- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-2-24
- تىزىملاش
- 2010-6-11
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 252سائەت
- جۇغلانما
- 753
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 256
- تېما
- 12
- توردا
- 252سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 6
- يازما
- 256
- تېما
- 12
|
ئوماق كىچىك پەرىشتە،ئۈمىتۋار بولۇڭ،خەلىقىمىز سىزنى يۆلەيدۇ
2011-يىل2-ئاينىڭ 20-كۈنى،شىنجاڭدىكى دوستۇمنىڭ تاپىلىشى بىلەن،كەچ سائەت 9:20 مىنۇت ئۆتكەندە شىيەنياڭ ئايرۇدرۇمىغا قاغىلىق نايىسىدىن كەلگەن دىھقان قىرىنداشلارنىڭ ئالدىغا چىقتىم .ئۇلارنىڭ 5ياشلىق ئوماق قىزى مەدىنە سول پۇتى ئىغىر كۆيۈپ يارلانغانلىقى ئۈچۈن،پۇتىنى كىسىشتىن باشقا ئامال يوق دەپ كۆرسىتىلگەن.شىنجاڭ ئازاتلىق ئارمىيە باش دوختۇرخانىسنىڭ تۇنۇشتۇرش،ۋە ياخشى نىيەتلىك كىشلەرنىڭ ياردىمى بىلەن شىئەنگەن يۆتكەپ كىلىنگەن.ھازىر شىئەن ئازاتلىق ئارمىيە 4-دوختۇرخانىغا ئاپارماقچى بولۋىتىپتۇ.تۇنۇشتۇرلىشچە ئەر-ئايال ئىككەيلەن خەنزۇچە سۆزلىيەلمەيدىكەن،ھەمدە ئائىلە ئىختىسادى ناھايىتى ناچۋار بولغاچقا،ھەتتا يول كىراسىنىمۇ ئۈرۈمچىدىكى ياخشى نىيەتلىك كىشلەر ھەل قىلىپ يولغا سالغان ئىكەن .
مەدىنە
ئالدىغا چىققاندا ئاددى-ساددا ياش دىھقان ئەر-ئايال،ھەم دادىسنىڭ قۇچىقىسد ئولتۇرغان سول پۇتى داكىدا تىڭىلغان مەدىنەنى ئۇچراتتىم.مەدىنەنىڭ پۇتىدىن باشقا يەرلىرىدە ئاز-تولا كۆيۈك جاراھەتلىرى بار ئىدى. قىزچاق شنچىلىك قەيسەت ئىدى.قىزنىڭ يۈزىدىكى تەبەسسۇم كىشىگە ئىلىلىقلىق ھىس قىلدۇراتتى.ماشنىغا چىققاندا پۇتى ئھستىياتسىزلىقتىن بىر يەرگە تىگىپ كەتسىمۇ ئاغرىققا چىدىماي توختاپ قالاتتى(ھىلىغۇ 5ياشلىق كىچىك بالا چوڭ ئادەممۇ چىدىيالمايدۇ قىزنىڭ غەيرىتىگە ئاپرىن).
يولدا قىزنىڭ ئاتا ئانىسى بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا كۆيۈك جاراھىتىنىڭ بەك ئىغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۇق.لىكىن دوختۇرخانىغا بىرىپ دورا ئالماشتۇرغاندا،دوختۇر داكىنى ئاچقاندا، دوختۇرلۇق ئۈگىنىدىغان مەن مۇ تۇرۇشقاجۈرئەت قىلالمىدىم. پەقەت ئىشىك ئالدسىدا تۇرۇپ بىچارە قىزنىڭ كىشنىڭ يۈرەك پارىنى ئىزىدىغان يىغىسنى ئاڭلىدىم.
قىزنىڭ پۇتى كۆيگىنىگە 20نەچچە كۈن بولغانلىقى ئۈچۈن ئەڭ تىز سۈرئەتتە داۋالاشقا توغرا كىلەتتى. دوختۇر بىلەن پىكىر لەشكەندىن كىيىن ،دوختۇر بىزگە ،بۇ قىزنىڭ پۇتىىنى ساقلاپ قالغىلى بولدىغانلىقىنى لىكىن داۋالىنىش خىراجتىىنىڭ يۇقىرىلىقى،پۈتۈن جەرياندا3-4 قىتىم ئوپراتسىيە قىلىندىغانلىقى،شۇنداقلا پۈتۈن جەريانغا 20000مىڭ يۈەن كىتىدىغانلىقى(ئىككى يۈزمىڭ)پۈتۈن جەريان بىر ئاي ئىچىدە ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ۋاقىنىڭ بەك قىس ئىكەنلىكىنى،مەلۇم باسقۇچتا مەسلە چىقسا(ئختىساد يىتىشمەسلىك سەۋەبى داۋالاش توختىتىلسا) ئالدىدىكى داۋالاشنىڭ بىكار بولدىغانلىقىنى ئىيتتى.
راس گەپ قىلسام مەن بۇ بىر ئائىلە كىشلىرنى تۇنۇمايمەن، لىكىن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ياردەم قىلمەن .خەۋەر، ئاخباراتلار بىلەن ئالاقىلىشىپ،تەشۋىق قىلىپ كىچىك قىزنىڭ داۋالانىشغا ياردەم قىلمەن. جەمىيەتتىكى قانچە جىق كىشى بۇ ئىشتىن خەۋەردار بولسا ياردەم قىلدىغان ئاددەم جىق چىقىدۇ. شۇ ڭا قىزنىڭ ئاتا ئانىسنىڭ رۇخسىتى بىلەن كىملىك نۇمۇرى ۋە بانكا يىساۋات نۇمۇرىنى يوللاپ قويدۇم.رەسھمىنىمۇ قوشۇپ يوللاپ كويدۇم ،كۆپچىلىكنىڭ ياردەم قىلىشنى سورايمەن.
ئالاقىلاشقۇچى؛ نۇرمەمەت تۇرۇپ
بانكا يىساۋات نۇمۇرى:622848 25003 22280410
بانكا يىسھاۋات ئاچتۇرغان ئۇرۇن: كورلا
**************************************************************************
دوستىلار بۇ توردىكى بىر خەنزۇ قىزنىڭ يەتكۈزگە ن ئىلتىجاسى ،قىزنىڭ ئەھۋالى ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق ئىكەن. باشقا قىرىنداش مىللەر مۇشۇنداق كۈچەۋاتسا ،بىز قىرىنداشلىرى كۆرۇپ تۇرۇپ قاراپ تۇرساق بولماس. تاما تاما كۆل بولا دىگەن گەپ بار ئاز ياكى كۆپ دىمەي بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، بۇ قىزغا ياردەم قىلايلى. ھەممىزنىڭ ئۇرۇن تۇققان بالا چاقا قىرىنداشلىرىمىز بار ھاللا شۇلارنى مۇشۇنداق بالايى قازادىن يىراق قىلسۇن .
ھەممىز بۇ ئىللىق ئائىلگە ئاز كۆپ دىمەي ئىللىق قولىمىزنى سۇنايلى ...
مەنبە:بۇ يەر نى چىكىڭ
|
|