- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-2-23
- تىزىملاش
- 2011-1-24
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 12سائەت
- جۇغلانما
- 126
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 7
- تېما
- 7
- توردا
- 12سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 0
- يازما
- 7
- تېما
- 7
|
| كاۋاپچىلاردا نېمە گۇناھ؟!!!
ئالدىنقى كۈنى، قايسىبىر مۇنبەردە بىر تېمىنى كۈرۈپ شۇنداق ئاچچىقىم كەلگەن ئىدى ؛
ئۇ تېمىدا دىيىلىشىچە ئىچىكىرىدىكى بىر قىسىم شىنجاڭلىق ئۇيغۇر كاۋاپچىلىرىمىز كاۋاپ ساتقاندا <<كۆتىنى غىت قىسپ>> كاۋىپىنى ساتماي، ئالا-تاغىل توۋلاپ، كەلسە-كەلمەس بىر ئۇسۇللارغا غىلجىڭشىپ،شىنجاڭ ناخشا-ئۇسۇللىرىنىڭ كۇرسىنى، شۇنداقلا شىنجاڭلىق كاۋاپچىلارنىڭ ئىناۋىتىنى چۈشۈرەرمىش ؛ بۇنى ئوقۇپ، تەپسىلاتىنى ئېنىق بىلمىگەچكە، دەماللىققا بىر نەرسە دىيەلمىگەنىدىم ... ... ...مانا بۈگۈن تور ئارلاۋېتىپ، تاسادىپىي ھېلىقى تېمىدا دىيىلگەن ئىچكىرىدىكى كاۋاپچىلارغا ئائىت بىر قانچە فىلاش سىن ھۆججىتىنى كۆرۈپ قالدىم ۋە ئەمەلىيەتتە يۇقىرىدا دىيىلگەندەك ئۇنچىۋالامۇ ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم، ئەمەلىيەتتىمۇ ئويلاپ بېقىڭلار ، ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ، شۇنچە جاپا مۇشەققەتلەرنى تارتىپ، توغرا يولدا ، ھالال ئىشلەپ ،كاۋاپچىلىق قىلىپ،پۇل تاپقاننىڭ نېمىسى يامان!... ... ...ئەلۋەتتە ھەممە كاۋاپچىلارنى مۇنتىزىم سەنئەت مەكتەپلىرىدە ئوقۇتۇپ، يۇقىرى سەۋىيىلىك سەنئەتچىلەردەك ئۇسۇل ئوينۇتۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ، ئۇلارنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى ئىشلىتىپ، تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ئۆزلىرىنى <<ئېلان-تەشۋىقات>> قىلىپ، باشقىلارنى ئۆزىگە قارىتىپ،شۇنداق بىر قىزغىن، قايناق بازار شارائىتىنى يارىتىپ ، پۇل تېپىپ، تېرىكچىلىك قىلىشى بىزنىڭ ئالقىشلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ ئەلۋەتتە؟!!!... ... ...(بەلكىم بىر قىسىملىرى ھەقىقەتەن چەكتىن ئاشۇرۋەتكەن بولۇشىمۇ مۇمكىن، لېكىن ئۇلار ھەممەيلەنگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ ئەلۋەتتە؟!!!... ... ...)................................................................... قېنى ، تۆۋەندىكى بىر قانچە قىسقا فىلىملارنى كۆرۈپ باقايلى؛
|
مەنبە ؛ 56، يوۇكۇ تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا salkin11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-2-20 22:58
|
|