تېما: خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىل گۈزەللىگى
دەرىجە: زېرەكشاھ

جەۋھەر: 0
يازما: 1188
جۇغلانمىسى: 842
شۆھرەت: 199 كىشىلىك
تىللا: 1196 دانە
توردا: 159(سائەت)
تىزىملاش: 2010-07-03
ئاخىرقى: 2010-08-19
تىما قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-16 17:51

0 خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىل گۈزەللىگى

;04< 9i  
_]zH4o

 
Zg4kO;r08  
[V E>{4]W  
rhDiIO_  
4iv&!hAc;  
خوتەن ئۇيغۇرلىرى - ئۇزاق تارىخى يىللاردىن بىرى ، ناچار تەبىئي شارائىت بىلەن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى يارىتىش ئۆچۈن توختاۋسىز تەر تۆكۈش ، ئەجىر - ئەمگەك قىلىش بىلەن ياشاپ كەلگەن خەلق بۇلۇپ ، ئەمگەكچانلىق ، سۆز ۋە ھەركەتتىكى سىلىق - سىپايىلىق ، مېجەز -خاراكتىردىكى مۇلايىملىق ئۇلارغا ئۇدۇم بۇلۇپ كەلگەن . iOtf7.@  
شۇ سەۋەپتىن ، باشقا يۇرت كىشىلىرى خوتەن ئۇيغۇرلىرى بىلەن سۆھبەتتە بولغاندا ياكى ھەرخىل مۇئامىلە قىلىشقاندا دىلئازارلىق تارتىدىغان ، كۆڭۈل چىگىلىپ قالىدىغان ئەھۋاللار ئومۇمەن بولمايدۇ . چۈنكى خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلى قايماقتەك ياغلاش ، ھەسەلدەك تاتلىق ۋە يېقىملىق بۇلۇپ ، پاراڭلاشقۇچىغا بىر خىل كۆڭۈل ئازادىلىكى ۋە ئاراملىق بەخىش ئېتىدۇ . تۆۋەندە خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىل ئىشلىتىش ئادىتى ، گۈزەللىگى ھەققىدە توختىلىمەن : 6@;sOiN+  
كونىلاردا« تىل كۆڭۈلنىڭ ئەينىگى » دېگەن گەپ بار . دىلدا نېمە بولسا تىلدا شۇ ئىپادىلىنىدۇ ، ئەلۋەتتە . شۇڭا خوتەن ئۇيغۇرلىرى گەپ - سۆزلەرنى يۇمشاق ، سىلىق - سىپايە ۋە تۆۋەن ئاۋازدا ئېيتماي ، قۇپالراق سۆزلەيدىغان كىشىلەرنى « پوچى » سۆزى بىلەن سۈپەتلەيدۇ . -br): }f  
خوتەن ئۇيغۇلىرى ئارىسىدا ئورتاق تىلدا بار بولغان بىر قىسىم سۆزلەرنى ئىككىنچى بىر خىل مەنىدە ئىشلىتىش ئادىتى بار . مەسىلەن : «گاداي » سۆزى - «تىلەمچى ، قەلەندەر ، دىۋانە » دېگەن مەنىلەردە ئىستىمال قىلنىدۇ . ئەمما خوتەندە يۇقىرىقى مەنىلەردىن باشقا مۇنداق مەنىلەردىمۇ ئىستېمال قىلنىدۇ : بىرى ، ھۆرمەتلەش مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ ؛ يەنە بىرى ئەركىلىتىش مەنەسىدە ئىشلىتىلىدۇ ؛ ئۈچىنچى بىرى ، ئىسىم ئورنىدا ئىستىمال قىلنىدۇ . يەنى ، « پالانى گادايغا بىر قاشتېشى چىقىپتىكەن ، 100 مىڭ يۈۋەنگە سېتىپتۇ » ، « بىزنىڭ گاداي ( يولدىشىنى دىمەكچى ) ماڭا بىر ياغلىق ئالغاچ كەپتۇ » ، « بۇنى ئاۋۇ گادايدىن سۇراپ باقايلى » دېگەندەك . iEx4va-j  
خوتەن ئۇيغۇرلىرىدا « سىز » ، «سىلى » ، « ئۆزلىرى» دىن ئىبارەت سىپايە ۋە ھۆرمەت تۈرىدىكى سۆزلەر كىچىك بالىلاردىن تارتىپ چوڭلارغىچە ئۇمۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىدۇ . ھەتتا ئاتا - ئانىلار ئۆزىنىڭ قۇچاق - ئەمچەكتىكى پەرزەنتلىرىگىمۇ « سىز» لەپ سۆزلەش ئادىتىنى يىتىلدۈرگەن . ( e#f  
خوتەن ئۇيغۇرلىرى راستچىل ۋە سەمىمى خاراكتىر يىتىلدۈرگەن خەلق بولغاچقا ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن بۇ خىل خاراكتىر بىلىنىپ تۇرىدۇ . شۇڭا خوتەن ئۇيغۇرلىرى گېپىدە تۇرمايدىغان ، ساختىپەز ، يالغانچى كىشىلەرنى يامان كۆرىدۇ . }"&Ye  
خوتەن ئۇيغۇرلىرىدا بىر ئادەم سۆزلەۋاتقاندا ، قارشى تەرەپ سۆزلىگۈچىنىڭ سۆزلىرىنى ئىنتايىن دىققەت بىلەن تىڭشاپ « خوش » - «خوش » دەپ ئىنكاس قايتۇرۇپ تۇرىدىغان ئادەت بار . ئۇنىڭدىن باشقا ، بىرەر كىشى ئۆزى تۇنۇمايدىغان كىشىنى ئىزدەپ كىلىپ ، باشقىلارنىڭ كۆرسىتىپ قۇيۇشى بىلەن ئۇچراشقاندا : « ئۆزلىرى پالانى بۇلامدىلا » دەپ سورىسا ، « مەن شۇ » ياكى «مەن پالانى بۇلىمەن » دېيىشنىڭ ئورنىغا « خوش » دەپ ؛ بىرەرى يەنە بىرەرىنىڭ ئىسمىنى چاقىرغاندا « ھە » نىڭ ئورنىغىمۇ « خوش » دەپ جاۋاپ بىرىدۇ .يەنە بىر كىم قارشى تەرەپتىن مەلۈم بىر ئىشنىڭ روياپقا چىقىش - چىقماسلىغى ھەققىدە مەسلىھەت سورغاندا ، ئۇ ئەگەر مۇمكىن بولمايدىغان ئىش بولسا ، كىسىپ « بولمايدۇ » دەپ جاۋاپ بەرمەي ، « بوشراق بۇلارمىكى » ، تەسرەك بۇلارمىكى » دەپ جاۋاپ بېرىدۇ . بۇ بىر خىل كۆڭۈل ئاۋايلاش خاھىشىدىن ئىبارەت بۇلۇپ ، خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىل گۈزەللىگى  ھىساپلىنىدۇ . */OKg;IMi  
خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلى ئخچام ، ساپ ، ئاممىباپ ۋە قەدىمىيلىككە ئىگە بۇلۇپ ، بۇ ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ  ساپلىقىنى قوغداشتا ، ئاز سۆز ئارقىلىق كۆپ ۋە چوڭقۇر مەنا ئىپادىلەشتە ، چۈشىنىشلىك بۇلۇشتا ، شۇنىڭدەك تىلنىڭ ئېتمولوگىيىسىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . مەسىلەن : ئۇز ، مۇت ، تەلپەك ، بۆك ، سەگ ، قىلغۇلۇق ، ئەتكۈلۈك ، بارغۇلۇق قاتارلىق سۆزلەردە يۇقىرقى خۇسۇسىيەتلەرنىڭ ھەممىسى بار بۇلۇپ ، بىر قانچە سۆزنى تەھلىل قىلساقلا بۇ نۇقتىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرگىلى بۇلۇدۇ . مەسىلەن : « ئۇز » ، «مۇت » ، « تەلپەك » سۆزلىرى قەدىمىي ئۇيغۇر تىلى بۇلۇپ ، « ئۇز » - چىرايلىق ، گۈزەل ، كۆركەم دېگەن مەنىنى ؛ « مۇت » - بىكارغا بېرىۋېتىلگەن دېگەن مەنىنى ؛ « تەلپەك » تېرىدىن تىكىلگەن باش كىيىم دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ . as(Zb*PdH  
خوتەن ئۇيغۇرلىرى سىلىق - سىپايە خەلق بولغاچقا ، باشقىلار بىلەن مۇئامىلە قىلىشقاندا يېقىملىق سۆز - ئىبارىلەرنى كۆپ قوللىنىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ رايىنى ئۆزىگە تارتىدۇ . سۆزلەرنى بۇنداق سىلىقلاشتۇرۇپ ئېيتىش خاھىشى قارشى تەرەپكە بىر خىل كۆڭۈل ئازادىلىكى بېغىشلايدۇ ، ئەلۋەتتە . مەسىلەن : « تۇغدى » سۆزى ئورنىغا « يەڭگىدى ، كۆزى يۇرۇدى ، بوشاندى » دېگەندەك ؛ « ئۆلۈپ كەتتى » سۆزى ئورنىغا « قازا قىلدى ، ئالەمدىن ئۆتتى ، نەپەستىن قالدى ، كۆز يۇمدى ، تۈگەپ كەتتى » دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىش ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن . بۇ خىل ئالاھىدىلىك خوتەننىڭ شەھەر ئاھالىلىرىدىن تارتىپ يېزا - قىشلاق ئاھالىلىرىگىچە كەڭ ئۇمۇملاشقان . s &f\gp1  
يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان خېلى كۆپ سۆزلەر بۈگۈنكى ئورتاق تىلىمىزغا سىڭىپ كىرىپ ، پۈتكۈل ئۇيغۇر ئاھالىسىگە ئۇمۇملىشىپ ، ئاساسى لوغەت تەركىبىدىن ئورۇن ئالدى ۋە ئالماقتا . E"7[|-`e6  
CY\D.Eow  
!xU[BCbfYV  
>=86*U~  
;?y~ h$  

دەرىجە: يىڭى ئەزا

جەۋھەر: 0
يازما: 58
جۇغلانمىسى: 1191
شۆھرەت: 0 كىشىلىك
تىللا: 59 دانە
توردا: 103(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-26
ئاخىرقى: 2010-08-17
كىرىسلو  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-16 18:48

راس   دەيسىز   خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىل گۈزەللىكى   ھەممە  ھەيران   مەن  مەكتەپتە  ئۇقۇغاندا   :98:U~ d1  
مەن  كەپ قىلسام    ھەممە ماڭا  قارايتى
anka
«ئۈمىد»   غەلبە دىمەكتۇر
دەرىجە: دانىشمەن

جەۋھەر: 0
يازما: 820
جۇغلانمىسى: 1422
شۆھرەت: 20 كىشىلىك
تىللا: 822 دانە
توردا: 483(سائەت)
تىزىملاش: 2010-03-01
ئاخىرقى: 2010-08-19
ئوروندۇق  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-16 19:11

بۇ تىمىنى يەنە بىر قېتىم كۆرگىنىمدىن خۇشال مەن ،
مەن بىرمەن
دەرىجە: پالۋان

جەۋھەر: 0
يازما: 246
جۇغلانمىسى: 2488
شۆھرەت: 3 كىشىلىك
تىللا: 249 دانە
توردا: 393(سائەت)
تىزىملاش: 2010-04-18
ئاخىرقى: 2010-08-19
پول  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-16 20:39

.....ئاكامنىىڭ ئۇغلى تۇغۇلغاندا بىر خۇتەنلىك خۇشنىسى بۇۋاقنى كۇرۇپ ...‹‹ بۇ چۇڭ بۇلسا كىلىشكەن گاداي بۇلغۇدەك ››دەپتىكەن ...........بەزىدە بىزمۇ ئۇ نىڭ ‹‹كىلىشكەن گاداي ›› دەپ  قۇيىمىز .....
دەرىجە: دانىشمەن

جەۋھەر: 250
يازما: 700
جۇغلانمىسى: 3660
شۆھرەت: -3 كىشىلىك
تىللا: 703 دانە
توردا: 233(سائەت)
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2010-08-19
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-16 20:42

ھەقىقەتەن شۇنداق ... بىلىۋالغىلۇق ...
anka
520 Studios
دەرىجە: پالۋان

جەۋھەر: 6
يازما: 277
جۇغلانمىسى: 2925
شۆھرەت: 35 كىشىلىك
تىللا: 278 دانە
توردا: 153(سائەت)
تىزىملاش: 2010-03-02
ئاخىرقى: 2010-08-20
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-16 21:12

ئۇيغۇرلارنىڭ تىل مەدەنىيتىنى ساقلاپ قالغان پەقەت قەشقەر بىلەن خوتەن قالغان ئوخشايدۇ!
دەرىجە: يىڭى ئەزا

جەۋھەر: 0
يازما: 30
جۇغلانمىسى: 206
شۆھرەت: 3 كىشىلىك
تىللا: 30 دانە
توردا: 14(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-16
ئاخىرقى: 2010-08-16
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-16 21:21

راس دەيسىلەر تورداشلار
دەرىجە: پالۋان

جەۋھەر: 2
يازما: 239
جۇغلانمىسى: 2829
شۆھرەت: 24 كىشىلىك
تىللا: 241 دانە
توردا: 132(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-01
ئاخىرقى: 2010-08-19
7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-16 21:23

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى 520Studiosدە2010-08-16 21:12يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : U7-*]ik  
ئۇيغۇرلارنىڭ تىل مەدەنىيتىنى ساقلاپ قالغان پەقەت قەشقەر بىلەن خوتەن قالغان ئوخشايدۇ! vXG?8Q  
LbR'nG{J  
3kVN[0  
راسىت دەيسىز ئابدۇرھىمجان   تىل مەدەنىيىتمىزنى ساقلاپ قالغان شۇ ئىككى يۇرۇت قاپتۇ
دەرىجە: پالۋان

جەۋھەر: 0
يازما: 104
جۇغلانمىسى: 118
شۆھرەت: 1 كىشىلىك
تىللا: 104 دانە
توردا: 27(سائەت)
تىزىملاش: 2010-08-07
ئاخىرقى: 2010-08-19
8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-17 01:49

ئاڭلىسام ، خوتەندە ماشىنىنى  دۇ-دۇت د ەيدىكەنغۇ؟
520 Studios
دەرىجە: پالۋان

جەۋھەر: 6
يازما: 277
جۇغلانمىسى: 2925
شۆھرەت: 35 كىشىلىك
تىللا: 278 دانە
توردا: 153(سائەت)
تىزىملاش: 2010-03-02
ئاخىرقى: 2010-08-20
9-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-17 01:58

كىچىك يىڭى تېلى چىققان بالىلار ھەممە يۇرتتا شۇنداق دەيدۇ  :8==Bu  
ماشىنىنىڭ لاباسىنى باسسا «دۇ-دۇت» دەپ چىققاندىكىن شۇنداق دەيدۇ دە dQ9W40g1  
«ماشىنا » دەپ چىقىدىغان لابا ئورناتقان بولسا  «ماشىنا« دەتى!