بالا دەردى يامانكەن
( مۇخەممەس)
بالا يۇزى كۆرمىسە، قەدىناسمۇ ئاجرىشار،
مېھرى شۇنچە بولسىمۇ ، قىزىل گۈلى سولىشار،
بۇ ھەقىقەت داۋلىنى، ئەر-خوتۇنلار ئۇقىشار،
مىراسخورى بولمىسا، ئۇرۇق-تۇغقان سوقۇشار،
بالا دەردى يامانكەن، ئۇ ئەقىلدىن ئادىشار.
كونىلارمۇ دەيدىكەن، بالىسىز ئۆي بىر مازار،
تۇغماس كىشى دۇنياغا، غەملىك كۆزدە ھەم قارار،
كىچە -كۇندۇز ئۇيقا يوق، بىچارە بوپ ئۇ ياتار،
ئۇمۇت قىلىپ ياشايدۇ، بالام بولسا ئەل قاتار،
بالا دەردى يامانكەن،ئازاپ سېنى قاخشىتار .
بويتاق ياشاش ئىنسانغا، خاس ئەمەستۇر بۇنى ئۇق!
گەر ياشىساڭ ئۇنداقچە، ماكان ياكى قەۋرە يوق ،
يىغلىغانغا سەن ئۇچۇن، ھازىدارغا نەۋرە يوق ،
ئىزىڭ ئۆچۈپ كېتىدۇ، بۇدۇنيادا چارە يوق ،
بالا دەردى يامانكەن، ئۆمۈر كەتتى يارىيار.
بالا باقساڭ ئەتىۋا، چوڭ بولاركەن تەييارتاپ،
دەرد-بالاغا قالىدۇ، سېپى ئۆزدىن بۇنى چاپ !؟
غەمنى يۇتۇپ يۇرۇيدۇ، مىڭ تاغاردا پۇشمان قاپ...
يارىمايدۇ ياكى بىر ، ئەلگە ئوبدان كەكە ساپ،
بالا دەردى يامانكەن، قاراپ تۇرۇپ سوقىشار.
نادانلىقتا بۇ بالا گەپنى تىخى ئاڭلىماس،
ئىش چىقىرىپ ماڭدامدا، پۇلنى تىخى سانىماس،
چوڭ بولغاندا قورقىدۇ، مېنى تىخى چانىماس،
بالا باققان گۇنامۇ،كۆز ئالدىدا قارىماس،
بالا دەردى يامانكەن، لالما ئىتتەك قاۋىشار.
بەش بالىنى باققۇچە، چاپاسىنى تارتقانتىڭ،
دىدى:- بىرسى ئارىدىن، سەن نىمىشقا تاپقانتىڭ؟
كىيىم پۇتۇن قورساق توق، قارا، قايسى زامانتىڭ ؟
مېنى ئىشقا سالمامسەن، بىكار قالدىم چاپمامتىڭ!
بالا دەردى يامانكەن، چوڭ بولغاندا تىللىشار.
ئۆگەي بالا مېھرىنى ، يوشۇرۇيدۇ نىمىشقا؟
مۇخبىر ئارام بەرمەيدۇ، ئاتىسىدىن قېچىشقا،
يىراق قىلار دادىنى، ئانىسىنى ئېلىشقا ،
دەرد ئەسىرى قالىدۇ، ئاخىر ئۇنى بىقىشقا،
بالا دەردى يامانكەن، ئۆگەي-ئۆگەي ئاتىشار.
ئۆگەي بالا بىر بالا، ئۇنىڭ دەردى بەك تولا ،
ياخشى بولسا ئىگە كۆپ، ناچار بولسا ئۇ چالا،
ئازدۇرىدۇ مېھرىنى، ھەتتا شەيتان قىز بالا ،
كىيىن بىلىپ قالىدۇ، ئۇ بولغاندا بىر دادا ...
بالا دەردى يامانكەن، قاچانغىچە ئويلىشار ؟ !
شەيتان قىزنى باققانغا، ئاخىر بۇرنى تويدىغۇ،
ئەل جامائەت ئالدىدا، قاتارىدىن قويدىغۇ،
خىجىل قىلىپ زاماندا، نەسھەتىنى قويدىغۇ،
بۇ بالىنىڭ دەردىدە، ئاتا-ئانا ئۆيدىغۇ !
بالا دەردى يامانكەن، سېنى ئەزدى شەيتانلار...
ئاپتۇرى: يۈسۈپجان سابىر ئوتياق
|