ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئىز تورىغا تەكلىپ توختاپ تۇرماڭ توختاخۇن !
كۆرۈش: 301|ئىنكاس: 12
go

توختاپ تۇرماڭ توختاخۇن !  

توردا
3سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئىز تورى مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەر :

توختاپ تۇرماڭ توختاخۇن !

( « ت » دىن باشلانغان سۆز سەنئىتى )

ئاپتۇرى : غولامجان قادىرى قۇتبىلىگ


تېلىۋېزوردا تونۇلۇپ تاماششىبنلارنى توختىماي تېلىقتۇرغان توختاخۇننى تونۇيدىغانلار تولا .

تام تۈۋىدە تاشلانغان تاشتەك تاماكا تارتىپ تۇرىۋىرىدىغان توختاخۇن تېرىشمىغاچقا تۇرمۇشى تولىمۇ تەسلەشكەنتى . تېرىمدىكى تۇققانلارمۇ، توققۇزاقتىكى تۇراخۇنمۇ ، تاغىسى تۇرداخۇنمۇ ، تەلكىدىكى تاغلىق تەڭتۈشلارمۇ توختاخۇنغا تۇرمۇشىنى تەرەققىي تاپقۇزۇش توغرىسىدا تالاي تىجارەت تۈرلىرىنى تونۇتتى ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى تۇتقۇزدى .

تەييار تاماققا تويۇنۇپ ، تەييار تاپلىقنى تاشلىمىغان توختاخۇنغا تەر تۆكۈپ تەرەققى تېپىش
تولىمۇ تەس تۇيۇلغاچقا ، تەربىيەنى تىڭشىماي ، تۇرىۋەردى . تەرسالاشقان توختاخۇن تەنقىت –تەربىيەلەرنى تىڭشىمىغاچقا تەڭتۈشلىرىمۇ ،
تۇققانلارمۇ توختاخۇنغا تەككۈزىدىغان تەمىناتنى تەلتۆكۈس توختاتتى . تەمتىرىگەن توختاخۇن تىجارەتتە تەڭتۈشلىرىدەك تەرەققىي تاپالماسلقتىدىن تولىمۇ تەشۋىشلىنىپ تۇراتتى . تەرەپ-تەرەپتىن تاناۋىسى تارتىلغان توختاخۇنغا تىرناق تاتلاپ تۇرىۋىرىشمۇ تەسكە توختىدى .

« تۇرىۋەرگەنگە تاغمۇ توشىمايدۇ » . تۇرمۇش تەسلىشىدۇ ، تۇرمۇش تۇرىۋەرگەنگە توختاپ تۇرمايدۇ .تۇرمۇش تەخىرسىزدۇر . تېرشمىغانلارنىڭ تەئەللۇقاتى توزغاقتەك توزۇيدۇ .

تولا تەنبىھلەنگەن توختاخۇن تەشكىلنىڭ توغرا تەربىيلىشى تۈرتكىسىدە تەمتىرىمەي – تەشۋىشلەنمەي تۇرمۇشىنى تەرەققىي تاپقۇزۇشقا تۇتۇندى .

توغرا تاپاۋەتنىڭ تەرەققىياتنى تېخىمۇ تېزلىتىدىغانلىقىنى تونۇغانلارنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ تېزلىشىدۇ .
تەپەككۇرى تېشىپ ،
تېرىشچانلىقىنى توغرا تاپقان توختاخۇن تەييارتاپلىقىنى تاشلاپ، توغرا تونۇشتا تېنىمسىز تېرىشسىلا تۇرمۇشنىڭ تەرەققىى تاپىدىغانلىقنى تونۇدى . تېخنىكىغا ، تىجارەتكە تايىنىپ تۇرمۇشىنى تەرەققىي تاپقۇزۇش تۇيغۇسى تاكامۇللاشتى . توغرا تېخنىكىغا تايىنىپ توختىماي تېرشىۋەرگەچكە توختاخۇننىڭ تىجارىتى تېز تەرەققىي تېپىپ ، تۇرمۇش تەمىناتىمۇ تولۇپ تاشتى .تۈرلۈك تاماقخانلارغا ، توي –تۆكۈنلەرگە تولىمايدىغان ، تەڭتۇشلىرىمۇ توختاخۇندىن تەئەججۈپلەندى ،تەپ تارتتى. تۈرلۈك توي – تۆكۈنلەرگە توختىماستىن تولاپ تۇردى .

تەرەققىي تاپقان ، تولۇپ - تاشقان تەمىناتنىڭ ، تاتلىق تۇرمۇشنىڭ تەمىنى تېتىغان توختاخۇننىڭ تۇيغۇلىرى تايچاقتەك توختىماي تېپچەكلەيتى .

توختاخۇننىڭ تەرسالىقىمۇ تۈگدى . تېخنىكىغا تايىنىپ تەرەققىي تاپقان توختاخۇننىڭ تېرىشچانلىقى توختىمىغاچقا تەشكىل تەرپىدىن تەرىپلىنىپ تەقدىرلەندى . تەقدىرلەنگەن توختاخۇننىڭ تىجارىتىنى تەرەققىي تاپقۇزۇش تۇيغۇسى تېخىمۇ تولۇپ تاشتى .

تۇرمۇشنىڭ تۈرلۈك – تۈمەن تەقەززاسىغا تەھلىدىمىزنى تەدبىقلىساق تۋەندىكىلەرنى تاپالايمىز :

تۇيغۇمىزنى توغرىلارپ توغرا تاپاۋەت تېپىشقا توختىماي تېرىشساقلا تۇرمۇشىڭىز تەرەققىي تاپىدۇ . تەمىناتىڭىزمۇ تولۇپ تاشىدۇ. تەرەققىي تاپمىغان ، تاپالمايۋاتقان تەڭتۇشلىرىمغا ، تونۇشلىرىمىزغاتۆۋەندىكى تەكلىپ – تەۋسىيەمنى تۆۋەنچىلىكتە تۇرۇپ تەڭلىمەكچىمەن . تاپقان تېمام تېتىسا تەڭ تۇرۇپ تىڭشىغايسىزلەر ، تېتىمىسا تەكلىپ – تەنقىدىڭلارنى تەڭلىگەيسىزلەر . تەرەققىيات تەرەپدارلىرىغا تاپشۇردىغان تەكلىپ تەۋسىيەم تۆۋەندىكىچە :

توغرا تاپاۋەت تونۇشىنى تۇرغۇزۇپ تەرەققىي تاپقان تىجارەتنى تەشكىلمۇ تارتۇقلايدۇ .توغرا تىجارەتتە تاپقان تاپاۋىتىڭىز تەرەققىي تاپىدۇ ، توزىمايدۇ . توغرىلىق – تەشۋىشسىزدۇر.تەرەققىيات تەخىرسىزدۇر . تەرەققىي تاپمىغان ، تاپالمايۋاتقان تەڭتۈشلىرىم ، تونۇشلىرىم تىڭشاڭلار : تېرىشماستىن تۈگۈلۈپ ،تام تۈۋىدە تاماكا تارتىپ تۇرىۋەرسەك ، تېخنىكىغا ، تاپاۋەتكە تايىنىپ تەرەققىي تاپمىساق ، تۇيۇماستىنلا تارىخ تەرىپىدىن تاشلىنىپ
– تۈگىشىمىز . تەلەي – توغرا تەرەپنى تۇتۇپ توختىماي تېرىشقانلارغا تالىقتۇر .

توغرا تىجارەتتە تېرىشقانلارنىڭ تاپاۋىتىنىڭ توختىماي تەرەققىي تېپىشىغا ، تەئەللۇقاتنىڭ تاغدەك تولۇپ –تېششغا تىلەكداشمەن .

تەرەققىي تېپىڭ

توختاپ تۇرماڭ توختاخۇن !


ئىز تورى مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەر :

ئەسكەرتىش : مەزكۇر ئەسەرنى ئاپتۇرنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي ئىشلىتىشكە بولمايدۇ .

- ئاپتۇردىن

مەنبە : ئۆزۈم



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kutbilig تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-9 11:37

توردا
356سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1230 
تېما
26 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تۆھپىكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قالتىس...........

Rank: 8Rank: 8

توردا
765سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
1498 
تېما
66 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تالانتىڭىزغا قايىل بولدۇم، مۇكاپاتقا ئىرشىشىڭىزگە تىلەكداشمەن.
قولۇڭدا بارىدا قەدرىگە يەتمەي،
يوقاتقاندا ئاھ ئۇرما!

Rank: 8Rank: 8

توردا
372سائەت 
نادىر تېما
دوست
31 
يازما
556 
تېما
105 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
باشتىن ئاياغ تې ھەربى بىلەن باشلاپ قالتىس يېزىپسىزغۇ؟ ھەقىقەتەن تىلغا بايكەنسىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-9 19:35

توردا
42سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
45 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سۆزلەرنى مەزمۇن جەھەتتىن بەك ماسلاشتۇرۇپسىز . سىز ئىيتقاندەك ئادەم ئاز تولا ئەمگەك قىلسا ئۇنىڭ مىۋىسىنى كۆرىدۇ ،يول تىرىشچانلارغا مەڭگۇ ئوچۇق .

توردا
79سائەت 
نادىر تېما
دوست
17 
يازما
453 
تېما
10 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يارايسىز!

توردا
1339سائەت 
نادىر تېما
دوست
39 
يازما
1611 
تېما
143 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇنى ئوقىۋىتىپ تىلىممۇ ت دەيدىغان بوپ قالدى دىسە~

توردا
17سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
43 
تېما

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كارامەت يىزىپسىز، سىزنىڭ قەشقەر دىگەن شېئىرىڭىزنى بەك ياقتۇرمەن ،مۇمكىن بولسا مۇنبەرگە يوللاپ قويغان بولسىڭىز.

Rank: 8Rank: 8

توردا
756سائەت 
نادىر تېما
دوست
91 
يازما
2636 
تېما
452 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تۇنجى قەدىمىڭىزنى باشلاپسىز ... ئەسىرىڭىزنىڭ مۇكاپاتقا ئىرىشىپ قلىشىغا تىلەكداشمەن ... باشقا بىكەتلەردە چىقىپ قالماس - ھە ! ... قېرىندىشىمىز ۋورىد بۇ تېمىنى يۇرۇتۇپ قويۇپتۇ . مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنى قائىيدە بويۇنچە يۇرۇتۇشقا ۋە نادىرلەشكە بولمايدۇ ... پەقەتلا ئىنكاس بىلەنلا ئۆز قارىشىمىزنى ۋە ئەسەرنىڭ بىزلەرگە ئېلىپ كەلگەن تەسىرىگە قارىتا باھا بەرسەكلا بۇلاتتى ... ئامال بار دىققەت قىلىڭلار ... ياخشى بىر ئەسەرنىڭ تاشلىنىپ قېلىشىغا سەۋەپچى بولۇپ قالمايلى ! ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا salkin11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-10 09:24

مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

توردا
3سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
salkin11 يوللانغان ۋاقتى 2011-3-10 09:21
تۇنجى قەدىمىڭىزنى باشلاپسىز ... ئەسىرىڭىزنىڭ مۇكاپاتقا ...

ئۇنداقتا سىز يورتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۋەتسىڭىز قانداق ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-13 13:32

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.