ئۇيغۇرمىدى ئەسلى بالىڭىز شېئىر
ئاشخانىدا تاماق ساقلىغاچ
نەزەر سالدىم ئۇياق بۇياققا
يان ئۇستەلدە بولۇنغان گەپلەر
كىرىپ قالدى قىلىن قۇلاققا
چىسا دىدى بالىغا ئايال
بۇچى دىدى بالىسى باتناپ
يىگىن دىدى كاۋرۇ بولسىمۇ
بالىسىنىڭ بىشىنى سىلاپ
خې چا قىلغىن جىنىم بالام دەپ
چاي ئۇزاتىتى ئانا بالىغا
ھەيران بولۇپ توۋا دىيىشتۇق
قوش مىللەتلىك ئانا بالىغا
كاۋاپنىمۇ يىمىدى بالا
چى خەنباۋ دەپ چىقاردى جىدەل
بۇ يىقىمسىز دىئالۇگلارغا
چىدىيا لماي تۆلىدىم بەدەل
جىنىم ھەدە دىدىم قوپۇپلا
<<ئازات قىلاي دىدىم قۇلاقنى>> ساۋاپ ئېشتىن بىرنى قىلىپسىز
بىقىۋىلىپ خەنزۇ بۇۋاقنى
ئاڭلاپ قۇيۇڭ ئۇ مىنىڭ بالام
دىدى تىلاپ بارمۇ كوزىڭىز
بىشىم ئېگىپ دىدىم كەچۇرۇڭ
ئۇيغۇرمىدى ئەسلى بالىڭىز
تىلىلاپ كەتتى ئەڭ مەينەت تىلدا
تۆكمەك بولدى مىنىڭ يۇزۇمنى
گەپ ياندۇرماي يىدىم تاماقنى
دەۋەلغاچقا يۇرەك سوزۇمنى
كۇلۇپ كەتتى كۇلەلىگەنلەر
ئەيىپلەشتى مىنى بەزىسى
چىقىپ كەتتىم يامان ئەمەسمۇ
خوتۇن خەقنىڭ تىلى تەنىسى
كۈلۇڭ دوستۇم قاقاقلاپ كۇلۇڭ
يازغىنىمنىڭ يوقتۇر يالغىنى
سىېسىق تىللار مەن بىلەن كەتتى
سوغام بولسۇن سىزگە قالغىنى
مەنبەسى : ئىلى لىق مۇنبىرى <ئەزمەت> قەلىمى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا salkin11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-6 17:50
|