ھىلگەر تۈلكە ئۆزىنىڭ مەقسىتىنى ئاشكارلاپ قويماسلىق ئۈچۈن سۈبىنۇرنى ئەخمىقانە ئىش قىلىپ قويۇشتىن توسۇشقا ئورۇناتتى، ئۇئەمىلىيەتتە سۈبىنۇردىن ئىبارەت كۆڭۈل خۇشىدىن ئارلىپ قىلىشنى ئەسلاخالىمايتتى.
Pi7IBz
-سۈبىنۇر،-سۈبىھ سۈبىنۇرنىڭ ئىككى مۆرىسىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ ئىچىنغان، پۇشايمان قىلغان قىياپەتتە،- مەن ئىزىپتىمەن، مەن ئەسكى، لىكىن مىنىڭ شۇنداقلا ئىككىمىزنىڭ كىچىككىنە خاتالىقىمىز تۈپەيلى ئۆزىڭىزنى نابۇت قىلىۋالسىڭىز بولمايدۇ. مىنى، ئۆزىڭىزنى ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىڭىزنى، دوستىلىرىڭىزنى ئويلىمىسزىڭىزمۇ سىزنى بىقىپ چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشقان ئاتا-ئانىڭىزنى بولسىمۇ ئويلاڭ. سىز ئۇلارنىڭ يۈرەك پارىسى ئۇلار سىزسىز ياشىيالمايدۇ، ئۇلار سىز بولمىسىڭىز تۈگۈشۈپلا كىتىدۇ. سىز بۇنداق بولۇشنى خالىمايدىغانسىز؟- دىگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ ئۇنى ئىرتىمەكچى بولدى.
tw{V7r~n
بايىدىن بىرى ئۆلۈمنىلا ئويلاپ ئولتۇرغان سۈبىنۇرنىڭ « ئاتا-ئانىڭىز»نى دىگەن سۆزنى ئاڭلىشى بىلەن كاللىسى خىلى سەگىپ قالدى. ئەلۋەتتە، سۈبىنۇر ئاتا-ئانىسىغا قىيمايتتى، شۇنداقلا ئۇلارنى دەرت-ئەلەمدە، ھەسىرەت-نادامەتتە قويۇپ كىتىشنى خالىمايتتى. بۇنداق قىلىشقا ئۇنىڭ ۋىجدانى يول قويمايتتى. ئۇ يەنە ئىككىلىنىپ قالدى.
DSb/+8KT
سۈبىھ ئۇنىڭ كۆزىدىن ئۈمىد ئۇچىقۇنلىرىنى كۆرگەندەك بولىدى. ئۆزىنىڭ گەپلىرىنىڭ ئۇنىڭغا تەسىر قىلىۋاتقانلىقىدىن سۆيۈنۈپ ئۇنى يەنە باغرىغا باستى. سۈبىنۇرنىڭ ھالسىز بەدىنى ئۇنىڭغا قارشىلىق كۆرستەلمىدى. سۈبىھ ئۇنى باغرىغا مەھكەم بىسىپ سۈبىنۇرنىڭ نازۇك، يۇمىران مەڭزىگە مەڭزىنى يىقىپ تۇرۇپ:
c^Y&4=>T
-سۈبىنۇر ماڭا ئىشىنىڭ، مەن سىزگە ۋىجدانسىزلىق قىلمايمەن. سىزنى مەڭگۈ قەدىرلەيمەن. بۇنىڭدىن كىيىن كۆزىڭىزدىن بىر تامچىمۇ ياش ئاققۇزمايمەن،- دەۋىتىپ سىزنى بۇنداق ئىشقا ئەمدى زورلىمايمەن دىمەكچى بولدىيۇ، ئۇنىڭ شەھۋەت ئوتى يىنىپ تۇرغان ۋۇجۇدى بۇ سۆزنى دىيىشكە يول قويمىدى.
.~>Uh3S
ئارىنى بىر پەس جىمجىتلىق باسىتى. سۈبىنۇر ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشىلەتتى، ئۇنىڭغا بۇ ئىش تەسىر قىلدىمۇ ياكى تۇنجى قېتىملىقى بولغاچقا بەك ئىغىر كەلدىمۇ ئەيتاۋۇر ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى ھالسىز تىتىرەپ تۇراتتى. پۇت-قولىدا سىزىم يوقتەك ئورنىدىن تۇرالمىدى.
ciQG.]
كىچە قاراڭغۇلۇق قاپلىغان، پەقەت كوچىدىكى يول چىراغلىرى كىچە ئاسمىنىنى كۈندۈزدەك يورۇتۇپ تۇراتتى. ئانچە-مۇنچە كىشلەرنىڭ ئۇياقتىن–بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇرغىنىنى ھىسابقا ئالمىغاندا بارچە كىشلەر ئاللىبۇرۇنلا ئۆيلىرىگە قايتىشقان بىر كۈنلۈك سودىسىنى تۈگەتكەن دۇككاندارلارنىڭ ئالدىراش دۇككانلىرىنى تاراقشىىتىپ تاقاشلىرى، قەيەردىندۇر ماشىنلارنىڭ غۇيۇلدىغان، سىگىنال ئۇرغان ئاۋازلىرى كىلىپ ئۇيقۇغا كەتكەن كوچىنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزۇپمۇ قوياتتى. لىكىن سۈبىنۇرنىڭ قۇلىقىغا ھىچقانداق ئاۋاز كىرمەيتتى. ئۇنىڭ كاللىسى قۇپقۇرۇق پەقەت بىر سائەت ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئىشلار ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئۆرتىمەكتە ئىدى، ئۇنى قىينىماقتا ئىدى.
+=Xgi$
(5)
tp4/c'w;)J
يىللىق ئىمتىھان باشلىنىشقىمۇ ئىككى ھەپتىلا ۋاقىت قالدى، ھازىر ئۇنىڭ كاللىسىدا نە ئۈگۈنۈش نە ئىمىتھان دىگەن نەرسە يوق ئىدى. ئۇ پەقەت سۈبىھ بىلەن بىرگە بولسا كۆڭلى خوش بولاتتى. بوش ۋاقتىدىن پايدىلىنپ مۇھاببەتلىك شىرىن كۈنلەرنى ئۆتكۈزەتتى. بىر-بىرىگە ئىچ سىرىنى ئىيتىشاتتى. خالىي جايلاردا بىر-بىرىگە مەھكەم چاپلىشىپ بىر-بىرىنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى تىڭشايتتى. شۇ ئىشتىن كىيىن سۈبىنۇرنىڭ كاللىسى پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەن ئىدى. ئۇلار دائىم خالىي جايلارغا، دىسكۇخانىلارغا، بىللە بىرىپ ئويناپ كەچ قالسىمۇ، سۈبىنۇر سۈبىھنىڭ توسقىنىغا قارىماي ئۆيىگە قايىتىپ كىتەتتى. ئۆزى خالىمغان ئىشنى قىلىشقا قەتئىي يول قويمايتتى.
i]sz*\P~
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن بەلكىم سىز سۈبىنۇرنىڭ سۈبىھنى قانداق ياخشى كۆرۈپ قالغىنىغا، ئۇنىڭ بىلەن قانداق يىقىنلىشىپ، شۇنداق ئىچەكىشىپ كەتكىنىگە ھەيران قىلىۋاتقانسىز؟ بۇنى يەنىلا سۈبىنۇر تورتخانىدىن ئايرىلىپ ئۆيگە قاراپ ماڭغان ۋاقىتتىن باشلاپ سۆزلەي. سۈبىنۇر شۇ ماڭغانچە ئۆيىگە قايتتى. ئۇ ئىشىكتىن كىرىپلا ئاتا-ئانىسىنىڭ سورىغان سۇئالىغا جاۋاب بەرمەي ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. چۈنكى ئۇ ئاتا-ئانىسىغا گەپ قىلىش ئەمەس ئۇلارغا قاراشقىمۇ يۈزى قالمىغان ئىدى. ئۇ ئەمدىلا ياتاق ئۆيگە كىرىپ تۇرۇشىغا كەينىدىن ئاپىسى كىرىپ ئۇنىڭدىن ئۇنى بۇنى سوراپ تۇرۇۋالدى.سۈبىنۇر ئامالسىز «دوستۇمنىڭ ئۆيگە بىرىپ كەلدىم.» دەپ قويۇپ يۇيۇنۇشنى باھانە قىلىپ ياتاق ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. سۈبىنۇرنىڭ ئاپىسى سورىغان سۇئالىرىنىڭ جاۋابسىز قىلىشىنى ئويىلمىغان ئىدى. پەقەت ئىغىر خۇرسىنىشتىن باشقا يەنە نىمە قىلالايتى؟ ئۇنىڭ ئاپىسى«بۇ قىزغا نىمەبولغاندۇ؟ ھىچقاچان بۇنداق قىلمايتتى.» دىگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزگەچ بىشىنى چايقاپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. سۈبىنۇر مۇنچىغا كىرىشى بىلەن ئىختىيارسىز كۆزدىن يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك ياش تۆكۈلۈشكە باشلىدى. سۈبىنۇر بۇلغانغان تىنىنى پاكلاۋاتقاندەك توختىماي سۇ ئىقىتاتتى، كۆزىدىن ئاققان ياش سۈبىنۇردىن بىزار بولغاندەك سۇ بىلەن قوشۇلۇپ بۇلغانغان تىننى يۇماقتا ئىدى.
Tno[LP,
سۈبىنۇر توختىماي يىغلايتتى، يىشىنى قانچە توختىىتاي دىسىمۇ ھىچ توختايدىغان ئەمەس. ئۇ ئۆزىگە «مەن ئاتا- ئانامغا، ئوقۇتقۇچى، ئۇستازلىرىمغا، دوسىتلىرىمغا، ئەڭ يىقىن دوستۇم بولغان ھەبىبەگە يۈز كىلەلەمدىم؟ ئۆزۈمگە كىلەلەمدىم ؟»دەپ توختىماي بىر نەرسىلەرنى پىچىرلايتى. بىر كىچە يىغلاپ چىققاچقىمۇ ياكى ئۇيقۇسىزلقتىنمۇ ئۇنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ ئىششىپ كەتكەن، ئۇ بىر كىچىدىلا ئۇزۇن يىل كىسەل ئازابى تارتقان كىشىدەك جۈدەپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ بۇھالىتنى كۆرگەن ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئىچى سىرلاتتى. ئۇنى كۆرگەن ھەرقانداق ئادەم ئىچ ئاغىرتماي تۇرالمايدۇ.
\(m_3 H
ھەقىقەتەن بۇ قېتىمقى ئىش ئۇنىڭغا بەكلا ئىغىر كەلدى. ئۇ شۇ سەۋەبتىندەرىسلەردە كۈندىن- كۈنگە چىكىنىپ كەتتى. ئىلگىرى ئۇنىڭ تىرشچانلىقىغا مەمنۇن بولغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئۇنىڭدىن بارغانسىرى زىرىكمەكتە ئىدى. سىنىپ مۇدىرىمۇ سۈبىنۇرنىڭ بۇ ئەھۋالىنى كۆرۈپ بەرداشلىق بىرەلمىدى. باشقا ئوقۇتقۇچىلارمۇ سىنىپ مۇدىرىغا سۈبىنۇرنىڭ دەرستە چىكىنىپ كەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بىرەتتى. سىنىپ مۇدىرى « مەن سۈبىنۇر بىلەن سۆھبەتلىشىپ باقاي» دەپلا يولغا سالاتتى.
e@B+\1
كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى. سۈبىنۇر ئىلگىرى سىنىپ بويىچىلا ئەمەس، پۈتۇن مەكتەپ بويىچە ئەلاچى ئىدى. مانا ئەمدى سىنىپ بويىچە ھەممىنىڭ ئارقىسىدا قالدى. شۇ سەۋەنلىك سىنىپ مۇدىرى سۈبىنۇرنى ئىشخانىسىغا چاقىرىشقا مەجبۇرى بولدى.
Q $wa<`
ئىشخانىنىڭ ئىشىكى چىكىلىپ سۈبىنۇر كىرىپ كەلدى. ئىشخانىدا سىنىپ مۇدىرىدىن باشقا ئادەم يوق ئىدى.
j9sK P]w
-سۈبىنۇر قىنى ئولتۇرۇڭ،-مۇلايىملىق بىلەن سۈبىنۇرنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.سىزنى نىمە سەۋەبلىك چاقىرىتقانلىقىمنى بىلەمسىز؟
Uwd^%x*
- ياق،- سۇبىنۇر نىمە سەۋەبلىك چاقىرلغانلىقىنى بىلسىمۇ قەستەن بىلمەسكە سىلىۋالدى.
.'+*>y!
- سىز يىقىندىن بۇيان دەرىسلەردە چىكىنىپ كەتتىڭىز؟ بۇنىڭ سەۋەبىنى ھىچ بىلەلمىدىم. ئاغرىپ قالدىڭىزمۇ؟ياكى ئائىلىڭىزدە بىرەر ئىش بولدىمۇ؟
q '6gj
- ياق، ماڭا ھىچ ئىش بولمىدى، ئاغرىپ قالمىدىم، ئائىلەمدىمۇ ھىچ ئىش بولمىدى. ئىلگىرى ئىنتايىن مۇلايىم سۆزلەيدىغان سۈبىنۇر مانا ئەمدى ئۆزنىڭ ئوقۇتقۇچىسىغىمۇ قوپال سۆزلەر بىلەن جاۋاب قايتۇرماقتا ئىدى.
A(!nT=0o
مۇئەللىم سۈبىنۇردىن توختىماي سۇئال سورايتتى.
=x8F!W}Bt<
سۈبىنۇر دەسلەپ سورىغان سۇئاللارغا «ياق، ئۇنداق ئەمەس» دىگەندەك جاۋابلارنى بەردى كىيىن تولا جاۋاپ بىرىپ زىرىكتىمۇ گەپمۇ قىلماي بىشىنى چايقاپلا ئولتۇردى.
q;Y9_5S
بۇ بىر سائەتلىك سۆھبەتىتىن ھىچ نەتىجىگە ئىرىشەلمىگەن مۇئەللىم يەنە سۇئال سوراش، سۆھبەتلىشىشنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى، بۇ سۆھبەتتىن ھىچقانداق نەتىجە چىقمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ سۆھبەتنى توختىشقا مەجبۇرى بولدى. مۇئەللىم چىقىپ كىتۋاتقان سۈبىنۇرنى قايتا كۆرۈۋاتقاندەك ئۇنىڭ بىلەن يىڭىلا تونۇشقاندەك، بۇ ئىلگىركى سۈبىنۇر ئەمەستەك ھىس قىلىپ سۈبىنۇردىن ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا بىشىنى چايقاپ قويدى.
/hC[>t<
ئىلگىرى ئىشخانىغا يالغۇز چاقىرتىلسا يىغلاپ كۆزلىرنى قىزارتىپ چىقىدىغان سۈبىنۇر مانا ئەمدىلىكتە ھىچ ئىش بولمىغاندەك چىقىپ كەلمەكتە ئىدى.
vSu|!Xb]
سۈبىنۇر ئىغىر قەدەملرىنى تەستە يۆتكەپ مەيۈس، پەرىشان ھالدا سىنىپقا كىردى. شۇ تاپتا ئۇنىڭغا دەردىنى تۆككىدەك بىرەر يىقىن كىشى بولسا ئىدى، ئۇنىڭغا دەردىنى تۆكۈپ تازا بىر يىغلىۋالغۇسى ئۇنىڭ تەسەللىسنى ئاڭلىغۇسى كىلەتتى. سۈبىنۇر سىنىپقا كىرىپلا بىرىنجى قېتىم كۆزگە كۆرۈنگىنى سۈبھ بولدى. « بەلكىم مىنىڭ دەردىمنى تىڭشىغۇدەك ماڭا تەسەللى بىرەلىگۈدەك كىشى سۈبھ بولسا كىرەك مىنڭ ئۇنىڭدىن باشقا يىقىن دوستۇم يوق» دەپ ئويلايتتى.
,d^ze =
شۇنداق سۈبھ ئۆزىنىڭ رەزىل مەقسىتىنى ئاشكارلاپ قويماسلىقى ئۈچۈن تورتخاندىن قايتقاندىن تارتىپ ئىزچىل سۈبىنۇردىن ئايرىلىپ باقمىدى. ھەركۈنى ئۇنىڭغا تەسەللى بىرەتتى، ئۇنىڭغا يىڭى-يىڭى سوۋغاتلارنى، مودا ئىسىل كىيىم-كىچەكلەرنى سوۋغات قىلىپ تۇراتتى، سۈبىنۇرنىڭ ئالمايمەن دىگىنىگە ئۇنماي قولغا تۇتقۇزۇپ قوياتتى. دەم ئىلىش ۋاقىتلىردىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭغا قىزىقارلىق گەپ سۆزلەرنى قىلىپ بىرىپ سۈبىنۇرنىڭ كۆڭلىنى ئارام تاپقۇزاتتى، كۈلدۈرەتتى. شۇ سەۋەپلىك سۈبىنۇرنىڭ سۈبھكە بولغان كۆز قارشى پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەن ئىدى، ھەم ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھىسيات پەيدا بولغان ئىدى. بۇ ئىشلاردىن پۈتۈن سىنىپتىكى ساۋاقداشلار خەۋەر تاپقاچقا سۈبىنۇرغا ھەۋەس قىلاتتى.
s|/m}n
ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى يىقىنلشقانسىرى سۈبىنۇر ئۇنىڭدىن ئايرىلمايدىغان ئۇنىڭدىن بىردەم ئايرىلسا چىدىمايدىغان دەرىجىگە بىرىپ يەتتى.
>lD*:#o
ئەلۋەتتە خۇشاللىق بىلەن قايغۇ ئايرىلماس بىر تۇققان دىگەندەك بۇ خۇشاللىقنىڭ كەينىدىن قايغۇ قوغلىشىپ كەلمەكتە، لىكىن سۈبىنۇر خۇشاللىقنىڭ بەختىنىڭ قوينىغا غەرىق بولغان، بۇ خۇشاللىقنىڭ كەينىدىن قوغلىشىپ كىلۋاتقان قايغۇدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز.سۈبىنۇر ئەمدى پۈتۈنلەي ئۆزگەردى، دىسكۇخانا، رېستۇران، تورخانىدىن كىلەلمەيدىغان دەرسلەرگىمۇ قاتناشمايدىغان، ھەتتا كىچە-كىچىلەپ ئىمتىھان تەكرار قىلىشىنى باھانە قىلىپ ئۆيگىمۇ قايىتمايدىغان مېھمانخانىدا، تورخانىدا سۈبىھى بىلەن بىللە قونىدىغان بولىۋالدى، ئوقۇتقۇچىلار دەرسكە قاتناشماسلىق سەۋەبىنى سورىسا« ئۆيۈمدە ئىش چىقىپ قالدى» دەپلا جاۋاب بىرىدىغان، يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ سورىسا ئوقۇتقۇچىلارغا ۋارقىرايدىغان، ئۇلارنى تىللايدىغان بولىۋالدى. ئۇنىڭدا ئىلگىركى مۇلايىملىقتىن قىلچە ئەسەر قالمىغان ئىدى، شۇ سەۋەبلىك ئوقۇتقۇچىلارمۇ، ساۋاقداشلىرىمۇ ئۇنىڭدىن قاچىدىغان بولىۋالدى. بۇ ئىشلا سۈبىنۇرنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمايتتى.
h"mG \xi
مانا خۇشاللىقنىڭ كەينىدىن كىلىۋاتقان قايغۇنىڭ شامىلى سۈبىنۇرنى قىشىغا بىسىپ كەلدى. قاياقتىندۇر بىرىنىڭ «بالىلار مۇئەللىم كەلدى» دىگەن سۆزى بىلەن سىنىپ ئىچى چىۋىن ئۇچسىمۇ ئاڭلانغۇدەك جىمىپ كەتتى. مۇئەللىم قولىدا بىر ۋاراق قەغەز كۆتۈرگەن پىتى سالماق قەدەملەر بىلەن سىنىپقا كىرىپ كەلدى، ئەزەلدىن مۇئەللىم بۇگۈنكىدەك ئىغىر بىسىق روھىي چۈشكۈن قىياپىتىنى كۆرۈپ باقمىغان ئوقۇغۇچىلار قاتتىقراق نەپەس ئىلىشقىمۇ پىتىنالماي مۇئەللىمگە تىكىلىپ قارىغان پىتى جىممىدە ئولتۇرۇپ قالدى.
H|E{n/g
مۇئەللىم ئىغىر ئۇھسىنىپ قويۇپ سۈبىنۇرغا بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن نەزىرنى قولدا تۇتۇپ تۇرغان قەغەزگە يۆتكىدى.
Y}'8`.
ساۋاقداشلار ھەممىڭلارغا مەلۇملۇق ساۋاقداش سۈبىنۇر سىنىپمىزدىلا ئەمەس، پۈتۈن مەكتەپ بويىچە ئەلاچى، ئىلغار سىنىپ كادىرى بولۇپ ئوقۇغان،-مۇئەللىم بىشىنى كۆتۈرۈپ سۈبىنۇرغا قاراپ بىر پەس جىم تۇرغاندىن كىيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،-ئۇ يىقىندىن بۇيان دەرىسلەردە چىكىنىپ سىنىپ بويىچە ھەممىنىڭ ئاخىردا قالدى، دەرىسلەرگىمۇ خالىسا كىلىپ خالىمىسا كەلمەيدىغانلا بولۋالدى، بۇ ھەممىڭلارغا مەلۇملۇق، ئۇنىڭغا شۇنچە تەربىيە ئىشلىسەكمۇ ئۇ تەربىيەنى قوبۇل قىلماي ئۆزىنىڭ سەنىمىگە دەسسەۋەردى،بىر قانچە قىتىم دىسكۇخانىغا بىرىپ مەكتەپ تىزىملىكىگە ئىسمى بىر قانچە قىتىم ساقچىلار مىھمانخانا ياتاقلىرىنى تەكشۈرۈۋاتقاندا سۈبھى بىلەن ياتاقتا تۇتۇلۇپ قالدى. شۇڭا مەكتەپ رەھبەرلىكى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ساۋاقداش سۈبھگە ئاگاھلاندۇررۇش جازاسى بەردى، سۈبىنۇرنىڭ مەسلىسىگە كەلسەك مەكتەپ رەھبەرلىكى قايتا-قايتا مۇزاكىرە قىلش تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇنى مەكتەپتىن چىكىندۈرۈشنى قارار قىلدى.
aD2+9?m
چىكىندۈرۈش دىگەن بۇ سۆز سۈبىنۇرنىڭ بىشىغا توقماق تەككەندەك ئىغىر كەلدى. ئۇ يەرگە كىرىپ كىتەي دىسە يەر قاتتىق، ئاسمانغا چىقىپ كىتەي ئاسمان يىراق، يىغلاش ئارقىلىق دەردىنى كۆز يىشىدىن چىقىرىشقا مەجبۇر ئىدى. يالۋۇرۇش، ئۆزنى تەكشۈرۈش، ئۆتۈنۈش بىكار ئىدى. ئۇ يىغلىغان پىتى سىرتقا ئۆزىنى ئاتتى. سۈبىنۇرنىڭ ئەخمىقانە ئىش قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىىرگەن مۇئەللىم سۈبھنى كەينىدىن چىقىشقا بۇيرىدى.
4v@urW s
-سۈبىنۇر... سۈبىنۇر... .
ER z@o_
سۈبنۇر سۈبھ نىڭ چاقىرىشلىرغىمۇ قۇلاق سالماي كۈچىنىڭ بارىچە مەكتەپ سىرتىغا يۈگۈرمەكتە، سۈبھ بولسا ئۇنىڭ كەينىدىن توختىماي قوغلىماقتا ئىدى.
DXbzl
+R
سۈبىنۇر توختاڭ،- سۈبھ سۈبىنۇرنىڭ مۆرىسىدىن تۇتۇپ توختاتتى.
W{0gtT0
سۈبىنۇر يىغىسىدىن تىخىچە توختىمىغان ئىدى.
?,dbrQ
-سۈبىنۇر گىپىمنى ئاڭلاڭ،بۇ ئىشنىڭ سىزگە ئىغىر كەلگىننى بىلىمەن، مەيلى مەكتەپتىن چىكندۈرسە نىمە بوپتۇ،ئوقۇمىسىڭىز نىمە بوپتۇ!
Z0f0tL&A<
-مىنى تۇتماڭ !
.EOHkhn
-ياق ئۇنداق ئەخمەقلىق قىلماڭ!
ZBDEE+8e
-مەن ئەمدى ئاتا-ئانامنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمەن، ئۇلارغا نىمە دەيمەن، ئۇلار بۇ ئىشنى ئاڭلىسا نىمە بولۇپ كىتەر، مەن ئەمدى يۈزۈمنى قانداق كۆتۈرۈپ يۈرۈيمەن ئۇنىڭدىن ئۆلگىنىم ياخشىراق .
aFI?^"L
-سىز راستىنلا ئۆلمەكچىمۇ؟ بولىدۇ مەن توسماي،- سۈبھ ئۇنىڭغا تەنە قىلۋاتاتتى،-قىنى ئۆلۋالمامسىز؟ دەپ سۈبىنۇرنى قويۇۋەتتى.
|]qwD,eiH,
- بارلىق دەردىنى ئازاپىنى ئۆزۈملا ئىلىپ كىتمەن، ئۆلسەم ھەممە ئىش ئاياغلىشىدۇ دەپ ئويلامسىز؟
x]({Po4
سۈبىنۇر ئىككىلىنىپ قالدى،چۈنكى ئۇ ئاتا-ئانىسنىڭ بۇنداق ئىغىر ئازاپقا بەرداشلىق بىرەلمەيدىغانلىقىنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالسا ئاتا-ئانىسنىڭ ئۆزىنىڭ دەردىدە تۈگىشىپلا كىتىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى.
\u|8M
EB
-سۈبىنۇر ئۇنداق ئەخمەقلىق قىلماڭ، ئاتا-ئانىڭىزنى ئويلاڭ ئىككىمىزنىڭ خۇشال كۈنلىرنى، مىنى ئويلاپ قويۇڭ، ھەرقانداق ئىش بولسا مانا مەن سىزگە ياردەم قىلىمەن. ھەر قانداق ئىش بولسا تەڭ تارىشقا مەن رازى.
*`}4]OGv.
-مىنىڭ نۇرغۇن ئارزۇ ئارمانلىرىم بار ئىدى.ئەمدىلكتە ھەممىسى تۈگىدى، كەلگۈسىدە خىزمەتكە چىقىپ ئاتا-ئانامنى رازى قىلىمەن دەپ ۋەدە بەرگەن ئەمدىلىكتە ۋەدىسدە تۇرمىغان ۋاپاسىز پەرزەنىت بولۇپ قالدىم .
C:$12{I?*
-بۇ ئىشلاردىن ئەنسىرمەڭ، سىز مەكتەپتە ئەلاچى ئوقۇغان ئىمتىھاننى بىرىپ بولۇپ، دادام ئارقىلىق سىزنىڭ خىزمەت ئىشىڭىزنى ھەل قىلىپ بىرىمەن.
DYvi1X6
- راستما؟ سۈبىنۇر سۈبھنىڭ دادىسى ئارقىلىق خىزمەت تىپىپ بىرىدىغانلىقىنى بىلەتتى.ئۆزنىڭ ھەر قانداق خىزمەت ئورنىدا ئىشلەپ كىتەلەيدىغىنىغا ئىشىنەتتى.
^1&xt(G
-ھەئە، راسىت بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇڭ، چوقۇم ياخشى خىزمەت تىپىپ بىرىشكە كاپالەتلىك قىلىمەن. لىكىن ئەمدى ئەخمەقلىق قىلماڭ، ئۆلۋالىمەن دىگەن سۆزنى قايتا تىلغا ئالمايمەن دەپ ۋەدە بىرىڭ !
sFR'y.
-بولىدۇ، ۋەدە بىرەي، ئەمدى ھەرگىز ئۇنداق ئەخمەقلىق قىلمايمەن.
+6vm4(3?
-يۈرۈڭ سىنىپقا كىرىپ ساۋاقداشلار، مۇئەللىملەر بىلەن خوشلىشىپ كىتابلىرىڭىزنى ئىلىپ ئۆيگە قايتقاچ تۇرۇڭ، كەچ سائەت يەتتىدە كۆرۈشەيلى، مەن سىزنى دىسكوخانىغا ئاپىرىپ ئوينىتىپ كىلەي،- شۇنداق قىلىپ سۈبىنۇر ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرى، ساۋاقداشلىرى، دوسلىرى بىلەن، ئۆزى ئوقۇغان ئانا مەكتىپى بىلەن خوشلۇشۇپ،مەكتەپتىن قايتىپ چىقتى. بىر كۈنلۈك مەشغۇليەت ۋاقىتمۇ توشۇپ قالغان ئىدى، شۇڭا ئۇ تۈزلا ئۆيىگە قايتىپ سائەتنىڭ يەتتە بولۇشنى كۈتتى. سۈبىنۇر ساۋاقداشلىرنىڭ ئۆيىدە دەرىس ئۈگۈنىشىنى باھانە قىلىپئاتا-ئانىسى بىلەن خوشلىشىپ دىسكوخانىغا قاراپ مىڭىپ كەتتى. بۇ قېتىمقى خوشلىشىش سۈبىنۇرنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى، ئەڭ ئاداققى خوشلىش بولۇپ قىلىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى. « ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا »دىگەن سۆزنى سۈبىنۇر ئۆزىنىڭ تۇرمۇش مىزانىغا ئايلاندۇرۋالغان ئىدى.
R:*I>cRs
ئۇلار دىسكوخانىغا كەلدى، مۇزىكا تىخى باشلانمىغاچقا سۈبھى ئۆزى پىۋا،سۈبىنۇرغا سوغۇق ئىچىملىك بۇيرۇتۇپ پىۋا ئىچكەچ سۈبىنۇر بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇردى .ئويۇن باشلانغاندىن ئاياغلاشقىچە بۇ ئىككىسى بىر- بىرىدىن پەقەتلا ئايرىلمىدى. ھاراقنىڭ تەسىرى بىلەن مۇزىكىنىڭ كۈچلۈك ئاۋازى قوشۇلۇپ سۈبىھىنى ئاللىقاچان مەس قىلۋەتكەن ئىدى.
SE0"25\_G
-سۈبھ مەس بولۇپ قاپسىز يۈرۈڭ قايتىپ كىتەيلى، سىزنىڭ ئۆيدىكىلرىڭىز ھەم بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر بىزدىن ئەنسىرەپ قالىدۇ، يۈرۈڭ قايتايلى.
<{C oM
سۈبىنۇرنىڭ ئۇنى ھەدەپ قايتىشقا قىستىشى ھاراق كاللىسىغا چىقۋالغان سۈبھنىڭ رەزىل ئەپتبەشرىسنى ئاشكارلىشىغا سەۋەپ بولدى.
{FR#je
-بۈگۈن ئۆيگە قايتمايمىز،ياتاققا قايتىمىز،-دەپ سۈبىنۇرنىڭ قولدىن تارتىپ ماڭدى.
kcH?l
-ياق بۈگۈن بولمايدۇ.ياتاققا باشقا كۈنى بارايلى!
;SBM7fwRk
-نىمىشقابولمايدۇ؟
c;,jb
-...،-بۈگۈن سۈبىنۇر بۇ گەپنى قانداق ئىغىزدىن چىقىرىشنى بىلمەي بىردەم ئىككىلنىپ تۇرۇپ قىلىپ،-بۈگۈن مىجەزىم يوق...،-دەپلا گەپنىڭ ئاخىرنى يۇتىۋەتتى.
RH,(8 .&>r
سۈبھى بىشىدىن خىلى ئىشلارنى ئۆتكۈزگەچكە سۈبىنۇرنىڭ بۇ گىپىنى تىگىگە يەتكەن ئىدى. سۈبھى ئەمدى ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئەپتى بەشرىسنى ئاشكارلىدى.
>w:px$g4
-مىجەزىڭ يوق ئادەم نىمىشقا كەلگەن، بۇرۇنراق شۇنداق دىسەڭ باشقا قىزلارنى چاقىرمامتىم،-دەپ سۈبىنۇرنىڭ مەيدىسىدىن ئىتتىرۋەتتى.
2?LZW14$d
-سۈبھى بۇ نىمە دىگىنىڭىز؟
*Z7W'-
-سەن تىخى بىلمىدىڭما؟ سەن دىگەن مىنىڭ كۆڭۈل خوش قىلىپ ئوينايدىغان ئويۇنچۇقۇم خالاس، خىيالىڭدا ئۇ مەن بىلەن تويقىلىدۇ، ئۇ مىنى ياخشى كۆرىدۇ دەپ ئويلامسەن؟بۇ ئۇخلاپ چۈشۈڭ.
xbex6i"ZE
سۈبىنۇر ئەمدى ئۆزىنىڭ باشتىن ئاياغ ئالدىنىپ كەلگەنلىكىنى ھىس قىلىپ ئۆزىنى تۇتۋالالماي قالدى.
ffGiNXCM
-ئەبلەخ، ھايۋان، سەن مىنى ئويۇنچۇق ئورنىدا ئوينىتىپسەن، سىنڭ قىزىقىدىغىنىڭ مەن ئەمەس بەلكى مىنىڭ تىنىمكەن مەن نىمىشقا بۇرۇنراق ھىس قىلمىغاندىمەن .
Rv=(D^F,
سۈبىنۇرنىڭ كۆزىدىن يەنە مۇنچاق-مۇنچاق ياش تۆكۈلۈشكە باشلىدى. سۈبىنۇر شۇ يىغلىغىنچە يۈگۈرۈپ كىتىپ قالدى. سۈبىنۇر شۇ يۈگۈرگىنىچە ئۆزىنىڭ ناھىيلىك دوختۇرخانا بىناسىىڭ ئەڭ ئۈستى قەۋەتىگە قانداق چىقىپ قالغىنى، دىرىزە تۈۋىگە قانداق كىلىپ قالغىنىنىمۇ سەزمىدى.كىچە سائەت 11دىن ئاشقان ۋاقىت بولغاچقا دوختۇرخانا ئىچىدىمۇ، كاردوردىمۇ ئادەم يوق، ھەممە جىمجىت ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى.
6Lw34R
سۈبىنۇر بۇرۇندىن يىندا قەغەز قەلەم ساقلاپ ئادەتلەنگەچكە يىنىدىن قەغەز قەلەمنى ئىلىپ خەت يىزىشقا باشلىدى.
g/+P]c6/
كۆيۈمچان ئانا مىھرىبان دادا:
z
BWn*A[4
مەن ئەڭ ئاۋال سىلەرنىڭ تىنىڭلارنىڭ سالامەت بولۇشنى، بۇندىن كىينكى ئىشلىرىڭلارنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشنى تىلەيمەن، شۇنداقلا مەندەك ۋاپسىز قىزىڭلاردىن سىلەرگە ئەڭ ئالي ئىھتىرام!
wU_e/+
0h
مەندەك ۋاپاسىز، پەسكەش قىزىڭلارنى كەچۈرەسلەرمۇ؟ سىلەر ماڭا ئامراق،ماڭا بەك كۆيۈنسىلەر شۇڭا مىنى كەچۈردىغانلىقڭلارغا ئىشىنىمەن، لىكىن مەن سىلەرنىڭ مىنى ئەتىۋارلاپ باققىنڭلارغا چۇشلۇق جاۋاپ قايتۇرالمىدىم، سىلەرنى ئىغىر دەرت ئەلەمدە قويدىغان بولدۇم، مەندىن رازى بولۇڭلار، مەندەك ۋاپاسىز قىزىڭلاردىن رازى بولۇڭلار.
d$
ئاخىردا ئۇلۇغ ئاللاھدىن تېنىڭلارغا سالامەتلىك، ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن.
F9q<MTh
ۋاپاسىز قىزىڭلار : سۈبىنۇر
t?9F2rh
)*N]Q
بۇ دۇنيا ئاجايىپ قىسمەتلەرگە تولغان بولىدۇ، بەزى كىشلىرىمىز سۈبىنۇرغا ئوخشاش تۇنجى باسقان قەدىمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ يەنىلا ئاشۇ خاتا يولدا مىڭىۋىرىدۇ.
XGZ1a/x;s
يەنە بەزىلەر خاتا يولدا مىڭۋاتقىننى بىلىپ تۇرۇپ قايتا يولنى توغرلاپ مىڭىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ، ياكى يەنە يىڭى بىر توغرا يول تىىپشقا ئامالسىز قىلپ خاتا يولدا مىڭىۋىرىدۇ. يەنە بەزى كىشلىرىمىز سۈبھگە ئوخشاش توغرايولدا مىڭۋاتقانلارنى قەستەن خاتا يولغا باشلايدۇ، ياكى ئۇلارنى بارسا كەلمەس يولغا ئادەمسىز قاقاس چۆللەرگە باشلاپ ماڭىدۇ.
bH+p5Fd;
دۇنيادا بىر قانچە خىل كىشلىرىمز بار. ئۇلار ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەتىنى، شەخسى ھىسياتىنى كۆزلەپ باشقىلارنىڭ نىمە بولىشى بىلەن ھىسابلاشمايدۇ. يەنە بەزى كىشلىرىمىز ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەتى، شەخسى ھىسياتى بىلەن ھىسابلاشماي، باشقىلارنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن خىزمەت قىلىدۇ، بۇنداقلار خەلقنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ساقلىندۇ.
IbQ3*
دۇنيادا ئاقكۆڭۈل، ۋىجدانلىق كىشلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس.
+DS_'Tmr
ئادەم سىياقىغا كىرۋالغان شەيتانلارمۇ يوق ئەمەس ئەلۋەتتە. سۈبىنۇردەك ئاقكۆڭۈل، ئەمدىلا ئىچىلىش ئالدىدا تۇرغان غۇنچىلىرىمىز ناھەق ئەجەلنىڭ قوينغا ئۆزىنى ئاتماقتا. ئۆزىنىڭ ياش ھاياتنى نابۇت قىلماقتا. سۈبھدەك ياۋۇز چىلبۆرىلەر ئەمدىلا ئىچىلىش ئالدىدا تۇرغان غۇنچىلارنى دەسسەپ چەيلىمەكتە، بۇنداق كىشلەر جەمئىيەتنىڭ داشقىلى سۈپىتىدە زاماندىن ئىبارەت ئادىل ھۆكۈمران تەرىپىدىن شاللىۋىتشكە تېگىشلىك كىشلەردۇر.
g"|QI=&_J
داۋامى بار.(ئېچىلماي توزىغان غۇنچە‹2›ھەبىبەنىڭ ھەسىرىتى)
%^xY7!{
k}y1I
W+3
2009-يىلى 10-ئاي پوسكام
%qRbl4
يـالـقـۇن
HjKj.fV