ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
كۆرۈش: 44|ئىنكاس: 1
go

سۆيۈنۈش

توردا
44سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
33 
تېما
28 

تىرىشچان ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:37 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

سۆيۈنۈش

(مۇۋەھشە )

"ئاداش "-دېدىڭ ئار سىنماي مەن سۆيۈنۈپ قۇۋاندىم ،

ھارارەتلىك ھىس تۇيغۇ ،ئوت - پىراققا كۆمەلدىم .

بايقىساڭ مەن پىغاندا كۆڭلۈم سۇنۇق، دىل ئۈزۈك ،

يېنىپ ئۆچۇپ ئالدىڭدا تىن سۈرەلەي ئۈۋالدىم .

لاچىن پەخرى پەرۋازدا ،ئەجەپ كۆركەم كۆڭۈللۈك ،

تىلدا داستان شۆھرىتى بولار ئۆرنەك ،بۈيۈكلۈك .

ئەستىن چىقماس،ئۇنتۇلماس سۆيگۈ سالغان تۇيغۇلار ،

ئەزىز دوسىتلار ھاياتتا ئۈمىد-ۋەسىل سۆيۈملۈك .

تاقەت بىلەن تارايدۇ ،نىسىپ بولغان ھەر كۈنۈم ،

مۇجىزە دەپ سانايمەن تەمبەل -تازا ساق تېنىم .

قېنىپ -قېنىپ قول سىقتىم قۇچاقلاشتىم كۆڭۈل خوش ،

ئۇرغۇپ ئاقتى تومۇردا قۇۋەت تاپقان ساپ قېنىم .

ئىخلاس بىلەن مۇڭداشتۇق شىرىن -سۈخەن تىل قېتىپ ،

يار- بۇرادەر دوسىتلارنى ،سىرداشلارنى ياد ئېتىپ.

يۈرۈگۈمدە يىلىنجاپ ياندى ئوتلۇق ئىشتىياق ،

يۈتۈپ كەتتى كۆڭۈلدىن غۇبار - چاڭلار لىپ ئېتىپ .

ئۇزاپ چىقتىڭ ئۇزاتتىم ئېچىم ئېسسىق ئۆرتۈنۈش ،

كۆزلىرىمگە كەلدى ياش بىلىنمىدى ھۆللۈنۈش .

مەڭگۈ ئۆچمەس ئوت پىراق ،يۈرۈگۈمگە قاراپ باق ،

ۋۇجۇدۇمنى توختىماي چېكىپ تۇرار سۆيۈنۈش .

---رىسقى .

--شەھرى قاراماي .

توردا
108سائەت 
نادىر تېما
دوست
44 
يازما
522 
تېما
51 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 19:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت جۇمۇ يازمىڭىزغا...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-7 22:36

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.