ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر پۇرسەت بولسا كىلىڭ قەشقەرگە (دىلداش)
كۆرۈش: 130|ئىنكاس: 8
go

پۇرسەت بولسا كىلىڭ قەشقەرگە (دىلداش)

توردا
15سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
22 
تېما
13 

ئۈلگىلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-9 14:14 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش)

پۇرسەت بولسا كىلىڭ قەشقەرگە


گۈزەللىككە پۈركەندى قەشقەر،
جاسارەتتە شان - زەپەر قۇچۇپ.
مېھىرلەردىن يايرىتار دىلنى،
مەمنۇنلۇقتىن كۆڭۈلنى ئۇتۇپ.


سائادەتنىڭ نۇرى چاقنايدۇ،
ھەۋەسلىنىپ تىكسەڭ كۆزۇڭنى.
ماگىنىتتەك تارتسا زوقۇڭنى،
زور مەمنۇنلۇق قاپلار يۈزۈڭنى.


شۇنچە ئاۋات رەستە بازارى،
زوقلاندۇرۇپ بارار شۇقەدەر.
ئەسكە سالار يىپەك يولنى،
خاسىيەتلىك بۇ قەدىم شەھەر.



ئاۋات ئەنە گۈزەل ھەيتگاھ ،
قۇچاغىدۇر ئادەم دىڭىزى.
ھەر باققانچە ئەقىل بۇلۇر لال،
مەدىنيەتنىڭ بولغاچ ئەندىزى.
بەشكىرەمنىڭ بېھىش باغلىرى،
جان ھۇزۇرى كۆركەم ھاۋالىق.
ئانار،ئەنجۈر،ئۈزۈملىرى خىل،
تەشنا دىلغا بىرەر شىپالىق.

تۈمەن دەريا بويى زەپ گۈزەل،
بىنا بۇلۇپ ياسالدى كۆركەم.
ھەۋەسلەرنى قوزغايدۇ كۆرسە،
تەشنا دىللار تاپقاندەك مەلھەم.

سۈزۈك سۈيى ئاقار توختىماي،
ئانا يۇرتنى باغاشلاپ ھامان.
يۈرەكتىكى ئوتلۇق تۇيغۇنى،
ھەر باققانچە قىلدۇرار قىيان.



يۈسۈپ،مەھمۇد بوۋام قەبرىسى،
قەشقەر ئۈچۈن قوشتى زور زىننەت.
تاۋاپ قىلار ئىخلاسمەن يۈرەك،
ۋۇجۇدىدا بولغاچقا ھۆرمەت.

تەرىپلىسەم چەكسىز تەرىپى،
تۈگىمەيدۇ يازساممۇ قانچە.
ئىپتىخارىم ئىشىپ بارىدۇ،
گۈل ھۆسنىگە نەزەر سالغانچە.



ئىناقلىقتىن كۈلدى قەشقىرىم،
ئىسلاھاتتىن تاپقاچقا قانات.
ھەممە مىللەت بولغاچ ھۆر ئىناق،
مەمنۇنلۇقتا ئۆتمەكتە ھايات.


يازغانلىرىم مىڭنىڭ بىرىدۇر،
پۇرسەت بولسا كىلىڭ قەشقەرگە.
ئالدىڭىزدا بۇلاي ساھبخان،
يول باشلايمەن بىرىڭ قەيەرگە.



مېھمان قىلىپ ئۇينۇتۇپ كۈندە،
سەيلەگاھقا باشلايمەن چۇقۇم.
بولسا سىزدە كىلىشكە ئىمكان،
تەقدىم سىزگە مېنىڭ بار يوقۇم.


رىزالىقتىن كۈلەر كۆڭلىڭىز،
ئىككىلەنمەي كىلىڭ كۈتىمەن.
ئەقدەمدىن تىزىپ گۈلدەستە،
يوللۇغۇم دەپ سىزگە تۇتىمەن.


+++++++++++++++++++++
---------------------


قەشقەر ئوغلىمەن


پاك ۋىجدانلىق قەشقەر ئوغلىمەن،
قەلبىمدە بار يۈكسەك جاسارەت.
ئادىمىلىك،غۇرۇرۇم چەكسىز،
ئەقىدەمدىن چاقنار مۇھەببەت.


يۈسۈپ ،مەخمۇت نەسلىمەن سادىق،
ئېلىم - پەنگە مۇھەببىتم بار.
ئانا يۇرتقا بۈيۈكتۇر ئىشقىم،
شىجائىتىم ئۆزەمگە چىن يار.

مەن قەشقەرلىك دىسەم ئۆزەمنى،
ئىپتىخاردىن زوقلۇنار دىلىم،
ئىناقلىقنى گۈللىگەچ يۇرتۇم،
مەمنۇنلۇقتىن سۆزلەيدۇ تىلىم.


---------------------

پەخرىمسەن گۈزەل قەشقەر

پەخرىمسەن گۈزەل قەشقەر،
گۈللەندىڭ تېپىپ نۇسرەت.
ھەر باقسام جامالىڭغا،
قەلبىمدە يانار ھۆرمەت.


مەھلىيا قىلار دىلنى،
گۈللەنگەن گۈزەل چېھرىڭ.
شەنىڭگە ياغار ئالقىش،
سىڭگەچ ئەل ئۈچۈن مېھرىڭ.


ياڭرايدۇ ھامان ناخشام،
كۈيلىسەم سېنى قانچە.
قەلبىمدە قىيان ئىشقىڭ،
ھۆرمىتىم ئاشار شۇنچە.

بۈركۈتتەك قانات قاققىن،
يۈكسېلىپ جاسارەتتە.
گۈللەيمىز سېنى ھەردەم،
دىلدىن زور مۇھەببەتتە.
------------------


ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش)قەشقەر يېڭشەھەر ناھيسىدە شىپاگەر.
ئاپتۇرنىڭ ئەسكەرتمىسى - مىنىڭ تىمىلىرىمنى رۇخستىمسىز باشقا مۇنبەرگە كۈچۈرۈشكە،خالىغانچە ئۆز نامىدا كۈچۈرۋىلىشقا بولمايدۇ.

توردا
122سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
404 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-9 20:31 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
پاك ۋژدانىلىق قەشقەرئوغىلمەن . قەلبىمىدە بار يۇكىسەك جاسارەت . ئادىمىلىك ، غورۇرۇم چەكىسز . ئەقىدەمىدىن ، چاقىنار مۇھاببە ت. بەك ياخىشى يىزىسز . قەلەم تولىپارىڭىز . ھارمىغاي .

Rank: 8Rank: 8

توردا
771سائەت 
نادىر تېما
دوست
92 
يازما
2652 
تېما
453 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-9 20:42 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن يېزىپ قويۇپسىزغۇ ... مەزمۇنى ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ ... ئوتلۇق ھىسسياتىڭىزغا تەشەككۈر ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

توردا
182سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
255 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-10 01:29 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
پاھ! ما شىئىرنىڭ قاملاشقىننى . . . . . بەك ياخشى چىقىپتۇ . !

توردا
96سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
232 
تېما

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 18:45 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخىشى يىزپىسز . قەلەم تۇلىپارىڭز ھارمىسۈن .

توردا
14سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
53 
تېما
20 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 21:03 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى چىقپتۇ . نادىر ئەسەرلىڭىزنى داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ .

Rank: 8Rank: 8

توردا
769سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
1516 
تېما
66 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 21:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەي...قەشقەر ..قەشقەر جۇما!!!
قولۇڭدا بارىدا قەدرىگە يەتمەي،
يوقاتقاندا ئاھ ئۇرما!

توردا
1341سائەت 
نادىر تېما
دوست
39 
يازما
1617 
تېما
144 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 21:13 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۇڭا بىز قەشقەر باللىرىدە~

توردا
234سائەت 
نادىر تېما
دوست
43 
يازما
1000 
تېما
52 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-11 21:33 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن بارىمەن قەشقەگە ، يازدا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-17 11:32

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.