
تازلىق ئىشچىسىغا
(ئۆگەنگۈچى) 
تۈن كېچە ئالدىراش قايتىمىز ئۆيگە،
ئەخلەتنى،مەينەتنى قالدۇرۇپ يولغا.
نە كارىم دەيمىزغۇ تازلىق دىگەنگە،
ئېغىرراق كەتكەنلەر ياندۇرۇپ يولغا. 
چىققاندا ئۆيلەردىن پاكىز يولىمىز،
سەۋەبنى بىلسەكمۇ،بىلمەي كۈلىمىز.
جاپاكەش ئىنسانلار تەر تۈكەر ئۈنسىز،
بىز لېكىن ،ئەجىرىنى بىلمەي يۈرىمىز. 
بىز شىرىن ئۇيقۇدا ياتقان چاغلاردا،
سۈپۇرگە ھەمرادۇر يولدا ئالدىراش.
جاپالىق بولسىمۇ ئۇلار خىزمىتى،
ھىچقاچان بولمىغان ۋايساش،غۇدۇراش. 
پاكىزە يوللاردائۇلار ئەجرى بار،
ئۇلار بار يوللۇرۇم شۇڭا ئەخلەتسىز.
ئۇلارنىڭ ئەجرىگە دىلىم قەرزى بار،
ئىشلەيدۇ قىشۇ-يازئۇلار مىھنەتسىز. 
ئەي دوسلار بىلەيلى ئۇلار قەدىرىنى،
بىزمۇ ھەم ھەمىشەتازلىقىنى سۈيۇپ،
كۇتمەيدۇ تازلىقچى بىزدىن باشقىنى،
شۇنچىكى ئىشلارغا كىتەر ئۇ كۈلۇپ. 
ئامەتلەر ياربولسۇن،تازلىق ئىشچىسى،
سەن بولغاچ نىسىپتۇر ئازادە ياشاش .
قوبۇل قىل سالامنى مەندىن ۋەبىزدىن،
ئەجىرڭدىن سۈيىنەر بىلگەن قېرىنداش. 
مەنبە:ئۆگەنگۈچى قەلىمى. ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ(رەھمەت)
2011-يىل2-ئاينىڭ 9-كۈنى. كۈسەندە يىزىلدى 
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-2-9 18:52
|