1.ئىز كۇلۇبىدا سەھىپىلەرگە قارىتا بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەرنى قىلدۇق. تورداشلار ئۆزلىرى بايقىۋالغاي. شۇنىڭدەك تىما يوللىغاندا ئەستايىل بولۇپ تىمىنى ماس كىلىدىغان سەھىپىسىگە يوللىغاي. ئىلگىرىكى تىمىلارغا نىسبەتەن بىز نەچچە كۈن ئىچىدە رەتلەش ئىلىپ بارىمىز. /%$'N$@f
9O?.0L
2. يىقىندىن بۇيان ئىز كۇلۇبىدىكى پۈچەك تىما پۈچەك ئىنكاسلار ھەققىدە ئىزچىل مۇنازىرىلەر بولىۋاتىدۇ. تۆۋەندە ئىز كۇلۇبىنىڭ قىسقىچە تارىخىنى سۆزلەپ ئۆتەي. تور ئېچىلىشتىن ئىلگىرى، مۇنبەر ئېچىش، بلوگ ئېچىش چەكلىنىدىغان ۋاقىتتا، ئىز تورى كۆڭلۈمدىكى چىن سۆزلەر دەپ بىر سەھىپە ئاچقان. بۇ سەھىپىنىڭ پىرىنسىپى راسىت گەپ قىلىش ئىدى. يەنى تۇرمۇش، مۇھەببەت قاتارلىق جەھەتلەردە نىمە ئويلىغان بولسا، بىشىغا قانداق ئىش ئۇچىرىغا بولسا بۇ سەھىپە ئوتتورغا قويسا بولاتتى. بۇ سەھىپە تىز سۈرەتتە ناھايتى تەرەققىي قىلدى، شۇنىڭدەك نۇرغۇن مۇھەببەت مەستانىلىرىنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى. KZ`d3ad
X;v/$=-mz
كىيىن ئىز كۇلۇبى ئېچىلىپ ئىھتىياج تۈپەيلىدى كۆڭلۈمدىكى چىن سۆزلەر سەھىپىسى ئىز كۇلۇبىنىڭ كۆڭلۈمدىكى چىن سۆزلەر سەھىپىسىگە يۆتكەلدى ۋە ئەسلىدىكى كۆڭلۈمدىكى چىن سۆزلەر سەھىپىسى تاقالدى. نەتىجىدە نۇرغۇنلىغان مۇھەببەت مەستانىلىرى بۇ سەھىپىنى ئىلگىرىكى سەھىپىدەك بىلىپ ئىزچىل ھالدا نەچچە جۈملە، ھەتتا بىرەر قۇر مەزمۇننىمۇ تىما قىلىپ يوللاۋاتىدۇ (ئىلگىرىكى بۇ سەھىپىدە بۇنداق يوللىسا بولاتتى) . بۇ سەھىپىنى يۆتكەپ كەلگەن مەسىلە بىزدە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەتتىن بىرى يوللىنىۋاتقان پۈچەك مەزمۇنلارنى چەكلەشكە ئامالسىز قالدۇق. چۈنكى بۇ سەھىپە ھىلىھەم مەۋجۇد. يىقىندىن بىرى بىز ئىزچىل ھالدا چەكلىمىنى كۈچەيتىپ، ئىمانقەدەر بۇنداق مەزمۇنلارنى ئازايتىۋاتىمىز. ھەم ئىلگىرىكى سەھىپىنى يۆتكىۋىتىشنى ئويلىشىۋاتىمىز. @&S4j]rq
st|$Fu
3. ئىز كۇلۇبى بۇندىن كىيىن ئەڭ ياخشىسىنى تاللاش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ. نادىر يازمىلارنى ۋاقتىدا نادىرلايدۇ. لىكىن كىرىۋاتقان تورداشلارنىڭ ياش قۇرۇلمىسى، بىلىم قۇرۇلمىسىدىكى پەرىق تۈپەيلى بەزى پۈچەك مەزمۇنلارنىڭ بولۇشى تەبىئىي. كىچىكلەرنى يىتەكلەش، تەربىيلەش چوڭلارنىڭ مەسئۇلىيتى ھەم مەجبۇرىتي. بىراقلا چەتكە قىقىشقا، ئىتىراپ قىلماسلىققا بولمايدۇ. شۇڭلاشقا تورداشلار ئورتاق تىرىشساق، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلساق، سەمىمىيلىك بىلەن تەكلىپ بەرسەك ساقلىنىۋاتقان مەسىللەر تەبىئىلا ھەل بولۇپ كىتىدۇ. +T
[0r
(".`#909
4. ئىز كۇلۇبىدا باشقۇرغۇچىلار قوشۇنى يىتەرلىك بولمىغاچقا، بىر قىسىم مەسىللەر كۆرىلىۋاتىدۇ. بۇنى پات ئارىدا ھەل قىلىپ كىتىمىز. ]b
.@i&M
7sC$hm]
5. سەھىپىلەر، ئىز تورىنىڭ كىيىنكى تەرەققىيات مۇساپىسىغا نىسبەتەن تەكلىپ پىكىرلەر بولسا داۋاملىق قالدۇرغايسىلەر.