ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ھىكايە،رومان،پوۋىستلار ساختا ئىپپەت(ھىكايە) قۇرداش
كۆرۈش: 460|ئىنكاس: 12
go

ساختا ئىپپەت(ھىكايە) قۇرداش  

توردا
0سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ساختا ئىپپەت

(ھىكايە)

ئاپتۇرى:قۇرداش

ھايات سىرلىق، قىسمەتلىك، بەلگىسىز كارۋان. ئۇنىڭغا نىمىلەرنىڭ يۇشۇرۇنغانلىقىنى ھىچ كىشى بىلمەيدۇ، گاھ
ئۇ سىنى شاتلاندۇرسا،گاھ قەلبىڭنى جاراھەتلەندۇرىدۇ، گاھ
كۆزلىرىڭدە كۈلكە چاقناتسا، گاھ كۆزلىرىڭدىن
ياش تۆكتۈرىدۇ.......

ھايات شۇنداق، بىر قارىساڭ كۆڭۈللۈك، بىر قارىساڭ كۆڭۈلسىز، بىردە راھەت بىردە ئازاپلىق،ھايات، ئۆلچەملىك، ئويلىغىنىڭدەك،كۈتكىنىڭدەك مۇكەممەل بولمايدۇ. ھايات مۇساپىسىنىڭ ئۆلچەمسىزلىكىنى، ئويلىغاندىن سىرىت بولىدىغانلىقىنى، دەرد-بالاسىنى،ھەسىرەت-ئازابىنى ھەركىم بىشىغا كەلگەندە ئاندىن چۈشىنىدۇ، ئۇنىڭغىچە قانداق بولىدىغانلىقىنى ھىچ كىشى ھىس قىلالمايدۇ....... ھەي! بۇ ھايات، بۇ تۇرمۇش زادى كىمنى رازى قىلغاندۇ؟

ئۈستەل سائىتىنىڭ جىرىڭلىغان ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كەتكەن ئىدىم، مەن ئېرىنچەكلىك بىلەن بىشىمنى كۆتۈرۈپ سائەت سىتىرىلكىسىغا قارىدىمدە، شەھەردە ئىچىلىدىغان يىغىن ئىسىمگە كىلىپ ئورنۇمدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتىم، ئورون-كۆرپىلىرىمنى بىر قۇريىغىشتۇرۇپ، يۈز-كۆزلىرىمنى يۇيۇپ، كىيىم-كىچەكلىرىمنى ئالدىراپ كىيىپ، ئەينەك ئالدىغا كىلىپ ئۆزۈمنى بىر قۇر تۈزەشتۈردۈمدە، قول سومكامنى ئىلىپلا يولوچىلاربىكىتى تەرەپكە يول ئالدىم.

ئالتۇنكۈز پەسلى، دەرەخ شاخلىرىدىن تۆكىلىۋاتقان سارغايغان يوپۇرماقلار،
كوچا-كويلارغا سىرىق رەڭلىك ئەتلەستىن يىكەندازسالغاندەك شۇنداق چىرايلىق كۆرۈنەتتى.
سەھەرۋاقتى بولغاچقا سىرىتتا ئادەممۇ ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى، بىكەت بىلەن ياتىقىمنىڭ ئارلىقى ئانچە يىراق بولمىغاچقا تاكسى توسىمايلا تەبىئەتنىڭ بۇگۈزەل مەزنىرىسىدىن ھوزورلانغاچ، يولوچىلار بىكىتى تەرەپكە پىيادە كىتىۋاتاتتىم. بىكەت تەرپكەقايرىلىدىغان دوقمۇشقا كەلگىنىمدە ، ياندىكى كوچىدىن، غۇنچە بوي، ئاق سۈزۈك، تەققى-تۇرقى چىرايلىق، پۇزۇر كىيىنىۋالغان بىر قىز چىقىپ كەلدى. مەن يىغىنغائالدىرىدىممۇ ئەيتاۋۇر ئۇ قىزنىڭ تاشقى قىياپىتىگە يىراقتىن شۇنداقلا بىر قاراپلا يولومغا راۋان بولغان ئىدىم. .

سەھەربولغىنىغا قارىماي بىكەت شۇنداق ئاۋات ئىدى، ناھيە بىلەن شەھەرنىڭ ئارلىقى ئوننەچچە كىلومىتىر كىلىدىغان بولوپ، ئۆيى ناھيىدە خىزمەت ئورنى شەھەردە، ئۆيى شەھەردە ئۆزى ناھيىگە كىلىپ ئىشلەيدىغانلار كۆپ ئىدى، يولوچىلار بىكىتى ھەر كۈنى ئەتتتىگىنى ئىشقا چىقار ھەم كەچ ئىشتىن چۈشەر ۋاقىتىدا ناھىيىدىن شەھەرگە، شەھەردىن ناھىيىگە شۇنداقلاناھىيە ئىچىدىن يېزا-بازارلارغا ئىشقا بىرىپ-كىلىدىغانلاربىلەن قوشۇلۇپ بىر قايناق بازارغا ئايلىناتتى.

مەن بىكەتكە كىردىمدە شەھەرگە بارىدىغان
كىراماشىنىسىغا ئالدىراپ چىقتىم. ماشىنا ئىچىدە ئاساسەن بوش ئورون قالمىغان ئىدى. مەن بوش ئورون چىقىپ قالارمۇ دىگەندەك بىشىمنى ئۇياق-بۇياققا سوزوپ قاراشقا باشلىدىم.
دەل شۇ ۋاقىتتا بىر قىزنىڭ نازۇك يىقىملىق
ئاۋازدا،« بۇياققا كىلىڭ، بۇيەردە بىر كىشىلىك بوش ئورون بار» دىگەن سۆزى قۇلۇقىمغا ئاڭلانغان ئىدى، مەن كىمنى چاقىرىۋاتقاندۇ
دىگەن خىيال بىلەن ئىختىيارسىز
ئاۋاز
چىققان تەرەپكە بۇرۇلدۇمدە ھەيران قالدىم، «توۋا! بۇ ھىلىقى مىنىڭ كەينىمدەقالغان قىزغۇ، ھەجەپ بۇيەردە ئولتۇردىغۇ» دىگەن خىيال كاللامدىن يالىتلا ئوتتى،ئۇنىڭغىچە ئۇ قىز ماڭا قاراپ ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن قولىنى شەرەتلەپ ئۈلگۈرگەن ئىدى. مەن ئاندىن ئۇ قىزنىڭ مىنى چاقىرغانلىقىغا جەزىم قىلدىمدە ئۇ قىزنىڭ يىنىدىكى بوش ئورون تەرەپكە ماڭدىم.

قىزنىڭ يىنىغا كىلىشىمگە تىنىقىمغا ئۇرۇلغان خوش بۇي ئەتتىر پۇرىقىدىن تەنلىرىم يايراپ،يىگىتلىك ھىس- تويغۇلۇروم غىدىقلىنىشقا باشلىغان ئىدى. مەن قىزنىڭ يىنىغاجايلىشىۋالغاندىن كىيىن گەپ باشلىدىم.

-رەھمەت سىزگە، مىنى دەپ ئورون ساقلاپ قويغىنىڭىزغا- دىدىم قىزغا چاخچاق ئارىلاش.

-ۋىيەي! نىمە دەيدىغانسىز، ماشىنىغا چىقىپلا قانىتى بوغۇلغان غازدەكلا بوينىڭىزنى ئۇياق-بۇياققا سوزوپ ئورون ئىزلەۋاتىسىز، شۇڭا سىزگە رەھىمىم كىلىپ سىزنى چاقىرىۋالدىم،بۇ ئوروندا سىز ئولتۇرمىسىڭىزمۇ باشقا بىرى كىلىپ ئولتۇردۇ-دە،- دىدى چاخچاق ئارىلاش.

-ھە! بايام مىنىڭ كەينىمدە قالغان ئىدىڭىز، ماشىنىغا مەندىن بۇرۇن چىقىپ بوپسىزغۇ؟قانات چىقىرىپ ئۇچمىغانسىز؟- دىدىم مەن قىزغا.

-ھە!مۇنداق دەڭ. بايام نەرسىسىنى يۇتۇرۇپ قويوپ ئىزلەپ ماڭغان ئادەمدەك ئالدىراش كىتىۋاتاتتىڭىز،نەگە ئالدىراپ ماڭغاندۇ دىسەم ئەسلى يولىمىز بىر ئىكەن ئەمەسمۇ، ئۇنى بىلگەن بولسام سىزنىمۇ قانىتىمنىڭ بىر يىقىغا ئولتۇرغۇزۇپ بىرگە ئۇچۇپ كىلەركەنمەن- دىدى قىزمۇ بوش كەلمەي.


گەپ-سۆزلىرىمىز ئەتراپىمىزدا ئولتۇرغان يولۇچىلارغا قىززىق بىلىندىمۇ، يولۇچىلار قاقاقلاپ
كۈلۈشۈپ كەتكەن ئىدى.

بىزشۇنداق كۈلكە-چاخچاقلار بىلەن بىردەمدىلا كونا تۇنۇشلاردەك ئۆز-ئارا قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدۇق.

-شەھەرگەنىمە ئىش بىلەن كىتىۋاتىسىز؟ -دىدىم مەن قىزغا.

-بىردوستۇم بالىنىستا يىتىپ قالغىلى بىر نەچچە كۈن بولدى، پەقەت ۋاقىت چىقىرالمىدىم.شۇڭا بۈگۈن ئىدارىدىن يىرىم كۈنلۈك سوراپ، شۇ دوستۇمنى يوقلاپ كىلەي دەپ كىتىۋاتىمەن، سىزچۇ نىمىگە ماڭدىڭىز؟.- دىدى قىز.

- ھە،بۈگۈن شەھەردە بىزنىڭ سىستىمىدىكىلەرگە يىغىن بار ئىكەندۇق، ئىدارە باشلىغى مىنىڭ قاتنىشىپ كىلىشىمنى ئىيىتقان ئىدى، شۇ يىغىنغا كىتىۋاتىمەن. – دىىدىم قىزغا.

-ھە! مۇنداق دەڭ، پۈتۈن بىر كۈن يىغىنغا قاتنىشامسىز؟ دىدى قىز،

-شۇنداققۇدەيمەن، ھەراس سىزنىڭ گەپ- سۆزلىرىڭىزدىن بۇيەرگە، يەرلىك ئەمەستەكلا قىلىسىزغۇ؟-دەپ سورىدىم قىزدىن.

-شۇنداق، مەن باشقا يۇرۇتلۇق. بۇياققا خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن كەلگەن. ھەراس سىزنىڭ گەپ-سۆزلىرىڭىزمۇ بۇيەرگە ياتلىغۇ؟ - دەپ سورىدى مەندىن.

دەل شۇ ۋاقىتتا ماشىنىنىڭ ۋاقتى توشتى بولغاي ماشىنا يىنىك چايقىلىپ ئورنىدىن قوزغالدى، ماشىنىنىڭ قوزغىلىشى بىلەن بىزنىڭ سۆھبىتىمىزمۇ بىردەملىك ئۈزۈلۈپ قالغان ئىدى.

ماشىناشەھەر تەرەپكە ئۇچقاندەك كىتىۋاتماقتا، مەن يەر تىگىدىن يىنىمدىكى قىزغا كۆزيۈگۈرتۈشكە باشلىغان ئىدىم، بايام پاراڭ بىلەن بولۇپ كىتىپ ئۇ قىزغا تۈزۈكمۇ كۆزيۈگۈرۈتەلمىگەن ئىدىم.


ئىنچىكە ئەگىمە قىشى، ئۇزۇن قايرىما كىرپىگى،چوڭ ئويناپ تۇردىغان بىرجۇپ شەھلا كۆزى، قىرلىق قىڭراقتەك قاڭشارلىق بۇرۇنى،جىنەستىدەك كىچىك قىزىل لەۋلىرى، ئۇ قىزنىڭ ئاق سىرىق كەلگەن چىرايىغا شۇنداق ماسلاشقان، مۆرىسىگە يىيىلىپ تۇرغان ساررغۇچ دولقۇنسىمان چىچى، كۆتۈرلۈپ تۇرغان كۆكسى، ئۆزىگە ياراشتۇرۇپ كىيىۋالغان كىيىملىرى قوشۇلۇپ بۇ قىزنىڭ گۈزەل ھۆسۇن-جامالىغا ھۆسۇن قوشۇپ باھاردا يىڭىدىن ئىچىلغان قىزىل گۈلدەك شۇنداق چىرايلىق كۆرۈنەتتى. كاللامدا « ھەي ! ئادەم بالىسىمۇ شۇنداق چىرايلق بولدىكىنە،توۋا! ھەجەپ بىر ناھىيىدە تۇرۇپ ، ئىلگىرى ھەجەپ قالغۇدەك كورمەپتىكەنمىنا» دىگەن خىيال ئەكىس ئىتىۋاتاتتى، قىز مىنىڭ ئۆزىگە يەر تىگىدىن قاراۋاتقانلىقىمنى ھىس قىلغان بولسا كىرەك، مەن تەرەپكە بىشىنى بۇرىدى. مەن دەرھال ، ئۆزۈمنىڭ يۇشۇرۇنچەئۇ قىزغا قاراۋاتقانلىقىمدىن خىجىل بولۇپ كۆزۈمنى باشقا ياققا ئىلىپ قاچتىم.

سۆھبىتىمىزيەنە داۋاملاشتى.

- ھەبايام مىنىڭ قەيەرلىك ئىكەنلىكىمنى سورىغاندەك قىلغان ئىدىڭىز، توغرا مەنمۇبۇيۇرۇتقا مۇساپىر، مەن ئەسلى «

ⅩⅩ


» شەھرىدىن ، مەنمۇ بۇياققا سىزگە ئوخشاش خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن كىلىپ قالغان.- دىدىم
قىزغا.

-ھە!مۇنداق دەڭ، ئەسلى ھەرئىككىلىمىز مۇساپىرداش ئىكەنمىزدە،.-دىدى قىز چاخچاق ئارىلاش.

كىچىكىمدىنلاخۇشچاخچاق، ئوچوق مىجەز ئىدىم، شۇڭلاشقىمىكىن باشقىلار بىلەن پاراڭلاشسام گەپ ئارىسىغا بىر ئىككى ئىغىز يۇمۇرۇستىك پاراڭلارنى قىتىپ گەپ قىلاتتىم، باشقىلارمۇمىنىڭ بۇ مىجەزىمنى بەكلا ياخشى كۆرەتتى. كۆپۈنچە كىشىلەر بىلەن ئاسانلا چىقىشىپ كىتەتتىم، قىزمۇ خۇش-چاخچاق مىجەزلىك بولۇپ، گەپ ئارلىقىدا يۇمۇرۇستىك ئىبارىلەرنى كۆپ ئىشلىتەتتى. بىز شۇ ئورتاقلىقتىن بولسا كىرەك بىردەمدىلا شۇنداق چىقىشىپ كەتكەن ئىدۇق.

-ھەراسسىز بايام ئۆزىڭىزنى باشقا يۇرۇتلۇق دىگەن ئىدىڭىز
، باشقا يۇرت دىگەن بىر چوڭ ئۇقۇم
قايسى يۇرۇتتىن بولىسىزكىن؟- دەپ سورىدىم قىزدىن.

- «

ⅩⅩ


» شەھىرىدىن
بولىمەن.-دىدى قىز.

-ھە! مۇنداق دەڭە. ئەسلى گەپدانلىقىڭىز بىكارلىق ئەمەسكەندە.- دىدىم مەن.

بىزشۇ تەرقىدە پاراڭلىشىپ، شەھەرگە بىردەمدىلا كىرىپ قالغان ئىدۇق. بىز ماشىنىدىن چۈشۈپ ئايرىلار ۋاقتىدا بىر-بىرىمىزگە تېلفۇن نومۇرلىرىمىزنى قالدۇرۇپ، چۈشتەبىرگە تاماقلىنىشقا كىلىشپ خوشلاشتۇق.

يىغىنمۇچۈشكە قالمايلا ئاياقلاشقان ئىدى، مەن يىغىن مەيدانىدىن چىقىپ، يول بويىدىكى بىركىچىك بوتكىدىن بىر قاپ تاماكا ئىلىپ تۇتاشتۇرۇپ شوراشقا باشلىدىم، مەن
ئىلگىرى تاماكا چەكمەيدىغان بولۇپ، خىزمەتكەچىققاندىن بىرى بەزى خىزمەتداشلار تاماكا تۇتۇپ زورلاپ تۇرۋالسا ئاندا مۇندا بىرەرتال ئىلىپ دوراپ چىكىپ قوياتتىم. ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭدىن مۇستەسنا ئىدىم،
شۇ كۈنى نىمە سەۋەپتىنكىن ئۆزۈممۇ ئۇقمايمەن
تۇنجى قىتىم تاماكا سىتىۋىلىپ چىكىشىم ئىدى.بەلكىم بىرەر تال چىكىۋىلىپ ئۆزۈمنى توختىىتىۋىلىپ ئۇ قىزغا تېلفۇن بىرىشنى ئويلىغان بولسام كىرەك. مەن تاماكىنى قاتتىق ئىككى شورىدىميۇ قاتتىق يۆتەل تۇتۇپ
كۆزلىرىمدىن
ياش چىقىپ كەتتى. «ھەي! چىكەلمىگەن نىمەڭگە نىمە قىلىسەن بۇ نەرسىنى چىكىپ،نىمىگە شۇنچە جىددىلىشەتتىڭ، شۇ بىر قىزغۇ» دەپ غودوڭشۇدۇمدە تاماكىنى يول بويىدىكى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋىتىپ. قولۇمغا يانفۇنۇمنى ئىلىپ قىز دەپ بەرگەن نومۇرنى باستىم.........

بىزكىلىشىپ قويغىنىمىز بويىچە شەھەرنىڭ ئەڭ ئاۋات رەستسىدىكى چوڭ بىر تىز تاماقخانىنىڭ ئالدىدا ئۇچراشتۇق.

-كىسەلمەن دوستىڭىزنى يوقلاپ بولدىڭىزمۇ؟-دەپ سورىدىم قىزدىن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ.

-شۇنداق يوقلاپ بولدۇم. ئۆزىڭىزچۇ، يىغىنىڭىز تۈگىگەندۇ؟. دىدى قىز.

-ھەئە، تۈگىدى، ئەسلى ئىدارىدىن بىر كۈنلۈك دىگەن ئىدى، مانا ئەمدى چۈشتىن كىيىن بىكارلا قالىدىغان بولدۇم . سىز يىرىم كۈنلۈكلا سوراپتىكەنسىز ئەمەسمۇ، بولمىساچۈشتىن كىيىن شەھەردە پۇخادىن چىققۇچە تازا بىر ئويناپ كىتەرئىكەنمىزھە.- دىدىم قىزغا.

-بۇنىڭداچوڭ مەسىلە يوق، مەن ئىدارىغا تېلفۇن بىرىپ يالغاندىن بىرنى توقۇساملا ئىش پۈتىدۇ.-دىدى قىز.

-يۈرۈڭ ئەمىسە، بىز ئالدى بىلەن غىزالىنايلى، ئاندىن قالغان گەپنى دىيىشەيلى. – دىدىمدە قىزنى ئاشخانىغا باشلىدىم.

ئاشخانائىچى لىققىدە ئادەم بىىلەن توشقان بولوپ، بوش ئورۇن دىگۈدەك قالمىغان ئىدى، بىزئاشخانىغا كىرىپ قاياققا مىڭىشىمىزنى بىلەلمەي بىرپەس تۇرۇپ قالدۇق، ئۇنىڭغىچە بىرمۇلازىم بىزنى بىر بوش ئورۇنغا باشلىدى. ئاشخانا ئىچى ئۆزگىچە بىزەلگەن بولۇپ،ئاشخانىنڭ ئوتتۇرىغا ئورۇنلاشتۇرغان دەرەخنىڭ مودىلى، ئاشخانا تورسۇىنى پۇتۇن بىرئالغان دەرەخ يۇپۇرماقلىرى، بىلىق ۋاننىسىدىكى ھەرخىل بىلىقلارنىڭ ئۈزۈشلىرى،ۋاننىدىكى سۇلارنىڭ شاقىراشلرى، لەرزان چىقىۋاتقان مۇڭلۇق مۇزىكا ئاۋازى قوشولوپ ئادەمگە خۇددى رىۋايەتلەردىكى چاھار باغلارغا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇ بىرەتتى.

بىزتامىقىمىزنى يەپ بولۇپ سىرىتقا چىقتۇق.

-قانداق نىمىلەرگە رايىڭىز بار؟ دەپ سورىدىم قىزدىن.

-ھازىر سەل بالدۇر ئىكەن خالىسىڭىز بىرەر قەھۋاخانىگە كىرىپ مۇزىكا ئاڭلىغاچ قەھۋەئىچەيلى، سەل ۋاقىت ئۆتسۇن ئاندىن بىرەر دىسكو خانىغا بىرىپ كۆڭۈل ئىچىپ كەلمەمدۇق.- دىدى قىز.

-ھە، بولىدۇ يۈرۈڭ ئەمسە مەن
يىقىنلا يەردەبىر قەھۋاخانىنى بىلىمەن، قەھۋەنىمۇ يامان ئەمەس
قاينىتىدۇ.- دىدىمدە قىزنى باشلاپ قەھۋە خانا تەرەپكە يۈرۈپ كەتتۇق.

قەھۋەخانىدىن چىققاندا كۈن ئولتۇراي دىگەن ئىدى. بىز تاكسىغا ئولتۇرۇپ شەھەربويىچە ئەڭ ئاۋات دىسكو خانىغا كەلگەن ئىدۇق.

كۈن بالدۇر بولغىنىغا قارىماي دىسكوخانانىدا ئادەم بەكلا كۆپ ئىدى، كۆڭۈل ئىچىش تېخى باشلانمىغان بولۇپ، كارا ئوكىدىن مۇڭلۇق مۇزىكا ئاڭلىنىۋاتاتتى، بىز يان تەرەپتىكى ئىككى كىشىلىك ئۈستەلگە كىلىپ جايلاشتۇق، بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن، كۈتكۈچى بىزگە نىمە كىرەكلىگىنى سوراپ كەلگەن ئىدى. مەن قىزىدىنمۇ سورىماستىنلا.

-بەش پوتۇلكا پىۋا، بۇياققا مىۋە شەربىتى ئەكىلىڭ، ھەراس ئۇششاق يىمەكلىكلەردىنمۇقوشىۋىتىڭ ھە.- دىدىم كۈتكۈچىگە.-كۈتكۈچى گىپىمنى ئاڭلاپلا كەينىگە بۇرۇلۇپ مىڭىشىغا.

-ھەي،توختاڭ. ماڭا ياخشىراق قىزىل ھاراق بولسا ئەكىلڭە، مىۋە شەربىتى دىگەن كىچىك بالىلار ئىچىدىغان نەرسە ئۇ.- دىدى قىز كۈتكۈچىگە.

مەن قىزنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ تۇرۇپلا قالغان ئىدىم. ئادەتتە ھەممىمىزگە ئايان بىزئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتىدە قىزلارنىڭ مۇنداق ئىچىملىكلەرنى ئىستىمال قىلىشنى ئەيىپ كۆرىمىز بەلكىم مەن شۇ سەۋەپلىك، ئۇ قىزنىڭ گىپى ئىديىمدىن ئۆتمىگەن بولسا كىرەك سەل تىڭىرقاپ تۇرۇپ قالغان ئىدىم. مەن دەرھال ئەسلىمگە كەلدىمدە.

-بولىدۇ بۇياقنىڭ دىگىنى بويىچە كەلتۇرۇڭ.- دىدىم كۈتكۈچىگە.

-قارىسام خىلى ئۇقۇمۇشلۇقتەك كۆرۈنىسىز، شۇڭا سىزنى بۇ ئىشلاردا يوق ئوخشايدۇ دەپتىمەن.-دىدىم قىزغا.

-ھە! بۇ ئىشما، نىمە بوپتۇ، بۇ دىگەن ئادەتتىكى ئىشقۇ، شۇ ئىچملىكقۇ، سىز چوڭ يۇرۇتلاردا بىلىم ئالغان ئادەم بولغاندىن كىيىن بەلكىم سىزمۇ بىلىسىز،
ھازىر بۇ ئىشلارنى ئۇياقلاردا ئىغىر ئالمايدۇ،شۇ بۇياقلاردا باشقىچە قاراشتا ئىكەنغۇ تاڭ. دىدى قىز.

قىزنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ گەپ- سۆزلىرىنى قوبۇل قىلالمىغان بولساممۇ لىكىن يەنىلا« ھەي ئۇياق بىزنىڭ بۇياقلارغا ئوخشىمايدۇ-دە، نىمىلا بولسا ئىدىيىسى ئازات يەردە چوڭ بولغان قىز، بولدىلا ئۇنچە ئىغىر ئىلىپ كەتمە » دەپ ئويلودۇم
ھايال ئۆتمەيلا مۇلازىم بىزنىڭ دىگىنىمىز بويىچەبۇيرۇتمىلارنى ئەكىلىپ ئۈستەل ئۈستىگە قويدى.

مەن پوتۇلكىلارنىڭ ئىغىزىنى ئىچىپ ئۆزۈمگە پىۋا، قىزغا بولسا قىزىل ھاراق قۇيدۇم،ئىككىمىز ئۆزئارا سۇقۇشتۇرۇپ بىر نەچچە رومكا كۆتۈرۋەتتۇق. ئارقىمۇ-ئارقا ئچىلگەن ئىچىملىك بىر ئاز تەسىرىنى كۆرسەتكەن ئىدى.
ئۇنىڭغىچە دىسكوخانا سەھنىسىگە، ئىلانچى چىقىپ پائالىيەتنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلىپ ناخشىچىنى سەھنىگە تەكلىپ قىلىپ چۈشۈپ كەتتى،ئارقىدىنلا ناخشىچى پائالىيەتنىڭ تۇنجى ناخشىسىنى ئېلان قىلىپ كۆپچىلىكنى بىرمەيدان مىللىيچە ئۇسۇلغا تەكلىپ قىلغان ئىدى. مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ قىزنى ئۇسۇلغا تەكلىپ قىلدىم. بىز ئۇسۇلغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدۇق، قىز ئۇسۇلنى خۇددى كەسپى ئەرتىستەكلا شۇنداق چىرايلىق ئوينايىتتى. بىز شۇنداق قىلىپ گاھ ئۇسۇل گاھ، تانسا،گاھ دىسكو دىگەنلەرنى ئويناپ چارچىساق ئارام ئالغاچ ئىچىملىك ئىچىپ تۆت-بەش سائەت ۋاقىتنى دىسكو خانىدا ئۆتكۈزدۇق.

بىزدىسكوخانىدىن چىققاندا ۋاقىتمۇ خىلى بىر يەرگە بىرىپ قالغان ئىدى، قىز مەندىن بەكرەك تەڭشىلىپ قالغان بولۇپ يولنىمۇ ئاران مىڭىۋاتاتتى. مەن قىزنىڭ يىقىلىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ، قىزنى قولتۇقلىۋالغان ئىدىم قىزنىڭ بەدىنىدىن تارقالغان خۇشبوي پۇراقنىڭ تىنىقلىرىمغا ئۇرۇلىشى ھەمدە بايامقى پىۋىنىڭ تەسىرىدىن پۈتۈن ۋۇجۇدۇم قىززىپ ئوت ئالغاندەك بولوپ، يىگىتلىك ھىس تۇيغۇلۇرۇم مىنى باشقىچەتۇيغۇغا ئۈندەۋاتاتتى. شۇنداقتىمۇ مەن ئۆزۈمنى قاتتىق تۇتىۋىلىپ كىتىۋاتاتتىم. مەن تاكسى توسۇپ بىزنى ناھىيىگە ئاپىرپ قويۇشنى كىلىشىپ قىزنى يۆلىگىنىمچە ماشىنىغاچىقتىم.

بىزناھىيە كەلگەندە قىز مۆرەمگە بىشىنى قويۇپ ئۇيقۇغا كەتكەن بولۇپ، شۇنچە ئويغاتقان بولساممۇ ئويغىنىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. مەن قىزنىڭ ياتىغىنى بىلمىگەچكە ئۇنى قەيەرگە ئاپىرىپ قويۇشۇمنى بىلەلمەي تىڭىرقاپ تۇرۇپ قالغان ئىدىم. بىرەرمىھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇشنى ئويلىغان بولساممۇ، قىزنى بۇھالدا مىھمانخانىغائىلىپ بارسام كىچىككىنە بۇ ناھىيىدە تونۇش-بىلىشلەرنىڭ بىرەرى كۆرۈپ قىلىپ باشقىچەچۈشۈنۈپ قىلىشتىن ئەنسىرەيىتتىم. ياتىقىمغا ئەكىتىشنى ئويلىىدىميۇ بىراق ياتىقىمدىكى شۇ بىر كارۋات بىركىشىلىك ئورون-كۆرپە ئىسىمگە كىلىپ بۇنىيىتىمدىنمۇيانغان ئىدىم. ئۇنىڭغىچە تاكسى شوپۇرى

-ھەي ئۇكام كىلىدىغان يەرگىمۇ كىلىپ بولدۇق، مەن يەنە قايتىپ كەتمىسەم بولمايدۇ.بۇكىچە مەنمۇ ئارام ئالمىسام بولمايدۇدە، قانداق قىلىمىز نەگە ئاپىرىپ قويىمەن.-دەپ مىنى ئالدىرىتىۋاتاتتى. مەن ئاخىرى نائىلاج قىزنى ياتىقىمغا ئىلىپ كىتىش قارارىغا كەلگەن ئىدىم.

مەن قىزنى كۆتۈرۈپ ياتاققا ئىلىپ كىردىم، قىزنى بىر كىشىلىك كىروسلودا ئولتۇرغۇزۇپ،كارۋاتقا ئورۇن راسلىدىم
قىزنىڭ ئايىقىنى ۋە ئۇستىدىكى كۈزلۈك چاپىنى تەسلىكتە سالدۇرۇپ، قىزنى كۆتۈرۈپ كارۋاتقا ئىلىپ ياتقۇزدۇم، دەل شۇۋاقىتتا قىز بوينۇمدىن گىرە سىلىپ ئۆزىگە تارىتىۋاتاتتى، مىنىڭ بايامقى غەيرى ھس تۇيغۇلۇرۇم قايتىدىن قوزغۇلوپ كەتكەن ئىدى، مەن شۇنداقتىمۇ ئۆزۇمنى زورغا بىسىپ، قىزنىڭ قوللىرىنى ئاستا بوينۇمدىن ئاجرىتىپ ئۈستىگە يوتقاننى يىپىپ قويدۇمدە ئۆزۈم كىيىم ئىشكاۋىمدىن قىشلىق چاپىنىمنى ئىلىپ يىپىنچاقلىغىنىمچەئۆزۈمنى كىرىسلوغا تاشلىدىم. كۈز پەسلى بولغاچقا كىچە ھاۋا باشقىچە سوغۇق بولۇپ،بىر دەم كىرىسلودا ئولتۇرغان بولساممۇ بەكلا توڭلاپ كەتكەنلىكتىن پەقەت ئۇيقۇم كەلمەيۋاتاتتى.
ئاخىرى سۇغۇققا چىدىماي ئورنۇمدىن تۇردۇمدە قىزنى بىر ياققا سۈرۈپ ئۇنىڭ يىنىغا كىرىپ ياتتىم. سوغۇق ئازاۋىدىن قۇتۇلغان بولساممۇ لىكىن قىزنىڭ يۇمشاق بەدەنلىرى بەدىنىمگە تىگىشى ھەمدە ئۇنىڭ تىنىدىن تارقالغان خۇش بوي پۇراقنىڭ تىنىقلىرىمغا ئۇرۇلىشى قوشۇلۇپ
مىنىڭ يىگىتلىك ھىس-تۇيغۇلىرىمنى باشقىچىلا
جانلاندۇرۋەتكەن ئىدى. كاللامدائەركەكلىك ھىس-تۇيغۇلىرىم بىلەن ۋىجدان غۇرۇر، تۇيغۇم ئۆز ئارا دە-تالاش قىلىۋاتاتتى. مەن ئاخىرى ئەرلىك ھىسىياتىمغا ھاي بەرگەن ئىدىم. قىزنىڭ يىنىدايىتىپ قانچىلىك ئۆتكىنى ئىسىمدە يوق، تۇيقسىز قىز مەن تەرپكە ئۆرۈلۈپ مىنى چىڭ قۇچاقلاپ بۇيۇنلىرىمغا ھەدەپ سۆيۈشكە باشلىدى، شۇ ۋاقىتىتا مىنىڭ ئەرلىك ھىس-تۇيغۇلۇرۇم ۋىجدانىم ئۈستىدىن غالىپ كەلگەن ئىدى. مەنمۇ ئۇ قىزنى چىڭ باغرىمغا بىسىپ تەلۋىلەرچە سۆيۈشكە باشلىغان ئىدىم. ئاھ ئىككى تەن بىر جان بىر تەنگە ئايلانغان ئىدۇق. قىزنىڭ ھىسىياتىمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولۇپ ئۈستۈمدىكى چاپان كۆينەكلىرىمنىڭ تۈگمىلىرنى يەشكىنى يىشىپ يىشەلىمىگىنى ئويۇپ دىگەندەك
كوكرەكلىرىمنى پۈتۈن ئىچىپ تەلۋىلەرچە سۆيۈشكەباشلىغان ئىدى. مەنمۇ قولۇمنى قىزنىڭ كۆكرىكىگە ئاندىن ئاستىنقى بەدەن تەرپىگەسۆزدۇم. پۇتۇن ۋۇجۇدۇم ئوت كاۋاپ بولماقتا، ئاھ ھايات شۇنداق شىرىن .............

ئىش تۈگىگەندىن كىيىن كۆڭلۈمنى بىر خىل غەشلىك قاپلاپ كەتكەن ئىدى. چۈنكى قىزنىڭ ئاللابۇرۇنلا تىگىشلىك بولمىغان ئىشنى قىلىپ بولغانلىقىنى بىلگەن ئىدىم.
مەن خىيال سۈرگۈنۈمچە قاچانلاردا كۆزۈم ئۇيقۇغا كەتكىنى ئىسىمدە يوق.


ئۈستەل سائىتىنىڭ جىرىڭلىغان ئاۋازى مىنى
شىرىن ئۇيقۇمدىن ئويغۇتىۋەتكەن ئىدى. مەن كۆزۈمنى ئىچىپلا يىنىمغا قارىدىم يىنىمدا قىز يوق ئىدى. مەن دەرھال كۆزۈمنى ياتىغىمنىڭ باشقا ياقلىرىغا تىكتىم، قىز كىرىسلودا ئولتۇراتتى. مەن خىجىلچىلقتا
قىزغىمۇ قارىيالماستىن قاياقلارغىدۇر تاشلىنىپ قالغان ئىچ كىيىملىرىمنى تىپىپ كەيدىمدە ئورنىمدىن تۇردۇم.

-ھە،سىز مىنىڭ تەڭشىلىپ قالغانلىقىمدىن پايدىلىنىپ ياتىغىڭىزغا ئىلىپ كىلپ
مىنىڭ پۇتۇن ھاياتىمنى ناپۇت قىلىپسىز،ئۆزىڭىزنىڭ ھاۋايى ھەۋىسى ئۈچۈن مىنىڭ قىزلىق ئىپپىتىمنى نابۇت قىلىپسىز، مەن ئەمدى قانداق ياشايمەن.- دىدى قىز ماڭا ياشلىرىنى تۆكۈپ تۇرۇپ .

توۋا،ما قىز باشقىچە گەپ قىلىۋاتىدىغۇ، ئەسلى تۆنۈگۈن كەچ قىز ئۆزى تەشەببۇسكار بولغان ئەمەسمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىنىڭ قىزلىق ئىپپىتىمنى نابۇت قىلىپسىز دەۋاتىدىغۇ. ئەجەبا بۇ قىز................. مە ن شۇ خىياللارنى ئويلىغان بولساممۇ، يەنىلا ئۆزۈمنى توختىتىۋىلىپ، قىزغا چىرايلىق چۈشەندۈرۈشكە باشلىدىم.

-تۆنۈگۈن ناھىيىگە كەلگەندە سىز قاتتىق
ئۇيقۇغا كەتكەن ئىكەنسىز، سىزنى شۇنچە ئۇيغاتقان بولساممۇ پەقەتلا ئويغانمىدىڭىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن سىزنىڭ قەيەردە تۇردىغانلىقىڭىزنىمۇ ئۇقمايدىكەنمەن، بىرەر مىھمانخانىغائورونلاشتۇرۇپ قويۇشنىمۇ ئويلىدىم، بىراق سىزنىڭ ياكى مىنىڭ بىرەر تۇنۇشلۇرۇم كۆرۈپ قىلىپ ئىككىمىزنى خاتا چۈشۈنۈپ قالمىسۇن دەپ، ئاخىر ئامال يوق ياتىغىمغائەكەلدىم.
مەندە باشقىچە نىيەت يوق ئىدى،شۇ ئۆزىڭىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن.........

-ھەي نىمە دەيسەن، كىم ساڭا تەشەببۇسكار بوپتۇ. جۆيلىمە، مەن بىرپاك قىزمەن.- ئۇ تۇرۇپلا باشقىچە ئادەمگە ئايلانغان ئىدى. تۆنۈگۈنكى ساددا، خۇش-خۇي مىجەزىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى، ئاخشام بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىنى ئىنكار قىلىپ ھەممىنى مىنىڭ بوينۇمغا يۈكلەۋاتاتتى.

-قاراڭ تۆنۈگۈن كەچ سىز
ئۆزىڭىزتەشەببۇسكار بولدىڭىز ئۇ ۋاقىتتا سىزمۇ خىلى ئەسلىڭىزگە كىلىپ بولغان، ئۇنداق
ھەممە مەسئۇلىيەتنى ئادەمگە ئىتتەرمەڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىش سىزنىڭ تۇنجى قىتىلىقى ئەمەس ئىكەنغۇ...............

-نىمە دەيسەن، سەن مىنى نىمە كۆرۈپ قالدىڭ. مەن بىر پاك قىز ئىدىم، سەن مىنىڭ ھەممەنەرسەمدىن ئايرىدىڭ. قىزلىق ئىپپىتىمنى نابۇت قىلدىڭ، يەنە ماڭا ئۇنداق مۇنداق گەپ قىلىۋاتىسەن. سەن ماڭا ئىگە بولۇشۇڭ كىرەك. بولمىسا ئۈستۈڭدىن
ماڭا باسقۇنچىلىق قىلغىنىڭ ئۈچۈن ئەرىزقىلىمەن.- دىدى قىز.

-ھەي بۇ جاھان نىمە بوپ كەتتى، كۆرگىنڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنڭ دىگەندەك ئەمدى نىمە بالاغا قالدىم ھەي، بوپتۇ-بوپتۇ، مەن سىزگە ئىگەبولسامغۇ بولدىغاندۇ.- دىدىم قىزغا.

-نىمە دەيسەن، مىنىڭ بۇياقتا توي قىلغۇم يوق، مىنى خوتۇنلۇققا ئىلىۋالساملا ھەممەئىش تۈگەيدۇ دەپ ئويلامسەن. بولدى قالغان گەپنى دىيىشمەيلى، بىرلا ئىغىز گەپ مىنىڭ قىزلىق
ئىپپىتىم ئۈچۈن بەش تۈمەن تۆلەم بىرىسەن. بۇنىڭغا كۆنمىسەڭ ئۈستۈڭدىن ئەرىز قىلىمەن سولاقتا ياتىسەن.- دىدقىز.

ھازىربولىۋاتقان ئىشلارنىڭ ئوڭۇم ياكى چۈشۈم ئىكەنلىگىنى ئاڭقىرالماي قالغان ئىدىم. بۇگەپ-سۆزلەرنىڭ ئۇ قىزنىڭ ئىغىزىدىن چىقىۋاتقانلىقغا ئىشەنگۇم كەلمەيىتتى. مەن نائىلاج قىزنىڭ تەلىۋىگە كۆنگەن ئىدىم. ھەمدە قىزغا پۇلنى تەييار قىلىپ بولغۇچەتەخىر قىلىشنى ئىيىتىم. قىز ماڭا ئونبەش كۈنلۈك مۆھلەت بىرىدىغانلىقىنى، شۇۋاقىتقىچە پۇلنى تەييار قىلىپ بولالمىسام مىنى ئەرىز قىلىدىغانلىقىنى، ھەمدە،ئۆزىنىڭ ئىككىمىزنىڭ ياتقان ھالىتىنى يانغۇنىغا سۈرەتكە ئىلىۋالغانلىقىنى شۇڭاتىنىۋىلىشىمنىڭ بىر خام-خىيال ئىكەنلىگىمنى ئىيتىپ ئۆزىنى بىر قۇر تۈزەشتۈرۈپ ياتىقىمدىن چىقىپ كەتتى.

مەن ئۇ قىز چىقىپ كەتكەندىن كىيىن زادى نىمە قىلىپ قويغانلىقىمنى، قانداق يولغا كىرىپ قالغانلىقىمنى چۈشۈنۈپ يەتكەن بولساممۇ بىراق بەكلا كىچىككەن ئىدىم.
ھەمدە ھەي بوپتۇ، ئوغول بالىنىڭ بىشىغا نىمەكۈن كەلمەيدۇ، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ، بولدىلا جىق ئويلىما
دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللى بەردىمدە، ئامالسىزپۇلنىڭ غىمىنى قىلىشقا كىرشىپ كەتتىم.

مەن خىزمەتكە چىققىلى ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت بولمىغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئائىلەمدىن ئايرىلىپ بۇ ياقا-يۇرۇتتا ئىشلەۋاتقان بولغاچقا، ئازغىنە ئىش ھەققىم بىلەن جىق پۇلمۇ جۇغلىيالمىغان ئىدىم، مەن ئوتتۇز ئىككى مىڭ يۈەن پۇلنىڭ غىمىنى قىلسام
ئامانەت پۇل چىكىمدىكى ئون سەككىز مىڭ يۈەننى قوشقاندا ئۇ قىزنىڭ دىگەن پۇلىنى غەملىيەلەيىتتىم. بىراق بۇنچە كۆپ پۇلنى قىزدىگەن مۆھلەتتە تەقلەپ بولۇش مەن ئۇچۇن ھەقىقەتەن تەس ئىدى. ئاتا-ئانامدىن سورىسامغۇ گەپ يوق ئىككى كۈنگە قالمايلا تولۇقلاپ بولاتتىم لىكىن شۇلارغادەيدىغانغا بىرەر سەۋەپ بولىشى كىرەكتە. مەن ئاخىرى نا ئىلاج، يىقىن-يۇرۇقلىرىمدىن سوراپ تۇرۇش نىيىتىگە كەلگەن ئىدىم.

ئالى مەكتەپتە بىر تۇققاندەك يىقىن ئۆتىدىغان ئۈچ دوستۇم بار ئىدى شۇلاردىن سوراپ بىقىش مەخسىتىدە ئۇلارغا تېلفۇن قىلدىم. يۇرۇتتىكى بىر دوستۇم يىقىندا توي قىلغان بولوپ،يىققان پۇللىرىنىڭ ھەممىسنى تويىغا ئىشلىتىۋەتكەنلىگىنى ئىيتىپ، تويدى كىيىن يىققان يەتتە مىڭ يۈەن پۇلىنى كارىمغا سەپ بىرىدىغانلىقىنى ئىيىتتى، خوشناناھىيىدە ئىشلەيدىغان بىر دوستۇممۇ يىغىپ ساقلىغان ئونبەشمىڭ يۈەن پۇلىنى بىرىپ تۇردىغان بولغان ئىدى، ئەمدە گەپ يەنە ئونبەشمىڭ يۈەننىڭ غىمىدە قالغان ئىدى. مەن ئاخىرى ئۇ قىز بىلەن بىر يۇرۇتلۇق دوستۇمغا تېلفۇن قىلدىم، ھەمدە ئۇنىڭ ماڭاياردەم قىلىپ تۇرالايدىغان تۇرالمايدىغانلىقىنى سورىغان ئىدىم. ئۇ ماڭا پۇلنى قەيەرگە ئىشلىتىدىغانلىقىمنى سوراپ تۇرۋالغان ئىدى، مەن ئاخىرى بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ دوستۇمغا دەپ بەردىم.

- ھەمۇنداق دىگىن، بىردەملىك ھىسياتنىڭ قۇلى بوپسەندە، بوپتۇ ئوغول بالىنىڭ بىشىغانىمە كۈن كەلمەيدۇ دەيسەن، سەنمۇ قاراپ تۇرۇپ بىر قويمىچىغا ئۇچراپ قاپسەن ئەمەسمۇ. بوپتۇ بۇمۇ ساڭا بىر ئاچچىق ساۋاق بولغۇسى، ھەراس ھىلىقى قىزنىڭ ئىسمى نىمە ئىكەن، «

ⅩⅩ


» شەھىرىنىڭ قايسى يىرىدىن ئىكەن ئىنىق بىلەمسەن. دەپ سورىدى.

مەن ئۇ قىز بىلەن بىر كۈن بىرگەبولغان بولساممۇ لىكىن، ئۇ قىزنىڭ ئىسمىنى سورىمىغان ئىدىم. ھەمدە ئۇنىڭ شۇ ئىلى دىيارىدىن بولىمەن دىگەن گىپىدىن باشقا كونكىرت ئورنىنىمۇ ئۇقمايىتتىم. ھەن دوستۇمغا، ئۇ توغرىسىدا تەپسىلى ئۇقمايدىغانلىقىمنى ئىيىتتىم.

-ياق ئاداش، ئىسمىنىمۇ سورىماپتىمەن، يەنە كىلىپ كونكىرىت ئورنىنىمۇئۇقمايمەن.
دىدىم مەن.

-ھەي ئادەممۇ سەندەك بوشاڭ بولامدۇ، بولدى سەن دەرھال ئۇ قىزنىڭ ئىسمىنى ھەم،كونكىرىتنى ئادىرىسىنى ئۇقۇپ ماڭا تىلفۇن قىل، مەن سۈرۈشتۈرۈپ باقاي.- دىدى ئۇ .

مەن ئۇنىڭ- بۇنىڭدىن سۇرۇشتۇرۇپ يۈرۈپ ئۇ قىزنىڭ ئىسىم زاتىنى ھەم قەيەرلىك ئىكەنلىگىنى ئۇقۇپ دوستۇمغا تېلفۇندا ئىيىتىپ بەردىم. ئىككى كۈندىن كىيىن دوستۇمدىن تېلفۇن كەلگەن ئىدى.

- ھەقارا مەن ئىنىقلىدىم، ئۇ ئەسلى بىر نامى يامان قىز ئىكەن. قانداق بولدى ئامىتى كىلىپ ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ ھازىرقى ئورنىغا ئىشقا چۈشكەن ئىكەن. ئىلگىرى بۇيەردىمۇ
بىر- ئىككى ئادەمنى شۇنداق قىلتاققا دەسسىتىپتىكەن. ھىلىقى قىلتاققا دەسسىگەننىڭ بىرى مىنىڭ يىقىن ئاغىنەمنىڭ دوستى ئىكەن
ئۇ سىنڭ ئىشىڭنى ئاڭلاپ مەنب ىلەن قىشڭغا بىرگە باردىغان بولدى، ئۇ ئالدامچىنىڭ تاماشىسىنى ئەمدى بىر كۆروپ باقايلى يەنە نىمە دەيدىكىن. دىدى ماڭا.

ھىلىقى ئاغىنەمدىن تېلفۇن كىلىپ بىر ھەپتىدىن كىيىن، قىز ماڭا تىلفۇن قىلىپ پۇلنىڭ تەيياربولغان بولمىغانلىقىنى ئەگەردە تەييار بولمىغان بولسا ئىسپاتنى ئىلىپ سوتقاباردىغانلىقىنى ئىيىتىپ تېلفۇن قىلغان ئىدى. مەن دەرھال ئۇ قىزغا كۆرۈشۈش تەكلىىۋىنى بىرىپ كۆرۈشكەندە سۆزلىشىكە كىلىشتىمدە، كۆرۈشۈش ئورنىنى بىكىتىپ،دىيىشكەن ۋاقىت بويىچە كۆرۈشۈش ئورنىغا باردىم. قىز يەنىلا شۇنداق پۇزۇر چىرايلىق كىينىۋالغان بولۇپ شۇنداق چىرايلىق كۆرۈنەتتى. چىىچىۋالغان ئەتىرى ھەرقانداق ئەركەكلەرنىڭ ھەۋەسىنى قوزغايىتتى. مەن قىزنىڭ ئىسمىنى ئۇدۇللا چاقىرغان ئىدىم،قىز مىنىڭ ئۆز ئىسمىنى بىلىۋالغانلىغىمدىن سەل ھۇدۇققان بولسىمۇ، لىكىن ئۆزىنى
ئىتتىكلا ئوڭشىۋالغان ئىدى. مەن يەنە ئۇنىڭ يۇرتىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلىرىنى ھەمدە دوستۇم دەپ بەرگەن ھىلىقى بالىنىڭ گىپىنى چىقىرىشىم بىلەن قىزنىڭ ئوڭ-سولى ئۆچۈپلا كەتتى. ئۇ دەرھال كۆزلىرىگە يالغاندىن ياش ئىلىپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى، بۇ ئىشنى مۇشۇيەردە بولدى قىلىۋىتىشىمنى ھەمدە ئارىمىزدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئۆزۈمنىڭلا بىلىپ قىلىشىمنى، بۇ گەپ-سۆزلەرنىڭ سىرىتقا چىقىپ كەتسە، بۇ يەردە يۈزىنى كۆتۈرۈپ يۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئىيىتىپ ئۆتۈنۈپ تۇرىۋالغان ئىدى. «ھەي! بوپتۇ، سەن بىر ئوغۇل بالىغۇ، نىمە قىلىسەن بۇنىڭ بىلەن تەڭ بولۇپ، بولدى بىر قىتىم بۇرنىغا يىگەندىن كىيىن ئەمدى، باشقىلارغىمۇ ئۇنداقمۇ قىلىپ يۈرمەس». دەپ ئويلۇدۇمدە، ئۇ قىزغا بىرمۇنچە نەسىھەت قىلىپ يولغا سالدىم.

قىز مەن بىلەن خوشلاشتىدە كەينىگە ئۆرۈلۈپ ئۆز يولىغا راۋان بولغان ئىدى، مەن ئۇقىزنىڭ قارىسى يۈتكۈچە كەينىدىن قاراپ تۇراتتىم. قىز كىتىۋاتاتتى، كەينىدىنمۇشۇنداق گۈزەل، بىغۇبار پاك كۆرۈنەتتى.



مەنبە: قەلىمىم

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر بۇ ھازىرقى جەمىيىتىمىزدە بولۇپ ئۆتكەن ئايرىم بىرقسىم ۋەقەلىكلەردىن ئاڭلىغانلىرىمغا ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىمنى قوشۇپ توقۇلما ئاساستا بۇ ھىكايىنى يىزىپ چىقتىم، ھىكاينىڭ كۆپۈنچە قىسمى توقۇلما، ئاسلىق مەركىزى ئىدىيىسىلا بولوپ ئۆتكەن ۋەقەلىكتىن ئاڭلىغان لىرىمغا ئاساسەن تۈزۈتۈش ئاساستا يىزىلدى.ئوقۇرمەنلەرنىڭ توغرا پوزىتسىيىدە بولىشىنى، شاكىلىنى ئايرىپ مىغىزىنى قوبۇل قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا salkin11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-8 00:04

Rank: 8Rank: 8

توردا
253سائەت 
نادىر تېما
دوست
15 
يازما
603 
تېما
17 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى يېزىپسىز.بۇنىڭدىن كىيىن ئىملاغا دىققەت قىلىڭ~!

Rank: 8Rank: 8

توردا
752سائەت 
نادىر تېما
دوست
87 
يازما
2594 
تېما
450 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سزنى قارشى ئالىمىز ... تۇنجى يوللىغان ياخشى ئەسەرلىرىڭىزگە تەشەككۈر ! ... مەزمۇنى جىق بولغاندىن كىيىنمۇ ئازتۇلا ئىملا خاتالىقى كۈرۈلۈپ قاپتۇ ، ئەمما قەلەم كۈچىڭىز خېلى باركەن جۇمۇ ! ... بۇنىڭدىن كىيىنكى نادىرلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن ... رەھمەت سىزگە ! ... داۋاملىق مۇشۇنداق ياخشى تېمىلارنى يوللاپ تۇرۇڭ ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

توردا
75سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
402 
تېما
11 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قەلەم كۈچىڭىز خېلى باركەن جۇمۇ !

توردا
36سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
540 
تېما
17 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قەلەم كۈچىڭىز خېلى باركەن جۇمۇ

توردا
93سائەت 
نادىر تېما
دوست
23 
يازما
244 
تېما
24 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قارشى ئالىمىز قۇرداش، قارشى ئالىمىز ، ھىكايىڭىز ياخشى چىقىپتۇ . يەنىمۇ تىرىشىڭ .

توردا
140سائەت 
نادىر تېما
دوست
18 
يازما
191 
تېما
15 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلىپتۇ تىمىڭىزغا رەھمەت ،!!!!!!!

توردا
1سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى يىزىلىپتۇ

توردا
0سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلىپتۇ تىمىڭىزغا رەھمەت ،!!!!!!!

توردا
0سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تىمىڭىزغا رەھمەت ،!!!!!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-11 01:03

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.