
ئەقىدەمدىن تۇتىمەن گۈلدەستە 
قەلبىمدىكى ئوتلۇق تۇيغۇلار، ھىجرانلاردا كۆيدۈرگەن مىنى. ۋىسال ئۈچۈن قەلەندەر قىلىپ، مۇڭ قوينىغا چۆكتۈرگەن مىنى. 
پاك ئەقىدەم ئارزۇ-ئۈمۈتتە، سىنى كۈتۈپ ئۆتمەكتە كۈنۈم. ۋۇجۇدۇمدا مۇجەسسەم ئەيلەپ، مىسرالارنى تىزماقتا كۈيۈم. 
مەۋجۇت ئۇرسا سۆيگۈ دولقۇنى، قەدىمىڭ بىلەن تۆلىگىن بەدەل. چىن قەلبىمنى ساڭا ئاتايمەن، بۇ يولدا كەلسىمۇ ماڭا ئەجەل. 
سۈيەي دەيمەن بىر ئۆمۈر سىنى، ھەر سۆزۈمنى ساقلىغىن ئەستە. ھىجراننىڭ قېلىچى تەگسىمۇ گەر، ئەقىدەمدىن تۇتىمەن گۈلدەستە. 
مەنبە قەلىمىم  بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-10 11:48
|