ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تەرجىمە ئەسەرلەر، فىليەتون قابىلىيەتلىك كىشىنى سەمىمىيىتىڭىز بىلەن قا ...
كۆرۈش: 50|ئىنكاس: 2
go

قابىلىيەتلىك كىشىنى سەمىمىيىتىڭىز بىلەن قايىل قىلىڭ

توردا
154سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
154 
تېما
114 

شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز ئاكتىپ ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

قابىلىيەتلىك كىشىنى سەمىمىيىتىڭىز بىلەن قايىل قىلىڭ



چاك رىنو ئامېرىكىدىكى بىر يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ خۇجايىنى. بىر قېتىم ئۇ ناھايىتى قابىلىيەتلىك بىرەيلەننى شىركىتىگە تىجارەت باشقۇرۇشقا تەكلىپ قىلماقچى بولىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن، ئۇ قانچە تەكلىپ قىلسىمۇ، ھېلىقى كىشى ئۇنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلمايدۇ. رىنو ئارىغا نۇرغۇن ئاتاغلىق كىشىلەرنى سالغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۈنۈمى بولمايدۇ. قاتتىق بىزار بولغان ھېلىقى كىشى رىنوغا: «ماڭا تېلېفون بەرمىگەن پەقەت ئاپىڭىزلا قالدى» دەيدۇ. ئەتىسى رىنو راستىنلا ئىسرائىلىيىدىكى ئاپىسىنى ھېلىقى كىشىگە تېلېفون بەرگۈزىدۇ. رىنونىڭ ياشىنىپ قالغان ئاپىسى ھېلىقى كىشىگە ھاياجانلانغان ھالدا: «خاتىرجەم بولۇڭ، چاك ناھايىتى ياخشى ئادەم، ئۇنىڭدىن چوقۇم رازى بولىسىز» دەيدۇ. ھېلىقى كىشى بۇ قېتىم باشقا باھانە تاپالماي، رىنونىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىدۇ.
ئۇزۇن ئۆتمەي، رىنو شىركەتنىڭ مالىيە مۇدىرلىقىغا بىرەيلەننى تەكلىپ قىلىدۇ، لېكىن ھېلىقى كىشى چوڭ كارخانىدا مۇھىم ئورۇندا خىزمەت قىلىدىغان بولغاچقا، رىنونىڭ شىركىتىنى ياراتمايدۇ. رىنو بەل قويىۋاتمەيدۇ. ئۇ ھېلىقى كىشىدىن ئۇنىڭ ئايىغىنىڭ رازمىرىنى سورىۋېلىپ، NIKE ماركىلىق بىر جۈپ تەنتەربىيە ئايىقى سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويىدۇ ھەمدە ئۈستىگە«Just do it» (دادىل ئىشلەڭ) دېگەن خەت يېزىلغان بىر باغاقچىنى قالدۇرۇپ قويىدۇ. بۇ ئادەم ئاخىرى تەسىرلىنىپ، رىنونىڭ شىركىتىگە يۆتكىلىپ كېلىدۇ. كېيىن ئۇلار رىنو شىركىتنىڭ قابىل باشلامچىلىرى بولۇپ قالىدۇ. رىنونىڭ غەلىبە قىلىشتا ئىشلەتكەن ئاساسلىق قورالى دەل سەمىمىيەتتىن ئىبارەت.





توردا
72سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
656 
تېما
12 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مىنىڭ ھىس قىلىشىمچە مۇشۇ دۇنيادا مۇھەببەتنىڭ كۈچىگە تەڭ تۇرالىغۇدەك كۈچ دەل تەسىرلەندۈرۈش بولسا كىرەك .

Rank: 8Rank: 8

توردا
709سائەت 
نادىر تېما
دوست
73 
يازما
2426 
تېما
439 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئويلانغىدەك تېما ئىكەن . رەھمەت سىزگە ! ئەجىر قىلىپسىز ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-2-21 13:31

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.