ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مەدىنىيەت ۋە تارىخ ئىپارخان ۋە ئىپارخان مەقبەرىسى
كۆرۈش: 238|ئىنكاس: 7
go

ئىپارخان ۋە ئىپارخان مەقبەرىسى

Rank: 8Rank: 8

توردا
211سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
367 
تېما
182 

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىپارخان ۋە ئىپارخان مەقبەرىسى

رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئىپارخان لاتاپەتلىك ئۇيغۇر قىزى بولۇپ، دادىسى ۋە قېرىنداشلىرى جەڭدە خىزمەت كۆرسەتكەنلىكتىن خان ئۆزى تاللاپ ئۇنى ئوردىغا ئەكىرگەن. خاننىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ قەلبى ھامان ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن قەشقەرگە تەلپۈنگەن. يۇرتىنى زارىقىپ سېغىنغان؛ خان ئوردىسىدا نازۇنېمەتلەر ئېشىپ-تېشىپ تۇرسىمۇ، يۇرتىنىڭ جىگدىسىنى سېغىنغان. خان ئىپارخاننىڭ نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى يۇرتىدىن جىگدە ئەكەلدۈرۈپ بەرگەن. ئىپارخان يەنە ھىدلىق جىگدە چېچىكىنى سېغىنغاندا خان ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ ئامالسىز ئۇنى يۇرتىغا ئەۋەتكەن. يول بەك يىراق بولغاچقا، 100 نەچچە ئادەم تەختىراۋاننى كۆتۈرۈپ قەدىمىي يىپەك يولىنى بويلاپ ئۈچ يېرىم يىلدا ئىپارخاننى قەشقەرگە ئېلىپ كەلگەن (ئىپارخان بەختكە قارشى يولدا قازا قىلغان). ئۇيغۇرلار ئىپارخاننى تولىمۇ قەدىرلىگەچكە، ئۇنى ئۆز نەسەبلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلغان. كېيىنكىلەر ئۇنىڭ مەقبەرىسىگە بېرىپ تاۋاپ قىلىدىغان بولغان. مانا بۇ قەشقەر خەلقى ئارىسىدا ئەۋلادتىن ئەۋلادقا تارقىلىپ كېلىۋاتقان ئىپارخان ھەققىدىكى رىۋايەتتۇر.
تارىخىي مەنبەلەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئىپارخان چيەنلۇڭ خاننىڭ بانۇسى بولۇپ، ئۇنىڭ بەدىنىدىن گۈپۈلدەپ جىگدە ھىدى پۇراپ تۇرغاچقا، «ئىپارخان»دەپ ئاتالغان ھەم ئۇ ئۇيغۇر بولغاچقا تولىمۇ ھۆرمەتلەنگەن. پادىشاھ چيەنلۇڭ ئىپارخاننىڭ ئىسلامىيەتچە تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ۋە دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىپ ئۇنىڭغا مەخسۇس مۇسۇلمان ئاشپەز ۋە كېنىزەكلەرنى سەپلەپ بەرگەن، ئىپارخاننىڭ ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئۇيغۇرچە كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىشىگە ئىجازەت قىلغان. ئىپارخان خان ئوردىسىدا توپتوغرا 28 يىل ھايات كەچۈرۈپ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، زۇنخۇادىكى شەرقىي قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىنغان. قەشقەردىكى ئىپارخان مەقبەرىسى ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادىن دىن تارقىتىش ئۈچۈن قەشقەرگە كەلگەن ئاپاق خوجا يۈسۈپ ئۈچۈن سېلىنغان قەبرىستانلىقتۇر. بۇ قەبرىستانلىق 1640-يىللىرى بىنا قىلىنغان بولۇپ، ئەسلىدە يۈسۈپ خوجا مازىرى دەپ ئاتالغان. يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئاپاق خوجا ئۆلگەندىن كېيىن ئۇمۇ مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان، ئۇنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى نوپۇزى ۋە دىنىي ئورنى ئاتىسىدىن يۇقىرى بولغاچقا، بارا-بارا ئاپاق خوجا مازىرى دەپ ئاتالغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىدا تارقالغان ئىپارخان ھەققىدىكى رىۋايەتلەرگە ئاساسەن بۇ قەبرىستانلىق ئىپارخان مەقبەرىسى دەپمۇ ئاتالغان.
قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىدىن بەش كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قوغان دەپ ئاتىلىدىغان قەدىمىي يۇرتتا ئىسلام ئۇسلۇبىدىكى ئىمارەت - ئىپارخان مەقبەرىسى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.
شىنجاڭنىڭ ئىسلام مەقبەرە قۇرۇلۇشى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. قەبرە ئۈستىگە سىرتى چاسا، ئىچى يۇمۇلاق گۈمبەز ياسالغاندىن باشقا، ئەتراپقا مەسچىت ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتلار قەبرىستانلىقى بىنا قىلىنىپ مۇكەممەل ھالەتتىكى ئىمارەتلەر توپى شەكىللەندۈرۈلگەن. ئىپارخان مەقبەرىسى تۆت بۆلەكتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھويلىنىڭ غەربىدە ھېيت ۋە جۈمە نامازلىرى ئوقۇلىدىغان چوڭ مەسچىت، ئوتتۇرىسىدا گۈمبەز شەكىللىك مەدرىس، ئۇنىڭ يېنىدا كىچىك مەسچىت، كىچىك مەسچىتنىڭ ئارقىسىدا ئېگىز گۈمبەز بار. سىرتى چاسا، ئىچى يۇمۇلاق بۇ چوڭ گۈمبەزنىڭ ئۇلىنىڭ كەڭلىكى 40 مېتىرچە بولۇپ، تۆت بۇرجىكىنىڭ ھەربىرىگە تامغا پاتۇرۇپ يۇمۇلاق تۈۋرۈك قويۇلغان. ھەربىر تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىگە يەنە يېرىم ئاي شەكلى چىقىرىلىپ ناھايىتى سىپتا، نەپىس ئەزان مۇنارى ياسالغان. گۈمبەز ئۆگزىسىنىڭ دىئامېتىرى17 مېتىر كېلىدۇ. ئۆگزىنىڭ چوققىسىغا كارناي شەكىللىك كىچىك راۋاق ياسالغان بولۇپ، ئۈستىگە ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن ھىلال ئاي ئورنىتىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئىلگىرى ھىلال ئايغا 50 سەر ئالتۇن ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇنى مىنگونىڭ دەسلەپكى يىللىرى قەشقەرنى سورىغان ماشاۋۋۇ ئوغرىلىۋالغان. كېيىنكىلەر ھىلال ئاينى ئامالسىز مىستىن قايتا ياساپ قويغان.
گۈمبەزنىڭ تام-تورۇسلىرىغا يېشىل چاقچۇق چاپلانغان، ھېكمەتلىك سۆزلەر پۈتۈلگەن سېرىق، كۆك فار-فۇر خىشلارمۇ ئارىلاشتۇرۇلۇپ، گۈل-نەقىشلەر چىقىرىلغان. يوغان زالغا ئادەمنىڭ بېلىگە كەلگۈدەك سۇپا ياسالغان بولۇپ، ئۈستىگە ئاپاق خوجا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن 72 ئادەمنىڭ قەبرىسى قاتۇرۇلغان. رىۋايەتتىكى ئىپارخاننىڭ قەبرىسى سۇپىنىڭ شەرقىي شىمال بۇرجىكىدە بولۇپ، باشقا قەبرىلەردىن پەرقلەنمىسىمۇ، ئەمما كىشىنى ئالاھىدە جەلپ قىلىپ تۇرىدۇ. ئىپارخان مەقبەرىسىدىن يۇقىرى ماھارەتلىك ئۇيغۇر مىمارچىلىق ھۈنەر-سەنئىتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

مەنبە:باغداش تورى


توردا
13سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
39 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى ماقالە ئىكەن ! ھارمىقايسىز !

Rank: 8Rank: 8

توردا
760سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
1487 
تېما
65 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت ، بىلىشكە تىگىشلىك، مۈمكىن بولسا شۇ جايلارغا بىرىپ ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ كەلسەك بولغۇدەك.
قولۇڭدا بارىدا قەدرىگە يەتمەي،
يوقاتقاندا ئاھ ئۇرما!

توردا
109سائەت 
نادىر تېما
دوست
45 
يازما
522 
تېما
51 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھارمىقايسىز...رەھمەت...تىمىڭىزغا...

Rank: 8Rank: 8

توردا
740سائەت 
نادىر تېما
دوست
86 
يازما
2588 
تېما
450 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قىممەتلىك تارىختىن ياخشى بىلىملەرنى سوۋغا قىلىپ بىزلەرگە ھەدىيە قىلىغىنىڭىزغا تەشەككۈر ! ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

توردا
9سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
32 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى ماقالە ئىكەن ! ھارمىقايسىز !

توردا
116سائەت 
نادىر تېما
دوست
11 
يازما
381 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەجىرڭىزىگە كۆپ تەشەككۇر. قىممەتىلىلك بىلىملەرىدىن بەھىرلەنىدىۇگۈنىڭىىگە. كۆپ رەخىمەت

توردا
71سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
359 
تېما
11 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:20 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قىممەتلىك تارىختىن ياخشى بىلىملەرنى سوۋغا قىلىپ بىزلەرگە ھەدىيە قىلىغىنىڭىزغا تەشەككۈر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-10 05:10

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.