سىزنىڭ سىڭىللىرىڭىز يوقما
(مىكرو ھىكايە)
ئۇيغۇرجان
بىر ھەپتىدىن بۇيان ئىدارىدە ئىشەكتەك ئىشلەپ چارچاپ كەتكەن ئەكبەر، سادىر،قىيۇم،ئەلى ، تۇرسۇن قاتارلىق بۇ يىقىن دوستلار ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن تازا ھاردۇق چىقىرىشنى ئويلاپ بىر-بىرىگە ماز چاقچاقلارنى ياغدۇرۇپ قاغجىراپ كەتكەن كۈڭۈللىرىگە ئازراق بولسىمۇ تەسەللى ئىزدىشىۋاتاتتى. قىلىشقان ماز پاراڭلىرىنى ئادەم تىلغا ئىلىشتىنمۇ نۇمۇس قىلسا قىلمىشىدىن ئۇلارنى بىرەر ئەزاسى كەمرەك يارىتىلىپ قالغان ھايۋانمىكىن دەپ ئويلاپ قىلىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى .
ئەكبەر تۇيۇقسىزلا :
سادىر ئاداش، كەچتە تومۇچۇقلىرىڭدىن بىر نەچچىنى تاپساڭ چىلاشقۇچە ئىچىپ ، تازا بىر يايرىمايمىزمۇ؟
ئەكبەرنىڭ گىپىنى ئاڭلىغان سادىر :
دەپقاپسەن ئاداش،بىرنەچچىنى ئەمەس يۈز نەچچىنى دىسەڭمۇ سەتەڭ تومۇچۇقلاردىن تىپىپ كىلىمەن جۇما.
ئۇلارنىڭ دىيىشكەن گىپى شۇ بولدى. سادىر تىلفۇنىنى كۆتۈرگىنىچە سىرتقا چىقىپ تىلفۇن قىلىشقا باشلىدى.
ۋە~جىنىم،كەچتە ئىدارىدىكى دوستلۇرۇم بىلەن تاپاۋەت رىستۇرانىدا ئولتۇرىمىز. دوستلۇرۇڭدىن ئۈچنى باشلاپ كەلسەڭ قانداق.
ئەكبەر تاماكىسىنى شورىغۇنىچە ياتاق ئويگە قايتىپ كىردى دە :
قىنى ماڭمايمىزمۇ،ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم.بۈگۈن بىزنى كۈتۈشكە شەھىرىمىزنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى سەتەڭلىرى كىلىدىغان بولدى دەپ سۆزلەپلا كەتتى.
بۇ يىقىن دوستلار رىستۇراننىڭ ئايرىم خانىسىدىن بىرنى زاكاس قىلىپ ئولتۇرۇشىنى باشلىۋەتتى دە ھاراق ئىچىشتە مۇسابىقىگە چۈشۈپ ھەش-پەش دىگۈچە بىر قانچە بوتۇلكىنى قۇرۇقداپ قويۇشتى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەكبەر ھاراقنى كۆتۈرۈپ بولالماي قالدىمۇ ئەيتاۋۇر بىردەمنىڭ ئىچىدە خۇددىنى بىلەلمىگۈدەك مەس بوپ كەتتى. ئۇنىڭ ھالىنى كۆرگەن دوستلىرى يىقىن يەردىكى بىر مىھمانسارايغا ئۇنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى...
قىزلارمۇ سورۇنغا ئانچە ئۇزاققا كەلمەي يىتىپ كىلىشتى...ھاراقلار ئىچىلمەكتە. تىتىقسىز ماز چاقچاقلار ئىغىزلاردىن كەلكۈن سۈيىدەك ئىتىپلىپ چىقىشماقتا...ئىتلار ھاۋشىغاندەك.چـوشقىلار خارتىلدىغاندەك كۈلكە ئاۋازلىرى ئەتراپنى بىر ئالماقتا....
سورۇنمۇ تامام بولۇپ قىزلار جۈپ-جۈپلىرى بىلەن ئالدىن تەييارلانغان ياتاق ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتى.ئىغىر گۇناھلار سادىر بولماقتا ئىدى.جانلار مەينەتچىلىك ئىچىدە يايرىسمۇ ،لىكىن يۈرەكلەر ئىغىر تېنىقلار ئىچىدە ئەلەملىك سوقماقتا ئىدى.
نەپىسنىڭ قۇلىغا ئايلانغان يىگىتلەر ئەتىگەن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ يۇيۇنۇپ-تارىنىپ تەييار بولۇشتى.ئارىدىن تۇرسۇن تىخىچە ئۇخلاۋاتقاچقىمۇ ئۇنىڭدىن تىخىچە سادا يوق ئىدى.ئەكبەر ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلىپ باققان بولسىمۇ لىكىن يەنىلا ھىچبىر سادا يوق.ئاخىرى ئۇ قېيۇمنىڭ قولىدىكى كارتا بىلەن ئىشىكنى ئىچىپ ياتاق ئىچىگە كىرىپ قىتىپلا تۇرۇپ قالدى....
شۇ مىنۇتتا ئەكبەرنىڭ خىيالىغا نىمىلەر كەلدى بىلىپ بولغىلى بولمايتتى. يىغلاي دىسە تىخى،كۈلۈشكە ئەسلا ئورۇن يوق،كۆزلىرىگە قان تولغان ئەكبەرنىڭ نەپىسى تىزلىشىپ ، مۇشتلىرى تۈگۈلۈپ كەتتى.دىمەك ئۇنىڭدىكى بۇ ئۆزگىرىشتىن ئۇنىڭغا بىر ئىش ناھايىتى ئىغىر كەلگەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى.ئەزەلدىن ئۆزىنى مەن چاغلاپ يۈرىدىغان بۇ يىگىت تۇيۇقسىزلا يۈگرەپ بارغانچە ياتاق ئىچىدىكى ئورۇندۇقنى قولىغا ئالدى- دە، ھىچنىمىنى بىلمەي ئۇخلاۋاتقان تۇرسۇننىڭ بېشىغا ئارقا-ئارقىدىن بىر نەچچىنى ئۇرىۋەتتى. قىپقىزىل قانلار ئاپئاق كارىۋات كىرلىكىنى بىردەمدە بوياپ بولدى.تۇرسۇن ئۇيقۇغا قانمىدىمۇ ياكى ئىغىر زەربە تۈپەيلى قوپقۇسى كەلمىدىمۇ بىلىپ بولغىلى بولمايتتى....بەلكىم بۇنداق ئىغىر زەربىدىن ئۇ بۇ دۇنيادىكى سەپىرىنى ئاياقلاشتۇرۇپ ئۇ دۇنياغا بىلەت ئالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىدى....
بىر قانچە جۈپ قىز يىگىتلەر كۆز ئالدىدا غىل-پال قىلىپ يۈز بەرگەن بۇ ئىشتىن تولىمۇ ھەيران قىلىشتى قۇرقۇپ كەتكەنلەر بولسا قۇچاقلىشىۋالغان ئىدى. ئۇلارنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغان ئىش بولسا كارىۋات ئۈستىدە قورققۇنىدىن غال-غال تىترەپ تۈگۈلۈپ قالغان قىز باشقا بىرى بولماستىن دەل ئەكبەرنىڭ سىڭلىسى ئىدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا salkin11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-2-7 23:54
|