ھايات ئىنىسانغا بىرلا قىتىم كىلىدۇ ، ھەتتا ئنىسان ئۆزنىڭ ياشلىق دەۋىرگىمۇ ئەسلا قايتىپ كىلەلمەيدۇ . شۇڭا ئادەندەك ياشاي دىگەن كىشى ئۆز ھاياتنى قەدىرلىشى بىر كۈننىمۇ بىھۇدە ئۆتكۈزمەسلىكى ، بىسپ ئۆتكەن كۈنلىرنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى ،ھايەت مۇساپىسنى خۇلاسلەپ ، تەجىرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ تۇرشى لازىم .
ئىنسان ھاياتىدا ياخشى ئىش قىلىغان بولسا ، ئۇنىڭ ئەجىرانى كۆرىدۇ . ئەگەر ئىنىسان ئۆز ئۆمرنى مەنسىز ئۆتكۈزگەن بولسا كۈن -تۈن پۇشايماندا قالىدۇ . ھايات ئىككىنىچى قىتىم قايتا كەلمەيدۇ . يىگىتىلىك بۇرۇچىمۇ قايتا كەلمەيدۇ ، شۇڭا ئىنىسان بىر كۈننىمۇ بوشقا ئۆتكۈزمەي ھاياتنى قەدىرلىشى ، ھاياتنى قىممەتىلىك ياخشى، ئىشلارغا سەرپ قىلشى ، ئەزىز تۇتۇشى لازىم .يۈسۈپ خاس ھاجىپ ( قۇتادغۇ بىلىك) تە مۇنداق دىگەن ؛
146. قاراپ كۆر كەچۈرگەن كۈنۈڭنى بۇ كۈن ،
ئەقىل بىرلە ئويلا ، چۈش بولدى بۇ تۈن .
5148. زايەقىلىغان بولساڭ ئۆمۈرنى ئەگەر ،
تۈنۈ كۈن پۇشايمانلەبول ئاھ چىكەر .
5149. تېپلىماس داۋامى ھايات ئارزۇلاپ ،
يىگىتىلىك كۈچمۇ يانماس قايتىلاپ .
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ( ھەر بىر ئادەم ئۆز ھاياتنى ئۆزى يارتىدۇ ) دىگەن قاراشتا چىڭ تۇرغان .ئۇ؛( ئىنىسان كائىناتنىڭ مەركىزى، ئىنىسان ئۇلۇغ ، ئۇنىڭ قىممىتى چەكىسىز ، باھاسى ئۈستۈن ئىنىسان بۈيۈك مەنۋىي قۇدرىتىنى ئىقىتىدارنى ئۇلۇغلاش كىرەك ) دەپ ئىنىق ئوتتۇرغا قويغان . مەسلەن ؛
5196. پۈتۈن ئىشنى ئەقىل ئىداراك بىلەن قىل ،
ھاۋاغا بىلنىمە تىرىك ساقلا دىل .
5209. قىلىقڭ توغرا تۇت ، خۇلقىڭىنى سىلىق ،
ئەقىل يولدا ئۇلسۇن ، كىڭەشچىلىك بىلىك .
5210. پەزلەت زوقى قىل ، دۇرۇس تۇت كۆڭۈل ،
ئۆزۈڭنى ئۇنۇتىما خاتا باسما يول .
5161. ئەزىز تۇت ھاياتنى كىرەك ئىشقا سال ،
قىلىپ ئەلىگە ئېھسان ، ساۋابى ئال .
رۇس يازغۇچى نىكولاي ئوستروۋدىكى ( پۇلات قانداق تاۋلاندى ) رۇماندا ئوتتۇرغا قويغان ( ھايات ئادەمىگە بىرلا قىتىم كىلىدۇ . كىشى ھاياتنى شۇنداق ئۆتكۈزشى لازىمىكى ،ئۆتكەن كۈنلىرنى ئەسلەپ ئۈكۈنمەيدىغان ، مىنڭ ھاياتىم خەلقىنڭ ئااتلىق ئىشلىرى ئۈچۈن بىغىشلاندى دىيەلەيدىغان بولسۇن ) دىىگەن ھايات قارشنى ئۇنىڭىدىن مىڭ يىللار بۇرۇن يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئوتتۇرغا قويغان . ئالمىنڭ بۇ خىل ئىلىغار قارشى كىشنى تولمۇ چۇڭقۇر ئويغا سالدۇ . ھەم ھاياتنى قەدرلەش ،مەنلىك ياشاش ، ياشغاندىمۇ ئادەمىدەك ياساشىقا چاقىرىدۇ .
دوستۇم سىز بۇلارنى ئوقۇپ ھاياتنىڭ بىباھا ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىغىنىڭىزدا ئۆتۈپ كەتكەن ئۆمىرىڭىزگە پۇشايمان قىلىدىڭىزمۇ ............. ھاياتقا بولغان چۈشەنچىڭىزنى سۆزلەپ بىقىڭ !!!
مەنبە ؛ ھايات يوللىرى