مۇنبەردىكى خانىم قىزلارئەسسالام، بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن. بۈگۈنكىدەك خۇشال كۈنلەردە، دىلىڭلار بىر يايراپ خۇشال كۈلسۇن.
بۈگۈن بولدى سىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ، 101يىشىڭغا مۇبارەك بولسۇن. ئۆتتى شۇنچە قىش ھەم ياز، 101يىشىڭغامۇبارەك بولسۇن .
بىز ئەرلەرمۇ قاراپ تۇرمايلى، تەبرىكلەيلى ئانا ،ئايال،قىزلارنى. بۈگۈن بايرىمى ئۇلارنىڭمۇ، كۆڭلىنى ئۇتۇپ خۇشال قىلايلى.
بۈگۈن مانا ئاياللار بايرىمى، ئاياللار ئازادلىقىنىڭسىموۋۇلى. بىز ئەرلەرنى كۆكلەتكەن ئايال، بۇ بايرامنى تەڭ تەبرىكلەيلى.
بىزمۇ بىر ئىنسان ئەر بولساقمۇ ، بىزنى يەنىلا شۇ ئايال تۇققان . بىقىپ بىزنى مىڭ بىر جاپادا، ئۆزىنى تاشلاپ بىزنى،قاتارغا قوشقان.
كۈيلىگۈم كىلىدۇ كۆپلەپ ئۇلارنى، بىراق مەن دىھقان شۇنچىلىك كۈيلەي. مۇشۇنداق خۇشال كۈنلەردە ، ئايالىمنى قەدىرلەپ سۆيۈندۈرەي .
ئۇلار تەشناغۇ بىزنىڭ مىھرىمىزگە، بىزمۇ ئۇلارغا ھىسداشلىق قىلايلى. تارتقان جاپا ئەجرىگە چۈشلۇق. بىز ئۇلارنى خۇشال قىلايلى.
ئايال ئۇ مىھنەتسىز ئىنسان، ئاللا ئىگەم ئۇلارنى شۇنداق ياراتقان. بىزلەرنىڭ كۈلكىمىز،ئىللىق مىھرىمىز، ئۇلارنى نەقەدەر خۇشال سايراتقان،
ئەزىزدوستلار قىرىنداشلار ، خانىم قىزلار ،مەن دىھقان مۇشۇنچىلىك يازالىدىم قەلەم قۇۋۋىتىم تۆۋەن بولغاچقائىملا خاتالىقى بولۇشى مۈمكىن ،شۇنداقتىمۇ ئەسكەرتىش بىرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن ، مەنبە :ئۆز قەلەم ،
|