ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر سەنئەتكارلار «مىليون گۈل» فىلىمى ھەققىدە سۆھبەت
كۆرۈش: 474|ئىنكاس: 8
go

«مىليون گۈل» فىلىمى ھەققىدە سۆھبەت

Rank: 8Rank: 8

توردا
346سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
400 
تېما
216 

تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:38 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

«مىليون گۈل» فىلىمى ھەققىدە «شىنجاڭ سەنئىتى» ژورنىلىدا قىسقىچە سۆھبەت





ئىلاۋە: «شىنجاڭ ھۆرىيەت كىنو-تېلېۋىزىيە چەكلىك شىركىتى» مەبلەغ سېلىپ ئىشلىگەن كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى«مىليون گۈل» نىڭ ئالدىنقى ئىككى قىسىمى پۈتۈپ بازارغا سېلىندى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز مەزكۇر شىركەتنىڭ خوجايىنى ،«مىليون گۈل» فىلىمىنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى ھەم باش رېجىسسورى ياش سەنئەتكار ئابلىز ئابدۇرىشىت ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

سوئال: «مىليون گۈل» نىڭ مەنىسى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەرسىڭىز؟

جاۋاب: بۇ فىلىم مىليونلىغان كەسىپتىكى مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ مىليونلىغان تۇرمۇش كارتىنىلىرىنى يورۇتۇپ، شۇ ئارقىلىق مىليونلىغان ياشاش يولىنى ئېكران ئارقىلىق كۆرسىتىپ بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ھەم مىليونلىغان كۆرگۈچىلەرنى فىلىمدىكى مەركىزىي ئىدىيە ئارقىلىق مەنىۋى تەربىيەگە ئىگە قىلىشنى نىشان قىلىدۇ. شۇڭا، فىلىم نامىنى«مىليون گۈل» دەپ بېكىتىشنى قارار قىلدۇق.

سوئال: «مىليون گۈل» نىڭ ۋەقەلىكى، راۋاجى، تارقىتىش شەكلى ۋە دائىرىسى توغرىسىدا سۆزلەپ بېرەمسىز؟

جاۋاب: بۇ فىلىم ھازىرقى ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىكى مۇھەببەت-نەپرەت ۋە رىقابەت كارتىنىلىرىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان. فىلىمدە تۇرمۇشتىكى بىر-بىرىگە زىچ باغلىنىشلىق بولغان روھىي ھالەت ، تۇرمۇش ئۇسۇلى، كەسىپ، قابىلىيەت قاتارلىقلار تەسۋېرلىنىپ مۇھەببەت-نەپرەتنىڭ سەۋەبى، شۇنداقلا راۋاجى، يۇقىرى پەللىسى، خاتىمىسى ئىستېخىيەلىك رەۋىشتە بايان قىلىنىدۇ. ھەمدە بىزنى يامان ئىللەتتىن ئىبرەت ئېلىپ، ياخشى خاراكتىرنى تۇرمۇش ئادىتىمىزگە ئايلاندۇرۇشقا يىتەكلەيدۇ. فىلىمنىڭ كېيىنكى قىسىملىرى داۋاملىق ئىشلىنىپ كۆرۈرمەنلەر بىلەن پەسىل، يىل دەۋرنى بىللە ئۆتكۈزىدۇ. فىلىم شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيە-بازارلىرىدىن تارتىپ چەت-يېزا قىشلاقلىرىغىچە تارقىتىلىدۇ.

سوئال: «مىليون گۈل» فىلىمىنى ئىشلەش جەريانىدا نېمىلەرنى ھېس قىلدىڭىز؟

جاۋاب: فىلىمنى ئىشلەش جەريانىدا ئويلىغىنىمدىنمۇ كۆپ يېڭى تەسىراتلارغا ئىگە بولدۇم. كەسپىي خادىملارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە قىزغىنلىقىدىن ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى. ئەڭ مۇھىمى شىركىتىمىز ھازىرقى كىنو-تېلېۋىزىيە ساھەسىدىكى نەق مەيداندا ئاۋاز ئېلىش، ئارتىسنىڭ ئۆزىنىڭ ئاۋازىنى ئىشلىتىش، مۇھىتنىڭ ھەقىقىي ئاۋازىنى ئىشلىتىش ئۆلچىمىنى قوللىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنداقتىمۇ بۇ مەشغۇلات بىز ئۈچۈن تۇنجى ئىش بولغانلىقى ئۈچۈن ئارتىسلىرىمىز يۇرت شىۋىسى، ئاۋاز تۈسى جەھەتتىن خېلى ئوبدانلا قىينالدى. بۇنىڭدىن شەخسەن ئۆزۈممۇ مۇستەسنا ئەمەس، ئەلۋەتتە. قۇربىمىزنىڭ يىتىشىچە تەييارلىغان نەق مەيداندا ئاۋاز ئېلىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىقتىدارى ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە چەت ئەللەردىكى مۇشۇ خىل كەسپكە سەپلىنىدىغان ئۈسكۈنىلەردىن خېلىلا پەرقلىنىپ تۇرسىمۇ بىز يەنىلا ئاۋاز، سۈپەت جەھەتتىن كۆزلىگەن نىشانغا يېقىنلاشتۇق ھەم مول تەجرىبىگە ئىگە بولدۇق. ئەلۋەتتە بىز يەكۈنلىگەن بۇ تەجرىبىلەر فىلىمنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىنىڭ ئاۋاز تۈسى جەھەتتىكى سۈپىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىشىغا تۈرتكە بولۇشى ئېنىق. كۆرۈرمەنلەرگە تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يېرى شۇكى، كىنو ساھەسىدە فىلىمدىكى ئوبرازلارنىڭ نەق مەيداندا ئاۋاز ئېلىش مەشغۇلاتى دۇنيا بويىچە ئۆلچەملەشكەن. پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ فىلىملىرىلا بۇنىڭ سىرتىدا قېپ قالدى. بىز بۇ جەھەتتە يېڭى بىر قەدەمنى باستۇق.
«مىليون گۈل» فىلىمىنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر كۆرۈرمەن تۇنجى تۇيغۇسىدا فىلىمدىكى پېرسوناژلارنىڭ ئاۋاز تۈسىگە كۆنەلمەسلىكى مۇمكىن.ئەلۋەتتە بۇ ئۇسۇل ئۇيغۇر كىنوچىلىقى ئۈچۈن يېڭى ئىش بولغاچقا ، ئۇنىڭغا كۆنۈش ئۈچۈن ۋاقىت، جەريان كىتىدۇ. فىلىمنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىنى ئىشلەش جەريانىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىللە، ئارتىسلىرىمىزنىڭ ئاۋاز تۈسى جەھەتتىكى مەشىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە ھەم ئۈسكۈنە-تېخنىكىلىرىمىزنى يېڭىلاپ تېخىمۇ سۈپەتلىك فىلىمنى كۆرۈرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشقا تىرىشىمىز.
سوئال: قانۇنسىز كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ خەۋىپىدىن ئەندىشە قىلامسىز؟ قانداق تەدبىر قوللانماقچى؟ يەنە قانداق دەيدىغانلىرىڭىز بار؟

جاۋاب: فىلىم ئىشلىگۈچى شىركەتلەر ۋە فىلىم تارقاتقۇچىلار بۇ خىل ئەندىشىدىن مۇستەسنا ئەمەس. لېكىن ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنىڭ تېخىمۇ ئىزچىللىشىشىغا ئەگىشىپ، قانۇنسىز كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارغا تاقابىل تۇرۇش ئېڭىمىز بارغانسېرى كۈچىيىپ، كۆچۈرمىكەشلەرگە زەربە بېرىش ئىشەنچىمىز ئاشماقتا. شىركىتىمىز رەسمىيەتلىرى تولۇق، قانۇننىڭ قوغدىشىغا ئىگە كەسىپلەشكەن كىنو-فىلىم ئىشلەش شىركىتى. بىز فىلىمنى بازارغا سېلىش بىلەن بىرگە قانۇنسىز كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنى كۈچىمىزنىڭ بارىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلايمىز.
گەرچە قانۇنسىز كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار ئارىمىزدىكى مەدەنىيەت سەۋىيەسى بىر قەدەر تۆۋەنلەر بولسىمۇ،ئەمما،ھازىر بۇ يامان ئىللەت بارا-بارا پايدا-مەنپەئەت ئالدىدا ئۆزىنى يوقىتىپ قويىۋاتقان «‹مەدەنىيەت-سەۋىيەسى يۇقىرى»لارغا يۇقىۋاتىدۇ. ھەتتا ئارىمىزدىكى خېلى كۆپ قىسىم كىشىلەر قانۇنلۇق ئەسلى نەشىردىكى ئۈن-سىن پىلاستىنكىلىرىنى سېتىۋېلىشنىڭ ئورنىغا ئوغرىلىقچە كۆچۈرۈپ تارقاتقان سۈپەتسىز پىلاستىنكىلارنى سېتىۋالىدىغان «ئوغرىغا شېرىك بولۇش» قىلمىشىنى سادىر قىلىپ، ئۇلارغا بازار ھازىرلاپ بېرىۋاتىدۇ.
ھەيرانمەن، قانۇننىڭ ھەيۋىسى كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئاشۇ قانۇنسىز كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار نىمىشقا قانۇننىڭ تورىدىن چۈشۈپ قالىدۇ؟ «ئوغرىغا شېرىك بولغۇچىلار» نىمىشقا ئويلانمايدىغاندۇ؟

سوئال: «مىليون گۈل» فىلىمىنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىنى قاچان كۆرىمىز؟ بۇ فىلىم نەچچە قىسىملىق؟ فىلىمدە قانداق يېڭىلىقلار بار؟

جاۋاب: فىلىمىمىزنىڭ دەسلەپكى ئىككى قىسمى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، مۆلچەر بويىچە ھەر ئايدا بىر قىسىم ياكى ئىككى قىسىمنى پۈتتۈرۈپ بازارغا سېلىشنى ئويلىشىۋاتىمىز. فىلىمنىڭ نورمال داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ نۇرغۇنلىغان يېڭى ئىدىيەلەر مەيدانغا كىلىدۇ. فىلىمنىڭ 100قىسىم ئىشلىنىشى پىلانلىنىپ بولدى.


سوئال: كۆرۈرمەنلەرگە ۋە ھەمكارلاشقۇچىلىرىڭىزغا دەيدىغان قانداق گەپلىرىڭىز بار؟

جاۋاب: كەڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭ قاغجىراش گىردابىغا بېرىپ قالغان مەنىۋىيىتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قاندۇرۇش بىزنىڭ مەقسىتىمىز.بىز كەڭ كۆرۈرمەنلەرنى ھەقىقىي مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىپ، ھەقىقى سۈزۈكلۈك ۋە ئېنىقلىقتىن، يۇقىرى ماھارەتتىن ھۇزۇرلىنىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشكە، بىزگە ماسلىشىپ نومۇسسىز كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارغا زەربە بېرىش كۈرىشىگە ئاتلىنىشقا ھەم ئۇيغۇر كىنوچىلىقىنىڭ كەلگۈسى ۋە ساغلام تەرەققىياتىنى قوللاش ۋە قوغداش كۈرىشىگە قاتنىشىشقا چاقىرىمىز.

مۇخبىر: رەيھانگۈل كېۋىر



مەنبە: «شىنجاڭ سەنئىتى» ژورنىلىنىڭ2011-يىللىق1-سانىدىن ئېلىندى.


قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش

Rank: 8Rank: 8

توردا
346سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
400 
تېما
216 

تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:44 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش


توردا
12سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
47 
تېما
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:52 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
جاپانىڭ تىگى راھەت.

توردا
215سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
201 
تېما
30 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:34 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇشۇ كىنونى زادى بىر كۆرسەك بولاتتى . ئاڭلىشىمچە ھەر قېپى ( ئىككى قىسىمى ) 50 - 60 يۈەننىڭ پارىڭى بولغان .
پارىڭى بەكلا كۆپ ئەمما ئەمەلىيتى بولماي قالدى ، بەلكىم ئۇلارنىڭمۇ ئويلىغانلىرى بولىشى مومكىن . مۇشۇنىڭ بىلەن بۇ كىنو توغرىسىدا تۆت قېتىم ئالاھىيدە خەۋەر ئاڭلىدىم بىراق ئۆزلىكىدىن غايىپ بولىدۇ ، بۇمۇ شۇنداق بولماس ھە ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
726سائەت 
نادىر تېما
دوست
79 
يازما
2498 
تېما
441 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:28 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كىنونىڭ داۋرىڭى ھەقىقەتەن كىشىنى ئۈزىگە جەلىپ قىلىدۇ ... قاچان بازارغا سېلىنار بۇ فىلىم ... ؟
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

توردا
63سائەت 
نادىر تېما
دوست
15 
يازما
209 
تېما
27 

ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:41 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن بۇ فىلىمنى كۆرۈشكە بەكلا تەقەززار،ئىتتىگىرەك بازارغا سىلىنسا بولاتتى.

توردا
134سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
167 
تېما
12 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:38 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ شۇنداق كۆرسەم دەيمەن بۇ كىنونى بڭراق شۇ باھاسى ئىنىق بولسا قاچان بازارەا سىلنىدۇ ، ئىنىق بولەان بولسا بولاتتى ،

Rank: 8Rank: 8

توردا
244سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
385 
تېما
39 

شەرەپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تۆھپىكار ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 15:38 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
باھاسى ئازراق ئەمەس خىلىلا قىممەت بىلىندىغۇ ماڭا ...2قىسمى 50سوم ...ئۇنداقتا 100قىسمىنى 2500سومغا كۆرىدىكەنمىز.
مەن ئۇلار تۇنجى باسقان يىڭى قەدەم ۋە ئۇلارنىڭ ساپ دىلىنىڭ ھۆرمىتى،قىرىنداشلىق يۈزىسىدىن بولسىمۇ ئۇلارنى قوللايمەن.
قەدىمىڭلار ئۇتۇقلۇق بولسۇن ....
1.سىناپ باقماسلىقنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەت.2.ياشىساڭ ئۆز ئەقىدەڭ يولىدا جان بىرەلىگۈدەك ياشا.

Rank: 8Rank: 8

توردا
745سائەت 
نادىر تېما
دوست
33 
يازما
1416 
تېما
62 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 18:07 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
توغرا ، قوللشىمىز كىرەك، فىلىم بازارغا سىلىنىپ بولدىغۇ دەيمەن..
قولۇڭدا بارىدا قەدرىگە يەتمەي،
يوقاتقاندا ئاھ ئۇرما!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-2-26 23:22

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.