مەيلى قايسى قىز بولسۇن ،بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانىكەن ،ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ ئۆزىنىمۇ ياخشى كۆرىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ،پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن سۈيۈشنى ئىزدەيدۇ .بۇنى دىمەك ئاسان بىراق قىلماق تەس .چۈنكى مۇھەببەت ئۆزگەرمەيدىغان نەرسە ئەمەس ،ئۇ سىرتقى دۇنيانىڭ تەسىرىگە ئۇچىرايدۇ .ئاشىق -مەشۇقلارنىڭ بىرى ئۈچنچى بىر كىشىنى ياخشى كۈرۈپ قېلىشى مۇمكىن مۇشۇنداق چاغدا ئاشىقىنى ياخشى چۈشەنمىسە ،ئۆز ئورنىنىڭ كەينىدە قالغانلىقىنى ھىس قىلىپ بۇنىڭدىن تارلىق ھاسىل بولىدۇ.ئىشىق ئوتى يالقۇنجاپ تۇرغاغلار كۆپ ئەمەس ،بۇنداق كىشىلەرنىڭ كاللسىدا ،ئاشىقىم مىنى قانداق ئەخمەق قىلۋاتقاندۇ ،دىگەن ئويلار پەيدا بولىدۇ .بۇ گۇمانلار رىئاللىققا ماس كەلسۇن كەلمىسۇن ،كاللىسىنى چىرمىۋالغان كۆرۈنۈشلەر گۇمان، غەزەپ ،ئۆچمەنلىك ،ۋە تارلىققا سەۋەنلىك بولىدۇ.ناۋادا يىگىتىڭىز باشقا بىر قىز بىلەن ئۆپرەك پاراڭلىشىپ قالسا ،خاتىرجەمسىزلىنىپ كېتىسىز .بۇ قىلىق يارىمايدۇ .ئۆزىڭىزنى ھەرگىز مىنى ھىچكىم ياخشى كۆرمەيدۇ دەپ قالماڭ .يىگىتىڭىزنىڭ باشقا ياخشى كۆردىغىنى بولغان تەقدىردىمۇ .ئۇنى قاتىتىق ياخشى كۆرۈپ ئۆزىڭىزنى قىيناۋەرمەڭ .
f -7S:, مەلۇم بىرىگە تارلىق قىلىش -ئۆزىڭىز بىلەن باشقىلارنى سېلىشتۇرغانلىقىڭىزنى چۈشەندۈرىدۇ.مۇنداق ئېيتقاندا سىز يىگىتىڭىزنى باشقىلارنىڭ تارتىپ كىتىشىدىن قورقىسىز .لىكىن باشقىلارنىڭ مۇھەببىتىڭىزنى تارتىۋېلىش جەريانى مەخپى بولىدۇ.سىز بۇنى تۇسۇپ بولالمايسىز .بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقىنىڭزدا ئۈمۈدسىزلىك بىلەن ئازاپتىب قۇتۇلالمايسىز .باشتا سىز ئۇ قىزغا چىش-تىرنىقىڭىزغىچە ئۆچ بۇلۇپ كېتىسىز ،ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىشنى ئويلايسىز ،كۈنبۇيى رەقىبىڭىزدىن ئۆچ ئېلىشنى ئويلىغۇچە دىقىتىڭىزنى كىنو كۈرۈش،ھەركەت قىلىش ،ساياھەتكە بېرىش،تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىڭ .گۇناھنى ھېلىقى قىزغىلا ئارتىپ قويماي ،تېخىمۇ چوڭ مەسئۇلىيەتنى يىگىتىڭىز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك .قىز بالا يۇشۇرۇن بىر ئامال قىلىپ رەقىبىگە تاقابىل تۇرىدۇ.ئۇغۇل بالا ئاچچقىغا پايلىماي،رەقىبىنى ئەدەپلەيدۇ.
~U9q-/(J/ مانا شۇنداق بۇ كۈندەشلىك بۇ تۇرمۇشتا دائىم دىگۈدەك پەيدا بۇلۇپ تۇرىدىغان ئادەمنىڭ ئەڭ ئاچچىقىنى كەلتۈردىغان تۇرمۇش تىراگىدىيىسى .بەزىدە بىز قىزلارمۇ بەك ئىچى تارلىق قىلىپ قالىمىز،مەيلى ئەمەسمۇ بەزىدە قىز ساۋاقداشلىرى بىلەنمۇ پاراڭلىشىپ قالىدۇ ۋە ياكى يولدا ئۇچۇرشۇپ قېلىپ يۇلى بىر بولسا بىللىمۇ ماڭىدۇ يەنە بەزىدە توردا قىززىق پاراڭلار بىلەن تۇنۇشۇپمۇ قالىدۇ ،بىراق بۇنى مۇقەررەر گۇمانلىنىش نۇقتىسى قىلۋالماسلىقىمىز كېرەك .كونىلاردا <ئەر كۈنلىسە ئۆي تۈزۈلىدۇ،ئايال كۈنلىسە ئۆي بۇزۇلىدۇ> دىگەن گىپى بار . بىراق ئۇغۇللار سىلەرمۇ بەزىدە بەك ئېشىۋالسىلەر جۇمۇ ! ھەممە نەرسىنىڭ چېغىدا بولغىنى ياخشى ،چەكتىن ئاشقان نەرسە ھامان بۇزۇلىدۇ.سىىلەرمۇ قىزلارنى تۈزەڭلار .بىزمۇ سىلەرگە يول بېرەيلى .بىراق بۇ يول دىيانەتلىك يول ،بۇ يول ساداقەت ئىچىگە يۇشۇرۇنغان يول .