تېما: ئاداشقان كۆڭۇل-ھىكايە -شاتئاي
سىنڭ خۇشالىقىڭ ، ساڭىلا مەنسۇپ ~
دەرىجە: يىڭى ئەزا

جەۋھەر: 3
يازما: 48
جۇغلانمىسى: 5399
شۆھرەت: 35 كىشىلىك
تىللا: 51 دانە
توردا: 16(سائەت)
تىزىملاش: 2010-04-12
ئاخىرقى: 2010-09-20
تىما قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-10 17:46

0 ئاداشقان كۆڭۇل-ھىكايە -شاتئاي

ئەسكەرتىش: بۇ يازما hanjar731 تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-09-11)
ئاداشقان كۆڭۈل q%1B4 mF'  
=^zOM6E1ZF  
 xG'F  
ھېكايە I=YZ!*f/`  
Go~3L8 '  
F7=& CW 0  
     <چاڭ >.......... w (ev=)7<  
      قاتتىق تەككەن بۇ تەستەكتىن چۆچۇپ كەتتىم .خلىللا قاتتىق تەككەن ئىدى ،يۇزلىرىم ئوت بولۇپ يانغاندى. ئەتراپىتىكى ھەممە ئادەملەر ھەيرانلىق بىلەن ماڭا قارىشاتتى، خىجىللىقتىن بىشىمنىمۇ كۆتىرەلمەي قالدىم . چۈنكى مەن بۇ تاياقنى مەكتەپنىڭ ئالدىدىلا يىگەن ئىدىم . ناھەق تەككەن بۇ تەستەكتىن تولىمۇ خورلۇق ھىس قىلۋاتاتىمەن . تولىمۇ ھار كەلگەن ئىدى. بۇ تاياققا دوستۇم مىھرىبان چىدىمىغان ئىدى. ئۇ ئالدىمدىكى بۇ مىنى ئۇرۇشقا تارتىنماي قول كۆتۇرگەن <ئاشۇ > بىلەن سوقىشىپ كەتتى. M=EV^Tw-=  
- بولدى قىلىڭلار ،- دىدىم مەن تەمكىنلىك ، ئىغىر تىنىقتا ،- ئامىنە ،بۇگۇنكى بۇ بىر < تەستىكىڭىزنى > ئۇنتىپ قالمايمەن. سىزگە دەي ، سىزنىڭ ئىرىڭىزنى تارتىۋىلىش، ياكى باشقا مەخسەت مەندە قىلچە يوق . چۇنكى مەن ئۇنى ئاللىقاچان سىزگە قوش قوللاپ تۇتقۇزغان. ئارتۇقچە غەم تارتىشىڭىزنىڭمۇ ھاجىتى يوق. بوپتۇ، بۇگۇنكى بۇگۇنمۇ بۇ خورلىقنى كۆتۇرۇپ كىتەي، بۇنچىلىك ئازاپ مەن ئۇچۇن ھىچنىمە ئەمەس، قانچە ئازاپنى تارتمىغان دەيسىز، ھە راسىت ، بالىڭىزنى ئىلىپ كىتىڭ ، مىنىڭ بالا باققىدەك چولۇم يوق ، بولۇپمۇ ئەنۋەر بىلەن سىزنىڭ -دىدىم مەن كەسكىن قىلىپ. "`[4(j  
        مەن دەيدىغاننى دەپ بولۇپ ، دوستۇمنىڭ قولىدىن تارتقىنىمچە ئىلىپ ماڭدىم . يولدا كىتىپ بارىمەن . قەدەملىرىم تولىمۇ ئىغىر. كۆزلىرىمدە ياش لىغىلداپلا تۇرىدۇ. ھىلىلا يىغلىۋىتىدىغاندەك قىلاتتىم. بىراق مەن ئۆزۇمنى تۇتىۋالدىم ، ياتاققا كىردىم . ھىچكىم يوق . ياتاققا كىرىپلا ئۆزۇمنى بىسۋالالماي يىغلاپ ، مىھرىبانغا ئىسىلىپ ، ئىسەدەپ يىغلاپ تاشلىدىم.بۇگۇنكى بۇ بىر تەستەك ماڭا تولىمۇ ھار كەلگەن ئىدى. قانچىلىك ۋاقىت كۆزيىشى قىلدىم بۇنىمۇ بىلمەپتىمەن . گەرچە يىغلاپ ئىچىم بوشاپ قالغان بولسىمۇ ، يۇرىگىم زەرىد بىلەن ئىيچىشۋاتاتتى. يىغامنى توختىتىپ ، كارۋىتىما چىقتىم . كۆزلىرىمدىن يەنە مۇڭ يىغا توختىماي چىقىۋاتاتتى. ....... "T>;wyGW  
كەچمۇ كىردى . ياتاقتىكى ھەممە قىز ئىغىر ئۇيقىغان كەتتى، بىراق مىنىڭ كۆزۇمگە ھىچ ئۇيقۇ كىلدىغاندەك ئەمەس. ئىچىم سىقىلىپ تولىمۇ بىئارام بولۋاتاتتىم. كەچتىكى بۇ تىنىچلىق مىنى ھەر خىل خىيالغا باشلاپ كىرەتتى. مەن ئەمدى بۇ شەھەرگە كىلىپ كۆرگەن كۇنلىرىم ھەم مۇھاببەت كەچمىشىم كۆز ئالدىمدىن بىرمۇ -بىر ئۆتۇشكە باشلىغان ئىدى. `2HNQiK'@  
        ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنجى يىلى ئىدى.بۇ شەھەرگىمۇ خىلى ئۆزلىشىپ قالدىم ھەم كۆنۇپمۇ قالغان ئىدىم . سىرىتلارغىمۇ ئۆزۇم يالغۇز چىقىپ ئايلىنىپ كىرەلەيتىم. مىنىڭ تەقدىرىمنى ئۆزگەرىتكەن ئاشۇ يەكشەنبە كۇنى .ئۇكۇنى ئۆزۇم يالغۇز بازارغا چىقتىم . مەكتىپىمىزنىڭ ئالدى بۇكۇنى بازار بولاتتى. تولىمۇ قىززىيدۇ بۇ بازار. بۇيەردىن توخو سۇتىدىن باشقىنى تاپقىلى بولىدۇ دىسە ئارتۇق كەتمەس بەلكىم . ئادەملەر مىغ-مىغ ، ھاۋا شۇنچە ئىسسىق ، شۇنداق بولسىمۇ مەن بازار ئايلىنىشنى ئانچە بىزارلىق ھىس قىلمىدىم. يولدا كىتىپ باراتتىم . تۇيۇقسىز دوستۇمدىن تىلفۇن كىلىپ قالدى.< ۋاھ >، باشقا شەھەردە ئوقۇيدىغان يىقىن دوستۇم ئىكەن. شۇنچە ۋاراڭ چۇرۇڭ بولسىمۇ ، ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ كەتتىم. يولدا ئادەم كۆپ ، مەن بولسام ئۇزۇندىن بىر كۆرشەلمىگەن دوستۇم بىلەن بىرىلىپ تىلفۇن پاراڭلىشىۋاتىمەن. تۇيۇقسىز بىرسى بىلەن قاتتىق سوقىشىپ كەتتىم. تاس قالدىم يىقىلىپ چۇشكىلى ، قولۇمدىكى تىلفۇنمۇ يەرگە چۇشۇپ كەتكەن ئىدى. مىنى سوقىۋەتكىنى ياشقىنە بىر بالا ئىكەن.ئۇ ناھايىتى تىزلا : =Zaw>p*H  
- كەچۇرىسىز . بەك ئالدىراش مىڭىپ ، سوقىۋىتىپ قالدىم، دىدى ئۇ خىجىلچىقتا . -8t&&fIA  
-ھىچقىسى يوق ،-ئاران شۇنى دىيەلىدىم. ،- ئۇ يەرگە چۇشۇپ كەتكەن تىلفۇننى قولىغا ئالدى. ھەمدە : 88 DMD"$B  
- كەچۇرۇڭ ، تىلفۇنىڭىز بۇزىلىپ كىتىپتۇ. راستىنلا خىجىلمەن . ،- تىلفۇننى قولۇمغا ئالدىم . راستىنلا تىلفۇنمىم بۇزلىپ كىتىپتۇ ، بىراق بەك چوڭ چاتاق يوقلىقىنى كۆرۇپ ،ئۇنىڭغا : [>:9 #n  
- ھىچقىسى يوق . ئۆزۇم رىمىنۇت قىلدۇرۋالىمەن . KFM)*Icg\8  
- ئۇنداق قىلساق قانداق بولىدۇ. مۇنداق بولسۇن ، بۇ مىنىڭ ئىسىم كارتام ، تىلفۇنىڭىزنى مەن بۇگۇن ئىلىپ كىتىپ رىمۇنىت قىلدۇرىپ بىرەي. سىز ئەتە مۇشۇ نۇمۇرغا تىلفۇن قىلىڭ. سىز نەدە بولسىڭىز مەن ئاپىرىپ بىرەي. قانداق بولامدۇ ؟ -دىدى ئۇ يانچۇقىدىن بىر تال ئىسىم كارتىسىنى چىقىرىپ تۇرۇپ،- ھازىر بەك جىددى ئىشىم بار ئىدى. شۇڭا رەنجىمەيسىز . d{]2Q9g  
       ئۇ شۇنداق دەپلا تىلفۇنىمنى ئىلىپ كىتىپ قالدى. توۋا ئۇ ناھايىتى تىز مىڭىپ ئادەملار توپىغا كىرىپ ، كۆزۇمدىن غاييىپ بولدى. مەن نىمە قىلارىمنى بىلمەي ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ قالدىم . توۋا ، قاراپ تۇرۇپ ناتونۇش بىرسىگە يىڭىلا ئالغان تىلفۇنىمنى تۇتقۇزۇپ قويغىنىمدىن ئەپسۇسلىنىپ قالدىم . ئۇنىڭ ئىسىم كارتىسىغا قارىدىم . شۇنى بىلدىمكى ئۇنىڭ ئىسمى < ئەنۋەر >ئىكەن ، ھەم مۇشۇ بازاردى سودا ساراي ئىچىدە دۇككان ئاچىدىكەن. تىلفۇننى ئۇنىڭغا خاتا بىرىپ قالغاندەك ھىس قىلاتىتىم . كۆڭلىم بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى. بۇ ھالەتتە بازار ئايلانغىممۇ كەلمەي ياتاققا قايىتتىم . ياتاققا كىرسەم ، قىزلار گۇلدەك ياسىنىپ دىسكوخانىغا بىرىش تەييارلىقىنى قىلۋىتىپتۇ. (Lkcx06e  
- ۋۇي ئالىيە ، يالغۇز بازار ئايلىنىپ كىرگەن ئوخشىمامسىز ؟ ،-دىدى ياتاقنىڭ ئەڭ زۇمىگىرى روشەن . !L@a ;L  
-ھەئە ،-دىدىم مەن ئارتۇق گەپ قىلماي. l9{.~]V  
-ئالىيە قىز ، دىسكوخانىغا بارىمىز ، بىللە بارايلىمۇ ؟ لاپپۇر -لۇپپۇر چىراغلار ئارسىدا ياشاپ كىلىمىز . دىدى مەرزىيە. )zo:Bo .<  
- ۋۇي خىنىم ماقۇل دىسلە ، بىللە بىرىپ كىلەيلى . ما بىزنىڭ شەھەرنىڭ يىىتلىرىمۇ خىلى بولۇپ قويىدۇ جىمۇ . شۇ سورۇندا بىرەسىنى تىپىپ ، جۆر قىلىپ قويامدقك تىخى ،-دىدى مۇشۇ شەھەرلىك شەھىدە . ئۇنىڭ بۇ گىپى بىلەن ياتاقنىڭ ئىچى تىتىقسىز كۇلكىلەر بىر ئالغان ئىدى. NH8\&#}nAK  
     ئۇلار شۇنچە گەپ قىلسىمۇ ئارتۇقچە گەپ قىلمىدىم . بۇ گەپتان قىزلار بىلەن قانداقمۇ تەڭ بولالاي. كۆڭلىمدە < سۇكۇتنىڭ ئۆزىمۇ بىر جاۋاپ > دەپ ئويلايتىم . ياتاقتا مىھرىباندىن باشقا ھەممىمىسى گۇلدەك ياسىنىپ ، گىرىملىرىنى تولۇق قىلىپ ، بۇگۇنكى سورۇننىڭ تەييارلىقىنى قىلۋاتاتتى. مىھرىبان بولسا كارۋىتىدا پەرۋاسىز كىتاپ كۆرۇپ ياتاتتى. مەن ئاستا ئۇنىڭ يىنىغا چىقتىم . ھەم ئۇنىڭغا بوش ئاۋازدا بايا بولغان ئىشلارنى ئىيتىپ بەردىم . wD $sKd  
- توۋا ، ساراڭمۇ سەن،-ئۇ چىڭراق قىلىپ ۋاقىرۋەتتى. IoHYY:[-  
-بوشراق گەپ قىلغىنە ،-دىدىم مەن خۇددى بىر نەرسىدىن ئەندىككەندەك . VCvFCyAz  
- نىمە ۋارقىرايسىز ؟ يۇركىمىز ئاجىز جىمۇ ، بوشراق تولاڭ ،-دىدى روشەن . XchVsA  
- ئالىيەنى ساددا دىگىنىمىز بىكار ئەمەسكەن. قاراڭلار ، بۇگۇن بازاردا بىرسى بىلەن سوقىشىپ كىتىپ تىلفۇنى يەرگە چۇشۇپ كىتىپتۇ .سوقىۋەتكىنى ياشلا بالىكەن. ھىلىقى بالا تىلفۇننىڭ بۇزىلىپ كەتكىننى كۆرۇپ ، رىمىنۇت قىلدۇرۇپ بىرەي دەپ ، بىر تال ئىسىم كارتىسىنى تۇتقۇرۇپ قويۇپ ، تىلفۇننى ئىلىپ كىتپتۇ .بۇنداق كالۋا قىزنى قايسىڭلار كۆرگەن. توۋا ،-دىدى مىھرىبان ھاياجانلىپ . ياتاقتىكى ئالدىراش گىرىم قىلۋاتقان قىزلارمۇ ئىشلىرىنى قويۇپ ، مىھرىباننىڭ گىپىگە زەڭ سىلىپ قاراپ تۇراتتى. oP`Qyk  
- راسىت شۇنداق قىلدىڭىزما ؟ ،- دىدى مەرزىيە . W JG8E7  
-راىت سۇنداق بولدى ، مەنمۇ نىمە قىلارىمنى بىلەلمەي شۇ .......،- گىپىمنى .ئاخىرىنى چىقىرالمىدىم . zdN(r 
- ئەخمەقمۇ بولا ، سىزچىلىك بولا ، ئىسىم كارتىسىنى تۇتقىزىپ قويۇپ ، تىلفۇننى كۆتۇرپ ماڭسا، ماقۇل دەپ قاراپ تۇردىڭىزما ؟ ياش بالىمىكەن تىخى . ئىشنەمسىلەر قىزلار، ئۇ چوقۇم < ئوغرى >. يوۋ پاناھ ، ئوغرىلارنىڭمۇ سەۋىيەسى يۇقىرلاپ كىتىپتۇ جىمۇ ؟ ،- دىدى روشەن ئاچچىقلانغان ھەم ماڭا ئىچ ئاغرىتقان تەلەپپۇزدا. ,V ) |A=ml  
- ئەكەلسىلە خان ، ئاشۇ ئىسىم كارتىسىنى ، شۇنىڭدىكى تىلفۇن نۇمرىغا بىر تىلفۇن قىلىپ باقاي . قايسىڭلار ئۆتىشسىلەر . بۇ نۇمۇر يا <توختىتىلغان> ، يا بولمىسا < ئىتۋىتىلگەن >،-دىدى شەھىدە. rSNaflYAr  
      قىزلارمۇ ئارتۇقچە ئىپادە بىلدۇرمىدى. ،منمۇ بىر نەرسە دىيەلمىدىم . ئۇ تىلفۇن قىلدى، كۆڭلىمىدە ئۇنىڭ دىگىندەك چىقماسلىقىنى ئۇمۇت قىلاتتىم . ئەپسۇس ، تولىمۇ ئەپسۇس . دەل شۇنداق چىقتى ئەمەسمۇ . توۋا بۇ قىزلار داخاندەكلا گەپ قىلدىكەن ئەمەسمۇ ؟ مەن قايتا - قايتا ئاڭلىدىم . راستىنلا < ئىتۋىتىلگەنكەن>. دادام تىخى يىڭىلا ئىلىپ بەرگەن تىلفۇنىمدىن ئايرىلىپ قالدىغانلىقىمنى ئويلىمان ئىدىم . كۆڭلىم تولىمۇ يىرىم بولدى. ئاتا- ئانامغا ئەمدى نىمە دەرمەن. شۇ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئويلىغانلىرىم تولىمۇ جىق ئىدى. 7DW HADr  
شەھەدە يەنە گەپ باشلىدى: f^@D uI  
- ئالىيە قىز ، دادىللىرى بۇغداي ، قوناق سىتىپ ئىلىپ بەرگەن تىلفۇنلىرىنى ئاشۇ شاش يىگىتكە ئۆز قوللىرى بىلەن تۇتقۇزۇپ قويۇپلا . ئەمدى ئۇ شاش يىگىت سىتىپ ، مۇھاببىتىگە راڭپىزا ئىلىپ بىرىدۇ. ئىشنەمسىز بۇنىڭغا ؟ سزنى كىچىكمىكى دىسە ئۇنداق ئەمەس، چوڭمىكى دىسە قىلىپ يۇرگەن ئىشىڭىز مانا مۇشۇنداق . سەل كاللىڭىزنى ئىشلىتىپ ياشاڭ ! بۇ سىزنىڭ سەھرايىڭىزدىكى ساددا كىشلەر ئەمەس. شەھەرنىڭ كىشىلللىرى ھازىر ياشاش ئۇچۇن < ھەم شاش ، ھەم تاش > بولۇش كىرەك دەپ يۇرۋاتىدۇ. تىلفۇنغۇ ئاددىيلا نەرسە لىكىن ، بۇنىڭدىن كىيىن سىزنى كىملەرگە مۇشۇنداق ئالدىنىپ يۇرمەيدۇ دىيەلەيمىز . ساددىلىقنڭمۇ ھىسابىدا بولغىنى ياخشى. PsyXt5Dk  
دىمىسىمۇ ئۇنىڭ دىگىنى ئورۇنلىق ئىدى. ھەقىقەتەن شەھەرنىڭ كىشىللىرى بىلەن ئاشۇ يىراقتىكى سەھراھىمنىڭ پەرىقى زور ئىدى. ئوخشاشلا گۆش، ئۇستىخانندىن يارالغان ئىنسانلارنىڭ خۇي پەيلى ، ياشاش ئۇسۇلى تامامەن ئىككى دۇنيا . تەبىئى موھىت كىشلەرنى شۇنداق قىلىپ قويدىغان ئوخشايدۇ. ]+@I] \S4  
- بولدى قىزلار ، ھازىر باردىغان يەرگە بىرىۋىرەيلى. ئەتە دەرىستىن چۇشۇپ ، ئادىرىس بويىنچە ئىزدەپ باقايلى.،-قىزلار ماقۇل بولۇشتى. شۇنداق قىلىپ مەن بىلەن مىھرىباندىن باشقا ھەممىسى دىسكوخانىغا قاراپ كىتىپ قالدى. مەن مىھرىباننىڭ تىلاۇنىدا ئۇ ئالدامچىغا توىتىماي تىلفۇن قىلاتتىم . ئوىشاشلا بىر گەپ < ئىتۋىتىلگەن > . YiTVy/  
     كەچمۇ كىرى . قىزلار ھىرىپ قايتىپ كەلدى. WXJ%hA  
-قانداق تىلفۇن ئىلىندىما ؟ -، سورىدى مەرزىيە . IF <<6.tz  
- ياق . يەنىلا ئىتىككەن . g I@I.=y  
- بوپتۇ ، ئەتە بىز ئىسىم كارتىسىدىكى ئادىرىس بىلەن ئىزدەپ باقايلى. ئۇمۇ يالغان بولسا ، بىر تىلفۇندىن ئايرىلىپتىمەن دەپ بىلىڭ . -دىدى روشەن. A%% Vyz  
         ئەتىسى چۇشتە دەرىستىن چۇشۇپ ، ئادىرسى بويىنچە ئۇنىڭ دۇككىنى ئىزدىدۇق . توۋا ناھايىتى تىزلا تاپقان ئىدۇق . بىراق دۇككان تاقاغلىق ئىكەن. قوشنىللىرىدىن سودىدۇق. ئۇ تۇنگۇن چۇشتە چىقىپ كەتكەنچە دۇككاننى ئاچماپتۇ. نىمە ئىش بولغىننىمۇ بىلمەيدىكەن. ئۇ بالىنىڭ ئىسمى راستىنلا ئەنۋەر ئىكەن.مەن بۇ ئىشنى ئىنىقلىغاندىن كىيىن ، تۇنگۇنكىدەك بىسەرەمجان بولمىدىم . چۇنكى ئۇنىڭ دۇككىنى بار ئىكەن. ھەرقانچە بولسىمۇ مىنىڭ تىلفۇنىمغا قاراشلىق ئەمەس. ھامان بىر كۇنى ئۇنى تاپالايتىم ھەم تىلفۇنىمنى قايتۇرۋالالايتىم . مانا بىر ھەپتىمۇ ئۆتتى، يەنىلا خەۋەر يوق . ئىككى ھەپتىمۇ ئۆتتى. يەنىلا خەۋەر يوق . تىلفۇنى يەنىلا ئىتىك ئىدى. دۇككىنىغا چىقىشنى بىئەپ ھىس قىلغان ئىدىم . ?m:,hI  
بىر كۇنى چۇشتىن كىيىن دەرىستىن چۇشۇپ ، ئادەتىم بويىنچە ئۇنىڭغا دوستىمنىڭ تىلفۇنىدىن تىلفۇن قىلدىم . توۋا ، بۇ قىتىم تىلفۇنى ئۇلىنىپ قالدى. ھەيران قالدىم .ئانچە ئۇمۇت بىلەن قىلمىغان بولغاچقا دەماللىققا نىمە دىيىشنى بىلەلمىدىم . تىلفۇننى خىلى ئۇزۇندا ئالغان ئىدى. 9=p/'d8  
- ئەسسالامۇئەلەيكۇم ]5:0.$5  
- باركەنسىز ھە . ئۆلدىمىكى دەپتىمەن. ،-دىدىم مەن ئۇنىڭ سالىمىنىمۇ ئىلىك ئالماي . :a'[ 4w  
-كىمۇ سىز ؟ j5bp )U  
- كىم دەمسىز ؟ مەن شۇ سىزگە تىلفۇننى بىرىپ ، تاپالماي يۇرگەن ئەخماق قىز . V8" m_  
سەل تۇرۋالغاندىن كىيىن: ^#)]ICV  
- ھە ، سىزمىدىڭىز ؟ كىمكىن دەپتىمەن. مەنمۇ دەل تىلفۇنىڭىنزى كۇتۇپ تۇراتتىم . تىلفۇنىڭىزنى رىمنۇت قىلدۇرۇپ قويدۇم . نەدە سىز مەن ئاپرىپ بىرەي .ھە راسىت . بىر تىلفۇن ئۇچۇن شۇنچە ئۇلۇغ سالىمىز بولغان < ئەسسالامۇئەلەيكۇم > غىمۇ جاۋاپ بەرمىدىڭىز . بوپتۇ . نەدىلكىڭىزنى دەڭ . مەن ھازىرلا ئاپرىپ بىرەي. hmr2(f%U  
مەن ئۇشۇق گەپ قىلماي ، بار ئورنىمنى دەپ بەردىم . راسىت گەپ قىلغاندا مەن ئاشۇ كۇنى ئۇنىڭغا ئانچە دىققەت قىلماپتىكەنمەن . قانداق تونىۋالارمەن دەپ خىيال قىلىپ تۇرسام ، بىرسى جىندەكلا ئالدىمدا پەيدا بولدى . -~WDv[ [  
- مانا تىلفۇنىڭىز . سىناپ بىقىڭ . ياخشى رىمىنۇت قىلدىمىكىن ، تازا بىلەلمىدىم . ،- دىدى ئۇ ناھايىتى ھەمىمى تەلەپپۇزدا. Q> J9M` a  
- بولدىلا ، ئىككى ھەپتىدىن بۇيان يىنىڭىزدا تۇرۇپ چوقۇم ياخشى رىمىنۇت قىلىدى ھەقاچان. دىدىم مەن تەنە ئارلاش. 7~m[:Eg6[s  
- ئۇنچىلىكمۇ دەپ كەتمەڭ. ئۆيدە ئۆلۇم ئىشى چىقىپ قالغاچقا ، مۇشۇنداق بولۇپ قالدى. كەچۇرسىز ھە ، خوش،- ئۇ شۇنداق دەپلا كىتىپ قالدى. R 9b0D>Lxt  
        تولىمۇ ئالدىراڭغۇلۇق قىلىپ ، دىلى ئازاپقا تولغان بۇ يىگىتكە ئازار بىرىپ قويغىنىمدىن ئەپسۇسلىنىپ قالدىم . كۆڭلىم بىر قىسمىلا ئىدى.بىر تىلفۇن ئۇچۇن باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىپ قويغىنىمدىن ئۆزۇممۇ بىئارام بولۋاتاتتىم . مۇشۇنداق بىئارام بولۇپ ، كەچلىك مۇزاكىردىنمۇ چۇشتىم . ئۇنىڭدىن كەچۇرۇم سوراش ئۇچۇن ، تىلفۇن قىلماقچى بولدۇم ، ھەم بۇ خىيالىمنى مىھرىبانغا ئىيىتتىم . ئۇمۇ شۇنداق قىلشىمنى قوللايتى. ئىككىلىنىش بىلەن ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلدىم . Vl%UT@D|  
- ئەسسالامۇئەلەيكۇم eizni\  
-ۋەئەليكۇم ئەسسالام ، ئەنۋەرمۇ سىز ؟ fO t?2Bh  
- ھەئە مەن . ئۆزىڭىز كىم بولىسىز . ms`U,  
- مەن ،-دەپلا توختاپ قالدىم . چۇنكى ئۇنىڭغا ئىسمىمنى دەپ بەرمىگەن ئىدىم . ،- مەن تىلفۇننىڭ ئىگىسى . ئىسمىم ئالىيە . D/b F  
- ھە سىزىكەنسىز دە. بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى. [SU;U['7  
- بۇگۇن سىزگە بەك قوپاللىق قىلدىم . كەچۇرىسىز . 0rCQz3gh1  
- ھىچقىسى يوق . سىزنىمۇ چۇشنشكە بولىدۇ . fRomP-S  
- سورىسام بولامدۇ ؟ ئۆيدىكىللىرىڭىزدىن كىم قازا تاپقان ئىدى. i2l/y,UX  
- ئانام ،- ئۇ ئىغىر تىنىقتا شۇنداق دەپ جاۋاپ بەردى. hkl9 EVO)  
سورغىنىمدىن تولىمۇ پۇشايمان قىلدىم . ئارىمىزدا بىر پەس سۇكۇت قاپلىدى. ئۇ يەنە گەپ باشلىدى : sny$[!)  
- سىزنى سوقىۋەتكەن شۇ كۇنى ئاكام تىلفۇن قىپتىكەن. ئانامنىڭ تۇيۇقسىز كىسىلى قوزغاپ قىلىپ ، جىددى قۇتقۇزۇشتا ئىكەن . مەن شۇيەرگە ئالدىراپ كىتىپ باراتتىم . ;C,t`(  
- ھە مۇنداقكەندە. ،- ئۇنىڭ ئالدىدا تولىمۇ خىجىلچىلىقتا قالدىم . 4n6t(/]b<  
- سىز بۇ يۇرۇتلىق ئەمەس ئوخشايسىز ھە . - ئۇ گەپنى باشقا تەرەپكە بۇرىۋەتتى. =hi{J M  
-ھەئە. بىلىۋاپسىز دە. مەن باشقا ناھىيەدىن . بۇ شەھەرگە ئوقۇشقا كەلگەن . (CInt_dBw~  
- نىمە كەسىپتە ئوقۇيسىز . rr]-$]Q  
- ئەدەبىيات . lx :.9>  
- گەپتانلىقىڭىز بىكار ئەمەسكەن. ، دىدى ئۇ چاخچاق ئارلاش. dF$&fo%  
       مەن ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتىم . ئارىمىزدىكى كۆڭۇل غەشلىكىمۇ تۇگكەن ئىدى. بىرەر قىيىنچىلىق بولسا ئاكىڭىزنىڭ ئورنىدا ئىزدەرسىز دىگەندەك قىزغىن پاراڭلار بىلەن تىلفۇننى قويىۋەتتۇق. r7-H`%.  
كۇنلەر بىر -بىرىنى قوغلاپ ئۆتۋاتاتتى. ئۇنى سىرىتلاردا نەچچە رەت ئۇچىرتىپ قالدىم . ئۇ ئالدىراش بولسىمۇ ئالدىمغا كىلىپ سالام قىلىشنى ئۇنىتمايتى. ئۇ تولىمۇ كىلىشكەن يىگىت ئىدى. ئىگىز بويلىرى ، قوشورما قاشلىرى ئاستىدىكى بىر قۇپ كۆزلىرى تولىمۇ سۇرلۇك كۆرىنىپ ئادەمنى ئەيمىندۇرەتتى. بىز پات-پات تىلفۇن پاراڭلىشىپ تۇراتتۇق. ئۇ دائىم مىنى < شۇمتەك سىڭلىم > دەپ چاقىرىمۇ قوياتتى، مەنمۇ ئاكا دەپ چاقىرىپ قوياتتىم. مەن بۇ شەھەردە ساۋاقداشلىرىمدىن باشقا تونىشىدىغان يات ئادەم دەل ئەنۋەر ئىدى.ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىشقا كۆنۇپمۇ قالدىم .ئۇمۇ بەلكىم شۇنداق بولدى بولغاي ، ماڭا ھەر كۇنى نەچچە رەت تىلفۇن قىلپ تۇراتتى. مەندىن بىر كۇنلىك ئىشلىرىمنى سوراپ ، ئەھۋال ئىگەللەپ تۇراتتى. مەنمۇ باشقىلارغا دىيەلمىگەن كۆڭۇل سىرلىرىمنى ئۇنىڭغىلا دىيەلەيتىم . (/KeGgkhv  
        مەن مۇشۇ كۇندە ئۆزۇمنىڭ قەلبىدە مۇھاببەت سىزىمىنىڭ پەيدا بولۋاتقىننى سىزىۋاتاتتىم . بۇ مۇھاببەت ئاتاق ئاكامغا ئاتىغان مۇھاببەت ئىدى. قانداق قىلىش كىرەك . مەن مۇھاببىتىمنى قەلبىمدە ساقلاپلا قالدىم .بىر كۇنى ئۇ مىنى سىرىتتا كۆرۇشىشكە تەكلىپ قىلدى. مەن چىرايلىق ياسىنىپ چىقتىم . ئۇ مىنى كۆرۇپلا: "x AIK  
- بەك چىرايلىق بولۇپ كىتىپسىز . راسلا جىمۇ . ng:B;; m  
-رەھمەت . ،- يۇزلىرىم قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. ئادەتتە بەك ياسىنىپ كەتمەيتىم . بەلكىم بۇنداق باشقىچە ياسنىۋالسام ئۇنىڭغا غەلىتە كۆرىنىپ قالغان ئوخشايمەن دەپ ئويلاپ قالغان ئىدىم. WOi +y   
بىز بىللە تاماق يەپ ، ئايلىنىپ مىڭىپ خەلق باغچىسىغا كىلىپ قالدۇق . خالى جايدىن ئورۇن تىپىپ ئورۇن ئالدۇق. ئارىمىزنى يەنە سۇكۇت قاپلىدى. مەنمۇ نىمە دىيىشنى بىلمەيتىم. :QIf0*.O  
- ئالىيە سىزگە بىز گىپم بار ئىدى.سۇكۇتنى بۇزۋەتتى. - قانداق دىيىشنى بىلەلمىدىم . مىنى توغرا چۇشنەرسىزمۇ ؟ ^Q9K]Vo  
- نىمە گەپ ئىدى قىنى دەۋىرىڭ . - دىدىم مەن ساددىلىق بىلەن. kQD~v+u {`  
- سىزنى ياخشى كۆرىمەن. راستلا . خالىسىڭىز سىزنى بىر ئۆمۇر بەخىتلىك قىلغۇم بار . ?-JW2 E"uT  
ئۇنى بۇنداق دەر دەپ خىيالىمغا كىرمىگەن ئىدى. ئۇنىم ئىچىمگە چۇشۇپ كەتتى. چوڭراق تىنىشقىمۇ پتنالمىغان ئىدىم . BvP++,a&Sa  
- نىمە بولدىڭىز ؟ خاپا بولدىڭىزما ؟ |_OoD9,M  
     مەن يەنىلا سۇكۇتتە تۇرۇپ قالدىم . u Au'2M,_  
- گەپ قىلىڭە . - ئۇمىنى ئۆزى تەرەپكە تارىتتى. PLq]\y  
-نىمە دىيىشنى بىلەلمەي قالدىم .-گەرچە ئۇنى ياخشى كۆرسەممۇ ، ئالدىراپلا ماقۇل دىگۇم يوق ئىدى. - مەن ئويلنىپ جاۋاپ بەرسەم بولامدۇ ؟ Pq1j  
- قانچىلىك ۋاقىت ئويلىشىپ بولالايسىز ؟ N ;Cs? C  
- يەنە بىر قىتىم كۆرۇشكىچە . Y>x3`f]  
ئۇ ئارقىنى قىلىپ ماڭا يەنە بىر قارىدى دە ، مانا يەنەبىر قىتىم يۇز كۆرۇشتۇق . ئەمدى جاۋاپ بىرىڭە. 1BSn#Dnj  
- ۋايجۇن ، بۇنى دىمىدىم . - بىز كۇلىشىپ كەتتۇق. 6Ev+!!znu  
         ئۇمۇ مىنىڭ تەلىپىمگە ماقۇل بولدى. بىز خىلى ئولتۇرۇپ ئاندىن قايىتتۇق. مەن ياتاققا قايتىپ مىھرىبانغا بولغان ئىشلارنى ئىيتىپ بەردىم . ئۇمۇ ھەيران قالدى. ھەمدە ماڭا ئويلىشىپ بىقىش تەكلىپىنى بەردى.مەن قاتتىق ئويلاشتىم . ئۇ ماڭا كۇندە تىلفۇن قىلىپ ، جاۋابىنى بىرىڭ دەپ تۇرۋالاتتى. شۇنچە ئۇزۇن ئۆتكەندىن كىيىن مەن ئاخىر ئۇنىڭغا < ماقۇل > دەپ جاۋاپ بەردىم . مانا مەن تۇنجى مۇھاببەت ھاياتىمنى باشلىغان ئىدىم . ئۇنىڭغا ماقۇل دىگەن ۋاقتىمدا ئۇ كىچىك بالىدەك بەك خوش بولۇپ كەتكەن ئىدى. a:KL{e[   
شۇ كۇندىن باشلاپ مىنىڭ مۇھاببەتلىك ھاياتىم باشلاندى.ئۇنى بارا- بارا تىخىمۇ بەك ياخشى كۆرۇپ قالدىم . كۇنلەر بىر- بىر-بىرنى قوغلىشىپ ، ئۆتۋاتاتتى. b^ A7R{G7  
      مۇھاببەتلەشكىنىمىزگىمۇ يىرىم يىلچە بولۇپ قاپتۇ. ئۇنىڭ گىپىنى بەك ئاڭلايتىم ئۇمۇ ھەم شۇنداق ئىدى. ئارىمىزدىكى مۇھاببەت ئەڭ پاك،ئەڭ بىغۇبار ئىدى. A@Cvx7X  
سالامەتلىكىم تازا ياخشى بولمىغاچقا ، ئۇماڭا باشقىچە كۆڭۇل بۆلۇپ كىتەتتى. شۇنداق كۇنلەرنىڭ بىرىدە مەن ئىغىر ئاغرىپ قالدىم . ھەم خىلى ئۇزاق ياتاقتا يىتىپ داۋالاندىم . بۇ چاغدا ئۇ ماڭا ئەڭ كۆڭۇل بۆلگەن ئىدى. ئاتا- ئانام يىراقتىن كەلگۇچە ئۇ ماڭا بەكلا غەمخورلىق قىلغان ئىدى. ئۇنىڭدىن بەك خۇرسەن ئىدىم .مەن سەللىمازا ساقايغاندىن كىيىن ، مەكتەپكە قايىتتىم . لىكىن يەنىلا كۆپ ھەركەت قىلسام بولمايتى. تەتىلدە قايتا داۋالىندىغان، ھازىرچە مەكتەپتە ئوقىۋىردىغان بولدۇم . k ~4 o`eA  
      بۇ مەۋسۇملىق ئىنتاھاننىمۇ بەك تەستە بەردىم . ئاتا- ئاناممۇ ئىنتاھان تۇگكىچە مىنىڭ يىنىمدا تۇردى. بۇ ۋاقىت مەن ئۇچۇن ئەڭ تەس كۇن بولدى. چۇنكى ئۇنىڭ بىلەن پەقەتلا كۆرشەلمىگەن ئىدىم . پەقەتلا تىلفۇندا كۆرشەلەيتۇق. ئىنتاھان تۇگكەندىن كيىنلا ئۆيدىكلەر بىلەن يۇرتىقا قايىتتىم . ئۇمۇ بىكەتكە ئارقامدىن چىققان ئىدى . بىراق يىنىمغا كىلىپ خوشلىشىشقا جۇرئەت قىلالمىغان ئىدى. كۆزۇم ئارقىدا قالدى. ئىنىقراق ئىيىتقاندا يۇرىگىممۇ ئارقىدا قالغان ئىدى. 2 ,krVb?<  
       يۇرتىمغا قايتىپ ، ئۆيدىكلەر بىلەن مەسلىھەتى بويىچە بىر ھەپتىدىن كىيىن باشقا شەھەردىكى دوختۇرخانىغا بىرىشقا دىيىشتۇق . ئەنۋەر كۇندە تىلفۇن قىلىشنى ئۇنۇتمايىتتى. ھازىرقى كىسەللىك ئەھۋالىم مەكتەپتىكى چاغدىكىدىنمۇ ئىغىرلىشىپ كىتىپ باراتتى، ئۇ ھەر قىتىم قانداق ئەھۋال سورىغاندا ، ئەھۋالىم ياخشى بولمىسىمۇ ، يەنىلا ئۇنى ئەنسىرمىسۇن دەپ ، ياخشى دەپ جاۋاپ بىرەتتىم . 5a4i)I6 3o  
    شۇنداق قىلىپ بىر ھەپتىدىن كىيىن ، دادام ، ئانام بىلەن بىرلىكتە داۋالىنىش ئۇچۇن باشقا شەھەرگە ماڭدىم . مىڭشىمدىن بۇرۇن ،ئۇ ماڭا غەيرەتلىك بولشىمنى ، كىسەللىكتىن غالىپ كىلشىمنى ، ئۇلاغ اللانىڭ مىنى ئۆز پاناھىدا ساقلايدىننى ئىيتىپ ماڭا كۆپ تەسەللىلەرنى بەرگەن ئىدى. مەن داۋالاندىم . ئەھۋالىم بۇرۇنىقدىن ناچار ئىدى. ئاشۇ كىسەل كارۋىتىدا قىينىلىپ ، ۋايجانلاشلىرىمغا گەپ توغرا كەلمەيتتى. شۇنچە قىينالساممۇ ئۇنى ئويلاشنى ئۇنتىپ قالمايتىم . !Wj`U$];  
        مەن بۇ يەرگە كەلگەندىن ئۇ تىلفۇن قىلىشنى ئازلاتتى ،ھەم تىلفۇن قىلماس بولدى ، بەلكىم مەن ئاتا-ئانام بولغاندىكىن خىجىلچىلىقتا تىلفۇن قىلمىغان چىغى دەپمۇ ئويلايتتىم . ئۇ تىلفۇن قىلمىغانسىرى مەن تىخىمۇ تىت-تىت بولاتتىم . مىنى ھازىر قىيناۋاتقىنى پۇتۇن بەدىنىمنى چىرمىۋالغان كىسىلىم ئەمەس ، بەلكى يۇرگىمدىكى ئۇنى سىغىنىش ئازابى . ئۇنى بەكلا سىغىنىپ كەتكەن ئىدىم . بۇ كىسەل كارۋىتىدىن تىزرەك تۇرۇپ كىتىشنى ، ئۇنىڭ يىنىغا تىزرەك بارغۇم ، ئۇنىڭغا زادى نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلگۇم بار ئىدى. بىراق مەن ئورنىمدىن تۇرالمىدىم ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق . كىسەل مىنى بۇ كارۋاتقا باغلاپ قويدى. ئۇ تىلفۇن قىلمىسا مەن ئۆزۇم ئۇنىڭغا قىلدىم . بىراق ئۇ مەن ئالدىراش دەپلا تىلفۇننى قويىۋىتەتتى. مانا ئەمدىگە كەلگەندە ئۇنىڭ تىلفۇنى توختىتلىپتۇ . ئۆيىنىڭ تىلفۇنىغا قىلسام ئۇمۇ توختىتلىپتۇ . مۇشۇنداق قىلىپ بىزنىڭ ئالاقىمىز ئۇزىلىپ قالدى. مۇشۇنداق بولىۋەرگەچكە ، مەن ساقىيىشقا تۇگۇل ، كىسىلىم تىخىمۇ ئىغىرلىشۋاتاتتىم .بەزى ۋاقىتلاردا مۇشۇ كىسەل كارۋىتىدىن مەڭگۇ قوپالمايدىغاندەكمۇ ھىس قىلىپ قالتتىم . SeuDJxqopD  
        كۇنىم -كۇنىم كۆزىمدىن ياش قۇرمايتتى . يۇرىگىم بىر < شۇملىقتىن > دىرەك بىرۋاتاتتى. مەن بۇ يەرگە كەلگىنىمدىن پۇشايمان قىلدىم . ئۆلىدىغان ئىش بولسىمۇ ئۇنىڭ يىنىدا تۇرغان بولسام ، ئۇنىمە ئىشلارنى قىلۋاتىدۇ ، نىمە ئىشلارغا يولقىۋاتىدۇ شۇلارنى بىلىپ ، ئۆز كۆزۇم بىلەن كۆرۇپ تۇرسامچۇ ؟ # )s +I2  
كۇنلەرشۇنداق ئۆتۇپ كىتىپ باراتتى. بىر يىرىمئاي شۇ يەردە داۋالىنىپ ، سەللىمىزا ساقىيىپ كەتكەندىن كىيىن يۇرتىمغا قايتىپ كەلدىم . مەن مەكتەپكە كىتىشنى ، ئۇنى تىزرەك كۆرۇشنى بەكللا ئۇمۇت قىلاتتىم. ( yoF  
ئۆيگە كىلىپ بىر ھەپتىدىن كىيىن ، مەكتەپكە يىغلىدىغان ۋاخ بولۇپ مەكتەپكە قايىتتىم . ئىلگىرى شۇنداق يىقىن بىلنىدىغان بۇ يول ، بۇگۇن شۇنداق يىراق بىلنىپ كىتىپ باراتتى. ماشىنىمۇ شۇنداق ئاستا مىڭۋاتقاندەك ئىچىمنى سىقۋاتاتتى. مەكتەپكە يىقىنلاشقانسىرى ، ئەنۋەرنى كۆرۇش ئىستىكىم كۇچىيۋاتاتتى. ng9 _c  
       مەن مەكتەپكە ئاخىر كەلدىم . ياتاققا كىرسەم قىزلارنىڭ ھەممىسى كىلىپ بوپتىكەن . مەن ئۇلار بىلەن قىزغىن كۆرۇشىپ ، ئەھۋال سورىشىپ كەتتۇق. مەن نەرسە كىرەكلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ بولۇپ ، ياتاقتا ئەڭ يىقىن ئۆتىدىغان دوستۇم مىھرىباننى بىر يانغا تارتىپ ئەكەلدىم . z\YLO%Mm  
- ئاداش ، مەن ئەنۋەر بىلەن كۆرشىپ كىرەي دىگەن ، بىللە چىقشىپ بىرەمسەن ؟ ئۇ ماڭا بىر ھازا تىكىلىپ قارىۋەتكەندىن كىيىن ،- سىرىتقا چىقىپ پاراڭلىشايلى . دەپ مىنى مەكتەپ گۇللىكىدىكى بىر ئورۇندىقىغا ئەكىلىپ ، ئولتۇرغۇزدى. k> ~D  
- ماڭا گىپىڭ بارمىدى؟ سورىدىم ئۇنىڭدىن . ئۇ سەل تۇرۋەتكەندىن كىيىن گىپىنى باشلىدى . ilZQ/hOBH  
- ساڭا دىمىسەم بولمايدۇ ئاداش ، ھىلىمۇ بۇ گەپنى سەندىن بىر ئاي سىر تۇتۇىپ كەلدىم . ئەمدى بۇ سىرنىمۇ ئاشكارلاي . ئەنۋەر ئۇ .... - ئۇ بۇ گەپنى قىلۋىتىپ گىپىنى توختىتۋالدى . X{:3UTBR  
- نىمە بولدى ئەنۋەرگە بىرەر ئىش بوپتىمۇ ، ئادەمنى تەقەززار قىلماي تىزرەك دىگىنە؟ دىدىم مەن جىددىلىشىپ . A@-U#UvN  
- ئەنۋەر ئۇ بىر ئاي ئىلگىرى توي قىلدى . Df$~=A}  
- نىمە ؟ مەن ئورنىمدىن تۇرىپ كەتتىم . بۇ چاغدىكى ھىسياتىمنى تىل ئارقىلىق ئىپادىلەپ بىرەلمەيتتىم . يۇرىگىم ھىلىلا ئالدىمغا سەكرەپ چىقىپ كىتىغاندەك يۇرىگىم ئىغىپ كەتتى. - بۇ قانداق ئىش ؟ سەن بۇنى قانداق بىلىسەن . مەن مىھرىباندىن سورىدىم . olKM0K  
- ئۇماڭا تويى بولىشتىن ئىككى كۇن ئىلگىرى تىلفۇن قىپتىكەن . ئۆزى ساڭا دىيەلمەپتۇ . ئۇنىڭ ئىيتىشىچە ئۆزىمۇ ناھايىتى تەس كۇندە قاپتۇ . ساڭا دىسە كىسىلىڭنىڭ تىخىمۇ ئىغىرلىشىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن . مىنى ساڭا تەسەللى بىرشىمنى ئىيىتتى. ئاداش بولدى قىل ئەمدى بولدىغان ئىش بولدى . &8I*N6p:%/  
         مەن يىغلاپ كەتتىم . بۇ يەرگە كىىلىپلا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۇشسەم ئۇزۇندىن -ئۇزۇن بىر-بىرىمىزگە قارشىپ كەتسەك دىگەن ئارزۇ -ئارمانلىرىم قىنى . ھەممىسى كۆپۇككە ئايلىنىپ كەتتىمۇ ؟ مەن ئىچ -ئىچىمدىن ئۇن سىلىپ يىغلاپ كەتتىم . بۇ ياشلار كۆزىمدىن ئەمەس ، يۇرىگىمدىن چىقۋاتاتتى. مەن مىھرىباننىڭ گىپىگە ئىشنەلمىدىم . ئۇماڭا چاخچاق قىلۋاتقاندەكلا بىلنىپ كەتتى. بىراق بۇ راستە . ئۆزۇمنى ئالدىيالمايمەن دە.. a'd=szt  
مىھرىبان ماڭا كۆپ تەسەللىلەرنى بەردى. بۇ كۇنلىرىم يىغىلاش ، ئاھ ئۇرۇش بىلەنلا ئۆتۇپ كىتىپ باراتتى. شۇنداق قىلىپ مەن بىر ھەپتىنى ئۆتكۇندىم . مىھرىباننىڭ بارما دىگىنىگە ئۇنىماي مەن ئەنۋەرنى دۇككىنىغا ئىزدەپ باردىم . TD78&a#  
       مەن بارغاندا ئۇ دۇككىنىدا بار ئىكەن . ئۇ خىرىدارلارغا شۇنچە قىزغىن مال سىتىۋىتىپتۇ . مەن نىرىدىن ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتىم . قارىماققا ئۇ شۇنچە خۇشالدەك كۆرنەتتى. خرىدارلار ئازلىغاندا مەن ئۇنىڭ ئالدىغا باردىم . ئۇ مىنى كۆرۇپ تامدەك تاترىپ كەتتى . بىر بىر ھازا بىر- بىرىمىزگە قاراپ قىتىپلا قالدۇق . ئاردىن مەن ئۆزۇمنى ئوڭشىۋىلىپ ، ئۇنىڭغا : . g-  HB'  
- تويىڭىز بوپتۇ ، مۇبارەك بولسۇن . ھەنىم بولسا دوسلىرىمدىن بولسىمۇ خەۋىرىڭىزنى يەتكۇزۇپسىز ! رەھمەت! بەخىتلىك بولۇڭ !!! مىنىڭ دەيدىغىنىم مۇشۇلا . ئەمسە خوش . مەن ئارقامغا بۇرىلىپ مىڭىشقا تەمشەلدىم . ئۇ بىلكىمدىن تۇتۋالدى . بەلكىم ئۇنىڭ ماڭا دەيدىغان گىپى باردۇر . بىراق مىنىڭ ئاڭلىغۇم يوق . مىنىڭ مۇشۇنچىلىك ئازاپلانغىنىمنىڭ ئۆزىمۇ يىتەر. مەن ئۇنىڭ قولىنى سىلكىۋىتىپ ، چىقىپ كەتتىم . پۇت قولۇمدا زادى جان قالمىدى. يولنى ئاران - ئاران پەرىق ئىتىپ كىتىپ بارىمەن . كۆزلىرىمدىكى بۇ ئىسسىق ياش ، ھازىرلا سارقىپ چۇشىدىغاندەك قىلاتتى. f{u S  
        شۇ كۇندىن باشلاپ ، سىرىتلارغا كۆپ چىقمايدىغان ، كۇنلىرىم ياتاق -سىنىپ - كۇتۇپخانىلاردا ئۆتكۇزىدىغان بولدۇم . ئازاپلانغانسىرى ئۆزۇمنى كىتاپ كۆرۇشكە ، جىق ئىشلارنى قىلىشقا زورلايتتىم . ئۇنى ئويلاپ قالساملا ئازاپلىنىپ كىتەتتىم . ئۇنى ئويلىماسلىققا ، ئۇنى ئۇنتىشقا تىرشاتتىم . بىر نەچچە  كۇن ئۆتكەندىن كىيىن ،  ياتاقتا ئولتۇرسام تىلفۇن كىلىپ قالدى ، كىمكىن دىسەم ئۇ ئىكەن . ئۇ تىلفۇننى ، قويۋەتمەي تۇرۇڭ دەپلا ئالغان ئىدى. G<]@nP{P  
- بىرەر ئىش بارمىدى. قوپاللار تەگىدىم . aj=-^iGG  
- سىز بىلەن كۆرشەي دىگەن . P@% L.y B  
-ۋاقىتىم يوق ،- شۇنداق دەپلا تىلفۇننى قويىۋەتتىم. ='@ k>Ka+  
شۇنىڭدىن كىيىن تىلفۇن قىلىپ تۇردىغان بولدى . تىلفۇنىمنى ئىتۋەتسەم ، ياتاقنىڭ تىلفۇنغا قىلاتتى. ئىشنىقىلىپ مىنى بەكلا بىزار قىلۋەتتى. ئاخىر مەن ئۇنىڭ بىلەن ئازراق بولسىمۇ پاراڭلىشىپ ، تۇردىغان بولدۇم . شۇنىڭدىن كىيىن بىر ئادەتىكىدەك پاراڭلىشىدىغان ، خۇددى ئۇ توي قىلمىغاندەك ، خۇددى بىز مۇھاببەتلىشىدىغاندەك پاراڭلىشىپ ، كىتەتتۇق. كۆڭۇل دىگەن ساراڭ دە . مەن ھەر قىتىم ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقىنىمدا بۇ ئاخىرقى قىتىم دەپ ئويلاپ پاراڭلىشاتتىم . بىراق يەنە داۋاملىق ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ قالاتتىم . ئۇ ھەر قىتىم تىلفۇن قىلغاندا توي قىلغىنىغا پۇشايمان قىلدىغىننى ، مىنى يەنىلا ياخشى كۆردىغىننى ئىيتاتتىم . مەنمۇ ساراڭ بولۇپ قالغان ئوخشايمەن . ئۇ شۇنداق گەپلەرنى قىلىپ مىنى بەزلەيتتى. مەن ئۇنىڭ گەپلەردىن ئىرىپ كىتەتتتىم . )1$H 7|  
مەن نىمانچە ئەخمەق . ئۆزۇمنىڭ ئەخماقلىقىنى بارا -بارا بىلىپ يىتۋاتاتتىم . قىزلار نىمانچە ئەخمەقتۇ . ئۆزۇمنى ئازاپلاپ ، ئۆزۇمنى بەزلەپ كىلۋاتاتتتىم . بۇمنىڭ ئەسلىم ئەمەس ئىدى. y\[q2M<  
      كۇنلەر مۇشۇ تەرىقىدە ئۆتۇپ كىتىپ باراتتى. شۇ كۇنلەردە ئەنۋەرنىڭ يىقىن دوستى ئەكبەر مىنى ئىزدەپ كىلىپ قالدى. بىز پاراڭلاشتۇق .، ئۇ نىڭ روھى شۇنچە چۇشكىن ئىكەن . 1&vR7z]*  
-ئالىيە سز ئەنۋەر بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرۋىتىپسىز ھە ! 3o"l sly  
- سىزگە كىم دەيدۇ . ئۇ ئۆزى دىدىمۇ ؟ سورىدىم ئۇنىڭدىن . 7xR:\FBa^  
ئۇ باش لىڭشىتىپ قويدى. مەن سىزگە بىر ھەقىقەتنى ئىيتىپ بىرەي دەپ كەلدىم . ئۇ بىر ھىكايىنى باشلايدىغاندەك قىلاتتى. vZs~=nfi#|  
- قىنى دەڭ . ئاڭلاشقا تەييارمەن . }*O8]lG  
- ئەنۋەر توي قىلغان قىز بالىنىڭ ئىسمى ئامىنە . 4vND ~9d  
- بىلىمەن . :-قىتىپ قويدۇم c#>:U,j  
- ئۇمىنىڭ 3 يىللىق مۇھاببىتىم ئىدى. A PrrUo  
- نىمە ؟ ھەيران قالدىم . ئۇنىڭ بۇگىپىگە ئىشەنگۇم كەلمىدى. چاخچاق قىلماڭ . ئەنۋەر ھەرقانچە بولسىمۇ سىزدەك يىقىن دوستىغا خائىنلىق قىلماس . t:v>W8N53  
ئۇ ئىغىزىنىڭ ئۇچىدىلا كۇلۇپ قويۇپ گىپىنى دۋاملاشتۇردى . - مۇشۇ كۇنلەردە مەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بولۇپ قالدىم . ئامىنەنىمۇ تۇزۇك ئىزدىشەلمىدىم . بىراق ئۇنى شۇنداق ياخشى كۆرەتتىم . ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشنىمۇ دىيشىپ بولغان ئىدىم . بىراق دوسلىرىم ماڭا ئۇ ئىككىسىنىڭ توي خەۋىرىنى يەتكۇزدى. مىڭەمدىن تۇتۇن چىقىپ كەتتى. ئەگەر مەن مۇشۇ يەردە بولغان بولسام چوقۇم بىرسىنىڭ قارنىنى چۇۋۋىتەتتىم . بىراق .... ئۇنىڭ كۆزىدىن ياش تامچىلاپ چۇشتى. بىر ئوغۇل بالىنىڭ كۆزىدىن ياش ئاقمىقى ئاسان ئەمەستە. ئۇ يەنە گىپىنى داۋاملاشتۇردى.  
- ئەسلى سىزنى تونىمايدىغان كۇنلەردە ، مەن ئۇ قىزنى ئەنۋەر بىلەن تەڭلا ياخشى كۆرۇپ قالغان ، ئۇ يەسلى ئوقۇتقۇچىسى . بىراق كىيىن ئۇ مىنى تاللىغان ئىدى. شۇ كۇنلەردە مەن ئەنۋەرگە يۇز كىلەلمەيدىغاندەك ھىس قىلاتتىم . كىيىن ئۇ سىز بىلەن تونىشىپ ، سىز بىلەن ئارلاشتى. شۇ چاغدا مەن خوش بولغان. بىراق ئۇ ئىككىسى توي قىلدى .ھازىر ئامىنەنىڭ بويىدا بار ئىكەن . 8~9 ئايلىق بوپتۇ.پات يىقىندا تۇغىدىكەن . بوپتۇ ، بەخىتلىك بولسۇن . +_QcLuV,  
- نىمە ؟ يىقىندا تۇغىدىكەن . توۋا ئۇلار تىخى توي قىلغىلى 5 ئاي بولدىغۇ ؟ ئەمدى مەن ئىشلارنىڭ داۋامىنى ئويلاشقا جۇرئەت قىلالمىدىم . ئەنۋەرگە چەكسىز نەپرىتىم ياغدى . ئاشۇ كۇنلەردە مىنى ئالدىغانلىرىنى ئويلىسام ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇپ كىتەتتىم . 52^,qP'6  
       بۇگۇن ئەكبەرنىڭ كىلىشىدىكى مەخسىتى مەن بىلەن ئارلىشىپ ، ئاشۇ ئىككى ۋاپاسىزنىڭ ئاچچىغىنى كەلتۇرۇش ئىكەن . مەن قانداقمۇ ئۇنداق قىلالاي . ئاشۇ ئىككىىسى قىلغان پەسلىكنى مەن قانداقمۇ داۋاملاشتۇراي . ; 7QG]JX  
- كەچۇرۇڭ ، ئەكبەر . مەن ئالىيە ، ئاددى بىر سەھرا قىز ئالىيە . ھەرگىزمۇ ۋىجداننى قايرىۋىتىپ ئۆزۇم ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ دوستى بىلەن يۇرەلمەيمەن . ئۇلاردەك پەسلىكنى قىلمايمەن . ئۆزۇمنىڭ پاك مۇھاببىتىنى يۇرىگىمنى چوڭقۇر قاتىلىمىدا ساقلايمەن . گەرچە ئۇ ماڭا يۇزسسزلىك قىلغان بولسىمۇ ، مەن ئۇنى ياخشى كۆرگەن ، كۆڭۇلمنى ئۇنىڭغا ئاتىغان . نەپرەتلەنسەممۇ ، ئۇنىڭدىن ئۆچ ئىلىش ئۇچۇن سىز بىلەن يۇرەلمەيمەن . /gex0 w  
ئۇ گىپمنى ئاڭلاپ ، بىشىنى تۆۋەنسىلىپ تۇرۇپ قالدى . ئۆزىنى خاتا چۇشنىپ قالماسلىقىنى ئىيىتتى، مەن چۇشنىپ تۇرىپتىمەن . ئۇ مۇ ماڭا ئوخشاش دەت تارىققۇچى، ئۇنىڭ كۆلىنى تامامەن چۇشنىپ تۇرىپتىمەن. ئۇنىڭغىمۇ ھىسداشلىق قىلاتتىم . بىز بارلىق گەپلەرنى دىيشىپ بولۇپ خوشلىشىپ كىتىپ قالدۇق . =h+-1zp{M^  
      مەن مەكتەپ تەرەپكە قاراپ كىتىپ قالدىم . مەن مەكتەپكە قايتىپ كىلىپ ، نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلىدىم . ئۇنىڭغا بەرگەن شۇ پاك كۆڭلىمگە تولىمۇ ئۇۋال بولغىننى ھىس قىلىپ يەتمەكتە ئىدىم . يۇرىگىم ئىيچىشىپ كەتتى. بۇ ۋاپاسىزنىڭ ئىغىزىدا سىزنى ياخشى كۆرىمەن دەپ يۇرگىنى بىلەن ، مىنى شۇ سۆيگۇمنى خارلاپ سىرىتلاردا خەخ بىلەن ئىغىز بۇرۇن يالشىپ يۇرگىنىدىن يۇرىگىم پۇچىلناتتى. ئاشۇ ۋىجدانسزىغا بەرگەن كۆڭلىمدىن ئىچىناتتىم . kf#S"[/E  
      ئاخىر ئويلاش ئارقىلىق ، بىزنى يەنى ئەنۋەر بىلەن مىنى باغلاپ تۇرۋاتقان مۇشۇ تىلفۇننى ئىشلەتمەسلىكىنى ئويلىدىم . مۇشۇ تىلفۇنلا يوقىسا ، ھەممە ئىش تۇگەيدۇ دەپ ئويلاپ ، ئۆيدىكلەرگە يالغان گەپلەرنى قىلىپ يۇرۇپ ، تىلفۇنىمنى ئىشلەتمەيدىغان ، بىرەر ئىش بولسا ياتاقىنىڭ تىلفۇنىغا قىلىشنى ئىيىتتم . ئۇلارمۇ ماقۇل بولدى . بىراق مەن ئىشنى ئاددى ئويلاپ قاپتىمەن . ئۇ ياتاقنىڭ تىلفۇنىغا تىلفۇن قىلىپ ھارمايتتى. ياتاقتىكى قىزلار بىلەن ئۇرشىپ ، دىمىگىنى قالمايتتى. ياتاقتىكى قىزلارمۇ ئەھۋالنى بىلگەچكە ، ماڭا ئارتۇق گەپ قىلمايتتى، ئۇ قىلغان تىلفۇنلارنى ئۆزلىرى ئامال قىلىپ ، بىر تەرەپ قىلالايتتى. مەن تىلفۇن ئالمىغانسىرى ، ئۇ شۇنچە قىرشىپ تىلفۇن قىلاتتى. شۇنداق بولغاچقا ، ياتاقتىكى قىزلار مىنى ئۇنىڭ بىلەن بىر قىتىم ، كۆرشىپ ، گەپنى ئىنىق قىلۋىتىشىمنى ، ئاردىكى ئىشلارنى بىرتەرەپ قىلشىمنى ئىيىتتى. مەن ماقۇل بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۇشتىم . &7\fj  
        بىز يەنە ئۇ ماڭا تەلەپ قويغان باغچىدىكى ھىلىقى ئورۇندۇققا بىرىپ ئولتۇردۇق . بىز يەنىلا ئىغىر سۇكۇتتە . ئۇ گەپنى قەيەردىن باشلاپ ، قەيەردىن ئاخىرلاشتۇرىشنى بىلمەيۋاتامدىكىن ، ياكى بولمىسا ، مىنى قايسى ئۇسۇل بىلەن ئالداشنى ئويلاۋاتىدىكىن تاڭ . ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى بىلىپ بولمايتى. ئارىمىزدىكى جىمجىتىلىقنى ، ئۇنىڭ تىلفۇنى بۇزىۋەتتى. ئۇ تىلفۇنغا قارىۋىتىپ ، تىلفۇننى ئالمىدى. ھەمدە تىلفۇنىننى ئىتىۋەتتى. 0%,?z`UY  
- مىنىڭ تىلفۇنىمنىمۇ مۇشۇنداق ئالماپتىكەنسىزدە؟ ئۇنىڭغا تەنە ئارلاش شۇنداق دىدىم . W@zu N)U  
- بۇنداق گەپلەنى دىيىشمەيلى بولامدۇ ؟ سىزبىلەن ياخشى پاراڭلاشقۇم بار . ,f<J4U:Y  
ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىگە ئىشەنمەيتتىم . ئەكبەرنىڭ گپىنى ئويلىساملا ، بۇ ئالدىمدىكى ئادەم قىلىپىدىن چىققان ، ھايۋاننى نەچچە تەستەك سالغۇم بار ئىدى. بىراق مەن ئۇنداق قىلالمايمەن . مەندە ئۇنداق جۇرئەت يوق . ئۇ يەنە گەپ باشلىدى. 1N5lI97j  
- سىزگە نىمىشقا توي قىلغىنىمنى ئىيتىپ بىرەيمۇ ؟ U!E}(9 tb  
- رەھمەت . مىنىڭ ئاڭىلىغىم يوق . بىلگۇممۇ يوق . گەپنڭ قىسقىسى مەن بىلىپ بولدۇم . ئەمدى قىزىقمايمەن . دىدىم مەن . mX?t|:[b  
- ئۇنداق دىمەڭ ئالىيە . راسىت سىزنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن . تا ھازىزغىچە سىزنى بىر كۇنمۇ ئويلىمىغان كۇنۇم يوق . مىنى راستىنلا قارا باستى. ئاشۇ كۇندىكى بىر رومكا ھاراق مىنى ، سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ، ھەم دوستۇمنىڭ ئالدىدا مەڭگۇ باش كۆترەلمەس قىلىپ قويدى . مەن ئىككىلىڭلارغا يۇز كىلەلمەيمەن . سىزنى ئۇنتالمىدىم . قايتا بىر يارالمىشىم بولسا ، يەنىلا سىزنى تاللاپ ، سىز بىلەن مەڭگۇ بىرگە ئۆتكۇم بار. بۇنداق دىسەم ئىشەنمەيسىز . بىراق سىزنىڭ بۇگۇن مەن بىلەن كۆرششىڭىز ، ئاخىرقى قىتىم دىيشىڭىز مۇمكىن ، شۇڭا بۇگۇن ھەممە ، گەپنى ، كۆڭلىمدىكى بارلىق گەپلەرنى دىيۋالمىسام ، بىر ئۆمۇر پۇشايماندا قالدىغان ئوخشايمەن . FPPl^  
      ئۇ نىمە دىسە ، دىسۇن ، ئۇنىڭغا ئىشەنمە ئالىيە . دەپ كۆڭلىمگە تەسەللى بىرىپ ، ئۆز - ئۆزۇمنى بەزلەيتتىم . ئۆزۇمگە تەسەللى بىرەتتىم . مەن بۇيەردىن كەتسەملا ئۇنى ئۇنتىپ كىتىشكە تىرشاتتىم . شۇڭا ئۇ بۇگۇن نىمە دىسە ئاڭلاپ بىرەتتىم . مەنمۇ ئۇنىڭغا ئازراق گەپ قىلىشنى لايىق تاپتىم مەنمۇ ئۇنى ئەمدى ئۇنتىمەن . دەيدىغانلىرىمنى دىۋالمىسام بولمايتتى. P :%b[7  
- سىز مىنىڭ ھىسياتىم بىلەن ئويناشتىڭىز . سىز مىنىڭ تۇنجى مۇھاببىتىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئىنىق بىلەتتىڭىز . سىز شۇنداق قىلىپ قانچىلىك خوش بولدىڭىز . ھازىر ھەممىلا ئىشتا سىز ئۆزىڭىزنى ئاقلاۋاتىسىز . ئەمسە گۇناھ مەندىكەندە . سىز نىمە دەپ مەن يىنىڭزدا ۋاي دەپ يۇرسەم خەخىنىڭ مۇھاببىتى بىلەن ئىزدىشىپ يۇرگەن . مىنى نىملەرنى دىسۇن دەيسىز . سىزدىن نەپرەتلىنىمەن . سىزنى ھەرگىز كەچۇرمەيمەن . ئۇيىغلاپتاشلىدى.           8 @RJ>  
        ئۇنىڭ يىغلىشىنى خالىمايتتىم . ئۇنىڭ ئازاپلىنىشىنى قەتىئى خالىماييتىم . كىممۇ ئۆزى سۆيگەن ئادىمنىڭ ئازاپلىنىشىنى خالايدۇ دەيسىز . ئۇ مىنى ئالدىغا تارتىپ چىڭ قۇچاقلىدى . ئۇنى ئىتتىردىميۇ ، كۇچىم يەتمىدى. ئۇ مىنى تىخىمۇ چىڭ قۇچاقلىدى. كۆڭلىمنى ئىزدەپ چىقسا ، ئۇنىڭدىن مەڭگۇ ئايرىلماي ، مۇشۇنداق تۇرغۇم بار بىراق . بۇ ئەمدى مۇمكىن ئەمەستە. ئۇنىڭ ئايالى بار ، ئۇ پات ئارىدا دادا بولىدۇ . ئۇنىڭغا بەخىت تىلىشىم كىرەك . مەن ئەمدى بار كۇچىم بىلەن ئۇنىڭ قوينىدىن يۇلىنىپ چىقتىم . ھەمدە ئۇنىڭغا : ^+k= ;nl  
- ئەنۋەر ، ئەمدى بىز ئىزدەشمەيلى ، ئەمدى رىئاللىققا تەن بىرەيلى . مەيلى سىز قانداق بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىللدىڭىز ،نىمەئىشلاريۇز بەرگەن بولسۇن ھەممىسى ئۆتۇپ كەتتى. ئەمدى ئەتىڭىزگە نەزەر سىلىڭ .ئۇمۇتۋار ياشاڭ . o` dQ  
        ئىشنىقىلىپ ئۇنىڭغا ياخشى گەپلەرنى قىلدىم . توۋا مەن نىمە بولغاندىمەن . بۇ يەرگە كەلمەستىن بۇرۇن ، ئۇنى تازا تىللىمىسام ، دەپ كەتكەنلىرىم قىنى . رستىنلا بۇ كۆڭلۇم ئادىشىپ قىلۋاتامدۇ نىمە ؟ ئۇ ماڭا قىيالمىغاندەك . ماقۇلمۇ دىمەي ، بىشىنى تۆۋەن سىلىپ تۇرۋالدى . o02G:!gB  
بىز ئەمدى ئىككى يولغا بۆلىنىپ ، كىتىپ قالدۇق . ئەمدى بۇ بىچچارە ناتىۋان كۆڭلىمگە تەسەللى بىرىپ ، ئۇنى ئۇنتىش ئۇچۇن تىرىشمىسام بولمايتتى. مانا بۇ مەۋسۇممۇ يىغلا -قاقشا ئۆتۇپ كىتىپ ، قىشلىق تەتىلگىمۇ قويۇپ بەردى . بۇ ياخشى پۇرسەت ئىدى. بۇ شەھەردىن يىراقلاپ كىتەتتىم . ئۇنى ئۇچىرتىپمۇ قالمايتتىم . مەن تەتىلچە كۆپ تىرشىپ ئۇنى ئۇنتىشقا تىرىشتىم . ئىشنىمەن ۋاقىت ھەمىنى ئۇنتىلدۇرىدۇ . مەن ئۇنى جەزمەن ئۇنتالايمەن . ?IoA;GBg  
مىنى خۇشال قىلغان تەتىلمۇ توشۇپ ، مەكتەپكە يەنە قايتىپ كەلدىم . كۇنلىرىم بىر تەرىقىدە ئۆتمەكتە ئىدى.غەمكىنلىكتىن قۇتلالمايتتىم . كۇلكەممۇ ئازلاپ ، ئەينى چاغلاردىكى ، سەبىئى ، كۇلۇپلا يۇردىغان ئالىيەدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى. شۇنداق كۇنلەرنى ئۆتكۇزۇپ كىلۋاتىمەن . ئۇنى پۇتىنلەي ئۇنتىپ كىتەلمىگەن بولساممۇ بۇرىنقىدەك ئازاپلىنىپ كەتمەيتتىم . ھەمدە شىئىرلارنىمۇ يىزىپ قوياتىتىم : H<P d&  
K8_\U0 K  
 
og&h$ 
ئەسلى سەن يار ئىدىڭ يانىمغا يانداش ، y0/FyQs  
خۇش ئىدىم ئەسلى مەن باغرىڭغا قانغاچ. ]mgpd}Y  
ئازاپقا مۇپتىلا بولدۇم بۇگۇن مەن، >.G#\w  
ياتنى دەپ ۋاپاسز سەن مەندى تانغاچ. U3UA  
475g-t2"@  
چىھرىمدە تەبەسسۇم ئۇزۇلمەس شۇ دەم، W )Ps2  
قولۇمنى تۇتۇپ سەن مىھىرلىق باققاچ. B ?y[ %i  
ئۇچالماس بولدىمغۇ كۆكتىكى قارلىغاچ، 6\-u:dvGI?  
ياتنى دەپ ۋاپاسىزسەن مەندىن تانغاچ. 4mpcI  
.3cD.']%  
سەنمۇ بىر چاغ مەن ئۇچۇن گۇلىستان ئىدىڭ، .WuSW[g  
بۇلبۇلدەك مەن ئۇچۇن كۇي ياڭراتتىڭ . (NJ.\m  
ئەمدى بۇ يۇرەك مۇز بولۇپ قاتتى ، FP*kA_z$  
ياتنى دەپ ۋاپاسىز سەن مەندى تانغاچ. t)~$p#NS  
LX=v _}l J  
BlcsDB =ka  
ۋاپا-مىھىر ئەمدىلىكتە يوقالدى سەندىن، Z5EII[=$o  
سۆيگۇ رىشتىڭ مەڭگۇگە ئۇزۇلدى مەندىن. tAujm*|&  
كۆڭۇل رىشتىمۇ ئۇزۇلدى سەندىن ، ez5>V7Y  
ياتنى دەپ مەن ئۇچۇن ۋاپاسز بولغاچ. :C,}DyZy  
giW9b_  
g@Y]$ey%A  
          ئەنۋەرنىڭ ئايالى بىلەن ئاچىسى كىلىپ مىنى ئىزدىگەن كۇندىن ھەپتە بۇرۇن مۇنداق بىر ئىش بولدى . Q:b0!  
مەنئۆزۇم يالغۇز نەرسە كىرەك سىتىۋىىلىش ئۇچۇن ، مەكتەپتىن يىراق بىريەرگە بارماقچى بولدۇم . چۇش ۋاقتى ئىدى. مەن ئاپتۇبۇسقا چىقىپ ،ئارقا ئىشىككە يىقىن بىر ئورۇننى تىپىپ ئولتۇردۇم . بىر بىكەت ماڭغاندىن كىيىن ، ئاپتۇبۇسقا بىر تونۇش چىراي ئابتۇبۇسقا چىقىپ قالدى . ئۇ ئەنۋەر ئىدى . ئۇ مىنى كۆرۇپ قىتىپلا قالدى .ئۇنىڭ يىنىدا بىر ئايال بار ئىكەن. مەن ئۇنى ئايالى دەپ ئويلىدىم .راستىنلا شۇنداقكەن. ئادەم كۆپ بولغاچقا ، قىستىلىپ مىڭىپ مىنىڭ يىنىمدا ئۆرە تۇراتتى.ئايالىنىڭ قولىدا بالا بار . ئەتراپقا قارىسام، ھەممىسى چوڭ ئادەملەر ، ھىچكىممۇ ئورنىدىن تۇرغىسى يوق ئىدى. مەن ئەخلاقى نىزامىم بويىنچە ئورنىمدىن تۇردۇم دە گەپ سۆزسىز ئۇنىڭغا ئورۇن بوشۇتتۇم. ئىلگىرىمۇ مۇھاببەتتىكى ئورنىمنى مانا مۇشۇنداق گەپ -سۆزسىزلا ئۇنىڭغا بوشاتقان ئىدىم. 0W+RVp=TL1  
- رەھمەت سىزگە ،- دىدى ئۇ مەمنۇنلىق بىلەن . ،- بىراق مەن ئارتۇقچە ئىپادە بىلدۇرمىدىم . ;ZP! :,  
      شۇ پەيىتتە مەن ئەنۋەرگە لاپپىدە قاراپ قويدۇم . كۆزىمىز ئۇچىرشىپ قالدى. مەن باشقا تەرەپلەرگە قارىۋالدىم .تۇيۇقسىز تورمۇز تۇتىلىپ سەلتۇرلىپ كەتتىم . يىقىلىپ چۇشكىلى تاسلا قالغان ئىدىم . ئىسسىق بىر قول بىلىكىمدىن تۇتۋالغان ئىدى. بۇ قول باشقا ئادەمنىڭ ئەمەس ئىدى. مەن ئۆزۇمنى تىزلا ئوڭشاپ ، قولۇمنى تارتىۋالدىم . مەن كۆزلىگەن نىشانىمغا يىتىپ كىلىپ ئۇلاردىن بۇرۇن ئاپتۇبۇستىن چۇشۇپ قالدىم . i<=2 L?[.I  
مەن خىيالى بازار ئايلىنىپ كىتۋاتاتتىم . بىرسىنى قولۇمنى كاپلا قىلىپ تۇتۋالغان ئىدى. ئۇ كەن. ھەيران قالدىم . ئۇمۇ ئاپتۇبۇستىن چۇشۇپ قاپتىكەندە. قولۇمنى تاترىۋالدىم . >!tfvM2X{  
- نىمانداق قىلسىز ، بۇ يەردە ئادەم بار ، سەتلەشمەڭ . بولامدۇ ؟ دىدىم ئۇنىڭغا . 4p6T0II_$  
- سىزگە گىپىم بار . بىز تىخىمۇ ياخشى پاراڭلىشايلى . BJ fBY H,M  
- مىنىڭ سىزگە دىگۇدەك گىپىم يوق . kqq1;Kd  
- مىنىڭ بار . دەيدىغان جىق گىپىم بار .،- ئۇ بولدى قىلدىغاندەك ئەمەس ئىدى. مەنمۇ ئامالسىز ماقۇل بولدۇم . 5~E{bW$  
بوپتۇدەپ ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قىتىم پاراڭلاشتۇق . ئۇ ماڭا بۇ قىتىم ئۆزىنىڭ ئاجىرشىدىغانلىقىنى ، مىنىڭ ئۆقۇشىمنىڭ پۇتىشىنى كۇتۇپ مەن بىلەن توي قىلدىغغىنى ئىيىتتى. مەن ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ قاتتتىق كۇلۇپ كەتتىم . ئۇ كەسكىن قىلىپ : 1Oak8 \G  
- سىز ئىشەنمىسىڭىز قاراپ تۇرۇڭ . پات ئارىدا ، مەن ئاجىرشىپ سىزگە راسىت شۇنداق قىلالايدىغىنىمنى ئىسپاتلايمەن . ئۇ شۇنداق دەپ كىتىپ قالدى. ; 4Xx5*E  
مەن ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ، ئەندىكىپ كەتتىم . راستىنلا شۇنداق قىلارمۇ . ئالماقچى بولغان نىمىللىرىمنىمۇ ئالماي ، ،مەكتەپكە قايتىپ كەلدىم . بۇ گەپلەرنى مىھرىبانغا ئىيتىپ بەردىم . ئۇمۇ قورقىپ كەتتى. ; 
مانا شۇ گەپ راسىت بولدىمۇ نىمە ؟ ئۇ راستىنلا ئاجىراشقان چىغى ، ئۇ ئىككىسى كىلىپ مىنى ئىزدەپ ھارام تايقتىن بىرنى يىدىم . e :_[0#  
mGoC8t}iP  
-------- \{ C ~B;=  
        مەن بۇگۇن ھەممە ئىشنى ئويلىنۋىلپ ، ئەنۋەرنى كۆرشىشكە دىيشىپ قويدۇم . ھەمدە بىر تال <تىغ> ئىلۋىلىشنى ئۇنىتمىدىم . ئۇنىڭ بىلەن كۆرۇشتىم . كۆرىشىپ ، ئۇ ئىككىسىنىڭ مىنى ئىزدەپ كەلگىنىمۇ دىمىدىم . بىراق مەن ئۇنىڭغا ئاجىراشقانلىقىدىن خەۋەر تاپقىنىمنى ئىيىتتىم . ئۇ قىلچە غەمسىز تۇراتتى. مەن ئەمدى ئۇنىڭدىن بۇرۇن گەپ باشلىدىم . XIl#0-E0X  
- سىز ئاجراشتىڭىزمۇ ؟ مىنى نۇمۇستىن ئۆلسۇن دىدىڭىزما ؟ بىلگەن كىشى نىمە دەيدۇ ، بىلمىگەنلەر نىمە دەيدۇ ؟ مەن بىر بەخىتلىك ئائىلىنى بۇزغان بولۇپ قالمامدىم . سزىگە دەي ، ئۇنىڭ بىلەن يارشىڭ بولامدۇ ؟ v3kT~uv  
- سىز ماڭا ئۇ توغرىلۇق گەپ قىلماڭ. ئۇ ئىش سىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز . سىز خاتىرجەم ئوقىشىڭىزنى ئوقۇڭ ! 5 7;( P  
- قانداق خاتىرجەم ئوقىيمەن . سىزگە بۇگۇن ئوچۇق گەپ قىلاي . مەن مەكتەپتىن چىكىنىمەن . ھەم ماڭا بۇنداق جاننىڭمۇ لازىمى يوق . مەن بىر ئۇچىنجى شەخس بولۇپ ، جىمى خەخنىڭ كۆڭىلدىكى پەس بولدۇم . مۇشۇنداق تۇرۇپ مەن قانداق خاتىرجەم بولالايمەن . مىنى نىمانچە قىينايسىز .... مەن يىغلىۋەتتىم . ئۇن -سىلىپ يىغلىۋەتتىم . %+UTs 'I  
         ئۇ يىغامدىن تەسىرلەندى بولغاي ، ماڭا تەسەللى بەردى ، بىراق ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ گىپىدە چىڭ تۇرۋالدى . مەن ئەمدى مەخپى قۇرالىم <تىغ>نى ئۇنىڭغا كۆرسەتتىم . ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن يارشىپ بەخىتلىك ئۆتمىسە ، ئوقۇشتىنمۇ ، ھەممىدىن كىچىپ ، ئۆلۋالدىغىنىمنى ئىيتىپ ، ئۇنى قورقۇتتىم . ئۇ راستىنلا قورقىدى بولغاي . ماڭا ماقۇل بولدى . ئەگەر يالغان سۆزلەپ ھازىر ماقۇل دەپ قويۇپ ، كىيىن بىلگىننى قىلسا ، يەنىلا بۇ جاندىن كىچىدىغىنىمنى ئەسكەرتىپ قويدىم . لىكىن مەن ھەرگىز ئۇنداق قىلمايتىم . چۇنكى ماڭىمۇ جان لازىم دە . ?iHcY,  
ئۇ ماڭا يىغلاپ تۇرۇپ ماقۇل بولدى . ئۇ مىنى مەكتەپكە ئەكىلىپ قويدى . مەن مەكتەپكە كىرىپ كەتتىم . كۇنلەر بىر تەرىقىدە ئۆتتى. ھەپتە ئۆتۇپ ، ئۇ ماڭا يەنە تلفۇن قىلىپ ، كۆرشىشكە تەكلىپ قىلدى ، بىراق مەن ئۇنىمىدىم . لىكىن ئۇ يىنىدا ئايالىنىڭمۇ بارلىقىنى ئىيىتتى، مەن بوپتۇ . دەپ چىقتىم . zn|O)"C  
ھىلىقىنى كۆرگەن قىز شۇ . بىز دوسلاردەكلا يۇز يىقشىپ كۆرۇشتۇق . بىرلىكتە تاماق يىدۇق . مەن ئۇلارنى كۆرۇپ ئىچ -ئىچىمدىن خۇشال بولدۇم . ئۇنىڭ قىزنىمۇ قولۇمغا ئالدىم . ھەي ، ئەسلى ئۇنىڭ بىلەن مىنىڭ قىىزىم مۇشۇ بولغان بولسا ، نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى،ھە !!! بىراق بۇ مۇمكىنمۇ ؟ ئۇلار بىلەن بىلە تاماق يەپ بولۇپ ،مىنى مەكتەپكە ئەكىلىپ قويدى . مەن ئامىنە بىلەن يەنە بىر قىتىم قۇچاقلىشىپ ئايرىلدىم . ئۇلار كىتىم قالدى. مەن ئۇلارنىڭ ئارقىدىن قاراپ قالدىم . ئۇلارغا بەخىت تىلەپ قالدىم . JxM32?Rm*w  
---------------------------------- $:onKxVM  
         ئۇلارنىڭ قارىسى يۈتكىچە قاراپ قالدىم . ئۇ كۆز ئالدىمدىن بارا-بارا يىراقلىشىپ ، غۇۋالاشتى. بىراق قەلبىمدە ئۇنىڭ غۇۋا كۆلەڭگۇسى قالغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ كۆلەڭگۇسى مېنىڭ بىر ئۆمۈر ئەسلىشىمگە يىتەتتى. ئۇنىڭغا بەخىت تىلەيتتىم . ھەم چىن دىلىمدىن بەخىت تىلەپ قالدىم . 3jto$_3'w  
2o W'B^-  
مەنبە: ئۆز قەلىمىم . xr!A>q+@i  
ئەسكەرتىمە : تىمىنى خالىغانچە يۆتكىمەڭ !!! V warU(*  
سەمىمى ئەسكەرتىش : مەزكۇر تىمىنى ئاپتۇرنىڭ ئۆزى دەپ قارىۋالماسلىقىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن .
كۈلۈپ قارا ، كۆز يېشىڭنى كۆرمىسۇن دۇنيا !!!~
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

جەۋھەر: 0
يازما: 695
جۇغلانمىسى: 2940
شۆھرەت: 23 كىشىلىك
تىللا: 723 دانە
توردا: 209(سائەت)
تىزىملاش: 2010-04-07
ئاخىرقى: 2010-09-20
كىرىسلو  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-10 18:37

مەن بۇ يەردىمۇ بار..
سىنڭ خۇشالىقىڭ ، ساڭىلا مەنسۇپ ~
دەرىجە: يىڭى ئەزا

جەۋھەر: 3
يازما: 48
جۇغلانمىسى: 5399
شۆھرەت: 35 كىشىلىك
تىللا: 51 دانە
توردا: 16(سائەت)
تىزىملاش: 2010-04-12
ئاخىرقى: 2010-09-20
ئوروندۇق  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-10 18:38

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى hanjar731دە2010-08-10 18:37يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : pJ H@v &a  
مەن بۇ يەردىمۇ بار.. t gHXIr}3  
yU< "tgE  
بىلىمەن . قولۇمدىن يۆتىلەپ ئەكىرگەن سىز تۇرسىڭىز قانداقمۇ ئۇنتىپ قالاي .
«ئۈمىد»   غەلبە دىمەكتۇر
دەرىجە: دانىشمەن

جەۋھەر: 0
يازما: 976
جۇغلانمىسى: 2036
شۆھرەت: 24 كىشىلىك
تىللا: 981 دانە
توردا: 658(سائەت)
تىزىملاش: 2010-03-01
ئاخىرقى: 2010-09-20
پول  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-10 19:05

ئۇقۇپ چىقتىم ، ياخشى ئاخىرلىشىىپتۇ. مۇشۇ ياخشى كۈرۈش دىگەننىڭ ئۆزىمۇ بىر قىزىق . بىر-بىرسىنى شۇنداق ياخشى كۈرۈشىدىكەنۇ، بىر بولسا قىز ئالا كۆڭۈللىك قىلغان ، بىر بولسا ئۇغۇل ئالا كۆڭۈللۈك قىلغان ،بۇ كۈندە تېخمۇ كۆپ بۇلۇپ كەتتىكىن دەيمەن مەلتاڭ كۆڭۈل يىگىتلەرنى . مۇشۇ مەن بىلەن مۇھەببەتلەشكەن قىز، بەخىت تاپامدىكىن دەيمەن .  
دەرىجە: پالۋان

جەۋھەر: 0
يازما: 273
جۇغلانمىسى: 1147
شۆھرەت: 0 كىشىلىك
تىللا: 273 دانە
توردا: 89(سائەت)
تىزىملاش: 2010-07-09
ئاخىرقى: 2010-09-20
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-10 19:05

ۋاي خۇدا! خېلى جاپا تارتىپسىز
anka
ئۆزۈڭگە ئىشەن، ئۆزگىلەردىن ئۈمۈت كۈتمە.
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

جەۋھەر: 38
يازما: 1998
جۇغلانمىسى: 21091
شۆھرەت: 45 كىشىلىك
تىللا: 2007 دانە
توردا: 979(سائەت)
تىزىملاش: 2010-03-04
ئاخىرقى: 2010-09-20
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-10 19:30

بەكمۇ ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن ئەجرىڭزگە رەھمەت ...........ئالىيەدەك ۋىژدانلىق قىزلارنى تاپماق تەس جۇمۇ ........سۆيگەن ئادىمىدىن ئايرىلىپ تۇرۇپمۇ ئۇنىڭغا بەخىت تىلەشمۇ ئاسان ئەمەس ...........ئىملاغا دىققەت قىلارسىز ........
قاھارئىلھامى
دەرىجە: يىڭى ئەزا

جەۋھەر: 5
يازما: 17
جۇغلانمىسى: 2047
شۆھرەت: 1 كىشىلىك
تىللا: 17 دانە
توردا: 62(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-09
ئاخىرقى: 2010-09-20
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-10 21:05

راس ياخشى يىزىلىپتۇ....ئاللاھ ئىگەم قىزلىرىمىزنىڭ ئەقلقنى بەرسۇن......يەنە قىزلارنى غورۇر بىلەن قوراللاندۇرسۇن  ئىمان بىلەن ياشاپ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلىغىنى بىلسۇن ...ئەجىرىڭىزگە كوپ رەخمەت..
bilmayman
دەرىجە: چەۋەنداز

جەۋھەر: 0
يازما: 308
جۇغلانمىسى: 2802
شۆھرەت: 4 كىشىلىك
تىللا: 311 دانە
توردا: 556(سائەت)
تىزىملاش: 2010-04-18
ئاخىرقى: 2010-09-15
7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-10 21:38

...خەپ ....ئاخىرىنى ئەتە ئۇقۇمىسام..........
دەرىجە: زېرەكشاھ

جەۋھەر: 0
يازما: 1656
جۇغلانمىسى: 1234
شۆھرەت: 224 كىشىلىك
تىللا: 1665 دانە
توردا: 217(سائەت)
تىزىملاش: 2010-07-03
ئاخىرقى: 2010-09-20
8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-10 21:48

ئاخىرىدىن ئازراق قالدى ئەتە ئۇقاي
anka
دەرىجە: يىڭى ئەزا

جەۋھەر: 0
يازما: 29
جۇغلانمىسى: 4120
شۆھرەت: 0 كىشىلىك
تىللا: 29 دانە
توردا: 284(سائەت)
تىزىملاش: 2010-03-31
ئاخىرقى: 2010-09-20
9-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-11 01:48

           ياخشى يىزىپ سىز