- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-3-10
- تىزىملاش
- 2010-12-25
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 1سائەت
- جۇغلانما
- 19
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 1
- تېما
- 1
- توردا
- 1سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 0
- يازما
- 1
- تېما
- 1
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئوقۇتقۇچىلار كۇلۇبىنىڭ قىزغىن قوللىغۇچىلىرى ۋە جاپاكەش باغۋەنلەر!
ئوقۇتقۇچىلار كۇلوبىغا مەسئۇلىيەتچان، ھەقىقىي ھالدا ئۇيغۇر مىللىي مائارىپ ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغان، دەرسخانا ئوقۇتۇشى ۋە مائارىپ ئىشلىرىدا ئورتاقلىشالايدىغان تورداشلارنى باشقۇرغۇچىلىققا تەكلىپ قىلىپ ۋە كۆتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى جەھەتتە پىكىر ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، بۇ ئارقىلىق مىللىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن سورۇن ھازىرلاپ بېرىش ۋە ئوقۇتۇش بايلىقلىرىدىن ئورتاق بەھىرلىنىش مەقسىتىدە، بۇ قېتىملىق باشقۇرغۇچى قۇبۇل قىلىش تېمىسى يوللاندى. مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە ئۆزۈڭلارنىڭ پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويساڭلار بولىدۇ.
يەنە بۇنىڭغا قوشۇپ، تور بېكىتىمىز باشقۇرغۇچىلىرى <<ئوقۇتقۇچىلار كۇلۇبى>> تەييارلىغان تۈرلۈك دەرس دىتالى، دەرس تەييارلىقى ۋە ھەر خىل ئىمتىھان سوئاللىرىدىن ھەقسىز بەھرىمان بولۇش، <<ئوقۇتقۇچىلار كۇلۇبى>> ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىچكى ۋە تاشقى خىزمەتلەرنى سىناش ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، كەسپى سەۋىيىسى ۋە كومپىيۇتېر بىلىملىرى يۇقۇرى بولغان، تور بەت باشقۇرۇش ئاساسىي ماھارىتىگە ئىگە بولغانلار <<ئوقۇقتۇچىلار كۇلۇبى>>نىڭ ئەزالىقىغا قۇبۇل قىلىنىش قاتارلىق ئىمتىيازلاردىن بەھرىمان بولالايدۇ.
tirkesh.cn tirkesh.com تور بېكىتىمىز 2008- يىلى ئەسلىدىكى "تارىخ ئوقۇتۇش مۇنبىرى" ئاساسىدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتا مەخسۇس ئوتتۇرا مەكتەپ تارىخ ئوقۇتۇشنى ئاساس قىلغان تور بىكەت ئىدى. 2009- يىل تور تاقىلىپ قېلىش سەۋەبى بىلەن تور بېكىتىمىز توختاپ قېلىپ tirkax.cn دېگەن تور نامىنى ئېلىشقا مۇمكىن بولماي قېلىپ, ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى تۈپەيلىدىن، تارىخ ئوقۇتۇش مۇنبىرىنى داۋاملىق ئىچىش ئىمكانىيىتى بولماي، 2010-يىلى ھازىرقى tirkesh.cn, tirkesh.com دېگەن بۇ ئىسىمنى قايتا ئالغاندىن كېيىن ئۆز كەسپىمنىگە ماسلاشتۇرغان ھالدا ئوقۇتقۇچىلار كەسپىي تور بېكىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بۇ تور بىكەتنى مۇشۇنچىلىك قىلىىپ ماڭدۇرۇپ ئىلىپ كېتىپ بارىمىز. مۇشۇ جەرياندا كەڭ ئوقۇقتۇچى-مائارىپچىلار ئۈچۈن قۇرۇلغان تور بەتنىڭ ئانچە كۆپ ئەمەسلىكىنى، بولۇپمۇ ئوقۇقتۇچىلارنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىش سورۇنىنىڭ يوق دىيەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھازىر “ئوقۇقتۇچىلار كۇلۇبى" رەسمىي ئىچىۋىىلدى. بۇنىڭ كولوبىمىز كەڭ ئوقۇقتۇچى ئۇستازلارنىڭ ۋە تورداشلارنىڭ تورداشلارنىڭمۇ ياخشى باھاسىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ئىشتا تورداشلارغا چىن كۆڭلىمىزدىن ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. بولۇپمو مۇشۇ جەھەتتە تېخنىكىلىك ياردەم ۋە مەسلەھەت بەرگەن نۇرقۇت دۇنياسىدىكى FinalDream ئەپەندىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئىيتىمەن!
ھازىر تور بېكىتىمىز بىر قسىم ئىشلارنى پىلانلىغان بولسىمۇ تور بىكەتنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، بىلگەنلەر بىلەن بىلمىگەنلەرنى ئورتاقلاشتۇرۇش، تەشۋىقات، قوللاش ۋە مائارىپ ۋە ئوقۇتۇشقا دائىر يېڭى بىلىملەرنى (2008-يىلى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر، يەنى مىللىي خەنزۇ تىل سىستيىمىسىدكى مەكتەپلەر بىرلا ۋاقىتتا يېڭى دەرس ئىسلاھاتىغا كىردى)كېڭەيتىش، مائارىپ ئوقۇتۇش بايلىقلىرىدىن ئورتاق پايدىلىنىش، ئالماشتۇرۇش مەقسىتىدە <<ئوقۇتقۇچىلار كۇلوبى>> نىڭ ھەر قايسى سەھىپىلىرىگە تۈر باشقۇرغۇچى ۋە باشقۇرغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىشنى قارار تاپتۇق.
باشقۇرغۇچىلىققا ئىلتىماس قىلىش ۋە تەكلىپ قىلىش شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. ئۇيغۇر تىلى ئىملا قائىدىسىگە ئەمەل قىلالايدىغان بولۇش
2. ئۇيغۇر تور مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلغان ھالدا ساغلام ، قانۇنلۇق تور مۇھىتىنى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش ئېڭى يۇقۇرى بولغانلار(مۇھىم)
3. ئەخلاقلىق، سەمىمىي بولۇش
4.مائارىپ ۋە ئوقۇقتۇچىلىق كەسپىنى قىزغىن سۆيىدىغان، كەسسىپچانلىقى كۈچلۈك بولغان، مىللىي مائارىپ ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن بارلىق ئوقۇتقۇچىلار
4. كومپيۇتېر ۋە تور بىلىملىرىدىن بەلگىلىك ئىقتىدارى بولغان، مائارىپ ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغان بىكەت باشلىقلىرى(بۇلارغا كولۇبىمىزدىن ئۆز بىكىتىنى تەشۋىق قىلىشقا ئېلان ئورنى ھازىرلاپ بىرىلىدۇ)
5. كۈندە دېگۈدەك تورغا چىقىش ئىمكانىيىتى بارلار
باشقۇرغۇچى بولۇشنى خالايدىغان تورداشلار ئاۋۋال تور بېكىتىمىزگە تىزىملىتىپ كىرىپ ئاندىن مۇشۇ تىما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرۇپ قويسا ياكى ماڭا قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق يوللىسا بولىدۇ.
تور بېكىتىمىزگە قارىتا تەكلىپ، تەلەپ پىكىرلەر بولسىمۇ مەزكۇر تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە تۆۋەندىكى تىما ئاستىغا قالدۇرۇپ قويسا بولىدۇ.
http://www.tirkesh.cn/club/forum.php?mod=viewthread&tid=1
كولۇبقا تىما يوللاش دەرسلىكى
http://www.tirkesh.cn/club/forum.php?mod=viewthread&tid=301
كولۇپقا ئىنكاس يوللاش دەرسلىكى
http://www.tirkesh.cn/club/forum ... =303&extra=page%3D1
ئالاقىلىشىش تىلىفۇن: 15309981571
ئېلخەت: tirkax@126.com
QQ:344832666
<-sina_sign,1920592152,240a04bd,2-> بۇ يازمىنى ئاخىرىدا salkin11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-10 17:12
|
|