ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر كۆڭلۈمدىكى سۆز يول ئىزدەش ماتورى بلوگگىرلارغا يۈزلىنىدۇ!
كۆرۈش: 110|ئىنكاس: 5
go

يول ئىزدەش ماتورى بلوگگىرلارغا يۈزلىنىدۇ!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
625سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
475 
تېما
53 

شەرەپلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەممىمىزگە ئايان، تور بىكەتنى قۇرغان بىلەن ئابۇنتلار بىلمىسە، كۆنمىسە، ئۇنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ. مۆلچەرىمىزچە ئۇيغۇرچە تور بىكەتكە چىقىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 80000 دىن 150000 غىچە ئەتىراپىدا. بۇ ئابۇنتلار ھەر خىل تور بىكەت ۋە ساھەلەرگە مەركەزلەشكەن. ئۇيغۇرچە تور بىكەتچىلىك نىسبەتەن مونۇپۇللۇق ھالەتتە بولغاچقا، ھەم كۆڭۈل ئېچىش يەنىلا ئاساسى ئورۇندا تۇرغاچقا، بىزدىكى بلوگلارنىڭ تەرەققىياتى ياخشى بولمايۋاتىدۇ، كۆمۈلۈپ قىلىۋاتىدۇ. يول ئىزدەش ماتورىنىڭ سىستاستىكىسدا ئۇيغۇرلاردار كەم دىگەندىمۇ 8000 ئەتىراپىدا ئۇيغۇرچە بلوگ باركەن، بۇلاردىن 500-1000گىچە بولغانلىرى ئوتتورا ھىساپ بىلەن ھەر ھەپتىدە بىر قىتىم يىڭى يازما ئىلان قىلىدىكەن. ئەمما ئابۇنتلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش نىسبىتى ناھايتى تۆۋەن، ئومومەن بلوگگىرلار ئارا بىر بىرىنى زىيارەت قىلىش ئاساسى ئورۇندا. ئىزدەش ماتورلىرىدىن كىلىۋاتقان زىيارەتچىلەرمۇ ئىنتايىن تۆۋەن ئورۇندا.

يول ئىزدەش ماتورى بۇ خىل ھادىسىنى كۆزدە تۇتۇپ بلوگگىرلارغا يۈزلەنمەكچى.
بىز بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلارنى سىرىتقى بىكەتلەرگە تايانماي ئىزدەش ئۈچۈن ئايرىم ئىزدەش ماتورى پىروگگىراممىسى يىزىپ چىقتۇق. قايتا قايتا سىناق قىلىش، ئەمىليەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئەمىلىي ئىشلىتىش باسقۇچىغا كىردى.

ئىككىنجى قەدەمدە تور دۇنياسىدىكى چېچىلىپ كەتكەن تۈرلەنگەن ئۇچۇرلارنى پۈتۈن ئاپتۇماتىك ئىزدەش سىستىمىسىنى ئىشقا كىرىشتۈردۇق. بۇ سىستىمىدا كىمنىڭ قانداق ئۇچۇرغا ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تىلفۇن نۇمۇرى، ئىسمى ۋە بەزى شەرتلىك بەلگىلەر ئارقىلىقلار بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ۋاستىچىلەر بىلەن ئادەتتىكى ئابۇنتلارنى ئۈنۈملۈك پەرىقلەندۈرگىلى بولىدۇ. لازىملىق ئۇچۇرغا بىۋاستە ئىرىشكىلى بولىدۇ. ۋاقىتنى تىجەيدۇ. نۆۋەتتە بۇ سىستىمىمىزمۇ ئەمىلىي ئىشلىتىش باسقۇچىغا كىردى.

ئۈچىنجى قەدەمدە بىز تور دۇنياسىدىكى چېچىلىپ كەتكەن خەۋەر مەنبەلىرىدىن ئەڭ يىڭى خەۋەرلەرنى تەمىنلەشنى سىناق قىلدۇق. خەۋەرنىڭ يىڭىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، سۈپەتلىكى بىلەن سۈپەتسىزىنى ئايرىش، فىلتىرلەش قاتارلىق ئىنچىكە نوقتىلارنى ماشىنىغا تايىنىپ ھەل قىلىش مەسىلىسى مەۋجۇد بولغاچقا، شۇنداقلا بۇ بىر قەدەر ئىنچىكە خىزمەت بولغاچقا بىر ئايدىن ئارتۇق تەكرار سىناق قىلىش ئارقىلىق پۈتۈن ئاپتۇماتىك خەۋەر ئىزدەش سىستىمىمىز مۇۋاپىقىيەتلىك ئىشقا كىرىشتى.

ئەمدى بۇ قەدەمدە بىز بلوگگىر دوستلارغا يۈزلىنىمىز.
كونكىرىت جەريانى مۇنداق بولىدۇ.
1. قەدەم: يىڭىلىنىۋاتقان، يىقىنقى بىر يىل ئىچىدە يىڭىلىنىش توختىتغان، يازما سانى مەلۇم ساندىن ئاشقان بلوگلارنى توپلايمىز.
--يول ئىزدەش ماتورى نۆۋەتتىن 5000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرچە بلوگلارنى توپلاپ بولدى. پات ئارىدا توپلاش خىزمىتى ئاخىرلىشىدۇ.
2.قەدەم: بلوگلارنىڭ يىقىنقى 50 پارچە يازمىسىنى قوبۇل قىلىپ ساقلايمىز. (ئىزدەش ماتورى ئامبىرىغا تولۇقلاش ئۈچۈن)
3.قەدەم: بلوگلارنىڭ RSS ئۇچۇرىدىن كۈندە بىر قىتىم ھەممە بلوگنىڭ RSS ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈپ چىقىمىز. تەخمىنەن بىر ئايغىچە. بۇ ئارلىقتا بىز بىر قىسىم سىناقلارنى ئىلىپ بارغاچ بلوگلارنىڭ يىڭىلىنىش ۋاقتى ۋە بىر قىسىم ئۇچۇرلىرىنى ھىساپلايمىز. كۆپلىگەن ئۇيغۇرچە بلوگلار blogbus بلوگ سۇپىسى، wordpress بلوگ سۇپىسى، pjblog بلوگ سۇپىسى ئىشلىتىدىكەن. بۇلار ھەممىسى rss ئۇچۇرى تەمىنلەيدۇ. باشقا بلوگ سۇپىلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىمىز.
4. قەدەم: بىز بلوگلارنىڭ ئاخىرقى يىڭىلانغان ۋاقتى، يىڭىلىنىش ئارلىقى، سۈرىتى قاتارلىق ئامىللارنى ھىساپلاپ چىقىپ ھەر بىر blog ئۈچۈن prقىممىتى تۇرغۇزىمىز. ھەم ئۇنىڭدىن كىيىن PR قىممىتىگە ئاساسەن RSS قىممىتى يىڭىلاشنى تەرتىپكە تۇرغۇزىمىز. بۇنداق بولغاندا دائىم يىڭى يازما يوللايدىغان، يازما يوللاش ئارلىقى قىسقا، سۈرىتى تىز بولغان بلوگلا تەبىئىلا ئالدى بىلەن ئىزدىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا مۇلازىمىتىرىمىزنىڭ يۈكى يەڭگىللەيدۇ ھەم سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ھەم ماتورنىڭ ئىش ئۈنۈمى ئاشىدۇ.
5. ئىككى ئايرىم سەھىپە ئاچىمىز. بىرى بلوگگىرلارنىڭ بلوگ ئادىرىسلار توپلىمى بولىدۇ. يەنە بىرى ئەڭ يىڭى يازمىلار تىزىملىكى سەھىپىسى بولىدۇ. يەنە pr قىممىتى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان بلوگلار يازما ئىلان قىلىپ تەخمىنەن يىرىم سائەتتىن 2 سائەتكىچە بولغان ئارلىقتا بىز قوبۇل قىلىپ ئەڭ يىڭى يازمىلار تىزىملىكىدە كۆرسىتىمىز. pr قىممىتى تۆۋەن بولغان بلوگلار 24-سائەتتىن 72سائەتكىچە بولغان ئارلىقتا بىر قىتىم يىڭىلىنىدۇ. بىر ئايغىچە يىڭىلانمىغان بلوگلار ھەپتىدە بىر قىتىم سىناپ بىقىلىدۇ.
6. بۇ مۇلازىمەت پەقەت دۆلەت ئىچىدىكى بلوگلار بىلەن چەكلىنىدۇ.
7. يول ئىزدەش تورى، ئىز تورى ئۆزىنىڭ يۇقىرى ئىقىمى بىلەن بلوگگىرلارغا ئىقىم تەمىنلەيدۇ.شۇنىڭدەك ئەڭ يىڭى بلوگ يازمىلارغا يۆتكەپ ئىشلىتىش كودى تەمىنلەيدۇ. بۇنداق بولغاندا ھەر قانداق تور بىكەت ئەڭ يىڭى بلوگ يازمىلىرىنى ئۆزىنىڭ تور بىكىتىدە كۆرسىتەلەيدۇ.باشقا بلوگلارمۇ بارلىق بلوگلاردىكى يىڭىلانغان ئەڭ يىڭى يازمىلارنى ئۆزىنىڭ بلوگىدا كۆرسىتەلەيدۇ.(بىز مۇناسىۋەتلىك كودنى تەمىنلەيمىز، مۇناسىۋەتلىك ياردەملەرنى تەمىنلەيمىز)
يۇقارقى خىزمەتلەرنىڭ پىروگگىرامما قىسمى ئادەم كۈچى بىلەن، قالدى قىسمى پۈتۈن ئاپتۇماتىك ھالدا ماشىنا بلوگ ئىجرا بولىدۇ.

ھۆرمەت بىلەن: يول ئىزدەش تورى باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى
مەنبە:http://www.yol.la/blog/index.php?id=5

SELECT adem.ehlaq, adem.wijdan, adem.qimmet, adem.ghurur, tebiet.guzellik FROM @@__world adem left join @@__tebiet tebiet on adem.guzellik=tebiet.guzellik where adem.ehlaq>'20%' and adem.wijdan <> '' ...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
625سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
475 
تېما
53 

شەرەپلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ يازمىنى بلوگىڭىزدا ۋە باشقا تور بىكەتلەردە ئىلان قىلسىڭىز بولىدۇ.
SELECT adem.ehlaq, adem.wijdan, adem.qimmet, adem.ghurur, tebiet.guzellik FROM @@__world adem left join @@__tebiet tebiet on adem.guzellik=tebiet.guzellik where adem.ehlaq>'20%' and adem.wijdan <> '' ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
742سائەت 
نادىر تېما
دوست
33 
يازما
1392 
تېما
62 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى باشلىنىش بوپتۇ، ئۇيغۇرچە ئىزدەش توربىكەتلىرىدىن ئىزدەپ باقتىم، ھىچقايسىسى مۇشۇ يول ئىزدەش تور بىكىتىگە يەتمەيدىكەن، ئىشلىرىڭلارنىڭ تىخمۇ روناق تىپىشىغا تىلەكداشمەن.
قولۇڭدا بارىدا قەدرىگە يەتمەي،
يوقاتقاندا ئاھ ئۇرما!

Rank: 8Rank: 8

توردا
709سائەت 
نادىر تېما
دوست
74 
يازما
2437 
تېما
439 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى قەدەملەر ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
1325سائەت 
نادىر تېما
دوست
35 
يازما
1568 
تېما
139 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەمسە بۇ خەۋەرنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىدىم~

توردا
86سائەت 
نادىر تېما
دوست
37 
يازما
427 
تېما
47 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى قەدەملەر ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن ... توربەت زادى تەرەققى قىلدۇرماي بولمايدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-2-22 03:01

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.