ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر كومپىيۇتىر بىلىملىرى مۇختار روزى 600 قىسىملىق Flash دەرسى
كۆرۈش: 192|ئىنكاس: 5
go

مۇختار روزى 600 قىسىملىق Flash دەرسى

توردا
4سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
12 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىز ئالدىنقى كۈنلەردە
مۇختار روزى Photoshop CS5 دەرسلىكلىرى ھەقسىز تارقىتىلدى (ئۇيغۇرچە
http://www.rohlan.biz/thread-5977-1-1.html
مۇختار روزىنىڭ 500 قىسىملىق VB دەرسى يوللاندى، چۈشۈرۋېلىڭ
http://www.rohlan.biz/thread-6071-1-1.html


دېگەن ئىككى تېما ئارقىلىق مۇختار ئەپەندىنىڭ ئۆزى بىر قوللۇق تۈزىگەن Photoshop CS5 نى ئىشلىتىش ئۇسۇلى تەپسىلىي سۆزلەنگەن 95 قىسىملىق سۈرەتلىك دەرسلىكنى ۋە 500 قىسىملىق Microsoft Visual Basic 6.0 دا پىروگرامما تۈزۈش دەرسىنىڭ ئالدىنقى ھەقسىز قىسىمىنى تورداشلار ھوزۇرىغا ھەقسىز سۇنغان ئىدۇق، تورداشلار بۇ دەرسلىكنى چۈشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن، بۇ دەرسكە بولغان باھاسى ناھايىتى ياخشى بولدى .

بۇ جەرياندا مىسرانىم تورى، بىلىك كۇلۇبى، ئىنتىل سەيناسى، نۇرقۇت ئەترىتى، پەرزەنت تور بېكىتى، ۋولقان تور بېكىتى، ئىز تورى، ئەلكۇيى تورى، ئۇچۇر 100 تورى، ئالپ تورى، شاھدىيار تورى، باغداش تورى، سىرلىق تورى، كەڭساي تورى، ئاشپەز تورى، رېتىم مۇنبىرى، قۇياش مۇنبىرى، تىركەش مۇنبىرى، كروران مۇنبىرى، بىلىملەر مۇنبىرى، تورچى مۇنبىرى، پوسكام مۇنبىرى، ئۇچقۇن مۇنبىرى، كوئىنلن مۇنبىرى، دولانى مۇنبىرى، ... قاتارلىق تور بېكەتلەر ۋە بلوگىرلار بۇ ھەقسىز دەرسلىكتىن تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىش ئۈچۈن كۆپلەپ تەشۋىق قىلىپ ياخشى ھەمكارلاشتى . شۇ ئارقىلىق بۇ دەرسلىكتىن روھلان تور بېكىتىگە كىرىپ بولالمايدىغان تورداشلىرىمىزمۇ بەھىر ئالدى، بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يۇقارقى ھەمكارلاشقان بارلىق تور بېكەت ۋە بلوگىرلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز .

بۈگۈن يەنە مۇختار ئەپەندىنىڭ ئۆزى بىر قوللۇق تۈزىگەن 600 قىسىملىق Adobe Flash Professional CS5 دېتالىدا Flash ئىشلەش دەرسىنىڭ ئالدىنقى بىر بۆلەك ھەقسىز قىسىمى تارقىتىلماقچى .
ھەقسىز تارقىتىلىدىغان قىسىمى 95 قىسىم بولۇپ، بۇ قىسىمىنى تولۇق كۆرۈپ چىقسىڭىزمۇ ھازىرقى ئۇيغۇر Flash ئۇسىتىلىرىنىڭ سەۋىيسىگە يېتەلەيسىز .

Adobe Flash Professional CS5 نىڭ ھەقلىق دەرسلىكنى بىۋاستە مۇختار ئەپەندىبىلەن ئالاقىلىشىپ سېتىۋالساڭلار بولىدۇ .
مۇختار ئەپەندىنىڭ تور بېكەت ئادرىسى: http://www.xmrit.com بولۇپ، بارلىق تور بېكەت باشلىقلىرى ۋە بلوگەىرلارنىڭ بۇ خالىس تۆھپىكارىمىزنىڭ تور بېكىتى http://www.xmrit.com نى ئۆز تور بېكىتى ۋە بلوگىغا ئۇلىنىش قىلىۋېلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز .

مۇختار ئەپەندى يەنە يېقىندا شارائىتى ناھايىتى ياخشى بولغان بىر قېتىملىق تەربيلەش ئېلىپ بارماقچى ، خۇددى خىزمەتچى خادىملاردەك، ئايرىم ئىشخانا، ئايرىم كومپيۇتېر ئىشلىتىدۇ، بۇ قېتىملىقى ئادەتتىكى تەربىيلەش كۇرسى بولماستىن، مۇختار ئەپەندىنىڭ بارلىق خىزمەت پىلانىغا بىردەك قاتنىشالايسىز، دەرس شۇ كىشىنىڭ سەۋىيسىگە قاراپ ئايرىم سۆزلىنىدىكەن، لېكىن بۇنىڭغا كومپيۇتېردىن خەۋىرى يوق، بېلى بوشلارنى قۇبۇل قىلىنمايدىكەن، ئۆگەتكەننى ئۆگىنەلەيدىغانلارنىلا ئالىدىكەن، ياخشى ئۆگىنىپ ئۆز ئالدىغا ئېگىلىك تىكلىمەكچى بولغانلارغا باشتىن-ئاخىر ھەمدەمدە بولۇپ، مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىكەن، ھەر ۋاقىت ياردەمدە بولۇپ، يېنىدا تۇرىدىكەن . بىر يىللىق ئوقۇش پۇلى 3000 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچىلا بولىدىكەن( بۇ پەقەت توك پۇلى ۋە ئۆزىڭىز ئىشلەتكەن كومپيۇتېرنىڭ ئۇپراش پۇلى خالاس) ، ئەگەر ئۆگىنىش ئارزۇسى بار، ئېگىلىك تىكلەشنى ئارزۇ قىلۋاتقانلار بولسا بىۋاستە مۇختا ئەپەندى بىلەن ئالاقىلاشساڭلار بولىدۇ، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى مۇختار ئەپەندىنىڭ تور بېكەت ئادرىسى: http://www.xmrit.com دا تولۇق بار .

Adobe Flash Professional CS5 دېتالىدا Flash ئىشلەش دەرسىنىڭ ھەقسىز 95 قىسىملىق ھەقسىز قىسىمى بەش بۆلەككە بۆلۈپ يوللىنىدۇ ، ئومۇمىي سىغىمى: 515 مىگابايت

Adobe Flash Professional CS5 نىڭ ھەقسىز تارقىتىلغان دەرسىنىڭ 1-بۆلىكىنى چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://down.qiannao.com/space/fi ... 05b1-005d.rar/.page


بارلىق تور بېكەت باشلىقلىرى ۋە بلوگگىرلارنىڭ ۋە مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ بۇ تېمىنى قانداقتۇر بىر ئېلان تېمىسى دەپ قاراپ قالماي،تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كومپيۇتېر ئۆگىنىش ئۈچۈن بۇ تېمىنى ئۆز تور بېكىتىدە ئېلان قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز . قانچە كۆپ ئادەم بۇ دەرسلىكنىڭ ھەقسىز تارقىتىلغىنىنى بىلسە ياخشى، بىر قىسىم نۇمۇسسىزلار ھەقسىز دەرسلىكنى چۈشۈرۋېلىپلا باشقىلارغا قىممەت باھادا سېتىۋېتىش خىيالى بەرپات بولغان بولاتتى، بىر قىسىم نۇمۇسسىزلار بۇنداق قىلىشتىنمۇ يانمايدىكەن، ھازىر شۇنداق ئەھۋاللار ئېغىر كۆرۈلىۋاتىدۇ، بۇ دەرسلىك تېمىسىنى ئۆز تور بېكىتىڭىزدە ئېلان قىلىپ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ھەقسىز دەرسلىكتىن پايدىلىنىشقا شارائىت يارىتىپ بەرسىڭىز بۇمۇ سىزنىڭ ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىڭىزدۇر ، ئېلان قىلغاندا ئەسلى مەنبە روھلان تورىدىكى مەزكۇر تېما ئادرىسىنىمۇ قوشۇپ قۇيۇشنى ئۇنۇتماڭ، دەرسلىكتىكى كۆرۈلگەن مەسىلىلەرگە مۇختار ئەپەندى شۇ تېمىدىلا جاۋاب بېرىدۇ

دەرسلىك تولۇقلىمىسى ۋە بارلىق چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://www.rohlan.biz/thread-6180-1-1.html

توردا
1337سائەت 
نادىر تېما
دوست
39 
يازما
1599 
تېما
141 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قولىىڭزغا دەرت بەرمىسۇن، ئالامەت دەرىسلىكلەرنى يوللاۋاتىسىز جۇمۇ؟
فىلەشنى ئىشلەتمىگىلى ئۇزۇن بولغاچقا بەزى يەرلىرىنى ئۇنتۇپ قاپتىكەنمە،
بولسا بالىلارمۇ بۇرۇنقىدە فىلەشتە ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئەسەرلىرىنى كۆپلەپ مەيدانغا ئەكەلسە بولاتتى~

توردا
1337سائەت 
نادىر تېما
دوست
39 
يازما
1599 
تېما
141 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قولىىڭزغا دەرت بەرمىسۇن، ئالامەت دەرىسلىكلەرنى يوللاۋاتىسىز جۇمۇ؟
فىلەشنى ئىشلەتمىگىلى ئۇزۇن بولغاچقا بەزى يەرلىرىنى ئۇنتۇپ قاپتىكەنمە،
بولسا بالىلارمۇ بۇرۇنقىدە فىلەشتە ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئەسەرلىرىنى كۆپلەپ مەيدانغا ئەكەلسە بولاتتى~

توردا
105سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
458 
تېما
77 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
نىمانداق جىق بۇ راسمىدۇ

توردا
105سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
458 
تېما
77 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
نىمانداق جىق بۇ راسمىدۇ

توردا
12سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
64 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن بىلالمىاىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-7 00:49

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.