ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر مۇھەببەت داستانى(فاتىمە)
كۆرۈش: 232|ئىنكاس: 7
go

مۇھەببەت داستانى(فاتىمە)  

Rank: 8Rank: 8

توردا
354سائەت 
نادىر تېما
دوست
27 
يازما
514 
تېما
98 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش



مۇھەببەت داستانى

مۇقەددىمە

بىر زامانلار ئۇن يەتتە ياشلىق قىز ئىدىم،

شات-خۇراملىق بىلەن بەك بەڭۋاش ئىدىم.

شوخ ئەركىلەپ ئاتا-ئانامغا تاي كەبى،

گاھ، چىمەنلىكتە ئۇچقان كىپىنەك ئىدىم.

ئاخشىمى ئاي يۇلتۇزغا قاراپ قانمايىتتىم،

كۈندۈزى ئىش بىلەن ئالدىراش بۇلاتتىم.

سەبى تىللىرىم بىلەن ۋىچىرلاپ سۆزلەپ،

ئاتا-ئانامنى كۈلدۈرۈپ خوش قىلاتتىم.

ئىرادەم بىلەن ھاياتقا تەلپۈنەتتىم ،

ئارزۇ-ئارمانغا يەتمەك بۇلۇپ يۈرەتتىم.

ئىشتىياق بىلەن ھاياتنى قىزغىن سۈيۈپ،

ھەر تىنقىمدا ئىمان-ئىتقات ھايالىق يۈرەتتىم.

تەلىيىمگە بەك ئەتىۋارلىق قىز ئىدىم،

ئايغى ،چاققان ،قۇلى، چىۋەر، ئىشچان ئىدىم.

ماڭسام يەرنى يارغۇدەك قەدەملەر بىلەن،

گۆس-گۆس دەسسەپ ماڭىدىغان قىز ئىدىم.

كۆك ئاسمانغا قاراپ قۇشلارنى سانايىتتىم،

گاھى،دوسلۇرۇم بىلەن تەپكۈچ تىپەتتىم.

گاھ، يىكايە گاھى، تېپىشماق ئېيتىشىپ،

چوڭ ئايۋان سارايدا سۇزۇلۇپ ياتاتتىم.

1

بىر كۈنى چىقتىم سىرىتقا دوستۇم بىلەن،

ماڭدۇق ئىككىمىز قىزغىن پاراڭلار بىلەن.

شۇ دەقىقىدە يۇلۇقتى بىر يىگىت ماڭا،

ئۇ يىگىتمۇ بىللە ئىكەن تاغام بىلەن
.

ئۇ يىگىتمۇ قارارايىتتى مەنمۇ قارايىتتىم،

كۈزۈمنى ئەپقاچتىم خىجىللىق بىلەن.

شۇ مىنۇت دەقىقە قەلبىم لال بولدى،

بىلمىدىم بۇ زادى نىمە سەۋەپ بىلەن.

خوشلىشىپ ماڭدۇق يىگىت تاغام بىلەن،

كۈزۈم قالدى ئارقىدا ئۇ يىگىت بىلەن.

ئۇ يىگىتمۇ قارايىتتى تاتلىق كۈلۈپ،

گەرچە تۇنۇشمىساقمۇ بىر خىل مىھىر بىلەن.

2

كەلدىم ئۆيگە روھىم چىقىپ كەتكەندەك،

جىسمىم خۇددى يىگىتكە ئەسىر بولغاندەك.

قەلبىمدە ئۇرغۇيدۇ بىر تاتلىق سىزىم،

بۇ مۇھەببەتمۇ بىلمىدىم سەزمىگەندەك.

كىچە چۈشۈمدە يىگىتمۇ ئاشىق بولغۇدەك،

ئالدىمغا گۈل دەستە كۆتۈرۈپ كەلگۈدەك.

خۇشاللىقتىن توۋلاپ ئويغىنىپ كەتتىم،

كۆزۈم ياش ماڭا خۇددى بۇ رىياللىقتەك.

شۇ كۈندىن باشلاندى خۇددى بىر چۈشتەك،

بىر كۆرۈپ ئاشىق بۇلۇشمۇ بۇ تۇيمىغاندەك.

ئۇيقا قېچىپ كۆزلەردىن يىگىنىم تېتماي ،

چۆكتىم خىيالغا روھىمنى يۇقاتقاندەك.

3


ئاردىن ئۆتتى ئۇنبەش كۈن بىر-بىرىنى قوغلاپ،

تەشنالىق ئاشماقتا قارچۇقۇمنى بويلاپ.

كەلدىڭ سەن بىر كۈنى شۇنچە تۇيۇقسىز

ئىللىق سالام بىلەن ئۆستەڭ بۇيىنى بويلاپ.

ئەسسالام دەپ كىرگەننى كۆردۈم پەقەت،

ۋەئەلەيكۇم دىدىم خىجىللىقتىن دەششەت.

سورىدىڭ تىچ ئامانلىق كۈزۈمگە بىقىپ،

دىيەلمىدىم ساڭا قاراپ تىچلىق دەپ پەقەت.

ئالدىمدا تۇرسەن بىر تاتلىق كۈلۈمسىرەپ،

سۆزلىرىڭ بار دىيەلمەي كۆزۈمگە بېقىپ،

خىجىللىق ئىلكىدە ئۇزاتتىڭ قۇلۇڭنى،

ئالدىم قۇلۇمغا خىجىللىقتا بۇ نىمە دەپ.

تىترىگەن قوللىرىم خەتنى ئاچتى ئالدىراپ ،

كۆردۈم ئاھ!جاۋاپنى خۇشال خەتكە قاراپ.

خىجىلىقتا يۈزلىرىم قىزىرىپ كەتتى،

پۈتۈن ھۇجۇدۇم شات -خۇراملىقتىن يايراپ.

4

كۈن -كۈننى قوغلاپ ئايلار ئۆتۈپ كەتتى،

شۇ بىر رىتىمدا مۇھەببەت رىشتىمىز باغلاندى.

چىن سۆيگۈمىزنىڭ قودرىتى تاراپ تەنگە،

كۆزلىرمىزدىن ھەسرەت ئۇچقۇنلىرى كەتتى.

ھەر ئۇچراشساق تۈگىمەيدۇ پەقەت سۆزلىرمىز ،

قانمايدۇ قاراپ -قاراپ خۇمار كۆزلىرمىز.

ھەر باققاندا كۆزلىرىمگە شۇنچە سىرلىق ،

سالىدۇ قەلبىمگە ھاياجان كۈزۈڭىز .

ئۆستەڭ بۇيىدىكى مەجنۇن تال گۇۋاھ! دەپ،

بەردۇق ۋەدە ئىرادىمىزنى چىڭىتىپ.

بىزگە جۆر بۇلۇپ كىلەتتى شوخ شامالمۇ،

ئەگىم مەجنۇن تاللارنى لەرزان ئېرغىتىپ .

سىنى سېغىنسام ئۆستەڭ بۇيىغا چىقاتتىم،

مەجنۇن تالدىن سىنى كەلدىمۇ دەپ سورايىتتىم.

خىيالىم سەندىلا غىڭشىپ ناخشا ئېيتىپ،

گاھ،قاقاقلاپ كۈلسەم گاھى،يىغلايىتتىم .


5

كۈز پەسلى كەلدى يۇپۇرماقلار سارغىيىپ،

قۇشلارمۇ ئۇچتى ئاسماندا غاق-غاق قىلىپ.

جېنىم پەرىشتەم ياتلىق بولغىن، ماڭا،

خەلق ئالەم ئالدىدا قىلايلى توينى دەپ.

ماقۇل دىدىم مەنمۇ ھەم كۈزۈڭگە بېقىپ،

دىيىش ماڭا شۇنچىلىك بولسىمۇ بىئەپ.

نەدىن كەلدى خيالىمغا بۇ ئوي پىكىر،

سەن ئەۋەتسەڭ بولمامدۇ ماڭا ئەلچى دەپ.

سۆزۈمگە كۈلۈپ سەن كۈزۈڭنى ئوينىتىپ،

سەن نادان ئەخمەق دەپ مىنى كولدۇرلۇتۇپ.

زارىقىپ بىلدۈرمىگەچكە مەن بىر جاۋاپ،

كەچۇر پەرىشتەم ئەۋەتىمەن ئەلچى دەپ.

6

شۇ دەقىقە نەچچە كۈنلەر ئۆتۆپ كەتتى،

سەندىن خەۋەر يوق بۇيۈرەككە ئوت كەتتى.

ئەنسىزلىككە تۇلۇپ بۇ قەلبىم رىتىمسىز،

كۆزۈمدە ئۇيقۇ يوق نەپسىم بۇغۇلدى.

ئاخشىمى ئايغا قاراپ سىنى سوردىم،

كۈندۈزى ئۆستەڭ بۇيىغا چىقىپ يۈردۈم.

مەجنۇن تال ئاستىدىكى ئىزىڭغا قاراپ،

ۋەدىمىزنى ئەسكە ئېلىپ تەسەللى تاپتىم.

7

ئىشىك چىكىلدى ئاستا رىتىملىق بىلەن ،

يۈگۈردۇم ئاچقىلى تاتلىق سىزىم بىلەن.

ئاھ!كۈزلىرىم كۆردى كىملەرنى شۇئان،

تېڭىرقاپ باشلىيالماي گاڭگىراش بىلەن.

تەكلىپ قىلىپ چاقىردىم ئانامنى دەرھال،

ئانام باشلىدى تەبەسسۇمى بىلەن شۇئان.

خىجىللىقتا بىر يەرگە قاچقۇدەك بولدۇم ،

سەزدى قەلبىم بۇلارنى سىزىمى بىلەن.

قۇلۇم ئىشقا بارمايدۇ ئانام نىم دەر- دەپ،

قاخشاپ ئەلچىگەچالۋاقاپ كىتەرمۇ دەپ،

شۇ خىيالدا يۈرەك سۇقار جىددى رىتىمسىز،

ماقۇلنىڭ ئورنىغا ياق دەپ سالارمۇ دەپ.

چىقتى بىر ئازدىن كىيىن ئانامنىڭ ئاۋازى،

چىرايلىق گەپلەر بىلەن ئانام رەت قىلدى.

ئەلچىلەر قايتىلاپ يەنە سورىسا تەكرار،

ئانام گىپىدەچىڭ تۇرۇپ قەتئي قۇشۇلمىدى.

ئەلچىلەرئەپسۇسلىنىپ چىقتى ئىشىكتىن،

لېكىن ئانامنىڭ كۈزى قالدى مەن بىلەن.

غەزەپتىن كەلدى ئاچچىق بىلەن ئالدىمغا،

بۇ نىمىش ئېيتقىنە ئاڭلاي دىدى مەن.


8

جېنىم ئانا مەن دەي قۇلاق سالغىن سۈزۈمگە،

ئاڭلاپ تىللاپ كەتمىگىن مىنىڭ گىپىمگە.

ئۇ مەن ياخشى كۆرگەن يىگىت ئەلچىسى،

بەرگىن ئىشىنىپ مىنى سەن ئۇ يىگىتكە.

گەپلىرىمنى ئاڭلاپ ئانام رەنجىپ كەتتى،

شۇ كۈندىن باشلاپ بەك قاتتىق قول بولدى ،

كۈزۈم ياش قەلبىم تۇلۇپ ھەسرەت ئازاپقا.

ئۇنى كۆرەلمەي ئېچىم تىتىلداپ كەتتى،

يالۋۇرۇپ يېلىندىم ئاھ! جېنىم ئانامغا،

يەتكۈزگىن بىزنى ئارزۇ-ئامانىمىزغا.

قۇلاق سالماي رەنجىپ كەتتى ئەكسىچە،

بولدى قىل بەرمەيمەن سىنى ھەرگىز يىتىمغا.

بۇ گىپىدىن كۈزۈمدىن ياشلار تاراملاپ،

دىدىم ھەممە ئادەمگە نىسىپ يىتىملىك .

تەقدىرى شۇنداق ئۇخشايدۇ بۇنداق دىمە،

ئۇنىڭ بىلەن ياشىسام بۇلىمەن بەخىتلىك .


شۇ يۇسۇندا نەچچە دېسەم ئاڭلىمىدى ،

قايتا كەلگەن ئەلچىگە پەرۋا قىلمىدى.

ئۆز گىپىدە چىڭ تۇرۇپ تاشتەك قېتىپ،

ئەلچىلەرگە ئۇلارخىلمىز ئەمەس دىدى.

9

پۇرسەت تېپىپ ئاستا چىقتىم ئۆيۇمدىن،

ئۆستەڭ بۇيىغا بېرىپ سىنى ساقلىدىم.

قۇياش پاتتى قىپقىزىپ سەنمۇ كەلمىدىڭ،

ئۇن-تىنسىز كۈزۈمدە ياش ئاستا قايىتتىم.

تۇنۇش سادا بىلەن ئارقىمغا قاردىم،

ۋە لېكىن خۇشاللىقتا بىر سىنى كۆردۈم.

شۇ تاپ پۇت قۇلۇمدا جان يوق تىترەپ،

سىنىڭ قېشىڭغا بېرىشقا پېتىنالمىدىم.

چاقىردىڭ پەرىشتەم كەل يېنىمغا دەپ،

سەۋەنلىك سەندە ئەمەس تارتىنما دەپ.

ۋە لېكىن پۇت- قۇلۇم قالدى ئىزىمدا،

كەلدىم ئاخىرى يېنىڭغا مىنى كەچۇر دەپ.

ئىرادەڭ بىلەن سەندىن كەچمەيمەن دىدىڭ،

ھەر قانچە بولسىمۇ گەر چىدايمەن دىدىڭ.

مۇڭدىشىپ ئايرىلدۇق قىيمىغان ھالدا بىز،

كۆزىمىزدىن تۈكۈلگەن ياشلارنى سۈرۈتتۈڭ.

10

بىر كۈنى كەلدىڭ بىر ئۈزۈڭلا يالۋۇرۇپ،

ئانامغا قاراپ باش كۆتۈرمەي تەلمۈرۈپ.

قىسمىتىم شۇكەن ئانا مەندە نە ئامال،

بەرسىڭىز قىزىڭىزنى ماڭا رازى بۇلۇپ.

گىپىڭدىن قەتئىي تەسىرلەنمىدى ئانام،

سەن يىتىمنى كۆرمىسۇن كۈزۈم دىدى ھەم.

بولدى ئاۋارە بولما كىلىپ مەھەللىگە،

بەرمەيمەن قىزىمنى دىدى بىردەك ھەم.

جېنىڭدىن ئۆتكۈچە ئىزا ئاھانەتتە،

ماڭدىڭ ئاچچىق يۇتۇپ روھسىز ھالەتتە.

قالدىم ئارقىڭدىن قاراپ مەن خىجىلىقتا،

شۇ تاپ دىدىم بولمىسىكەن جېنىم تەندە.

11

ئاقىۋەت ئۈزۈلمەي ئەلچى كەلدى ئۆيگە،

بىرمەن دىدى شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرگە.

بۇ ئىشلارنى ئاڭلاپ ئۈلىۋالغۇم كەلدى،

لېكىن ئۆلۈشكىمۇ بولمىدى ئامال مەندە.

رايىمغا باقماي بىكىتتى توي كۈنىمنى،

ئاقتۇرۇپ كۈزۈمدىن ھەسرەتلىك يېشىمنى.

خىيالىم بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق،

ئويلايدىكەن ھەممىسى پەقەت ئۆزىنى.


12


تۇيۇم بولدى بۈگۈن ھەممەيلەن بەك خۇشال،

لېكىن ماڭا توي ئەمەس ئازاپ ئىھتىمال .

خىيالىم سەندە كۈزۈم ياش كۈچۈرۈپ ماڭدى

كۆردۈم سىنى رومالدىن ئاستدىن ھايال.

توستىڭ كىلىپ ماشىنا ئالدىنى دەرھال،

لىكىن تاياق يىدىڭ باشقىلاردىن شۇئان.

يۈرەكىم ئېچىشىپ كەتتى ساڭا قاراپ،

بۇ نىمە ئىش دىدى ئىرىم قېلىپ ھەيران.

خاتىمە


ساڭا قاراپ يۈرەكىم ئېچىشىپ كەتتى،

شۇ كۈن بىزنىڭ ئاخىرقى كۆرشىمىز بولدى.

ئەمدى مىنى كۈتمىگىن ئۇنۇتقىن جانان ،

مۇھەببىتىمىز بىزنىڭ شۇنىڭ بىلەن تۈگىدى.

قەلبىڭدە خاتىرە بولسۇن چىن سۆيگىمىز،

ئىككىمىز بىلەن كەتسۇن جۇدالىق يېشىمىز.

ئەستە تۇت ئاچچىق ئەسلىمىلەرنى مەھكەم،

قەدىرلىگىن بەرسە بەختىڭنى ئىگىمىز.

مەنبە قەلىمىم


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-3 22:21

Rank: 8Rank: 8

توردا
249سائەت 
نادىر تېما
دوست
15 
يازما
594 
تېما
17 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئوقۇپ بولغۇچە خۇددى مەن شۇنداق ئىشقا يولۇققاندەك بولدۇم،قەلىمىڭىز ھەقىقەتەن ئۆتكۈر ئىكەن،رەھمەت~!

Rank: 8Rank: 8

توردا
753سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
1453 
تېما
64 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاللا ئىگەم مۇشۇ ئۆتكۈر قولىڭىزنى، ھىسياتىقا باي قەلبىڭىزنى ، نىمە دەي ئەمدى،....
شىئىر يىزىشقا ياراتقاندەكلا....
سىزگە تولىمۇ قايىلمەن، يەنىمۇ تىرىشىڭ....
قولۇڭدا بارىدا قەدرىگە يەتمەي،
يوقاتقاندا ئاھ ئۇرما!

Rank: 8Rank: 8

توردا
740سائەت 
نادىر تېما
دوست
84 
يازما
2544 
تېما
448 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى يېزىپسىز ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

توردا
1337سائەت 
نادىر تېما
دوست
39 
يازما
1601 
تېما
141 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئوجون ماداستاننى~
ئالامەت چىقىپتۇ جۇمۇ~
سىزگە ئىلھام كىلىۋىرەمدىغاندۇ~

توردا
20سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
56 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن شۇنچىلىك تەسىرلىك ھەم شۇنچىلىك چۈشۈنىشلىك. ئاللاھ قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن قىرىندىشىم.
شۇنداق ياقتى. ھازىرمۇ شۇنداق ئاشىقلار بارمىدۇ؟ ئاللاھ ئىگەم ئۇلارنى ۋىسالىغا يەتكۈزگەي.

توردا
83سائەت 
نادىر تېما
دوست
21 
يازما
227 
تېما
24 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سىزگە ئىلھام كىلىۋىرىدىكەن دىسە ، يەنىمۇ تىرىشىڭ

توردا
103سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
205 
تېما
29 

ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا شەرەپلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
گەپنى تىزىپ قويغۇچە،ھىكايە شەكىلدە يازسىڭىز تېىخىمۇ ياخشى چىقار ئىكەن.
ئەجرىڭىزگە رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-6 01:15

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.