ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر كۆڭلۈمدىكى سۆز قىزلارنىڭ نەزىرىدىكى ھەقىقى ئەركەك قانداق ...
كۆرۈش: 442|ئىنكاس: 12
go

قىزلارنىڭ نەزىرىدىكى ھەقىقى ئەركەك قانداق بولۇشى كىرەك

توردا
37سائەت 
نادىر تېما
دوست
15 
يازما
132 
تېما
11 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-3-6 13:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مېنىڭ نەزىرىمدىكى ھەقىقىي ئەركەك- تارىختىكى شۈكرىچىلىك ئىددىيەسى بىلەن، ھېچنىمىدىن ھېچنىمە يوق قىزلىرىنى ئەرگە بىرىپ قۇدىلىشىدىغان ئەرلەر ئەمەس. خېيىم-خەتەر قۇتىراپ ئامەت قولىدىن كەتسە، خوتۇن-خەقنىڭ ئىشى دەپ ھېساۋاتىنى ئاياللارنىڭ چىكىسىگە يازىدىغان ئەرلەر ئەمەس.

مېنىڭ نەزىرىمدىكى ھەقىقىي ئەركەك- ئۆزىنىڭ يۈز-ئابرويى، پايدا-مەنپەئىتىنى دەپ، خوتۇنىدىن يۈز ئۆرۈيدىغان ئەرلەر ئەمەس. ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى دەپ خەلقنى ئازاپ-ئوقۇبەتكە قويىدىغان ئەرلەرمۇ ئەمەس، بەلكى مۇھەببەت ئۈچۈن تاج-تەخىتتىن كىچەلەيدىغان ئەرلەردۇر. پۇرسەت قولدىن كەتكەندە ئاۋامنىڭ ۋە ئەسكەرلەرنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن، سۈكۈت قىلىپ، تېنچىلىقنى تاللىيالايدىغان ئەرلەردۇر. رەقىبىگە ھۆرمەت قىلالايدىغان ئەرلەردۇر.

مېنىڭ نەزىرىمدىكى ھەقىقىي ئەركەك- بىرەرسىنىڭ قېينچىلىققا ئۇچىرىغانلىقىنى كۆرگەندە ئىككىلىنىپ تۇرىدىغان ھەتتا ئۆزىنى قاچۇرىدىغان، ئارقىغا قاراپ نەيزە ئاتىدىغان ئەرلەر ئەمەس. ئاۋامنىڭ ھوقۇقى دەخلىگە ئۇچىراپ، جىملىقنى ۋە سۈكۈتنى تاللاپ تۇرغاندا، <مەن مۇنداق قارىمايمەن> دەپ توۋلىيالايدىغان ئەرلەردۇر.

مېنىڭ نەزىرىمدىكى ھەقىقىي ئەركەك- قارامايدىكى ئوت ئاپىتىدە ئاۋال ئۆزىنى سىرىتقا ئاتقان رەھبەرلەر ئەمەس. بىر قىزچاقنىڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، خىيالىدا يوق مېڭىپ كىتىدىغان ئەمەلدارلار ئەمەس. كان ھادىسى پەيدا بولغاندا، ئۆزىنى ئېلىپ قاچقان كان خوجايىنلىرى ئەمەس. يەنى، <تىتانىك> نامىلىق پاراخوتتىكى، خەتەر ئالدىدىمۇ ئورنىغا سادىق بولۇپ، پاراخوت بىلەن بىرگە چۆكۈپ كەتكەن پاراخوت باشلىقى، ماتۇرۇسلار، مۇزىكىچىلار. ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسقا ئوت كەتكەندە، ئاۋال ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇپ، ئۆزى چىقىپ كىتەلمىگەن ئەرلەر، يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغالسىمۇ، چىداپ تۇرۇپ، ماشىنىنى يول ياقىسىغا توختۇتۇپ بولۇپ، ئۆزىنى تاشلىغان شوپۇرلار.

مېنىڭ نەزىرىمدىكى ھەقىقىي ئەركەك- ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەمگەك ئىش ھەققىنى ئالالماي تۇرسىمۇ، ئالتۇن تىپىۋالسىمۇ كۆز قىرىنى سالمايۋاتقان خەلىق ئىشچىللىرى. ئۈچ چاقىلىق ھارۋىسى بىلەن تاپقان پۇللىرىدا ئۇزاق مۇددەت نامىرات ئوقۇغۇچىلارنى يۆلەتۋاتقان ھارۋىكەشلەر. ۋەيران بولغان بولسىمۇ، چىشىنى چىڭ چىشلەپ، كېينكى يىرىم ھاياتىدا قەرىزلىرىنى تاماملىغان ئەرلەر.

مېنىڭ نەزىرىمدىكى ھەقىقىي ئەركەك- ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆپىرەك بىرگە بولۇشى ئۈچۈن، ئەمىلىنىڭ ئۆستۈرۈلۈش پۇرسىتىدىن ۋاز كىچەلەيدىغان ئەرلەر. بىر ئۆمۈر ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ تۇرۇپمۇ، بىرەر ۋاراق ئىش قەغىزىنىمۇ باللىرىنىڭ خەت يېزىشىغا ئاپىرىپ بەرمىگەن ئەرلەر. ئاممىۋى ئاپتوبۇسلاردا قېرى-ئاجىزلارغا ئورۇن بوشۇتۇپ بىرىپ، ماشىنىدىن ھازىرلا چۈشۈدىغان قىياپەتكە كىرىۋىلىپ، باشقا ياققا ماڭغان ئەرلەر. قار-شىۋىرغانلىق كىچىدە ئۆيگە قايتىۋاتقاندا، گېزىتچى بالىنىڭ قولىدا ئېشىپ قالغان بىر قانچە گېزىتنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋىلىپ كەتكەن ئەرلەر.

مېنىڭ نەزىرىمدىكى ھەقىقىي ئەركەك- ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، كونا ۋىلسىپىت مېنىۋىلىپ ئەتىگەن تۇرۇپ، كەچ يېتىپ بالىسىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكەلگەن ھەم شۇ يولىلا ئۆيىنىڭ سەي-كۆكتاتلىرىنى سېتىۋىلىپ كەلگەن ئەرلەر. ئۆزى ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، ئائىلىسىدىكىلەردىن ييشۇرۇن، ئوغۇرلىقچە جاپالىق ئىشلارنى قىلىپ، بىر ئائىلە كىشللىرىنى بېقىۋاتقان ئەرلەر. ئايالى باشقا ئەرلەر بىلەن قېچىپ كەتسە، بىرىپ ئىزدەپ قايتۇرۇپ كىلىش ئەمەس، كۆڭلىدىن يوشۇرۇن ھالدا ئۇنىڭغا بەخىت تىلەيدىغان ئەرلەر. باشقىلار خاتا چۈشەنچىدە بولغاندا، ئۇرۇشۇپ يۈرمەستىن، ۋاقىت ئارقىلىق ھەممىسىنى ئىسپاتىلىغان ئەرلەر.

ھەممەيلەن ھازىرقى جەمئىيەتتە، ھەقىقىي ئەرلەرنىڭ ئازلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماڭتىمىز. شۇنداقلا، خورسىنماقتىمىز، ئىزدىمەكتىمىز، چاقىرىماقتىمىز. ئەمەلىيەتتە، ھەقىقىي ئەرلەر ئىلگىرىمۇ بولغان، ھازىرمۇ بار. ئۇلار ئاددى-ساددا، نورمال جەمئىيەت ئارىسىدا، ئۇلار يوشۇرۇنمۇ ئەمەس ھەم ئاشكارىمۇ ئەمەس. ئۇلار بەلكى كۆرۈمسىز ھەتتا بەك قوپال كۆرۈنىدىغاندۇر. لېكىن ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى قىزغىنلىق ۋە كۈچىنى كىنۇ فىلىملىرىدىكى قەھرىمانلارغا ھەرگىز سىلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئۇلار بەلكىم بىزنىڭ يېنىمىزدا ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئەرلەردۇر.


ئەزىز قىرىندىشىم ،سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ئەركەكلەر قانداق بولۇشى كىرەك؟

مەنبە-قۇمۇل تور بىكىتى


توردا
37سائەت 
نادىر تېما
دوست
15 
يازما
132 
تېما
11 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-3-6 16:34 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن ئاۋال باشلاي مىنىڭ نەزىرىمدىكى ھەقىقى ئەركەك ئۆزىنىڭ بىر ئاللاھنىڭ ھەقىقى بەندىسى(قۇلى)،ئاتا-ئانىسىنىڭ بىر كۆيۈنچان ،ۋاپادار پەزەنتى،ئۆىنىڭ جەمىئەتتە ئەركەك ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ۋە كىيىن ئۆزىنىڭمۇ بىر دادا بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىدىغان،ئىمانلىق، دىنۇ-دىيانەتلىك بولۇشى كىرەك.دەپ ئويلايمەن . ئەڭ موھىمى ھەقىقى ئادەملىك مەسئۇلىيەتنى چۈشەنگەن ،ئۆز ئۈستىدىكى ھەقلرىنى چۈشىنىدىغان بولۇشى كىرەك. مىنىڭ نەزىرىمدىكى شۇ.

Rank: 8Rank: 8

توردا
769سائەت 
نادىر تېما
دوست
91 
يازما
2647 
تېما
452 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-3-6 17:41 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ناھايىتى ياخشى ئوتتۇرغا قويۇپسىز ... ئەركەك بولغاندىكىن ، چوقۇم ئەركەكدەك سىماسى بولۇشى ، ئۈزىنى ، ئۆزگىنى چۈشۈنەلەيدىغان ، مىھرۇ - ۋاپالىق ، ئىنساپ - دىيانەتلىك ، ئەخلاق - پەزىلەتلىك ... ھەقىقىي ئەركەكلەرگە خاس ئىنسانىي غۇرۇر بولۇشى كىرەك ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
376سائەت 
نادىر تېما
دوست
31 
يازما
569 
تېما
108 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-3-6 17:47 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەرلەر بىر ئائىيلىنىڭ تۆگرىكى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئاتا-ئانىسىغا ئايالىغا باللىرغا بولغان مەسئۇلىيتى كۆپ.
بەش بارماق تەڭ بولمىغاندەك مۇكەممەل ئىنسان بولمايدۇ. ھەر بىرمىزنىڭ ئويلايدىغىنى چۇقۇم ئەرلىرمىزنىڭ مۇكەممەل بۇلىشى.ئىمان-ئىتقاتلىق ئەخلاق -پەزىلەتلىك، ئىنساپلىق ،غورور، ۋىجدانلىق ،كۈيۈمچان بۇلۇشنى تەلەپ قىلىمىز.

توردا
14سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
53 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-3-6 23:41 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قىزلا ئوز ئەرلىرنىڭ ئوزى ئويلىغاندەك غورور . ۋىجدانلىق . ئىمان - ئىتقادلىق . دىيانەتلىك .... بۇلۇشنى تەلەپ قىلسا . ئەرلەرمۇ ئوز ئاياللىرنىڭ ئەخلاق ، ئىمانلىق ، ساپ پەزىلەتلىك . كۇيۇمچان ... بۇلۇشنى تەلەپ قىلىدۇ . ھەم شۇنداق قىزلارغا ئويلىنىشنى ئارزۇ قىلىدۇ . سىزنىڭچە سىز دىگەندەك ئەرلەردىن ۋە مەن دىگەندەك ئاياللاردىن جەمىيتىمىزدە زادى قانچىلىك باردۇ ؟ سىز ئەگەر كەلگۈسى ئىرىڭىزنىڭ سىز دىگەندەك بۇلۇشنى خالىسڭىز ، ئۇ چاغدا كەلگۈسى ئىرىڭىزمۇ سىزنى مەن ئوزى خالىغاندەك بۇلۇشنى تەلەپ قىلىدۇ . سىز ئوزىڭىز خالىغان شۇنداق ئەرلەرنى تاپتىڭىز دەيلى ئۇ چاغدا سىز شۇ ئەرنىڭ تەلەپ قىلغىنچىلىك ئايالمۇ .... بۇ دۇنيادا مۇتلەق نەرسە بۇلمايدۇ .

ئەگەر ھەممە ئىش ھەر بىرىمىز ئويلىغاندەك بۇلسا ئۇ ھالدا بۇ جاھان سىزنىڭچە ئويلاپ بىقىڭە بۇ جاھان نىم بۇپ كىتە ...

سىز ياخشى ئىشلارنى ئويلايدىكەنسىز ، ئەمما نۇرغۇن يامان نىيەتلىك كىشلەر باركى ئۇلار بىر مىنۇتنىڭ ئىچىدىلا دۇنيانى ئوز ئىلكىگە ئالسا ، .... ئىشقىلىپ سىزنىڭ چۇشىڭىزگىمۇ كىرمەيدىغان يامان ئىشلارنى ئويلايدىغانلار جىق . شۇلارنىڭ ئىچىدە بىرسىنىڭ ئويلىغىنى ئەمەلگە ئاشسا ...

ئاللا ھەر-بىرىمىزنى ھەر-بىرىمىزگە جۈپ ، ئۈلگە ، ئىبرەت ، ..... قىلىپ جاھاننى تىنىچ قىلۋاتدۇ ...

توردا
37سائەت 
نادىر تېما
دوست
15 
يازما
132 
تېما
11 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-3-7 10:00 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەق ئىيتتىڭىز .ئىمانلىق ،ئىتىقاتلىق ،دىيانەتلىك بىر قىز ئەلۋەتتە شۇ خىلدىكى ئادەمنى ياقتۇرىدۇ.
ھەرگىز ھازىرقى جەمىئىتىمىزدىكى بولمىغۇر ،ئۆزىنىڭ ئەركەك ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان غۇرۇرسىز، ۋىجدانسىزنى ياقتۇرمايدۇ ۋە ئۇلۇغ ئاللاھدىن ئاشۇ خىلدىكى كىشىگەيولۇقۇپ قىلىشتىن پاناھ تىلەيدۇ،قىرىندىشىم .ئاللاھ ھەممىنى كۆرۇپ تۇرغۇچى.

توردا
79سائەت 
نادىر تېما
دوست
18 
يازما
471 
تېما
10 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەركەك بولغاندىكىن ئۈزىنى ، ئۆزگىنى چۈشىنەلەيدىغان ، مىھرۇ - ۋاپالىق ، ئىنساپ - دىيانەتلىك ، ئەخلاق - پەزىلەتلىك ... ھەقىقىي ئەركەكلەرگە خاس ئىنسانىي غۇرۇر بولۇشى كىرەك

توردا
79سائەت 
نادىر تېما
دوست
18 
يازما
471 
تېما
10 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

توردا
13سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
95 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مىنىڭ نەزىرىمدىكى ئەر مەسۇلىيەتچان، كەسكىن ، ئوزىنىڭ ئەرلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالايدىغان بولىشى كىرەك دەپ ئويلايمەن.

توردا
1سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەرلەرنىڭ ئەرلىك ئۆلچىمى زامان ۋە ماكانغا قاراپ ئىزاھلىنىدۇ.
1. ماكان بۇيىچە : ئۆيدە مەسئۇلىيەتچان(ئاساسى شەرت مۇشۇ، قالدى تەرەپلەر بۇنىڭغا تۇلۇقلىما بولىدۇ)،جەمئىيەتتە دادىل،زىرەك پىشقان ۋە يىراقنى كۆرەر ،ئىدارىدە كەسكىن ۋە نەتىجىلىك بولسا،
2. زامان بۇيىچە: تىنىچ ياكى ئۇرۇش دەۋىردە بولسۇن دۆلەت ۋە مىللەت ئۈچۈن ياشاشنى بىلىدىغان بولسىا.
ئەلۋەتتە بۇ مىنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-15 15:21

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.