئەمەس ، شۇ ۋاقىتنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئۆتكەن - ئۆتمىگەنلىگىنى ئۆلچەم قىلىدۇ .
دوسىتلارغا نەسىھەت
دوستۇم ! ئەگەر سىز ، ئىگەم ئىلتىپات قىلغان زىمىندا ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىمەن دېسىڭىز ،ئاتا - ئانىڭىزنى ھۆرمەتلەڭ ،ئاتا - ئانىڭىزدىن ياخشى خەۋەر ئىلىڭ ، ئاتا - ئانىڭىزنىڭ ئەجرىنى يەردە قويماڭ .چۈنكى ، ھامان بىر كۈنى سىزمۇ ئاتا - ئانا چوقۇم بولىسىز . سىز ئاتا - ئانىڭىزغا نىمە قىلسىڭىز سىزنىڭ باللىرىڭىز مۇ سىزگە شۇنى قىلىدۇ . دېمەك ،قازانغا سالغان چۆمۈچكە چىقىدۇ ...
قەلىب ئىزھارى
جاپا سالدى ئەي قىرىندىشىم! تىلىڭ ساڭا كۆپ قىتىم ،
ئەمدى بەس،كەتمەستە بىشىڭ ،كەسكىن سەن تىلىڭنى .
سۆزۈڭنى كۈزەتكىن ، بېشىڭ كەتمىسۇن ،
تىلىڭنى كۈزەتكىن ، چىشىڭ سۇنمىسۇن .
ياخشى تەدبىر كۆڭۈل يارىسىغا مەلھەمدۇر .بىلىم - ئاچچىق يىلتىزدىن ئۆسۈپ يېتىلىدىغان تاتلىق مېۋە .
ئاچكۆزلۈك ، كۆرەللمەسلىك ، يامان غەرەزلىك ،سۈيىقەسىت ، ھاۋايى - ھەۋەس ۋە ھېلە - مېكىرنىڭ بوران - چاپقۇنلىرىدىن ئايرىلىپ ، ئەدەپ - يوسۇننى تۇتقان كىشى - ياخشىلىق ، ئىمتىياز ، بەخىت - سائادەت دەرىخىنىڭ مېۋىسى ، مەڭگۈ ئىززەت - ئابرۇي باغچىسىدىكى گۈلنىڭ غۇنچىسى ، شۇنداخلا ئالى مەرتىۋىنىڭ سەۋەپكارى بولىدۇ ...
تەپەككۇر ئۇچقۇنلىرى
- دۇنيادىكى مەخلۇقلار ئىچىدە ئەڭ ئەزىز مۆھتىرەم مەخلۇق ئادەم ، ئەڭ ھۆرمەتسىزى ئىت ، ئەمما ئاقىللار شۇنداق خۇلاسە قىلىشتىكى ؛ ياخشىلىقنى ئېسىدىن چاقارمايدىغان (تۇز كورلۇق ) قىلمايدىغان ئىت ، نائەھلى تۇزكور ئادەمدىن مىڭ مەرتىۋە ياخشىدۇر . چۈنكى بىچچارە ئىتنى تاش - كىسەكلەر بىلەن يۈز قىتىم ئۇرۇپ قوغلىسىمۇ ئالدىنقى ياخشىلىقنىڭ يۈز - خاتىرىسىدىن ئىگىسىنى ئۇنتىمايدۇ ،ئەمما نائەھلى پەس تەبىئەت ئادەمنى ئۆمۈر بويى تەربىيلەپ پەرۋىش قىلساڭمۇ ، لېكىن بىر ۋاقتى - قارارىغا كەلگەندە ئەرزىمەس ئىش ئۈچۈن ياقاڭدىن ئېلىشتىن يانمايدۇ ...
- رىيازەتسىز ، نەپسىپەرۋەرلىك بىلەن ئىلىم - پەن ، ھۈنەر - سەنئەتكە ئېرىشكىلى بولمايدۇ ، ئىلىم - پەن ، ھۈنەر - سەنئەتسىز كىشى بەخىت - سائادەتكە مۇيەسسەر بولالمايدۇ ...
ئەقىل ئۈنچىلىرى
- ئۈچ خىل كىشى ھەمىشە غەم -ئەندىشىنىڭ ئىلكىدە ئەسىر بولۇپ تۇرىدۇ ؛ بۇلار : ھەمىشە يامان ئىشنىڭ قەستىدە يۈرگەن ؛ قۇدرىتىنىڭ بارىدا ياخشى ئىش قىلمىغان ؛ نادانلىق بىلەن ئويلىماي ئىش قىلىپ ، ئاخىرىدا ھەسرەتتە قالغان كىشىلەردۇر ...
- ئەخمەغلىقنىڭ ئالامىتى بەش تۈرلۈك بولىدۇ : يەنى ، كىشى ئۆز پايدىسىنى دەپ ، باشقىلارغا زىيان سالسا ؛ رىيازەت چەكمەي تۇرۇپ ، ساۋاپ تاما قىلسا ؛ ئەجىر قىلماي ئىلىم بىلمەكنى ئىزدىسە ؛ بىۋاپالىق ۋە رىئايە قىلماسلىق بىلەن بىراۋدىن دوسىتلۇق ئۈمىد قىلسا ؛ بەدخۇيلۇق بىلەن خوتۇنلارغا ئاشىق بولسا ؛ بۇ ئۇنىڭ ئەخمەقلىقىدىندۇر .