ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئىز تورىغا تەكلىپ ئايرىلىش مىنۇتلىرىدا‹‹مۇسىبەت نىدالىرى›› . ...
كۆرۈش: 313|ئىنكاس: 12
go

ئايرىلىش مىنۇتلىرىدا‹‹مۇسىبەت نىدالىرى›› ...

توردا
34سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
166 
تېما
24 

شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئانامسەن دۇنيانىڭ يارىشىغى ، گۈلى،
سەن بىلەن دۇنيا گۈزەل ،سەن ئۇنىڭ ھۆسنى

مانا ،ئىككى بالا سىنىڭ ئىككى تەرىپىڭدە ساڭا قاراپ ئولتۇرۇپتىمىز. سىنىڭ نۇرسز كۆزلىرىڭگە،بىز ئۈچۈن تارتغان جاپالىرىڭنىڭ نامايەندىسى بولغان يول-يول قورۇقلىرىڭغا ،قان دىدارى قالمىغان ،گەز باغلىغان لەۋلىرىڭگە قانماي قاراۋاتىمەن .سەن ئىغىزىڭنى مىدىرلىتىۋىدىڭ نىمە دەيدىكىن دەپ قۇلىقىمنى ساڭا يېقىن ئەكەلدىم . سەن تولىمۇ زەئىپ ئاۋازدا "نۇر ...نۇر ئەلى .....دىدىڭ . كۆزلىرىڭدىن ئەلەم ئۇچقۇنلىرى كۆرۈنۈۋاتاتتى .سىڭلىم تېخى كىچىك .نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ .خۇددى سەن ساق ۋاقتىدىكىدەك چۈجىلەرنى ،قوزىلارنى قوغلاپ يۈرۈيدۇ .بەزى چاغلاردا سىنى قوپماي يېتىۋالدى دەپ ئاغرىندىمۇ ،ياكى تۇنجى قاردەك پاك ،سەبى كۆڭلى بىرنەرسىنى تۇيغانمۇ جىم بۇلۇپ قالاتتى .بۇنداق چاغدا ئۆيدىكى بىردىنبىر كۈلكە مەنبەسى توختاپ قالغاچقا ئۆيدىكىلەرنىڭ كۆڭلى تېخىمۇ يېرىم بولاتتى . سىنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئەللىك مىڭ يۈۋەن كىتىدىكەن .ئەلۋەتتە ! مۇقىم كىرىم مەنبىيى بولمىغان بىر دىھقان ئائىلىسى ئۈچۈن بۇ پۇل ئاز ئەمەس . بىراق قانداقلا بولمىسۇن سىنى داۋالىتىش كىرەك .ئاكامنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن يىغىپ قويغان يىگىرمە مىڭ يۈۋەن ،توغقانلاردىن قەرز ئالغان پۇل بۇلۇپ ئوتتۇز تۆتمىڭ يۈۋەن بوپتۇ .يەنە ئۇن ئالتە مىڭ يۈۋەن كەملەپ قەلدى.شۇنىڭ بىلەن ئاكام ئۈرۈمچىگە پۇل تېپىش ئۈچۈن ماڭدى . بىز كۆزلىرىمىز ياش ھالدا ئەمدىلا يىگىرمە ياشقا كىرگەن ئاكامنى ئۆزىگە ۋە بىزگە ناتۇنۇش بولغان چوڭ شەھەرگە يولغا سالدۇق . ئارىدىن ئالتە ئاي ئۆتتى .بۇ ئارىلىقتا ئاكام ئالدى كەينى بۇلۇپ ئون ئۈچ مىڭ يۈۋەن ئەۋەتتى. ھىساپتا ئوپراتسىيىگە كىتىدىغان پۇل تەييار بولدى . ئاپامنى ئوڭۇشلۇق ئوپراتسىيە قىلدى . كۈندىن كۈنگە ئاپامنىڭ سالامەتلىكىمۇ ئەسلىگە كەلدى . ئاكام كەتكىلى سەككىز ئايدەك بۇلۇپ قالدى . ئاپام ساقايغان بولسىمۇ ئاكام يەنىلا كەلمىدى. ئاكام بىرەر ھەپتىدە بىر قىتىم تىلفۇن قىلىدۇ .گاھىدا بۇمۇ يوق . ھەرقېتىم ئاكام تىلفۇن قىلغاندا ھەممىز يىغلىشىپ كۆرشىمىز .ئۇنىڭدىن قاچان قايتىپ كىلىسەن دەپ سورغىنىمىزدا ئۇ جىم بۇلۇپ قالاتتى ،قىسقىسى ئىنىق جاۋاپ بەرمەيتتى . ئەسلىدە ئاكام بىر ئاشخانا خوجايىنىدىن قەرز ئالغان بۇلۇپ ھازىر شۇ قەرزلەرنى تۆلەۋاتقان ئىكەن . ئاپامنى داۋالىتىمەن دەپ خەقنىڭ يورتىدا سەرگەردان بۇلۇپ يۈرگەن ئاكامنى سېغىندىم. ھەتتا چۆمۈلىنى دەسسەشكىمۇ چىدىمايدىغان ،قۇشقاچ ئۆلۈپ قالسىمۇ يىغلاپ سالىدىغان ،دائىم بېشىمىنى سىلاپ تۇرۇپ ئۈن-تىنسىز خىيالغا كىتىدىغان ،خۇددى ئۆي ،ئېتىز ئىرىق ئىشلىرى ئۈچۈن يارالغاندەك تىنىمسىز ئىشلەيدىغان ، جۈدەڭگۈ چىرايىغا مىسكىنلك سىڭىپ كەتكەن نۇرئەلى ئاكامنى سېغىندىم . مەن يىغلىدىم . ئاكامنىڭ تۇرمۇش پىرىنسىپىغا قارشى ھالدا يىغلىدىم . ئۇ يىغلىغان ئوغۇل بالا ئەمەس .دۇنيا يىغلىغانلارغا ئەمەس ،مۇشت تۇگكەنلەرگە مەنسۇپ دەيتتى . بىراق مەن ئاكامنىڭمۇ يىغلىغىننى كۆرگەن . ئۇ ،ئاكام ئۈرۈمچىگە مېڭىشتىن بىر كۈن بۇرۇن ئىدى . ئۇچاغدا ئاپام ھۇشسىز ياتاتتى . مەن سىرتتىن كىرىۋىتىپ بىرسىنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم-دە ئاستا دېرىزىدىن قارىدىم . ئاكام ئاپامنىڭ پۇتىنى تۇتقاچ "" ئاپا مىنى كەچۈرڭ ؟! مەن سىزنى قەدىرلىمەپتىمەن ، سىز بىزنى توغقاندىن باشلاپ تا ھىزىرغىچە بىز ئۈچۈن جاپا تارتىپ كەلدىڭىز . ئەمدى سىز ئاغرىپ قالغاندا سىزگە ھىچنەرسە قىلىپ بىرەلمىدىم .سىز بىر ئۆمۈر بالام -بالام دەپ ياشايدىكەنسىزغۇ ؟!!لىكىن ئۆمرىڭىزنىڭ ئاخىرىدا بولسىمۇ كۈلۈپرەك ياشىيالمايدىكەنسىز .ھەمىشە بىز ئۈچۈن، سىز، بىز ئۈچۈن مىننەتسىز ئەمما جاپا بىلەن ياشايدىكەنسىز ! ئېھ !دۇنيادىكى مىھرىبان ئانا! ھىس قىلىۋاتىمەن ،چۈشىنىۋاتىمەن . سىز بىزنىڭ تاغدەك يۈلەنچۈكىمىز ،مەدەتكارىمىز ئىكەنسز . بىز ، سىز بىلەن ھەممە ئىشنى قىلالايدىكەنمىز . يايراپ، كۈلۈپ ئوينىيالايدىكەنمىز . چىرايلىق ئوماق قىزلارغا يۈز -ئىككى يۈز سومنى بەش-ئون مىنۇتتىلا خەجلىيەلەيدىكەنمىز يۇ ،شۇ پۇلدىن بەش -ئون سومنى ئايرىپ سىزگە پايپاق چاغلىق نەرسە ئېلىپ بىرەلمەيدىكەنمىز .نەچچە كۈنلەپ يوقاپ كىتىپ قايتىپ كەلسەك يىغلاپ كىتىسىز ،تېلىقىپ قالىسىز ،نىمە ئۈچۈن ؟؟ بىزنى بىر نەرسە ئالغاچ كەلمەپتۇ "دەپما ؟ ياق!! بىزدىن ئەنسىرەپ ،بىزنى ساق سالامەت كۆرگىنىڭىزدىن خۇشاللىنپ. سىزنىڭ بىزدىن كۈتىدىغىنىڭىز ئاددى . سىز خۇشاللىقنىڭ ،بەخىتنىڭ ئىپادىسىنى بىزنىڭ چىرايىمىزدىن كۆرسىڭىز مۇرادىڭىزغا يىتىسىز .سىزنىڭ بىر ئۆمۈر ئارزۇلايدىغىنىڭىز پەقەتلا شۇ ""دەپ يىغلاۋاتقان ئىكەن .شۇمىنۇتتا مىنىڭ كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم بولدىكى تاس قالدىم ۋارقىراپ يىغلاپ كەتكىلى. مەن شۇ تاپتا پۈتۈن پەرزەنتلەرگە:: ئېھ !! بالىلار ،پەرزەنتلەر ! بىز نىمىدىگەن غاپىل ،نىمىدىگەن نادان، نىمىدىگەن بىخۇدلاشقان- ھە؟؟!!خۇددى ئۇلار مەڭگۈ بىزنىڭ قېشىمىزدىن كەتمەيدىغاندەك ،بىز ئۇلارنىڭ مىھرى-مۇھەببىتىگە بى بىر ئۆمۈر ئېرىشىدىغاندەك!بىرەر كىتابتىن ئاتا-ئانا توغرۇلۇق ھىكايە ئوقۇساق ياكى شۇنىڭغا دائىر بىرەر كىنو كۆرسەك بىركۈنى رازى قىلىۋالىمەن ،ئوبدان بېقىۋالىمەنغۇ دەپ ئويلايمىز . لىكىن ئەجەل ،ئەجەل بۇنىڭغا باقمايدۇ .ئۇ تېخى ئازاپنىڭ ،جۇدالىقنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشكە ئۈلگۈرمىگەن نادان پەرزەنتلەرنى زار-زار يىغلىتىپ ،دۇنيادىكى ئۇلۇغ ئىنسان ئاتا-ئانىنى ئارماندا قويۇپ ،نادان پەرزەنتلىرىنى ئاخىرقى قېتىم كۆرىۋىلىشقا تەلمۈرگەن كۆزلىرىنى مەجبۇرى يۇمدىرىدۇ . تا ئەتە بولمايدىغان كۈنگىچىلىك .شۇڭا ، ئاتا -ئانىلارنى قەدىرلەيلى دىگۈم كىلىۋاتىدۇ. مەن ئاكامنىڭ سۆرىتىگە قارىدىم . چېچى دادامنىڭكىدەك سارغۇچ ،قاڭشارلىق ،قاپقارا قاشلىرى ئاستىدىكى يوغان كۆزلىرى ،ۋاي-ۋۇي كىرپىكلىرىنىڭ ئۇزۇنلىقىچۇ تېخى ،خۇدايىم سىڭلىم بىلەن ئىككىمىزگە بىرىدىغان كىرپىكنىڭ ھەممىسىنى ئاكامغا بىرىۋەتكەنمىدىكىن؟!قىزلارنىڭكىدەك ئوماق لەۋلىرىچۇ تېخى ، ئۇ ،يانتۇ ھالەتتە ماڭا كۈلۈمسىرەپ تۇرىدۇ . بىركۈنى ئاكامنىڭ يېقىن دوستى كەلدى ۋە بىردەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندىن كىيىن دادامنى شەرەتلەپ سىرتقا ئاچىقىپ كەتتى . دادام ئەتىسى شەھەردىن بىزگە تېلىفۇن قىلىپ "مەن ھازىر بىر ئىش قىلىۋاتىمەن ،ئىككى-ئۈچ كۈنگىچە قايتىپ بارىمەن ،مەندىن ئەنسىرىمەڭلار ""دىدى .نىمىشقىكىن بۈگۈن مىنىڭ كۆڭلۈم يېرىم ،يۈرىكىم ئىغىپلا تۇرىدۇ . مەن قوي باققىلى ماڭدىم ، مەن قوي بېقىۋىتىپ ئىچىم سىقىلىپ كەتتى .مەن مەھەللىگە كىرىپ چىقايچۇ دەپ قويلارنى ئوتلاققا ھەيدىۋىتىپ ،مەھەللىگە قاراپ ماڭدىم . مەن قوي باققان يەردىن مەھەللىگە كىرىش ئۈچۈن قەبرىستانلىققتىن ئۆتەتتىم .مەن قەبرىستانلىقتىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقاندا بىر ۋاراڭ چۇرۇڭ ئاڭلاندى ،بۇ ئاۋاز يىڭى قەبرە كولاۋاتقانلارنىڭ ئاۋازى ئىدى .مەن ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلدىم ،بىزنىڭ مەھەللىنىڭ گۆرچىللىرى ئىكەن . مەن ئۇلارغا چاخچاق قىلىپ : ھە ؟ كىمگە چاقىرىلمىغان مىھمان كەپتۇ ؟؟ دەپ سورىدىم . ئۇلار مىنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندەك بىر ئاز ھەيران بۇلۇپ قارىدى، ئارىدىن بىرسى ناھايىتى ئاچچىقلاپ كەتتى . ئاتا بوۋىسىدىن تارتىپ گۆرچىلىك قىلىپ كەلگەن بۇ ئادەمگە ئاتمىش ياشقا كىرەي دىگەندىمۇ نە ساقال نە بۇرۇت چىقمىغان ، كاللىسىمۇ تاقىر ،بەئەينى مۇردىغا ئوخشايتتى . ئۇ نەدە يۇمشاق توپىلىق گۆربار ، نەدە سېغىز توپىلق گۆربار بىر قاراپلا بىلەلەيتتى ،ئۇ ئاشۇ سىنچى كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ:: سىنىڭ ئاكاڭغا ! بۇ گۆرگە سىنىڭ ئاكاڭنى كۆمىمىز !! دەپ ۋارقىرىدى . بۇنى ئاڭلاپ مىنىڭ ئەرۋاھىم ئۇچتى-دە ""ۋۇ ساراڭ !! مىنىڭ ئاكام سىنى كۆمۈشكىمۇ ئۈلگۈرىدۇ تېخى !!نىمە چاخچاق قىلغاننى بىلمەيدىغان ساراڭ بۇ دىدىم-دە ئۇلارنىڭ قېشىدىن كەتتىم . كىچىچە ئىت چۈشەپ قالغانمۇ نىمە؟ دەپ غۇدوڭشىپمۇ قويدۇم . لىكىن مەن ئاكامنى ئويلىماي تۇرالمىدىم .ياق!! ياق!! ئى خۇدا ئاكامنى پاناھىڭدا ساقلىغىن !ئاكام بولمىسا بىزنىڭ ئۆيدە كۈلكە ئەبەدىل-ئەبەد ئۆچىدۇ ! دادام-ئاپام ئۇنىڭسىز ياشىيالمايدۇ !! مەن كەچتە ئۆيگە كىلىپ ئاپامدىن ::ئاپا ! ئاكام قاچان كىلىدىكەن ؟ ئۇنىڭ بىلەن كۆرشەيلى ،دىدىم ،ئاپام :: ئككى -ئۈچ كۈنگىچە كىلىدىكەن ، ئۇ باياتىن تىلفۇن ئۇرۇپتىكەن .دىدى.مەن شۇندىلا :ۋاي-ۋۇي مەنمۇزە، مۇنۇ گۆر كولاۋىرىپ كاللىسىدىن كەتكەن ئەخمەقنىڭ گىپىگە نىمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم دەپ" خاتىرجەم بولدۇم. ئاپام مىنىڭ تۇيۇقسىز بۇنداق سورىغىنىمدىن ئەجەپلىنىپ : نىمە بولدى ؟ سوراپ قالدىڭغۇ؟ دىدى ،مەن . ئۇ ئەرزىمەس ئىشلارنى دىيىشنى خالىماي : ھېچنىمە "دەپلا قويدۇم . ئەتىسى مەن يەنە قوي باققىلى شۇ قەبرىستانلىقتىن ئۆتۈپ ماڭدىم .نىمىشقىكىن يېڭى كولانغان قەبرىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە يۈرىكىم جىغ قىلىپ قىلدى . مىنى يەنە ئەندىشىلىك خىياللار ئورىۋالدى . چۈش بولاي دىگەندە مەھەللە تەرەپتىن ئاكامنىڭ يېقىن دوستى مەن تەرەپكە يۈگۈرۈپ كىلىۋاتاتتى . مەن ئۇنىڭ ئالدىغا باردىم .باردىميۇ ،گاڭگىراپ قالدىم ،ئۇ يىغلىغانىدى . مەن : ئەخمەتكا ! نىمە ئىش بولدى ؟ تىچلىقتۇ ؟ دەپ سورىدىم .ئۇ: مىنى چىڭ قۇچاقلىدى -دە ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى . ئۇنىڭ بىلىدە ئاق پوتا بار ئىدى. مىنىڭ تىللىرىم كالۋالاشتى ،پۇت-قولۇمدىن مادار قاچتى . ھەممە ئادەم پاكلىقنڭ سىموۋۇلى قىلىدىغان ئاق رەڭ ماڭا ئىغىر مۇسىبەتتىن خەۋەر بىرىپ تۇراتتى . ئىھ ! ئاق رەڭ ! ئەجەل ،ئادەملەرنى يېقىن كىشىللىرىدىن ،جان-جىگەر قېرىنداشلىرىدىن ئايرىپ ئۇدۇنياغا ئىلىپ كەتكەندە ئانىلار چىگىدىغان ياغلىقنىڭ رەڭگى ئاق ! ئەرلەرنىڭ ،دادىلارنىڭ باغلايدىغان پوتىسىنىڭ رەڭگى ئاق ! ياشلارغا ،ئۇلارنىڭ ئىستىقبالىغا تەھدىت سېلىۋاتقان زەھەرنىڭ ئاتىلىشىمۇ ئاق !! ئەخمەتكام تىترەڭگۈ ئاۋازى بىلەن :بۇنى كىيۋال ئۇكام "دەپ ماڭا دوپپا كىيگۈزدى .مەن ئۇنىڭ بىلىمگە پوتا باغلىشىنى كۈتمەيلا مەھەللىگە چاپتىم . پۈتۈن بەدىنىم ئاچچىق سىلكىنمەكتە. ئۇزۇن پەلتو كىيگەن ئەرلەر ،ئاق ياغلىق چىگكەن ئانىلار ئاياللار بىزنىڭ كوچىغا قاراپ ئاقماقتا . مەن بۇرۇن مۇشۇنداق مەنزىرىنى نەچچە قېتىم كۆرگەن ،لىكىن بۇنداق دەھشەت بىلىنمىگەنىدى . مىنىڭ يۈرىكىم ئېغىزىمغا قاپلىشىپ قالدى .مەن ھويلىغا كىردىم . ھويلا لىققىدە ئادەملەر بىلەن تولغان ، يىغلىمىغان بىرمۇ ئادەم قالمىغان ، مەن ھويلىدىن كىرىۋىتىپ ،ئىھ !!ئىھ دەپ خۇددى بىر ئىشتىن نارازى بولغان كىچىك بالىنىڭ يىغىسىدەك يىغلاپ قالدىم ، چوڭ ئاپام كىلىپ : نۇرۇم بالام ، سەبرى قىل !! يىغلىمىغىن دىدى ، مەن : ئاپا !! ئاپا !!دەپ شۇنداق قاتتىق چىرقىرىدىمكى گېلىم يىرتىلىپ كىتەي دەپ قالدى ، ھەممە ئادەم ماڭا تولىمۇ مىھرىبانلىق ۋە ئىچ ئاغرىتىش بىلەن قارىماقتا، تەسەللى بەرمەكتە .مەن شۇنداق چىرقىرىغان پىتى ساراي ئۆيگە كىردىم ،مىنى كۆرگەن كىچىپ ئاپىللىرىمنىڭ ئەمدى پەسەيگەن يىغىسى ئەۋجىگە چىقتى . خوشنا خۇلۇملار، يىغا ئارلاش ئاۋازدا ::ئۇنداق قىلماڭلار ،سەبرى قىلىڭلار!! نۇرى بالام ! ئۇنداق قىلما!! دەپ تەسەللى بەرمەكتە .مەن يىغلىغان پېتى ئىچكەركى ئۆيگە كىردىم ،مەن تۇرۇپ قالدىم . بۇ ئۆيدە ئاپام خۇددى قاتۇرۇپ قويغان ئادەمدەك ،كۆزىنى بىر ئورۇندىن مىدىرلاتماي تۇراتتى ،مەن دادام دىمدە ،ئايۋان ئۆيگە كىردىم . بۇ ئۆيدە دادام ، سىڭلىم ،چوڭلار تۇراتتى . دادامنىڭ تولا يىغلاپ كۆزلىرى ئىششىپ كەتكەنىدى . مەن تېخىمۇ تىڭىرقاپ قالدىم .دادامنى قوچاقلاپ تۇرۇپ : دادا !! دادا !! بۇ نىمە ئىش ؟ بۇ تاۋۇتتىكى كىم ؟ بۇ بىزنىڭ ئۆيدە نىمىش قىلىدۇ ؟ دەپ سورىدىم ،دادام بۇقۇلداپ يىغلاپ مىنى قۇچاقلىدى . شۇتاپتا بىزنىڭ ئۆي قىيامەت . ھەممە يىغلاۋاتىدۇ . ھەممىنىڭ كۆزىدە ،دەرتنىڭ ،تۈگىمەس ئازاپنىڭ ،ھەسرەتنىڭ نامايەندىسى بولغان ياش ،ئەلەملىك نىدا . مەن دۇنيادىكى ھېچقانداق ئاكىغا تەڭ قىلمايدىغان ،ئىسىمنى بىلگەندىن تارتىپ بىرەر قېتىم ئاچچىقلىنىپ باققىننى كۆرۈپ باقمىغان ،ئەمدىلا يىگىرمە بىر ياشقا كىرگەن ،جاپاكەش ،ئائىلىمىزنىڭ تۈۋرىكى بولغان سۆيۈملۈك ئاكامنى ئەستىن چىقارغانىدىم .ئەمدى يىغلاشقا ماغدۇر قالمىدى . ئەجىبا بۇ تاۋۇتتىكى راستلا مىنىڭ ئاكام بولسىچۇ؟! مەن دەلدەڭشىپ كىلىپ ،باشقىلارنىڭ توسقىنىغا ئۇنىماي يۇيۇپ كىپەنلەپ بولغان جەسەدنى ئاچتىم .بۇ نىمە كارامەت ؟!!بۇ بىزگە نىمە كەلگۈلۈك . نەچچە ۋاقىتتىن بىرى بىز كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان ،قاپقارا قاش تۇرۇلگەن ، كەڭ پىشانىسى تىكىلگەن ،ھەممە ئادەمنىڭ ھەۋىسى كىلىدىغان كۆزلىرى چىڭ يۇمۇلغان ،لەۋلىرىدە بىلىنەر -بىلىنمەس تەبەسسۇم . بۇ بىز كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان چىراي .ئاپاممۇ دەلدەڭشىپ كەلدى . تۇغقانلارمۇ ئاۋازىنى پەسەيتىشكە تىرىشىپ ياغلىقى بىلەن ئېغىزلىرىنى توسۇۋالغان ھالدا سىڭلىمىنى كۆتۈرۈپ كەلدى ،سىڭلىم ،بىچارە سىڭلىم .گويا قىيامەت بولغان ئۆيدە نىمە بولغىننى ئوقماي قالغان ،ئەمدىلا دادا، ئاپا ،ئاكا دەپ چۈچۈك تىلى چىققان ئوماق سىڭلىم ئاكامنىڭ جەسىتىنى كۆرۈپلا چىرقىراپ كەتتى. ئاپامغا نىمە بولغاندۇ؟؟ مەن ئۇنى ھەممىمىزدىن بەكرەك يىغلاپ كىتەرمىكىن دىگەنىدىم ،لىكىن ئۇ ئۈن چىقارماي يىغلاۋاتتى .جاپاغا پىشىپ كەتكەن ،خېلى خېلى ئىشلارغا مىت قىلىپ قويمايدىغان دادام ،باشقىلارنىڭ توسقىنىغا ئۇنىماي ھازا ئېچىپ يىغلاپ كەتكەنىدى . ئاپام خۇددى كىچىك بالىدەك لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ تولىمۇ پەس ئاۋازدا يىغلاۋاتتى .بىردەمدىن كىيىن ئاپامنىڭ ئاكامنىڭ يۈزى ئۈستىدە تىترەۋاتقان قوللىرى جىمىپ قالدى .مەن يىغا ئارلاش ئاۋازىم بىلەن :ئاپا !!ئاپا!!"دەپ قولىدىن ئاستا تارتتىم. ئۇنىڭ قولى جانسىز ،مۇزدەك سوغۇق ئىدى. ئەمدىلا پەسەيگەن يىغا قايتا كۆتۈرۈلدى ، ئەمدى تەسەللى بەرگۈچىلەرمۇ ئۆزىنى تۇتىۋالالماي ئۈن سېلىپ يىغلىماقتا . ئاھ !!خۇدا!! نىمە كەلگۈلۈك بۇ ؟؟؟؟؟؟ ئاپام ،ئاكامنىڭ يۈزىگە -يۈزىنى يېقىپ ئاكامنى قۇچاقلىغان پېتى ،ئاكام بىلە ئۇئالەمگە كەتكەنىدى. مانا بىزنىڭ ئۆيدىن بىراقلا ئىككى تاۋۇت قەبرىستانلىققا كىتىۋاتىدۇ . بۇ تاۋۇتتا مەن، دۇنيادىكى ئەڭ كۆيۈمچان ،ئەڭ ئامراق ئىككى كىشى بار .دادام بىلەن ئىككىمىز گاھ يىقىلىپ گاھ قوپۇپ ئىككى تاۋۇت ئارىسىدا پەرۋانە. دادام ،چوڭلارنىڭ ::ئۇنداق قىلمىسىلا ! يامان بولىدۇ ،پەيغەمبىرىمىز بىزنى بۇنداق قىلىشتىن توسقان دىگىنىگە قارىماي """ ۋاي نۇرۇم بالام !! بىز ئۈچۈن جاپادا كەتكەن نۇرۇم بالام !! كۆزۈمنىڭ نۇرى بالام ، ئاپىسىنى ،ئىككى ئۇكىسىنى كۆرەلمەي ئارمان بىلەن كەتكەن بالام !!! مەندىن رازى بولسىلا !! رازىلىق ئېلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمىدىم ،مىنى ئىككى بالا بىلەن قويۇپ قانداق كۆز يۇمدىلا !! قىزىمىز تېخى كىچىك ئىدىغۇ ؟!! ئۆينىڭ قۇياشى ئىدىڭىز غۇ ....!! نۇرۇم بالامغا قانماي كىتىپ قالدىڭىز غۇ !! دەپ يىغلاۋاتتى . دادامنىڭ زارىنى ئاڭلاپ يۈرىكىم تېخىمۇ ئىزىلمەكتە . قەبرىستانلىققا كەلدۇق .تېخى تۈنۈگۈن مۇشۇ يەردە قەبرە كولاۋاتقانلار ،ھېلىقى قەبرىنىڭ يېنىغا يىڭى بىر قەبرە كولاشقا ئۈلگۈرگەنىدى . ئاكامنى گۆرگە سىلىۋىتىپ ھېلىقى كۈنىىدىكى گەپ ئىسىمگە كەلدىدە ،قەبرە يېنىدا تۇرغان گۆرچىگە چەكچىيىپ قارىدىم . خۇددى ئاكامنى شۇ ئادەم ئۆلتۈرىۋەتكەندەك .لىكىن ،ئۇ ئادەممۇ يىغلىغانىدى . جەسەد كۆتۈرۈپ كۆنۈپ كەتكەن بۇ ئادەمنىڭ باشقا چاغلاردا مىيىتقا يىغلىغىننى كۆرگىلى بولمايتتى .بەلكىم 21 ياشلىق بىر بالىنى كۆمىۋاتقانغا كۆڭلا يېرىم بولدىمۇ ياكى بىر ئۆيدىن ئىككى ئادامنى كۆمگىنىگە يىغلىدىمۇ بىلگىلى بولمايتتى . مەن توپا تاشلاۋاتىمەن . تا ئۇ ئۈرۈمچىگە كەتكۈچە ئۇنىڭ بىلەن يېتىپ كەلگەن ئەمەسمىدىم .دومىلاپ ئېچىلىپ قالسام يۆگەپ چىققان ئەمەسمىدى؟؟ ھەر ھېيتتا ئۆزى كىيمەي ماڭا يېڭى كىيىم ئىلىپ بىرەتتىغۇ ؟ مانا مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە توپا تاشلاۋاتىمەن . بالام بالام دەپ جاپادا ئۆتكەن ئانا !سىنىڭ بارلىقىڭ پەرزەنت ئۈچۈن ، سىنىڭ ئەس يادىڭ بالىدا . دۇنيادا ئۆزىنى بېغىشلاش دىگەن سۆز بولسا مەن قورقماي ئانىنى كۆرسىتىپ بىرەلەيمەن .دۇنيادا نەچچە تەبىقە ،نەچچە مىللەت ،نەچچە خىل دىنلار بار ، ئۇلار ھەممىسى ئانىنى ئۇلۇغلايدۇ . ئانىسىز دۇنيادا ، يۇرتلاردا ،ئۆيلەردە خۇشاللىق بولمايدۇ ،گۈزەللىك بولمايدۇ . مەن شۇ ئۇلۇغ ئانىنىڭ ئۈستىگە توپا تاشلاۋاتىمەن .يەر ئاستىغا كۆمۈۋاتىمەن . دۇنيد شەپقەتسىز ،رەھىمسىز بىلىندۇ ،ئايرلىش مىنۇتلىرىدا .ھەممە شەيئى سوغۇق ،مىھىرسىز كۆرۈنىدۇ، ئايرىلىش مىنۇتلىرىدا . قايسىبىر كۈنلەردە يايرىغان ،ئۇنتۇلغۇسىز خۇشاللىق ،بەخىتلىك مىنۇتلارغا مۇيەسسەر بولغان كۆڭۈللەر ،دىللار شۈمشىيىدۇ ،كۈز پەسلىدىكى ئۈششۈك تەگكەن گۈلدە سولىدۇ،بۇلۇپمۇ ئايرىلىش مىنۇتلىرىدا. بىز قىيمىغان ھالدا قايتىپ كەلدۇق . ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىللىرىمىزنى قەبرىستانلىقتا قويۇپ كەلدۇق . مەن كىيىن بىلدىم . ئاكام قايتىپ كىلىۋىتىپ كورلىغا كەلگەندە ئاپتۇبۇس ئۆرلۈپ كىتىپتۇ، ئاكامدىن باشقىلار نەق مەيداندا جان ئۈزگەن ئىكەن . ئاكامنى قۇتقۇزۇشقا ئېلىپ بېرىپتۇ ، دوختۇرلار جىددى ئوپراتسىيە قىلىمىز بولمىسا ئۇ ئۆلۈپ كىتىدۇ دەپتۇ . لىكىن ئوپراتسىيە توختامىغا قول قويىدىغان ئادەم بولمىغاچقا دەرھال ئوپراتسىيە قىلماپتۇ .ئاكام ئەڭ يېقىن دوستى ئەخمەتكام ئارقىلىق دادامنى چاقىرغۇزۇپتۇ . دادام بارغۇچە ئاكام بىر كۈن قان ئىچىدە يېتىپتۇ . دادام كەلگۈچە ھايات تۇرالىشىغا كۆزى يەتمىگەن ئاكام خەت ئارقىلىق بىز بىلەن خوشلىشىپتۇ .دادام بېرىپ توختامغا ئىمزا قويۇپ ئۇپراتسىيە قىپتۇ ،لىكىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي بىزنى تاشلاپ كىتىپ قاپتۇ . خەتنىڭ مەزمۇنى :::"""" ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ؛ قەدىرلىك ئاپا ! دادا ! نۇرۇم ئۇكام ،ئوماق سىڭلىم سىلەرنى بەك كۆرگۈم كەلدى .لىكىىن سىلەرنى كۆرەلمەي ئۆلۈپ كىتىدىغان ئوخشايمەن !! شۇ تاپتا كۆزلىرىم يۇمۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ . جېنىم دادا ،ئاپا مەن سىلەرنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ئىكەنلىكىڭلارنى جان تۇمشۇقۇمغا كەلگەندە چوڭقۇر ھىس قىلىۋاتىمەن . شۇ تاپتا قۇربىم يەتسە پۈتۈن بالىلارغا : ئاتا ئانىلارنى قەدىرلەڭلار !!ئۇلارنىڭ بىزدىكى ھەققى بەك كۆپ . ماڭا ئوخشاش ئارماندا قالماڭلار !! ئۇلارنى رازى قىلىۋىلىڭلار ، ئەجەل ياشقا باقمايدىكەن . بىرمىنۇت ۋاقىت بولسىمۇ چىڭ تۇتۇپ ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىۋىلىڭلار ! دادا! ئاپا ،ئۇكىللىرىم ،بارلىق تۇغقانلار قىيامەتتە كۆرۈشەيلى !! ئامان بۇلۇڭلار . نادان پەرزەنتىڭلار \ نۇر ئەلى """". ئاكام ،ئاپام كەتتى ،تۈگىمەس دەرتنى قويۇپ كەتتى . ئۇلارنىڭ قىلغان ھەربىر سۆزلىرى ،مىھرى-مۇھەببىتى كەتمىدى ،ئۇلار ئەسلىنىپ بىزلەر ئازاپلانماقتىمىز . بۈكۈنلەر مەنىسىز بىلىنمەكتە . ھەممە سوغۇق كۆرۈنمەكتە . قوشلارمۇ سايراشمايدۇ ، قوي- قوزىلارمۇ مەرەشمەيدۇ . ھەممە جىمجىت ،خۇددى بۇلارغىمۇ ماتام بولغاندەك . ئەمدى ھىس قىلدىمكى ھايات مىھرى-مۇھەببەت بىلەن ئۆز مەنىسىنى تاپىدىكەن . باشقىلارنى يىغلىتىپ ،مىھرى-مۇھەببەتسىز ئۆتكەن ھايات كۈز پەسلىدە سارغىيىپ ئۇ يەر بۇيەر دە ئۇچۇپ يۈرگەن خازاندىنمۇ خار . بۇلۇپمۇ ئاتا -ئانىنى يىغلىتىپ ئۆتكەن ھايات . <<<ئىز تورى مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر سەھىپىسىگە>> <<مەنبە:: ئۆز يازمام>>.

توردا
715سائەت 
نادىر تېما
دوست
90 
يازما
1500 
تېما
269 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۇنداق تەسىرلىككەن رەھمەت ....تېمىڭىزنى كۆرۈپ رەھمەتلىك ئانام يادىمغا كېلىپ قالدى......
كۆڭلىڭىزنى يېرىم قېلماڭ ...بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتتۈپ كېتىدۇ....غەيرەتلىك بولۇڭ......!!
ئېجادىي تېمىللىڭىز ئۈزۈلمۈسسۇن تېخىمۇ تېرىشىڭ.....
ئاشلىق سىزنى ئۆلتەرسىمۇ يېمەڭ نامەرد ئاشنى،
سۇلەر سىزنى ئاقتۇرسىمۇ ئۆتمەڭ نامەرد كۆۋرۈكىدىن..!!

توردا
9سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
58 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
خىلى تەسىرلىك چىقىپتۇ يەنە بىر قىتىم تەپسىلى ئۇقۇپ چىقاي

Rank: 8Rank: 8

توردا
709سائەت 
نادىر تېما
دوست
76 
يازما
2471 
تېما
439 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى يېزىپسىز ... داۋاملىق تىرشىڭ ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
330سائەت 
نادىر تېما
دوست
23 
يازما
447 
تېما
88 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۇنداق تەسىرلىك يېزىپسىز ئۇقۇپ بولغۇچە يىغلاپ كەتتىم . دۇنيادا ھەممىدىن مىھرى مۇھەببەت مۇھىم. ئاتا-ئانا بىزنىڭ بارلىقىمىز ئۇلارسىز ھاياتنىڭ مەنىسى يوقتەك بىلىنىدۇ. بار چاغدا قەدرىنى بىلمىگەن بىلەن كەتكەندە قاناتتىن ئايرىلغان قۇشقا ئوخشاپ قالىدىكەنمىز. ئاكا-ئۇكىلارمۇ شۇنداق ئاللا ئىگەم قان قېرىنداشلاردىن ئايرىلغىلى نىسىپ قىلمىسۇن.

بۇ تىيمىڭىزنىڭ بىر ھەقىقەتت بولماي تۇقۇلما بۇلشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

توردا
74سائەت 
نادىر تېما
دوست
17 
يازما
200 
تېما
23 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك تەسىرلىك يىزىپسىز ............بۇ ئەسىرىڭىزنىڭ تالىنىشنى ئۈمۈد كىلىمەن !

Rank: 8Rank: 8

توردا
709سائەت 
نادىر تېما
دوست
76 
يازما
2471 
تېما
439 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش dartman119 نىڭ يازمىسى

مۇكاپاتلىق ئەسەرنى يۇرۇتۇشقا بولمايتى ... سىز يۇرتۇپ قويۇپسىزغۇ ؟ ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
237سائەت 
نادىر تېما
دوست
14 
يازما
541 
تېما
16 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسىرىڭىزنى كۆرۈپ چىداپ تۇرالمىدىم،كۆز ياشلىرىم ماڭا باقماي تۆكۈلۈپ كىتىۋاتىدۇ~!مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرنى بىز بىلەن ئۇچراشتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت~! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا summayya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-2-21 16:25

توردا
72سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
92 
تېما
24 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۇنداق تەسىرلىككەن رەھمەت ....تېمىڭىزنى كۆرۈپ رەھمەتلىك ئانام يادىمغا كېلىپ قالدى

توردا
16سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
78 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى چىقىپتۇ بىز مۇ ئىبرەت ئالساق بولغۇدەك
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-2-25 07:21

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.