تېما: سۆيۈكلۈك دىللارغا ئىلتىجا (يۈكسەل) ...
دەرىجە: يىڭى ئەزا

جەۋھەر: 0
يازما: 44
جۇغلانمىسى: 251
شۆھرەت: 4 كىشىلىك
تىللا: 44 دانە
توردا: 92(سائەت)
تىزىملاش: 2010-04-27
ئاخىرقى: 2010-08-31
10-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-05 23:27

ئىلھامجان ھەققىدە 3 پارچە ئۇچۇر: \sd"iMEi  
1. ئىلھامجاننىڭ ئانىسىنىڭ بىزگە بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈن ئەتتىگەن ئىلھامجاننىڭ ئىنىستىتۇت سېكىرتارى ‹‹ تۇردى شۇجى ›› دېگەن كىشى بالنىتسىغا كېلىپ، ئىلھامجان ۋە ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسىدىن ئالاھىدە ئەھۋال سورىغان. بۇ جەرياندا توردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەشۋىقاتتىن خەۋەر تاپقانلىقى ، تېخى بايىلا توردىكى مۇراجەتنامىنى ئوقۇپ چىققانلىقىنى ئېيتقان ۋە توردىكى خەيرى ساخاۋەت ئىئانە توپلاش پائالىيىتىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ قانداق بولىۋاتقانلىقىنى، ئىلھامجان ئائىلىسىنىڭ مەكتەپتىن قانداق تەلەپ – پىكرى بارلىقىنى سورىغان. ئاخىردا، ئىلھامجان ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بىر قانچە كۈن سەبرى قىلىپ تۇرۇشىنى، مەكتەپنىڭ بۇ ھەقتە يىغىن ئېچىپ قارار چىقىرىدىغانلىقىنى، مەكتەپنىڭ ئۆز ئوقۇغۇچىسىغا چوقۇم كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. obq}#  
2. مەزكۇر مۇراجەتنامە توردا ئېلان قىلىنىپ بۈگۈنگىچە، ئىلھامجان نامىدىكى كارتىغا ئۇرۇلغان ۋە بىۋاسىتە ئاتا – ئانىسىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلگەن پۇل جەمئىي 20 مىڭ يۈەن بولغان. ئىلھامجاننىڭ ئانىسى جەمئىيىتىمىزدىكى مېھرى – مۇھەببەتلىك كىشىلەرگە قايتا – قايتىلاپ رەھمەت ئېيتتى ۋە تەسىرلىك ياشلىرىنى تۆكتى. ھازىر ئىلھامجانغا كۈنىگە 1000 يۈەن ئەتراپىدا داۋالىنىش خىراجىتى سەرپ بولىۋېتىپتۇ. gxM8IQ  
3.ئىلھامجاننىڭ ئاتا – ئانىسى ئىلھامجاننى چوڭراق دوختۇرخانىلارغا يۆتكەپ داۋالاش ھەققىدە خېلى تىپىرلىغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭگۇچە تېبابەتچىلىكى دوختۇرخانىسى ۋە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەرگە بالىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنى كۆرسەتكەن ۋە يۆتكەپ داۋالاش ھەققىدە مەسلىھەت ئالغان. نەتىجىدە، ھەر ئىككى دوختۇرخانا ئىلھامجاننىڭ گەرچە ھازىرىغچە ھۇشىغا كەلمىگەن بولسىمۇ، مېڭىسىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ، چوڭ زەخىملىنىشنىڭ يوقلۇقىنى ، ھوشىغا كېلىش ۋە ساقىيىشىنىڭ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، پەرۋىش مۇلازىمىتىنى ياخشىلاشنىڭ زۆرۈرلىكىنى بىلدۈرگەن. ھەمدە يۆتكەپ داۋالاشنىڭ ھاجىتى يوق ، دەپ مەسلىھەت بەرگەن. ~S6{VK.  
تېخىمۇ كۆپ تەپسىلات ئۈچۈن يۈكسەل بلوگىغا دىققەت قىلغايسىز: http://www.yuksel.me/358.html
دەرىجە: يىڭى ئەزا

جەۋھەر: 0
يازما: 44
جۇغلانمىسى: 251
شۆھرەت: 4 كىشىلىك
تىللا: 44 دانە
توردا: 92(سائەت)
تىزىملاش: 2010-04-27
ئاخىرقى: 2010-08-31
11-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-05 23:27

تورداشلارغا جىددىي ئاگاھنامە: _E 
بىرقانچە نەق ئەھۋالنى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئىلھامجاننىڭ ئانىسىغا خەۋەر قىلىشىچە، بۇ بىر قانچە كۈندىن بۇيان ياش قۇرامى 20 ياش ئەتراپىدا بولغان بىر ئادەم (گاچا ياكى گاچا سىياقىغا كىرىۋالغان) ئىلھامجاننىڭ توردا ئېلان قىلىنغان سۈرىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك مۇراجەتنامىنى چوڭايتىپ بېسىپ چىقىرىپ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئارقا تەرىپىگە توغرا كېلىدىغان كەچلىك بازاردا ۋە بەزى مەسچىت – رېستۇرانلاردا، ‹‹ ئىلھامجاننىڭ تۇغقىنى ›› نامىدا ئىئانە يىغىقان. بۇ ئىش ئىلھامجاننىڭ ئاتا – ئانىسىغا ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك قىلغاندەك بەك ئېغىر ئەلەم بولغان. بىزمۇ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن قاتتىق چۈچىدۇق ۋە بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇق. بىر قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ ئىنسابى ۋە ئادىمىيىلكىگە چوڭقۇر قايغۇردۇق. JS7}K)A2B6  
بىز بۇ يەردە كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ سەمىگە شۇنى سالىمىزكى ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى 2006 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئىلھامجان ئەلى ھەققىدىكى بۇ قېتىملىق خەيرى – ساخاۋەت ئىئانە توپلاش پائالىيىتى پەقەت ۋە پەقەت تور ئارقىلىقلا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ھېچقانداق بىر كىشى ئىلھامجان ھەققىدىكى سۈرەتلىك مۇراجەتنامىنى بېسىپ چىقىرىپ كوچا – كويلاردا، مەسچىت – رېستۇرانلاردا ‹‹ ئىئانە توپلاش ›› پائالىيىتى تەشكىللمىدى. ئىلھامجاننىڭمۇ ھېچقانداق بىر ئۇرۇق – تۇغقىنى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانمىدى. ئىئانە قوبۇل قىلىش شەكلى پەقەت ۋە پەقەت 2 خىل : بىرى بىۋاسىتە دوختۇرخانىغا يوقلاپ بېرىپ، ئىلھامجاننىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇش. يەنە بىرى، بىۋاسىتە ئىلھامجان نامىدىكى سودا – سانائەت كارتىسىغا پۇل يوللاش. باشقا ھەرقانداق شەكىلدىكى ئىئائە قوبۇل قىلىش پائالىيىتى تەشكىللەنمىدى. كۆپچىلىك ۋاقىپ بولغاي ۋە غەيرىي نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئىلھامجاننىڭ نامىنى سۈيئىستىمال قىلىپ كوچا – كويلاردا ئىئانە يىغىۋاتقانلىقىدەك ئىشلاردىن ھەر زامان ئاگاھ بولغاي ! `Y({#U  
ئەگەر يەنە مۇشۇنداق ‹‹ ئىلھامجان نامىنى ›› سۈيئىستېمال قىلغۇچىلارنى بايقىغۇچى تورداشلار بولسا (ئەتە جۈمە بولغانلىقى سەۋەبلىك بەلكىم چوڭ مەسچىتلەرنىڭ ئالدىدا بۇ ئىشنى تەكرار سادىر بولامدىكىن دەپ گۇمان قىلىۋاتىمىز …) دەرھال نەق مەيداننى ئاپپارات ياكى يانفۇن ئارقىلىق سۈرەتكە تارتىۋېلىپ بىزگە تاپشۇرۇپ بېرىشىنى بۇ ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا دىلو مەلۇم قىلىشىمىزغا ياردەم قىلىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمىز! M3;v3 }z<-  
تېخىمۇ كۆپ تەپسىلات ئۈچۈن يۈكسەل بلوگىغا دىققەت قىلغايسىز: http://www.yuksel.me/358.html
دەرىجە: دانىشمەن

جەۋھەر: 308
يازما: 754
جۇغلانمىسى: 4110
شۆھرەت: -3 كىشىلىك
تىللا: 757 دانە
توردا: 268(سائەت)
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2010-09-04
12-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-06 09:14

شۇنداقمۇ ناباپ كىشىللىرىمىز باركىن ، خۇددى تىرىك پېتى گۆرىگە تىقىپلا ۋەتكۈدەك ... بىزدە ئارنۇمۇس ياكى پەدىشەپ سەل ئاز بولۇنۇپ قالدى ... غۇرۇردىن گەپ ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ... خۇددى ئۇنىڭغا قۇرساق تۇيامدۇ _ ، دەيدىغان ھايۋانغا ئوخشاش ياشاشنى ھەممىدىن ئەۋزەل بىلىدىغان مۇناپىق ئىنسانلىرىمىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە بار ... ئۇيغۇرلار ئۇنداق بولسا بولمايدۇ ... بىزدىكى ئىنساپ نەگە كەتتى ... دىيانەت نەگە كەتتى ... مېھىر - مۇھەببەت نەگە كەتتى ... پەقەت ۋە پەقەتلا يوقاپلا كېتىۋاتىدىغۇ ... ئېسىت ... بولسا ئەزىز قېرىنداشلار  قېرىندىشىمىز ئىلھامجان ئېلىغا يارىدەم قولىمىزنى بىرلىكتە سۇنۇپ قويساق ، ئاللاھ بىرگە مىڭنى بىرەر ... ئائىلىمىزگە بەركەت بەرسە ئەجەپ ئەمەس ... تاما - تاما كۆل تۇلا دەيدىغان ھېكىمەتلىرىمىز بار ... قېنى دوسىتلار ...
دەرىجە: يىڭى ئەزا

جەۋھەر: 0
يازما: 44
جۇغلانمىسى: 251
شۆھرەت: 4 كىشىلىك
تىللا: 44 دانە
توردا: 92(سائەت)
تىزىملاش: 2010-04-27
ئاخىرقى: 2010-08-31
13-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-07 21:15

بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان ئەڭ ئېغىر ئاقىۋىتى شۇكى، باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى خالايدىغان مۇھەببەتلىك قەلبلەرنى شۈبىھىيلەندۈرۈپ، ياردەمگە ئىھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ دەل ۋاقتىدا ياردەمگە ئېرىشىشىگە زور توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ. كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىشەنچنى ۋەيران قىلىپ، ئۇمۇميۈزلۈك گۇمان بىلەن قاراشنى، بۇ خىل خەيرى – ساخاۋەتلىك پائالىيەتلەرگە سوغۇق پوزىتسىيىدە بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ. بەلكىم زەنجىرسىمان تەسىرى بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولۇشى مۇمكىن … kh>SrW]B%  
بۇ ئىشنى ئاڭلاپ تا ھازرىغىچە ئۆز قۇلىقىمىغا ئىشىنەلمەيۋاتىمەن !