- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-2-23
- تىزىملاش
- 2011-1-24
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 12سائەت
- جۇغلانما
- 126
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 7
- تېما
- 7
- توردا
- 12سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 0
- يازما
- 7
- تېما
- 7
|
ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىدىكى كۈلكىلەر
(ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا ئاتالغان يۇمۇرلار)
تەكشۈرتۈش
خىزمەتچى خادىم توي خېتى ئالغىلى كەلگەن بىر جۈپ ياشنىڭ ئارىسىدىكى قىزدىن سوراپتۇ؛
---تويدىن ئاۋالقى تەكشۈرۈشكە قاتناشمىدىڭىزمۇ؟
---قاتناشتىم! يىگىتنىڭ ئۆيى،ماشىنىسى ......ئىشقىلىپ ھەممىسى تەل ئىكەن.
---مەن دوختۇرغا تەكشۈرۈتتىڭىزمۇ دەۋاتىمەن؟
---تەكشۈرىتتۇق،بالا ئوغۇل ئىكەن،---دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ قىز خىجىل بولغان ھالدا.
كېيىنكى پىلان
بىر پىخسىق يىگىت تۇنجى قېتىم قىز دوستىنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ ۋە ئىشىكتىن كىرىپلا شۇنداق دەپتۇ؛ --بۈگۈن مېنى نەس باستى،سىزگە سوۋغا قىلاي دەپ يېڭى بىر سائەت سېتىۋالغانىدىم،ئويلىمىغان يەردىن ئۇنى ئاپتۇبۇستا ئوغرى ئېلىۋالدى!
--بۇنىڭدىن كېيىن ئېھتىيات قىلىڭ،--دەپتۇ قىز ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا.
--كېلەر قېتېم كەلسەم ،
--دەپتۇ يىگىت دەرھاللا،--ھېچ نەرسە ئالماي كېلىمەن، ئوغرى قېنى نېمېنى ئوغرىلايدىكىن?!
سوۋغات
پۇزۇر كىيىنىۋالغان بىر خانىم داڭلىق ماركىلىق ماللار دۇكىنىغا كىرىپ بىر ئاز ئايلانغاندىن كېيىن مۇلازىم قىزدىن سوراپتۇ؛
---قاراڭ خانقىز،بۈگۈن ئىنىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى،ئۇنىڭغا بىر نەرسە سوۋغا قىلاي دېگەن ئىدىم،بىراق ئۇنىڭ ھەممە نەرسىسى تەل،بېشىم قېتىپ قالدى،ئۇنىڭغا زادى نېمە سوۋغا قىلسام بولار؟
---ئىنىڭىز توي قىلغانمۇ؟
---ياق،ئۇ تېخى توي قىلمىغان.
---ئۇنداق بولسا مېنىڭ تېلىفۇن نۇمۇرۇمنى سوۋغا قىلامسىز يا!---دەپتۇ قىز تارتىنغان ھالدا.
توينىڭ مەسلىھەتى
دادىسى قىزىغا كۆيۈنگەن قىياپەتتە دەپتۇ؛
تۈنۈگۈن ئوغۇل دوستۇڭ مېنى ئىزدەپ كەپتۇ،سەن بىلەن بەك توي قىلغۇسى باركەن، مەن قوشۇلدۇم.
قىزى ؛
- بىراق دادا،مەن ئاپامدىن ئايرىلالمايمەن، شۇڭا توي قىلغۇم يوق.
دادىسى ؛
-شۇنداقمۇ، قىزىم سېنىڭ بەختىڭگە ئولتۇرغۇم يوق، بولدى، ئاپاڭنىمۇ بىللە ئېلىپ كەتكىن!
ماشىنىنى قانداق ھەيدەيمەن؟
بىر يىگىت لايىقى بىلەن پىكاپلىق دالىغا سەيلىگە مېڭىپتۇ،يىگىتنىڭ بىر قولى رولدا،يەنە بىر قولى قىزنىڭ بېلىدە ئىكەن.ئۇلار تۆت كوچىدىن ئۆتكەندە قاتناش ساقچىسى كۆرۈپ قاپتۇ؛
-رولنى ئىككى قولۇڭدا تۇت!
ھېلىقى يىگىت پەرۋاسىزلا؛
-ئۇنداقتا ماشىنىنى قانداق ھەيدەيمەن؟-دەپتۇ.
ئەقىل
يىگىت؛ تۈنۈگۈن كېچە سىزگە توي قىلىش تەلىپى قويۇپ چۈشەپ قاپتىمەن ،بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغاندۇ؟
قىز؛ نېمىدىن دېرەك بېرەتتى، ئۇخلىغان ۋاقىتتا ئويغاق ۋاقتىڭىزدىن ئەقىللىقراق ئىكەنلىكىڭىزدىن دېرەك بەرمەمدۇ؟
ئۇخلىتىش
بىر ئەر - ئايالنىڭ ئوغلى پەقەت ئۇخلىغىلى ئۇنىماپتۇ. دادىسى ئۇنىڭغا قىزقارلىق ھېكايە ئېيتىپ بىرىپ ئۇخلاتماقچى بوپتۇ. بىر سائەت ئۆتۈپ كېتىپتۇ، دادىسى ئوغلىنىڭ ھۇجرىسىدىن چىقماپتۇ.بىر چاغدا ئاپىسى ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ پەس ئاۋازدا ؛
-ئۇ ئۇخلىدىمۇ؟، - دەپ سۇراپتۇ.
-ھەئە ، ئۇخلاپ قالدى،- دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئوغلىمۇ پەس ئاۋازدا.
مەسئۇلىيەتچان ئايال
كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىپ بېيىغان بىر جۈپ ئەر -ئايال كارۋاتتا ئارام ئېلىۋاتقانىكەن.
--ھازىر ئۈيىمىزدە ھەممە نەرسە تەل،نېمە دىسەك شۇ بار،
--دەپتۇ ئېرى،
--30 يىل ئىلگىرى ھېچ نەرسىمىز يوق ئىدى، بىراق ئۇ چاغدا يېنىمدا ياتقىنى ھەم چىرايلىق ھەم ياش قىز ئىدى...
--بۇ مەسلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ئاسان، قەدىرلىكىم،
--دەپتۇ ئايالى،
--مەن سىزنى يالاڭتۆشكە ئايلاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلاي، سىز يەنە ياش ھەم چىرايلىقنى ئىزدەپ بېقىڭ!...
مەنبە ؛ ھەرقايسى گېزىت-ژۇرناللار
تەييارلىغۇچى ؛ نامانجان ياسىن ئۆزھال
|
|