ئاتام نەسىھىتى : بۇ يۈرەكلەر شوخ كۈۋەجەپ ئىز سېلىپ ماڭغان ئەنە شۇ يوللار ، بىزگە ھاياتنىڭ نەقەدەر ئىللىق ، نەقەدەر قەدەر سۈيۈملىك ئىكەنلىكىنى بىلىندۈرمەي قالمايدۇ . ئابىي ھايات كەۋسىرىدىن جۇلالانغان ئۈنچىدەك زەر ئەدەب ئىبارىللىرى بىزنىڭ ۋاپالار يوللىرىدا دادىل قەدەملەر بىلەن ئالغا ئىنتىلىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا ... دوسىتلۇق ، ۋاپادارلىق ، ئۈزۈلمەس ياخشى تىلەكلەر ئۈمۈدىمىزگە ئۈمۈدلەر سېلىپ ، ئەركىن پەرۋاز قىلىپ ، ئىنسان سىماسىنى لال قىلىشىمىزنى كۈتمەكتە . شۇنداق يېقىملىق نىدا – ھە ... يۈرەكلىرىم خۇددىي شوخ ئەجىم ئېقىن سۇدەك ئۆركەشلىمەكتە . يۇرۇغلۇققا تەلپۈنگۈچى مەجرۇخ كۆزلەرگە يېڭىچە ھاياتلىق يولى ئاتا قىپ ، ھاياتنىڭ نەقەدەر گۈزەل ، نەقەدەر سۈيۈملۈك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرماقتا . مەردانە ئوغۇل قىزلىرىمىز بۇنىڭغا جۈر بولۇشۇپ تەنتەنە قىلىشماقتا . مەدەنىيەت ئۆز سىماسى بىلەن ھۈسنىگە رەڭ بەرسە ، تەبىئەت ئۆز تەبىئىيلىكى بىلەن جەلىپكار تۈسكە كىرگۈزمەكتە . بۇنىڭغا جۈر بولۇشقان ناخشىچى قۇشلار خۇشال بەزمىللىرى بىلەن ئاۋادلاشتۇرسا ، قاياقتىندۇر ، دوسىتلۇق كۈيلىرى يارقىن نەتىجىلىرى بىلەن بىزنى ئۈزىگە رام قىلماقتا ... ئۇ ، شۇنداق يېقىملىقكى ، كىشىنى تولىمۇ خۇشال ھىسلارغا چۈمۈلدۈردى . ئاللا قاياقلاردىندۇر ، يقىملىق قوڭغۇراق ئاۋازى ئۈزىنىڭ يېقىمنلىق لەرزان ئاۋازى بىلەن بارچە دىللارنى ئۈزىگە تارىتماقتا ... بۇ ، قايسى تەرەپلەردىن كەلگەن سادا ؟ نىمانچە ئەركىن ، نىمانچە شوخ ۋە جاراڭلىق ؟ مەن شۇنداق ھەيران قېپ بارغىنىمدا ، ئاتەش كەبى يۇرۇق ئىزلارنىڭ سىماسى ئايان بولدى . ئۇ قاراڭغۇ كىچىلەردىكى چولپان يۇلتۇزلاردەك شۇنداق جۇلالىق ... مەن باسماقچى بولغان قەدەملىرىمدىن بەكلا ئەنسىرىگەن ئىدىم ، ئەمما شۇ يۇلتۇزلار كۆز ئالدىمدا نامايەن بولۇپ ئەتراپىمنى ياللىدە يۇرۇتىۋەتتى ... ئۇ پاكلىقنىڭ سىماسى ئاتام قالدۇرغان ئىز ... ماڭماقتىمەن ، شۇندا خۇش پىچىم ، خۇددىي ئۈزۈمىنى مۇشۇ دەۋىرنىڭ ئەركىسىدەك ، كۆڭلىم شۇنداق شادىمان ... قايغۇ ھەسىرەتلەردىن ئىزنامۇ يوق ... ماڭدىم – ماڭدىم ... داۋانلاردىن ئاشتىم ، جەزىرىلەرنى كەشتىم ، قاغا – قوزغۇنلارمۇ يۇقالدى . ئازغۇن – تىكەنلەر خۇددىي قىزىل گۈللەردەك كىشى ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە پۇرەكلەپ خۇش پۇراق ھىدىنى بۇ سېخىي تەبىئەتكە ئايىماي چاچماقتا ... ئۈزۈممۇ سەزمەي ئۇخلاپ قاپتىمەن ... قاياقتىندۇر ، جاراڭلىق بىر نىدا : «__ تۇر ئورنۇڭدىن ئەي ئوغلۇم ، كۈزۈڭنى ئاچ ، ئىزىڭغا باق . ئۇيقۇ ئۈلۈمنى بىشارىتى ، كىچىككىنە شادلىق سېنى بىخۇتلاشتۇرمىسۇن ، سەنمۇ بىر مەزمۇت ئىنسان ، ھالال ياشا ، ئۈزۈ ئۈچۈن ئەمەس بەلكى باشقىلارنى كۆپرەك ئويلا ، شەخسىيەتچىلىك ، تامادىن يىراق تۇر . ئىتتىقادىڭغا ھۆرمەت قىل ، ناشۈكۈر بولما ، ئەدەپ – ئەخلاقىڭنى يوقاتما ، كۆلىڭنى كەڭرى تۇت ، ئەگرى خىياللاردىن نېرى تۇر . نادانلىق سېنى زەئىپلەشتۈرىدۇ . ئاقىللارنى قالقان قىلىۋەرمە ، سەنمۇ ئاقىل بول . باشقىلارنىڭ ئەجىرىگە كۆز قىزارىتما ، باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلىمە ، مۇستەقىل پىكىر يولۇڭ ، مۇستەقىل قارىشىڭ بولسۇن ، چۈنكى ھايات سەندە ، شۇندىلا ھايات قىممىتى سەن بىلەن ، ئەجداد ئىزىدىن ھەرگىز يانما ، چۈنكى ، ئۇ ساڭا كىيىنكى مۇساپىللىرىڭدە نۇرلۇق چىراغ ، تۇر ئورنۇڭدىن ... » چۇچۇپلا ئويغۇنۇپ كەتتىم ، يەنە كۈرۈرمەن دەپ ئويلىۋىدىم ، ئەمما ، بۇ تۇيغۇلارنى ئىستەپ تاپالمىدىم ، شۇنداق ئۈزۈمنىڭ باسقان قەدەملىرىمگە نەزەر سالغىنىمدا ، كۆز ئالدىم خۇددى يۇقۇتۇپ قويغان ئەنگۈشتەرىمنى تېپىۋالغاندەك يۇرۇپلا كەتتى . بۇ ، نىمۇدۇر دىسەم ، ئاتام ۋە ئۈزۈم بسىپ ئۆتكەن ، مەدەنىيەت يالدامىللىرى جۇلا قىلغان ، بارچە دىللارغا شادلىق ئېلىپ كەلگۈچى ، دوسىتلۇق بېغىنى تۇتاشتۇرغۇچى داغدام « ئىز » كەن ئەمەسمۇ ! ... رەھمەت ! ئاتا . دىدىممەن...
ئوتلۇق كۆزلىرىمنى ئۇنۇڭغا تىكىپ ، كۆز ئالدىمدا بەخىت مىيلۇدىيسىنى جاراڭلىق ياڭرىتىۋاتقان ئوغۇل – قىزلىرىمىزنىڭ يېقىملىق كۈلكىللىرى ئايان بولدى ... ئاھ ! « ئىز » دىدىممەن . مەزمۇت قەدەملىرىم ، پۈكۈلمەس ئىرادەم بىلەن ئالغا قاراپ خۇشال كېتىۋاتماقتىمەن . كۆڭۈل ئىزتىراپىم دەيىتتىغۇ ... « ئىز ... ئىز ... ئەجداد مىراسى ئىز ... » . ئەھمىدى « شەيدائىي » كۈڭۈل ھىسلىرىم . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا salkin11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-2-9 14:59
|