1. دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە باشقا قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپ بولغان ، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق شەكىلدىكى مەزمۇننى يوللاش قەتئىي چەكلىنىدۇ . *n|0\V<
2. شەھۋانىلىق ۋە جىنايەت-تېرورلۇق تەرغىب قىلىنغان ، دىنىي تۈسى قۇيۇق بولغان ھەر قانداق شەكىلدىكى تېمىلارنى يوللاش مەنئىي قىلىنىدۇ . M~{P',l*
(يۇقىرىقى ئىككى تۈرگە خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ IP ئادرېسى خاتىرىلىنىپ ئالاقىدار ئورۇنلارغا مەلۇم قىلىنىدۇ ، بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ) eV{FcJha
3. تېما يوللىغاندا باشقىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئەتى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ، باشقىلارغا تۆھمەت ۋە ھاقارەت قىلىپ ئارىدا ئىناقسىزلىق پەيدا قىلىدىغان مەزمۇنلارنى يوللاشقا بولمايدۇ . L/iVs`qF
4. باشقا تور بېكەت ۋە مۇنبەرلەردىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن تېمىلارنىڭ چوقۇم بىۋاستە مەنبەسى ئەسكەرتىلىشى كېرەك ، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ . ~=AKX(Q
5. مۇنبىرىمىزدە ئېلان قىلىنغان تېمىلارنى باشقا بېكەت-مۇنبەرلەرگە تەۋسىيە قىلغاندىمۇ چوقۇم مۇنبىرىمىزدىن ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلىشى كېرەك . eE.5zXU3R
6. تېما يوللىغاندا تېمىنىڭ مەزمۇنى ۋە خارەكتېرىگە قاراپ ماس كېلىدىغان سەھىپىگە يوللاڭ ، ئۆز ئورنىغا يوللانمىغان تېمىلار تاكى توغرا يوللانمىغۇچە تەستىقلانمايدۇ . cLyuCaH>c
7. مەزمۇن تەكرارلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇنبىرىمىزگە ئىلگىرى يوللىنىپ بولغان تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ . تېما يوللاشتىن بۇرۇن يوللىماقچى بولغان تېمىڭىزنىڭ مۇنبىرىمىزدە بار-يوقلۇقىغا دىققەت قىلىڭ . تەستىقلاش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن تېمىلار ئارقا ساھنىدىن بىۋاستە ئۆچۈرىۋېتىلىدۇ ھەمدە ئىمكانقەدەر تېما ئىگىسىگە تەستىقلانماسلىق ياكى ئۆچۈرۈلۈش سەۋەبى ئەسكەرتىلىدۇ . ئەگەر يوللىغان تېمىڭىز تەستىقلانمىغان ياكى ئۆچۈرۈلگەن بولسا يۇقىرىقى شەرتلەر بويىچە سەۋەبىنى ئىزدەپ بىلىۋالسىڭىز بولىدۇ . ئالاھىدە ئەھۋال بولسا باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىڭ ياكى بېكەت-مۇنبەرگە ئىنكاس قىلسىڭىز بولىدۇ . 5c}9
8. ئەزالار تېمىغا ئىنكاس قايتۇرغاندا گەپ-سۆزگە دىققەت قىلىشى ، يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك دۆلەتنىڭ قائىدە-نىزاملىرى ۋە بېكەت قائىدىسىگە ئەمەل قىلغاندىن باشقا يەنە ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى ھۆرمەتلەپ ئەدەبلىك ئىنكاس قايتۇرۇشىنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمىز . ئىنكاستا مەدەنىيەتسىز گەپ-سۆزلەرنى ئىشلىتىشكە ، باشقىلارنى ھاقارەتلەيدىغان ، پىتنە-پاسات تارقىتىپ مۇنبەردە ئىختىلاپ ۋە ئىناقسىزلىق پەيدا قىلىدىغان سۆزلەرنى قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ . 4xpWO6Q
9. ئىز تورى تورداشلارنىڭ ئىجادىيەتلىرىنى ئالاھىدە قارشى ئالىدۇ! بۇنداق ئەزالارغا ھەر خىل بىكەت تەسىس قىلغان مۇكاپاتلارنى بىرىدۇ.