- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-3-14
- تىزىملاش
- 2010-5-12
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 391سائەت
- جۇغلانما
- 1717
- نادىر تېما
- 1
- يازما
- 498
- تېما
- 131
- توردا
- 391سائەت
- نادىر تېما
- 1
- دوست
- 4
- يازما
- 498
- تېما
- 131
|
<خوشخەۋەر› : يېزلاردىكى تەكلىپ ئۇقۇتقۇچىلار رەسمىيلەشتۈرۈلدىكەن
<<ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاۋ دىجۇڭنىڭ بىلدۈرىشىچە، 2008-يىلى 31-دىكابىردىن ئىلگىرى ناھىيە (شەھەر) لىك مائارىپ ئىدارىلىرى تەرىپىدىن بىر تۇتاش تەكلىپ قىلىنغان، ئوقوتقۇچىلىق قىلىۋاتقىنىغا بەش يىلغا توشقان ياكى ئۇنىڭدىن ئاشقان يېزا-بازار، كەنت ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدىكى (تاشقۇرغان ناھىيسىدە ناھىيە بازىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.) ۋەكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئوقوتقۇچىلار، يېزىقچە ۋە يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئېلىش ئۇسۇلى قوللىنىلماي، ئەمەلىي ئوقوتۇش ئىقتىدارىنى سىناش چارىسى قوللىنىلىش ئارقىلىق رەسمىي ئوقوتقۇچىلىققا قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ ئوقوتقۇچىلارنىڭ شىتاتى مەكتەپلەردە بوش شىتات بولسا شۇ ئارقىلىق، بولمىسا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق شىتات تارمىقى تەرىپىدىن ئىقتىساسلىقلار زاپاس شىتاتى چۈشۈرۈلۈپ ھەل قىلىنىدۇ ھەمدە بۇ خىل شىتات زاپاس شىتات ئايلاندۇرۇلماي، بىرسى چىكىندۈرۈلسە، بىرسىنى ئازايتىش ئۇسۇلىى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان ۋەكالىتەن دەرس ئۆتكۈچى ئوقوتقۇچىلار بولسا 2008-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن ئىلگىرى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدىكى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان ھۆكۈمەت باشقۇرىشىدىكى مەكتەپلەردە 1يىلدىن ئارتۇق دەرس ئۆتكەن، ھازىر ئىش ئورنىدا يوق بولغان ئوقوتقۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن ئىلگىرى ۋەكالىتەن دەرس ئۆتۈپ، ھازىر دۆلەت كارخانىلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىۋاتقانلار بۇ دائىرىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ. ئىش ئورنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ھەر بىر يىلىغا شۇ ناھىيەدىكى رەسمىي ئوقوتقۇچىلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئىش ھەققىنىڭ بىر ئېيىغا توغرا كەلگەن مائاشى بېرىلىدۇ.
مەنبە:http://www.xj.xinhuanet.com>
|
|