
كىلەر بولساڭ نۇرۇز كۈنلىرى كەل 
كىلىمەن دەپ يار خەۋەر بىرىپسەن، نىگاھىمنى يۇلىڭغا تەلمۈرتۈپ. سۈكۈت ئىچىدە لىۋىمنى چىشلەپ، قالدىم كۆزۈمدىكى ياشنى سۈرتۈپ. 
سىنتەبىر ئۆتۈپ دىكابىر كەلدى، قىشمۇ كىتىپ ئىللىق باھار كەلدى. سىنىڭ يۇلىڭغا تەلمۈرۈۋېرىپ، كۆز قارچۇغۇمنىڭ نۇرلىرى ئۆچتى. 
پىچىرلايمەن يۇلتۇزلارغا بېقىپ، شامال بۇلۇپ كىلەرمۇ سىنى دەپ. نۇرۇز ئېينىڭ كەلگەن بىر كۈنىدە، گۈل دەستە كۆتۇرۈپ كىلەرمۇ دەپ. 
كۈتۈش ئىچىدە ئۆتتۈم تەلمۈرۈپ، كۆزلىرىمدە ھەسرەت ھالقىسى. كەچمىشلەرگە ئورايدۇ قەلبىمنى، ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ ھەر بىردەقىقىسى. 
خىياللارنىڭ تۈندىكى ئۇيقۇسى. تەغىپ قىلار مىنى نادامەتتىن. كۈتۈشلەردە قۇيمىغىن گەر مىنى، ئۈمۈت كۈتىمەن يەنىلا سەندىن. 
كىلەر بولساڭ نۇرۇز كۈنلىرى كەل، باشلانسۇن ئىللىق باھار بىلەن تەڭ. كۆزۈمدە چاقنىسۇن شاتلىق كۈلكىسى، كۈلەي قاقاقلاپ جاھان بىلەن تەڭ. 
غەزەل..ياشايمەن بۇ يولدا خاتا قىلماي
باشلىق كەلسە خۇشامەت قىل دىدى بىرى نۇمۇس قىلماي، كۆككە كۆتۇرۈپ ماختىساڭ ئۆسىسەن ۋاقىت زايە قىلماي.
ياشىيالمايسەن باي-باياشات، پاراغەتتە ۋە ھۆرمەتتە،، نامى بار يىقىلماس باشلىقنى ئۆزۈڭگە باش-باناھ قىلماي.
دىدىم؛شۇئان كۆككە كۆتۇرۈپ ماختاش كىرەك بولسا، ماختايمەن ئەل ۋەتەننى دوسلارنى باشلىقنى قۇشۇۋالماي.
ساتارمەن سودىگەر ئەڭ ئاددي ئىنسان بولساممۇ گەرچە، ساتىمەن راسنى-راس دەپ ھەرگىز يالغاننى ئارلاشتۇرماي.
كىمكى ئەل-ۋەتەن ئۈچۈن ئىشقىدا كۈيۈپ سۆزلىسە ، قېرىندىشىم دەپ ئىززەت- ئىكرام قىلارمەن ناقا قىلماي.
ئەجىرىم بىلەن ياشايمەن قان تەرىم بىلەن تېپىپ يەپ، خۇشۇم يوق ئەسلا ھۇرۇنلۇق بىلەن تىلەپ دۇئا قىلماي.
بەزىدە بىلىپ-بىلمەي ئۆتكۈزۇپ قويسام گەرخاتالىق، تىلەيمەن ئاللادىن ئۈزۈمگە مەغپىرەتلىك قارا قىلماي.
قان-قېرىندىشىم دوسلارنىڭ بەختى مىنىڭمۇ بەختىم، ياشايمەن دوسلىرىم بىلەن ئىناق مەڭگۈ قاشا قىلماي.
قېرىندىشىم دوسلارغا كۆيگىنىم كۆيگەن تامايىم يوق، ياشايمەن بۇ يولدا ئاللا نىسىپ قىلسا خاتا قىلماي. 
مەنبە قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-2-21 16:57
|