

9 . قىسىم
سەھەر ئۇلۇشۈپ ھەممە ياق يوپيۇرۇق ئىدى ، كېچىدىكى قىمارنىڭ پۇخارىدا كىشىلەرنىڭ بەزىللىرى خوشال بولسا بەزىللىرى قاقشايتتى ئەمما سىرتتىكى ئىشلار بىلەن ھىچكىمنىڭ كارى يوق ، پۇتۇن كائىنات يورۇپ دەرىزىنىڭ يۇرۇقىدىن چۈشكەن قۇياش نۇرى مىنى سىرتقا بەكلا ئۈندەيتتى ئەمما قىمارنىڭ قائىيدىسى بۇلۇپ چىقىپ كېتىمەن دىگەن چاغدا چىقىپ كىتىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى ، ئىچىمدە كېچىدىكى ئۆلۈم خەۋىرىنى ئويلاپ كاللام گاراخ شۇ تاپتا نىمە قىلىۋاتقانلىقىمنىمۇ بىلمەيتتىم ، كۈتكەن ۋاقىتنىڭ توشمىقى بەكلا تەس بولۇپ تاۋكاغا بويسۇنۇپ ۋاقىتنىڭ توشۇشۇنىنى كۈتتۈم ، ئارىدىن نەچچە سائەت ئۆتۈپ ياتاق مۇلازىمەتچىللىرى كىرىپ تازىلىق ئېلىپ بارماقچى بولدى بۇ دەل بۈگۈنكى قىمارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچى ئىدى .
- جۈرۈڭلا ئەمدى قايتىمىز ! چوڭ غوجاملارنىڭ باشچىلىقىدا بىر - بىرلەپ سىرتقا ماڭدۇق ، ۋۇجۇدۇمدىكى ئالدىراش تۇيغۇ زادىلا تۇرۇشۇمغا يول قويمايتتى قانداقتۇر يوچۇق ئىزدەپ ئاسانلا سىرتقا چىقىۋالدىمدە دەرھال بىر كىرا ماشىنىسىغا چىقىپ سارايغا قايتتىم ، تېنىمدىكى ئىختىيارسىز شۈركىنىش تۇيغۇسى يوقىرلاپ بەدىنىم تىتىرەك بېسىشقا باشلىدى ، كۆزلىرىم تىقىلىپ تېلىفۇندىكى ئاۋازلار ھېلىھەم كاللامدا ئەكىس ئېتەتتى ، ئاھ تەڭرىم ! نىمە قىلىشىم كېرەك ئەمدى ؟ قانداقتۇر قەلئە دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگەنلىكىمنىمۇ سەزمەپتىمەن .
- كەلدۇق ! شوپۇرنىڭ ئاۋازى بىلەن ئەس - ھوشۇمغا قايتىپ ئاستا ماشىنىدىن چۈشتۈمدە سارايغا كىردىم ، قات - قات سىرلار يوشۇرۇنغان يومىلاق ساراي ئىچى بەكلا تىنىچ بولۇپ ھەممە ئويقۇدا ئىدى ، دەرھال ئۈستىگە قاراپ قەدەملىرىنى چاپتۇرۇپ ياتاققا كىردىم ئەمما غالىپكام ھەممىدىن بىخەۋەر ئۇخلاپ يېتىپتۇ .
- غالىپكا ! غالىپكا تۇرىڭە ! مىنىڭ ئەنسىز توۋلاشلىرىم بىلەن ئۇ ئاستا سۇزۇلۇپ ئورنىدىن تۇردى ، مەن يەنىلا ئۇنىڭدىن بەزى ئىشلارنى سوراشقا باشلىدىم .
- مۇختەركامنى ئۆلدى دەيدىغۇ بۇ قانداق گەپ ؟ ئۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ھاڭۋېقىپلا قالدى ، ئەسلى بۇ ئىشلاردىن غالىپكاممۇ بىخەۋەر ئىكەن مەن كېچىدىكى تېلىفۇندىن ئاڭلىغان خەۋەرگە ئاساسەن ئىككەيلەن سۈرۈشتۈرۈشكە باشلىدۇق ، سارايدا بارلا بولغان بارلىق كىشىلەر بۇ خەۋەردىن بىخەۋەر بولۇپ كاللىمىزنى بەكلا ئېلەشتۈرىۋەتتى ، گۈلمىرە بۇ خەۋەرنى ئاڭلىسا يەنە مىڭىسىگە تەسىر قىلىشى مۇمكىن دەپ ئۇنىڭغا بەزى ئىشلارنى بىلدۈرمىدۇق ، چۈشتىن كىيىن غالىپكام ئىككەيلەن سىرتقا چىقىپ نۇرغۇن كاۋاپچى ئويغۇرلارنىڭ يېنىغا بېرىپ بۇ ئىشلارنى سۈرۈشتۈردۇق ئەمما ئۇلاردىنمۇ ياخشىراق جاۋاپقا ئىرشەلمىدۇق ، كېچىدە تېلىفۇننى ئالغان خۇجايىن ناتۇنۇش بولۇپ پەقەت تاۋكادا نەچچە قېتىملا يۈز كۈرۈشكەن ئىدىم بىراق قەيەردىن چىقىدىغىنىنى زادىلا بىلمەيتتىم ، ئىشلىرىمىز قاملاشماي كەچ بولغاندا سارايغا ئامالسىز قايتىشقا مەجبۇر بولدۇق ، يولدا ماڭغاچ خىيالغا كىتىپتىمەن ، ئۇنىڭ : قوزام ! دەپ چاقىرىشلىرى گاھ ئاڭلىنىپ يۈرىكىمنى ئەزسە خۇشخۇي كۈلۈشلىرى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولۇپ ئاچچىق يىغىغا قىستايتتى ، ئازىراقلا نەرسە تەسىر قىلسا پارتلاپ كېتەتتىم .
- ئۇكام بۇ خەۋەرنى زادى قەيەردىن ئاڭلىدىڭ ؟ تۇيۇقسىز غالىپكامنىڭ سۇئالىغا چىدىماي ئېتىلىپلا كەتتىم .
- ياراتقان ئېگەم ھەممىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىدۇ بىراق بۇ شەھەردە ئۆلگەن ئادەمنىڭ جەسىدىنىمۇ تاپقىلى بولمايۋاتىدۇ ! زادى قانداق سىرلىق ماكان بۇ ؟ مەن بار كۈچۈم بىلەن يىغا قوشۇپ توۋلاشقا باشلىدىم ، شوپۇر سۆزلىرىمىزنى چۈشەنمىگەچكە ئالدىغا قاراپ مېڭىۋەردى مەنمۇ بىر ھازا يىغلاپ ئازىراق بوشنىۋاپتىمەن ، شۇنداق قىلىپ كەچمۇ بولدى ھەممەيلەن ئەسلىدىكىدەكلا كەچلىك ئويۇنغا تەييارلىق قىلىپ رېستۇراندا بولدۇق ، كەيپىياتىم بەكلا ناچار بولغاچقا بۈگۈنكى نۇمۇرنىمۇ تازا ياخشى ئوينىيالمىدىم ، مۇختەركامنىڭ ئورنى بوش بۇلۇپ قەيەرگىلا قارىسا ئۇنىڭ سىماسى مۇزىكا تېۋىدە جۇلالىنىپ تۇراتتى ، ئۇيۇن ئاخىرلىشىپ ھەممەيلەن ياتاققا قايتتۇق كېچىدىن ئۇيقۇسىز ئۆتكەن بىر كېچە جېنىمنى قىيناپ ئاسانلا ئۇيقۇغا كىتىپتىمەن .
سىرتتىن كىرىۋاتقان جۇشقۇن داپنىڭ ئاۋازى ئۇيقامنى بۇزۇپ ئەتىگەنلا تۇرۇپ كەتتىم ، يەنىلا ئۇيقىدىن ئويغۇنۇپ ئىختىيارسىز مۇختەركام ياتقان كارىۋاتقا قاراپ ھاياتنىڭ بەزىدە ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم ، يۇزلىرىمنى يۇيۇپ سىرتنىڭ ھاۋاسىدىن نەپەس ئالماقچى بولۇپ ياتاق ئالدىغا چىقتىم ئەتىراپ يەنىلا ئاۋالقىدەك تۇراتتى ، نۇرقارىكام چالغان داپنىڭ ئاۋازى ساراي ئىچىنى بىر ئېلىپ كىشىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى نەپرەتنى كۆككە كۆتىرەتتى ، ئۇ بەزى كۈنلىرى مۇشۇنداق ئەتىگەنلا تۇرىۋېلىپ سەھنىدە ئورۇنلايدىغان داپ مەشىقىنى قىلاتتى ، ئۇنىڭ داپ يۈزىگە ئۈرىۋاتقان قوللىرى ھېلىھەم تىتىك بولۇپ قېرىلىقىنى زادىلا چاندۇرمايتتى ، مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن گۈلمىرە ئويغاندىمۇ مىنى چاقىرىپتۇ مەنمۇ دەرھال ئۇنىڭ يېنىغا كىردىم .
- ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ گۈلۈم ؟
- ياخشى ئۇخلۇدۇم ھاياتىم سىزچۇ ؟ ئۇنىڭ تاتلىق سۆزلىرى قانداقتۇر غەملىرىمنى بېسىپ بەزى قىيىنچىلىقلارنى بىلىندۈرمەيتتى ، ئىككەيلەن مۇڭداشقاچ تاماق يىيىش ئۈچۈن رېستۇرانغا چىقتۇق ھەم تىزلا تامىقىمىزنى يەپ سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كىرمەكچى بولدۇق ، كوچىدىكى ھەرخىل يېڭىلىقلار كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ ئەتىراپ بەكمۇ گۈزەل ، قايناق بازاردا يۈرۈپ كەيپىياتىممۇ ئازىراق ئوڭشىلىپ قالدى ، ئىككەيلەن ئىككى قەۋەتلىك ساياھەت مىنبۇسىغا چىقىپ خوشنا شەھەر ۋۇ چاڭغا قاراپ ماڭدۇق ، پايانسىز كەتكەن چاڭجىياڭ يېڭى كۆۋرۈكى بەكلا ھەيۋەت بولۇپ ھەر قېتىم ئۈستىدىن ئۆتكىنىمدە ئۇلۇغ دايىمىز ماۋزىدۇڭنىڭ بۇ دەريادىن ئۈزۈپ ئۆتكەن كەچمىشى ئېسىمگە كېچەتتى ، يېرىم سائەتچە مېڭىپ ۋۇ چاڭ شەھەرلىك خەلىق باغچىسى ئالدىدا چۈشۈپ قالدۇق ، باغچا ئىچى بەكلا چوڭ بۇلۇپ ئايلىنىپ چىقىش ئۈچۈن نەچچە سائەت ۋاقىت كېتەتتى شۇنداقلا قەدەمدە بىر يېڭىلىقلار ئۇچىراپ كىشىنىڭ چىقىپ كەتكۈسى زادىلا كەلمەيتتى ، ئىككەيلەن ئايلىنىپ يۈرۈپ بىزنىڭ سارايدىن چىقىدىغان بىر نەچچە باللار بىلەن ئۇچۇرۈشۈپ قالدۇق ، ئۇلارمۇ بازار ئوينىغاچ بۇ يەرگە كىرىپتىكەن .
- قانداق چىقىپ قاپسىلەنغۇ ؟ ئارىدىن بىرى كۈلۈمسىرەپ سۆز باشلىدى .
- شۇنداق كۈندە بېكار يۈرۈيدىكەنمىز كەچتە ئازىراق ۋاقىت چىقىرىپ ئويۇنغا قاتناشساقلا بولدى ! مەنمۇ ئەدەپ بىلەن ئۇلارغا جاۋاپ بەردىم .
- ياخشى بولدى بۈگۈن بىزمۇ بازار ئوينىماي سىلەر بىلەن بىرگە تاماشا قىلايلى ! بۇ بالا يىگىرمە بەش ياشلار چامىسىدا بولۇپ كىچىك ئوغرى باللارنىڭ ئارقىسىدىن ماڭىدىكەن ، ياندا مىدىرلاپ تۇرالماي قالغان ئىككى شاكىچىكلەرنىڭ بىرى ھەسەن يەنە بىرى ھۈسەن بولۇپ قوشكىزەك ئوغىرىلارنىڭ ئوبدانلا داڭقى بار ئىدى ، يەنە بىر يىگىتمۇ ياشتا ئانچە چوڭ ئەمەس بىراق بەكلا ئېغىر بېسىق كۆرىنەتتى ، شۇنداق قىلىپ نەچچىمىز بىرلىكتە باغچا ئىچىدىكى خىلمۇ - خىل ئويۇنچۇقلاردىن ھوزۇرلۇنۇپ بەكلا يايرىۋالدۇق ، ئوغرى باللارنىڭ بۇ يەردە ئىناۋىتى شۇنچە ئۈستۈن بولۇپ ئوغرى دىگەن ئاتالغۇنى ئۆزىگە خاس ئىسىم قىلىپ قۇيىۋالغانكەن ، بىز تۇنجى كەلگەندە بەزى بالىلار ئۆزلىرىنى كەسپىم ئوغرى دەپ ئالاھىيدە تۇنۇشتۇرغان ، بۇ سۆز دەسلەپتە ماڭا غەيرى ئاڭلانغىنى بىلەن ئەمدى چۈشەندىم ، ئەسلى ئۇلارنىڭ باشقىلارغا قارىغاندا تەمىناتى ياخشى بولۇپ بازاردا ئىختىيارى ئوينايدىكەن ھەم پۇلنىمۇ ساماندەك خەجلەيدىكەن ، ئۇلارنىڭ ھەر - بىر پائالىيەتتىن كىيىن ئاكتىپلىق بىلەن پۇل خەجلىشى مىنى سەل بىئارام قىلىپ قويدى ، ئارىدىكى ياشتا چوڭراق يىگىت كەم سۆز بولغىنى بىلەن ئەتىراپقا ئىتتەك نەزەر سالاتتى ، بىز نەچچە سائەت ئويناپ بولغاندىن كىيىن تاماق يىيىش ئۈچۈن بۇ باغچىغا ئانچە يىراق بولمىغان بىر غەرىپچە تائاملار شەھەرچىسىگە كىردۇق ، بالىلار بەكلا ئەركىن بولۇپ خالىغانچە نەرسە بۇيرىتىشقا باشلى .
- قاقلانغان توخۇ كاۋاپ ! ھۆسەن ئەمدىلا ئون ئۈچ ياش ، بىراق نەرسە بۇيرۇتىشى شۇنچە ئىختىيارى ئىدى ، ئارىدىن ھەسەنمۇ ئەگىشىپلا :
- ھامبىروگ بولكىسىدىن ئىككىنى مۇز سالمىغان كولادىن بىر ئىستاكان ! ئۇمۇ خۇددى چوڭ ئادەملەردەكلا سۆزلەپ بىزدىنمۇ نىمە يەيدىغانلىقىمىزنى سورىدى ، مەن بۇنداق ھەشەمەتلىك تائاملار شەھەرچىسىدە ئولتۇرۇپ نىمە دىيىشىمنى بىلمەيلا قالدىم شۇنداقلا ئۇلار بىلەن ئوخشاش بۇيرۇتتۇق .
- سىلەر كۈندە مۇشۇنداق ئويناپ يەپ ئىچىپ يۈرەمسىلەن ؟ مەن تۇيۇقسىز ئۇلاردىن سوراپ قالدىم .
- ياق كۈندە ئەمەس بۈگۈن شۇنداقلا بىر كىلىپ قالدى تەلىيىمىز ! ئالدىمدا ئولتۇرغان يىگىت مۇنداقلا كۈلۈمسىرگەچ جاۋاپ بىرىپ قويدى .
- قانداق تەلەي ئۇ ئېيتمامسىز ؟ قايتۇرۇپلا سورىدۇم .
- نىمە بولاتتى ، شۇ كۆتەرمىكەچلىك قىلىپ ئەتتىگەندىلا نەچچە مىڭ يۈەن تاپتۇق ھا ھا ھا ! ئۇنىڭ سۆزلىرى قىزىق بولغىنى بىلەن زادىلا چۈشەنمىدىم .
- نىمە ئۇ ، كۆتەرمىكەچلىك دىگەن سىلەرنىڭ سۆزلىرىڭلار نىمانچە غەيرى مەن تازا چۈشىنىپ كېتەلمەيدىكەنمەن ھا ھا ھا ! مەنمۇ زورلاپ يالغاندىن كۈلۈپ قويدۇم ، ئارىدىن يەنە بىر يىگىتمۇ سۆز قۇشۇپ بەزى ھەركەتلەرنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى :
- بىز كەسىپتە سەل كونا شۇڭا ئۆرە بازار ئوينايمىز مانا بۇ كۆتەرمىكەچلىك ، يېڭى كەلگەنلەر بېكەت ئوينايدۇ چۈنكى ئولجا ئالماق سەل ئاسان ، ساقچىلارنى ئىت ياكى قىلتاق دەيمىز بىزدەك ئوغىرىنىڭ ئارقىسىدىن ماڭىدىغانلارنى قۇش دەيمىز ! ئۇنىڭ سۆزلىرى تېخىممۇ باشقىچە ئاڭلىنىپ چۈشەنمەك بەكلا تەس ئىدى ، ئەسلى بۇلار ئەتىگەندە بازار ئويناۋېتىپ مەلۇم بىر بانكا ئالدىدا بىر كىشىنىڭ بانكىغا كىرىپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ دەرھال ئۇ كىشىگە ھوجۇم قىلغان ، ئەقىللىق ھەسەن - ھۆسەن قوشكىزەك ئاكا - ئۇكىلار ياندىكى ئېغىر بېسىق بالىنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيچە ئىش كۆرۈپ بانكىغا كىرگەن ، ھېلىقى كىشىنىڭ قولىدا كىچىك قارا سومكا بولۇپ ئىچىدە مۇتلەق پۇل بار دەپ پەرەز قىلغان قۇش ، دەرھاللا ئۇ كىشىنىڭ قۇلىدىكى سومكىغا ئوخشاش بىر دانە سومكىنى ياندىكى دۇكاندىن باھامۇ تالاشماي سېتىۋېلىپ بۇ قوشكىزەكلەرگە بەرگەن ، بۇ قوشكىزەكلەر پىلان بۇيچە بىر - بىرلەپ بانكا ئىچىگە كىرىپ ئۆچرەتتە تۇرغان ھېلىقى كىشىنى كۈزەتكەن ، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئىش بېجىرىش نۆۋىتى ھېلىقى كىشىگە كەلگەندە بۇلارمۇ تولىمۇ ئەپچىللىك بىلەن ھەركىتىنى باشلىغان ، ھېلىقى كىشى بانكا خادىمىغا سۆزلىگەچ قولىدىكى سومكىنى ئوڭ تەرەپكە قۇيۇشى بىلەن تەڭ ھەسەنمۇ گۆلۆپپىدە ئۇكىشىنىڭ سول تەرپىگە يىقىلىپ كېسىلى تۇتۇپ قالغان بالىنىنىڭ رولىنى ئالغان ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە باشقىلارنىڭ دىققىتى يەردە خىرقىراپ ياتقان ھەسەندە بولغاچقا ، چاققانلىق بىلەن ھۈسەنمۇ تىزلا قۇلىدىكى قەغەز پارچىللىرى تىقىلغان سومكىنى ئەينەك ئالدىدىكى سومكىغا تۇيدۇرمايلا ئالماشتۇرىۋالغان ، كىيىن بۇلار باشقىلارنىڭ گۇمانى قوزغالغۇچە ئاللىمبۇرۇن ئۇ جايدىن غايىپ بولۇپ نەق ئون مىڭ يۈەن پۇلنى ھىچقانچە كۈچىمەيلا قۇيىۋەتكەن ، بۇلانىڭ بۇ سۆزلەرنى قىلغاچ تەڭ ھەركىتى بىلەن دوراپ چۈشەندۈرىشى قانداقتۇر قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا ئۆزلىرىنى ئاتىۋەتكەندەك بىلىنەتتى ، توۋا بۇلارنىڭ ئۆمرى مۇشۇنداقلا ئۆتۈپ كىتەرمۇ ؟ تېخى مۇشۇ سارايدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بالىلار كىچىگىدىنلا يىتىلىپ ، باشقىلار : - چوڭ بولساڭ نىمە ئىش قىلىسەن دەپ سورىغىنىدا ئىككىلەنمەيلا نوجىيا ئوغۇرلايمەن دەپ جاۋاپ بېرىدىكەن ، قېنى - قېنىغا سىڭدۈرۋېتىلگەن ئوغۇرلۇق بۇلارنىڭ پەخىرلىنىشكە ئەرزىگۈدەك كەسپىمىش ، بەزى ئىشلارنى زادىلا قۇبۇل قىلالمايتتىم ئەمما چۈشىنىكسىز كىتىپ بارغان زوراۋان يىللارغا بويسۇنماي ئامالىمىز يوق ئىدى ، كەچكە يېقىن ھەممەيلەن بىرگە سارايغا قايتتۇق بۇلار بىر - بىرىدىن مەرت بولۇپ بىزگە بىر تىيىنمۇ خەجلەتمىدى ، گۈلمىرە ئىككەيلەن ئۇدۇل مىنىڭ ياتىقىمغا كىردۇق ، ياتاقتا غالىپكام ئەسلىدىكىدەكلا قوللىرىغا سانجىغان ئوكۇلنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ ئالىيىپ يېتىپتۇ .
- ھە قوزۇللۇرۇم قايتىپ كەلدىڭلارمۇ مەنمۇ سىلەرنى ساقلاپ ئولتۇرغان ! ئۇ كۆزلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ تەستە ئورنىدىن تۇرغاچ بىزگە قارىدى .
- بىر نەچچە ئوغرى باللار بىلەن ئويناپ كىردۇق ! سۆزلىرىمنى قىلغاچ گۈلمىرەنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدىم ، ئۈچەيلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتۇق تۇيۇقسىز بىر كاۋاپچى ئاكاش ياتاققا كىرىپ قالدى بىزمۇ ئۇنى ئەدەپ بىلەن ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدۇق ، ئۇ كىشى ئەسلى شەھەر مەركىزىدە كاۋاپچىلىق قىلىدىغان بولۇپ تۈنۈگۈن مۇختەركامنىڭ خەۋىرىنى ئالغاچ يېنىغا بارغان ئىدۇق ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن مۇھىم بىرەر خەۋەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكى بىلىنىپلا تۇراتتى ، مەنمۇ دەرھال گۈلمىرەنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ ئۇنىڭغا بۇلارنىڭ شەقسى پارىڭى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ياتىقىغا كىرگۈزىۋەتتىم ، ئويلىغىنىمدەك بۇ كاۋاپچى ئاكاش ھېلىقى جەسەتنىڭ بار يىرىنى بىزگە خەۋەر قىلغىلى كەپتىكەن بىزمۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپلا تىزدىن ئۇ جايغا باردۇق ، ئەسلى بۇ جەسەت ئۈچ كۈن ئالدىدا شەرقى تاغ رايۇنىدا بايقالغان بولۇپ ساقچىلارنىڭ سۈرۈشتۈرشى بىلەن مۇشۇ خەن كۇ شەھرىنىڭ يەنە بىر بازىرىدا ئاشخانا ئاچىدىغان ئويغۇرلار قۇشۇنىدىن ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان ، بىراق بۇجەسەت مۇختەركام ئەمەس بولۇپ چىقتى ، شۇنداقتىمۇ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ بېقىشنى ئويلاشتىم ، جەسەتنىڭ مېيتى ئوزۇتۇلمىغىلى ئۈچ كۈن بولۇپ ئائىيلىسدىكىلەرنى ساقلاۋاتقان ئىكەن بىراق بۇ بىچارە روھنىڭ ئېگە - جاقىسى تېخى كەلمىگەچكە مۇشۇ يەردىكى ئويغۇرلارنىڭ كىرىپ چىقىپ تاماشا قىلىدىغان كۆرگەزمىسىگە ئايلىنىپ قاپتۇ ، ئاستا يېنىغا بېرىپ قوللىرىمنى ئۈستىگە يېپىپ قويغاز ئاق خەسىگە ئۇزارتتىم ، جەسەتتىن چىقىۋاتقان ئاچچىق پۇراقتىن تىنىم ئىختىيارسىز شۈركىنىشكە باشلىدى ، قەيسەرلىك بىلەن شۇنداقلا يۈزىنى ئېچىۋىدىم قورقۇنۇشلۇق بىر چىراي كۆرۈنۈپ كۆڭلۈم ئوغۇپلا كەتتى ، بىچارىنىڭ يۈزىدىكى تېرىلەر باش سۆڭەكلىرىگە چاپلىشىپ ئاقىرىپ كەتكەن لەۋلىرى كۆكىرىشكە باشلاپتۇ ، مەنمۇ ئانچە ئوزۇن قاراپ كەتمەيلا ، لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھاممىدىن رەسۇلۇللا دەپ يۈزىنى ئەسلىدىكىدەك يېپىپ قۇيۇپ ئاستا سىرتقا چىقىپ كەتتىم ، باشقىلارنىڭ ئېيتىشىچە بۇ كىشىنىڭ ئىسمىمۇ مۇختەر بولۇپ كاۋاپچى ئىكەنمىش بىراق ئاق تاماكىغا بولغان خۇمارى بەكلا كۈچلۈك بولۇپ خۇجايىنىغا ئېغىر دەرىجىدە قەرزدار ئىكەن ، مۇختەر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا غايىپ بولۇپ كىتىپ باشقىلارنىڭ ئاغزىدا قېچىپ كەتتى دەپ گەپ تارقاپتىكەن ئەپسۇس زەھەرنىڭ كاساپىتى بىلەن قېتىپ قاپتۇ ، غالپكام ئىككەيلەن بۇلارنى كۆرۈپ گاھ خوشال بولساق گاھ قايغۇراتتۇق ، بىچارىنىڭ جەسىدى يەنە نەچچە كۈن تۇرۇپ كىتىشى ھازىرچە نامەلۇم ئىدى ، ئىككەيلەن پىيادە ئايلىنىپ ھېلىقى خەۋەر ئەكەلگەن كاۋاپچى ئاكاشنىڭ يېنىغا بېرىپ بىردەم كاۋاپ يىگەچ مۇڭداشتۇق ، گەپتىن گەپ چىقىپ بۇ كىشىنىڭمۇ ئوبدانلا دەردى بارلىقىنى بىلىپ قالدىم ئەمما ۋاقىتنىڭ يار بەرمەسلىكى تۈپەيلى ئىچكى ئىشلىرىنى سوراپ كېتەلمىدىم .
- رەخمەت ئاكا ، ۋاقىت چىقسىلا يېنىڭغا كەپ تۇرىمەن ، بىز ئەمدى قايتايلى ، ۋاقىتمۇ توشۇپ قالدى ! غالىپكام ئۇكىشى بىلەن خوشلىشىپ كاۋاپنىڭ پۇلىنى سۇندى .
- بولدى سېلىپ قوي كىيىنكى قېتىم ئالارمەن ، ئەمدى قاچىمەن دەپ ئاۋارە بۇلۇپ يۈرمە ئۇكام ، سىنى بەكلا سېغىنغان ئىدىم قايتا كۆرىشەلىگىنىمنىڭ ئۆزىلا چوڭ ئىش ، بولدى يېنىڭغا سال ! ئەسلى بۇلار بۇرۇن تۇنۇشىدىكەن ئەمەسمۇ ، شۇنداق قىلىپ ئىككەيلەن بۇ جايدىن ئايرىلىپ رېستۇرانغا قايتتۇق ، قايتاشىمىزدا غالىپكام بۇ كاۋاپچى ئاكاش توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى ، ئەسلى بۇ ئاكاش ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا قەشقەردىن ئالاھىيدە تەكلىپ قىلىنىنىپ نەچچە شاگىرتلىرى ۋە نەچچە ئۇستاملار بىلەن بۇ جايدىكى رېستۇران ۋە ساراينى بېزەشكە كەلگەن ئىكەن ، دەسلەپتە بۇلار بەكلا قىزغىن كۈتىۋېلىنىپ ئىككى يىل جاپادا بۇ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئۈچ قەۋەتلىك ئايلانما ساراي بىلەن ھەشەمەتلىك رېستۇراننى مىللىچە نەققىش بىلەن گەش ئويۇپ بىزەپ پۈتتۈرگەن ، بىراق بۇ ساددا ئۇستام بۇ يەردىكى پىشقانلارنىڭ دامىغا چۈشۈپ كىيىنكى بىر يىلنىڭ ئىچىدە قىمار ئويناپ نۇرغۇن بىساتىدىن ئايرىلىپ ئەكىسچە بۇ يەردىكىلەرگە بەكلا كۆپ قەرز بولۇپ بىرگە ئېلىپ كەلگەن ئۇستاملارنىڭمۇ ئىش ھەققىنى بېرەلمەپتىمىش .
ھىجرانلىق ئازابى كۈندىن - كۈنگە قىيناپ نە ئارزو ، نە ئارمان يىراق - يىراقلارغا كەتكەن ئىدى ، مانا بىز كەلگىلى توپتوغرا ئالتە ئاي بولۇپتۇ بىراق شۇ يۇرتتىن ئايرىلغانچە ئائىيلە ۋە دوست بۇرادەرلەرنىڭ بىرەرسى بىلەنمۇ ئالاقە قىلمىدۇق ، كېچە كۈندۈز بېشىمىزغا ئۇلۇشۇپ كىلىۋاتقان قىسمەتلەر ۋاقىتنىڭ قايسى باسقۇچتا كىتىپ بارغانلىقىنىمۇ سەزدۈرمەي ، غۇبارسىز ، تىمتاس ياشىشىمىزغا مەجبۇرلايتتى ، ھەر يەردىن كەلگەن بىگۇناھ بالىلار ۋە قىيىنچىلىقتا غەپلەتتىن قېچىپ يۈرگە گۇناھكارلار مۇشۇ جاينىڭ تەبئى قائىيدىللىرىگە تەدرىجى كۆنۈپ بىر - بىرى بىلەن تىغمۇ - تىغ ياشايدىكەن ، شۇنداقلا بۇ يەرنىڭ ئۆزگىچە تەمىناتىدىن كۆڭلىنى خوش قىلىپ قىسقىغىنە ئۆمرىنىڭ قانداق كىتىپ بارغانلىقىنىمۇ سەزمەيدىكەن ، بىر يۇرتتىن بىرگە كەلگەن ھەتتا بىر قوساقتىن تۇغۇلغان قېرىنداشلارمۇ بۇ يەرگە كەلگەندىن كىيىن كۈننىڭ ئۆتىشى بىلەن تەدرىجى ئىدىيەسى ئۆزگىرىپ ، بىلىپ - بىلمەي بىر - بىرگىمۇ قارا قورساقلىق قىلىپ قۇيۇپ شەكسۈبھىسىز ھايات قايناملىرىغا بۇرۇختۇم بۇلۇپ كېتىدىكەن ، كىشلىك تۇرمۇش ئۆزلىكىدىن ئۆزگىرىپ ئىنساننىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىش بۇ جايدا بەكلا تەس ئىدى ، شىلدىرلاپ يېغىۋاتقان يامغور ئاستىدا گۈلمىرە ئىككەيلەن قەددىمىزنى تىك تۇتۇپ ئاسمانغا قارايتۇق .
- قەدىرلىكىم مەن بەكلا خوشال بۇلۇۋاتىمەن ! ئۇ قوللىرىنى كۆككە كۆتۈرۈپ ئاچچىق ھاياتقا بولغان ئەسلىمىللىرىنى يۇيۇۋاتقاندەك كۆرىنەتتى .
- مەنمۇ خوشال بۇلۇۋاتىمەن ! يامغۇر تامچىللىرى شىددەت بىلەن گەۋدەمگە ئۇرۇلۇپ پىغانلىق كۈنلەرنىڭ گۇۋاھچىسى ئىدى ، ئىككەيلەن شىلدىرلاپ چۈشۈۋاتقان يامغوردا تاماشا قىلىپ رېستۇراننىڭ قارشى تەرپىدىكى خەلىق مەيدانىنىڭ ئوتتۇرسىدا تۇراتتۇق ، سالقىن ھاۋادا چۈشۈۋاتقان يامغور ھىدى قانداقتۇر كۆڭلىمىزنى ئازىراق ئىلىتەتتى .
- ياق ياق ! مىنى تۇتىۋېلىڭ مۇھاممەت ! تۇيۇقسىز گۈلمىرە قالايمىقان سۆزلەشكە باشلىدى ، مەن قورققۇنۇمدىن ئۇنى پىششىق تۇتىۋالدىم بىراق ئۇنىڭ نېرۋىسىدا ئۆزگىرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ بەكلا جىددىيلىشەتتى .
- مۇھاممەت مىنى تاشلاپ كەتمەڭ ، ياق ! مىنىڭ ئۆلگۈم يوق مىنى تۇتىۋېلىڭ ! ئۇنىڭ تىللىرى كالۋالىشىپ ئاغزىدا بىر نەرسىنى چاينىغاندەك قىلاتتى .
- گۈلۈم يېنىڭىزدا مەن بار قورقماڭ ھازىرلا ئوڭشىلىپ قالىسىز ! ئىچى - ئىچىمدىن ئەنسىزلىك بېسىپ ئۇنىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايىغا قارايتتىم بىراق ئۇ ئوڭشىلىدىغاندەك قىلمايتتى بارغانچە تەنلىرى بوشىشىپ ئاستا - ئاستا تىنىقى پەسىيىشكە باشلىدى ، مەن نىمە قىلارىمنى بىلمەي ئۇنى كۆتەرگەنچە تۇرالغۇمىزغا قاراپ ماڭدىم .
- گۈلمىرە ! گۈلمىرە ! مەن ماڭغاچ ئىختىيارسىز ئۇنى توۋلاپ قوياتتىم بىراق ئۇنىڭ كۆزلىرى ئارقىغا تارتىپ بىھۇش ھالەتتە تاشلىنىپ قۇچۇقۇمدا ئىدى ، ئىچى - ئىچىمدىن چىققان قىسمەت كۈچى پۇت - قوللۇرۇمدا پەيدا بۇلۇپ قەدەملىرىمنى تېخىممۇ تىز چاپتۇرۇشقا باشلىدىم .
- مۇھاممەت ! يېرىم يولغا كەلگەندە ئۇنىڭدىن سادا چىقتى .
- ئاھ تەڭرىم ئەمدى ئوڭشالدىڭىز گۈلۈم ، يەنە بىر نەپەس ئېلىڭچۇ ؟ ئۇ بىر ئاز تۇرغاندىن كىيىن يەنە بىر نەپەس ئېلىپ چوڭ بىرنى تىندىدە :
- مۇھاممەت ! دەپ ئىككىنجى قېتىممۇ مىنى چاقىردى ، ئۇنىڭ بۇ ئاچچىق چاقىرىشلىرى ئىچىمنىڭ قانداق بىر يەرلىرىگە تەسىر قىلدىكىن بوقۇلداپ يىغلاپ تاشلىدىم ، يول ئېغىزىدا قاتار كىتىپ بارغان ماشىنىلار توپىدىن شۇنچە تەستە قارشى تەرەپكە ئۆتۈپ ئۇنى يامغورغا دالدا بولغۇدەك بىر جايغا ئاپاردىم ، ئۇنىڭ بەدىنى يەنىلا بوشىشىپ كەتكەن ھالەتتە بولۇپ ئارانلا نەپەسلىنالايتتى ھەم ئەقلى ئىقتىدارىمۇ تېخى بىنورمال ئىدى ، مەن قىسقىغىنە دېمىمنى ئېلىۋېلىپ يەنىلا ئۇنى كۆتەرگەنچە ياتاققا ئېلىپ كىردىم ، ئۇ يېپىنچا ئىچىدە ئازىراق ئىلىغاندىن كىيىن ئاستا - ئاستا ئوڭشىلىپ ئۇيقۇغا كەتتى مەنمۇ ئۇنىڭ يېنىدا ئۇنىڭغا قاراپ كەچلىك ئۇيۇنغىمۇ چىقمىدىم ، ئارىدىن نەچچە سائەت ئۆتۈپ باشقا بالىلارمۇ بىر - بىرلەپ قورغانغا قايتىپ كىرىشكە باشلىدى ، گۈلمىرەمۇ ئۇيقۇدىن ئويغۇنۇپ ئابايقىدىن ئوبدانلا ياخشى بولۇپ قالدى ، مەن ئۇنىڭ يېنىدا يەنە بىرەر سائەتچە تۇرۇپ كىيىن ياتىقىمغا قايتتىم ئەمما ياتاقتا غالىپكام يوق بولغاچقا ئىچىم سىقىلىپ پەستىكى ياتاقتىكى باللارنىڭ يېنىغا چۈشتۈم .
- ئوخخو قوزام نەگە باردىڭ بۈگۈن ؟ ئىشىكنى ئېچىشىمغىلا غالىپكام تۆۋىدە تۇرۇپ ماڭا سۆزلىدى .
- بىر يەرگە بارمىدىم سىزنى ساقلاپ ياتاقتا ئولتاردىم شۇ ، بىراق سىزنىڭ بۇ جايدا ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەي قاپتىمەن ئەمەسمۇ ! ئەسلى غالىپكام مەندىن بۇرۇن بۇ ياتاققا كىرىپ قىمارنى باشلاپ بولغان ئىكەن ، مەنمۇ ئاستا ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ رەتكە قۇشۇلدۇم .
- بۈگۈن مارماپسىزغۇ ؟ ئارىدىن چوڭ قىمارخانىدا يۈرىيدىغان بىرسى سوراپ قالدى .
- ھە بۈگۈن بارالمىدىم ئەتىگىچە بارارمەن سىزمۇ بارماپسىزغۇ ؟ مەن يەردىكى قارتنى ئالغاچ سۇئالىنى قايتۇرۇپ قويدۇم .
- ماڭا جەز قىلىدىغان خۇجايىن شى ئەنگە كەتتى تىكىدىغانغا پۇل يوق شۇڭا ! ئۇمۇ سۆزلىرىمگە جاۋاپ بىرىپ قۇيۇپ قارتىنى تىزىشقا باشلىدى ، ئوتتۇردا ئۇياقتىن - بۇياققا ئايلىنىپ يۈرگەن پۇللار نەچچە سائەتتىن كىيىن يەنىلا مىنىڭ يانچۇقۇمغا كىردى ، قىمار قىزغىنلىقى يوقىرى بالىلار پۇلى تۈگەپ كەتسە نەرسىللىرىنى سېتىپ دىگەندەك بىر نىمىلەرنى ئامال قىلىپ بىزنىڭ چىقىپ كىتىشىمىزنى بەكلا توساتتى ، كېچە كېچىگە ئۇلۇشۇپ تاڭ سۈزۈلۈشكە يېقىن ئۇلارنىڭ ھىچ مادارى قالمىغاندا ئىككەيلەن ياتاققا قايتتۇق ، بۈگۈن تەلىيىم ئوبدانلا كىلىپ تۆت - بەش يۈز يۈەننىڭ ئېگىسى بۇلۇپ قالدىم غالىپكاممۇ ئۇنى - بۇنى قىلىپ يۈرۈپ ئازىراق ئۇتۇپتۇ ، كېچىدىن قىينالغاچقا ئۇخلاشقا تەييارلىق قىلدىم ئەمما غالىپكام ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىرنى سانجىۋېلىشنى توغرا كۆردىمۇ قانداق سايمانلىرىنى قوراشتۇرۇشقا باشلىدى ، مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يۈرۈپ بۇنىڭدەك ھەركەتلىرىگىمۇ كۆنۇپ قاپتىمەن شۇڭلاشقا ئۇيقامنى باشلىۋەتتىم .
قۇياشنىڭ ئىلىق تەپتى جاھاننى ئىسىتىپ تۆنۈگۈنكى ياغققان يامغورنىڭ ھورىمۇ يوق ئىدى ، ئەتىراپ بەكممۇ گۈزەل بولۇپ ئېگىز ئىمارەتلەرنىڭ سۈپسۈزۈك سىماسى كۆككە تاقاشقان بۇلۇتلارغا قەۋەتلا ھۆسىن قوشاتتى ، غالىپكام ئىككەيلەن كېچىدىن ئۇتقان پۇللارنى يانچۇقىمىزغا سېلىپ گۈلمىرەنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈش ئۈچۈن شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا باردۇق ، دوختۇرخانا ئېچى بەكلا چوڭ بۇلۇپ ئىش بېجىرىشمۇ شۇنچە تەس ئىدى ، تەلىيمىزگە يارىشا غالىپكامنىڭ يېقىن بىر دوستى مۇشۇ دوختۇرخانىدا ئىشلەيدىكەن ، بىز ئۇ كىشىنىڭ ياردىمى بىلەن گۈلمىرەنىڭ كېسەللىك تارىخىغا ئاساسلىنىپ بىرىنجى قەدەمدە مېڭە تەكشۈرتۈش خىزمىتىنى قىلماقچى بولدۇق بىراق يېنىمىزدىكى پۇللار تەكشۈرتۈشكە يەتمىگەچكە بۇ دوختۇر خادىم كىچىككىنە ياردىمىنى قىلىپ قويدى ، شۇنداق قىلىپ چۈشتىن كىيىن يەنىلا ئۇ دوختۇرنىڭ ياردىمى بىلەن ئاسانلا گۈلمىرەنىڭ تەكشۈرۈش نەتىنجىسىنى ئالالىدۇق ، تەكشۈرۈش نەتىنجىسىگە ئاساسلانغاندا ئۇنىڭ مېڭە توقۇلمىسىدا قاپسىلىش پەيدا بولۇپ ، ھاياجانلىنىش ۋە قايغۇرۇشنى زادىلا كۆتىرەلمەيدىكەن ، كېسەلنىڭ باشلىنىشىغا قارىغاندا كىيىنكى كۈتۈنۈش ياخشى بولمىسا مېڭە توقۇلمىدا يىگىلەش ئالامەتلىرى باشلىنىدىكەن ، بۇ خەۋەرلەر كاللامنى قاتۇرۇپ گاڭگىراپلا قالدىم ، گۈلمىرە سىرتتا قالغان بولۇپ غالىپكام ئىككەيلەن ئىچىدە دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىپ ئاندىن ئۇنىڭ يېنىغا چىقتۇق .
- قانداق بولدى دوختۇر نىمە دەيدۇ ؟ بىز يېنىغا بېرىشىمىزغا ئۇ سورىدى .
- چوڭ ئىش يوق ئىكەن سىزنى شۇ ئازىراق چارچاپ قاپتۇ يەنە قان ئازكەن دەيدۇ ! مەن ھۇدۇقۇش ئىچىدە ئۇنىڭغا يالغان سۆزلەشكە باشلىدىم ئۇمۇ سۆزلىرىمىزگە ئىشىنىپ كۆڭلى ئازىراق كۆتىرلىپ قالدى ، ئۈچەيلەن سىرتتىكى مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلغاچ قورغانىمىزغا قايتىپ ماڭدۇق ، يول بۇيى ئارىلاپ ماڭغاچ ئامال بار ئۇنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىشقا تىرىشاتتىم ، شۇنداقتىمۇ قەلبىمدىكى سۈنئىيلىك نەقەدەر قىيناپ ۋۇجۇدۇمنى قارا تۇمانلار قاپلايتتى ، ئىچىمدىكى ھاياتقا بولغان ياتسىراش پەللىمۇ - پەللە يوقۇرلاپ قېنىمغا سىڭگەن تەۋەككۈلچىلىك ئىدىيەسى شەكشۈبھىسىز داۋالغۇيتتى ، ھايات قىسمەتلىرى تۇيۇق يوللاردا بىزنى قىيناپ پولاتتەك تاۋلىغان بولسىمۇ ئۆمرىمىزنىڭ بىھۇدە كىتىپ بارغانلىقى مىنى بەكلا قىينايتتى .
- قاراڭلار ئۇلارغا ، ئويغۇرلار ئىكەن ! تۇيۇقسىز غالىپكام دىققىتىمنى بۇرىدى ، ئاھ تەڭرىم ئۇلارنىڭ رەھىمسىزلىكىنى ! يان تەرەپتىكى كىچىك تاللا دۇكىنى ئالدىدا تۆت ئادەمنىڭ كىچىك بىر بالىنى قاتتىق ئۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۆزەمنى باشقۇرالمايلا ئۇلارنىڭ ئالدىغا ماڭدىم .
- توختا ، بارساڭ بولمايدۇ ! غالىپكام دەرھال يولۇمنى توستى .
- قاراڭ ، ئۇلار ھەممىسى ئويغۇرلار ئىكەن ، ھىچ بولمىغاندا نەچچە ئېغىز سۆزلەپ قويمامدۇق ! مەن توسقانغىمۇ قارىماي ئالدىمغا ماڭدىمدە ئۇلار بار تەرەپكە ئۆتتۈم . يەردە دومىلاپ قانغا مىيلىنىپ ياتقان كىچىك شوركىنىڭ قولىنى تۇتتۇمدە ؛
- نۇمۇس قىلىڭلار ھەي ئويغۇرلار ! دىگىنىمچە ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزماقچى بولدۇم .
- كىم سەن ئارلاشما ئىشىمىزغا ! ئارىدىن بىرى بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا ماڭا توۋلاشقا باشلىدى ، مەنمۇ شاققىدە ئارقامغا بۇرۇلۇپ چەكچەيگىنىمچە ئۇلارغا نەشتەردەك كۆزلىرىم بىلەن سىرلىق قاراشقا باشلىدىم ، ماڭا سۆزلىگەن يىگىت قاپاقلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ مەن تەرەپكە مېڭىشى بىلەن تەڭ غالىپكاممۇ ئوتتۇرىغا چۈشتى دە :
- ئۆزەڭلارغا ئىش تېپىۋالماڭلار ئۇكۇللۇرۇم ، ئەڭ ياخشىسى بىزگە چاقچاق قىلماي كىتىۋېلىڭلار ، بېكارلا تۇرسۇن تارتۇقنىڭ سارىيىدا قۇل بولۇپ كەتمەڭلار يەنە ! ئۇ سۆزلىرىنى قىلغاچ مەن تەرەپكە ئۆتتى ، بىلمەيلا قالدىم ئۇلارمۇ بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئۈنى پەسلەپ بىزگە ئالاھىيدە مۇئامىلىدە بۇلۇشقا باشلىدى ، مەن يەردە ياتقان بالىنى ئاستا يۆلىدىمدە يۈزلىرىنى سۈرتۈپ كىيىملىرىنى تۈزەشكە باشلىدىم .
- ئىسمىڭ نىمە ؟
- ئالىمجان ! ئۇ تاياقنىڭ زەربىسىدىن ئارانلا سۆزلەيتتى ، مەنمۇ ئىچكىرلەپ ئۇنىڭدىن بەزى سۇئاللارنى سوراشقا باشلىدىم .
- قەيەردىن كەلدىڭ ؟
- شايار ناھىيەسىدىن كەلدىم .
- قانچە ياشقا كىردىڭ ؟
- ئون ئىككى ياشقا .
- قاچان كەلگەن ئىدىڭ ، نىمە ئۈچۈن ؟ مەن ئارقا - ئارقىدىن سۇئال سوراپ ئۇ بالىنىڭ نىمە سەۋەپتىن قاچانلاردا كەلگنلىكىنى بىلىۋالدىم ، ئۇ ئەسلى شايار ناھىيەسىنىڭ مەلۇم بازىرىدا چوڭ بولغان نارسىدە بولۇپ ئارانلا ئالتە ياشقا كىرگەن سەبى چاغلىرىدا باشقىلارنىڭ كۈچلۈك ئالداش ۋە زورلىشىغا ئۇچىراپ بۇ جايغا كەلگەن ئىكەن ، يامان يىرى بۇ نارسىدە ئاتا - ئانىسىنىڭ نەدە نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى زادىلا بىلمەيدىكەن ، مەلۇم ۋاقىتتىت كىيىن ئۇلار بىلەن ئامالسىز خوشلىشىپ قورغانىمىزغا قايتىپ كەلدۇق ، ساراي يەنىلا ئەسلىدىكىدەك غۇبارسىز ئاچچىق ئۆتمۇشلەرنى ئۆزىگە بەنىت قىلىپ بىزلەرنى قارشى ئالاتتى ، قەلبىمدىكى ھارغىنلىق ئازابى كۈندىن - كۈنگە قىيناپ رەھىمسىزلەرچە زوراۋان يىللارغا بويسۇندۇم . ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ قىمار ئويناشنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن تەتقىق قىلىشقا باشلىدىم ، سالماقلىق ۋە ھىيلىگەر بولۇشنى ئۆگەندىم شۇنداقلا تاكتىكا ئىشلىتىشنى ئىزچىل ئارتۇقچىلىق قىلىۋالدىم ، قىمار ئوينىشىمنى دەسلەپتە گۈلمىرە قاتتىق توساتتى كىيىنچە ئۇنىمۇ كۆندۈرىۋەتتىم ، قىمارنى باشلىغان كۈندىن بىرى يېنىممۇ ئاستا - ئاستا چىڭىشقا باشلىدى بىراق مەندىكى بۇ پارچە پۇللار قىمار سورىنىدا خۇددى ئەخلەتتەكلا بىلىنەتتى ، ھەر يەردىن كەلگەن غوجاملار چامىدان - چامىدانلاپ ئەكەلگەن مال - دۇنياسىنى قىمار سورىنىدا بىر - بىرىگە كۆز - كۆز قىلىشىپ تېخى بىلى ئىگىلمىگەن باغلام - باغلام پۇللارنى ئالدىغا تىزىپ قوياتتى ، يېرىم كېچىدە قىمارنىڭ ئەۋجى كۆتۈرۈلسە نەچچە تۈمەنلەپ تاۋكاغا تىكىلەتتى ، كۈنلەر مانا مۇشۇنداق باشلىنىپ ھاياتتىكى ئاچچىق قىسمەتلەرنى ئونتۇپ كىتىشكە تىرىشتىم .
يىللار مابەينى ئەگرى توقايلىق بىلەن داۋاملىشىۋاتقان تەقدىرنىڭ قايسى چاغلاردا رەھىمى كىلىپ بىزنى ئازات قىلالىشى خىيالىمدىن بەكلا يىراق ئىدى ، ۋۇجۇدۇمدا ئۇنىڭ كېسىلى ھەرۋاقىت ئەكىس ئىتىپ پۇلغا بولغان ئېھتىياجىم كۈنسىرى ئاشاتتى ، گۈلمىرە ئالدىنقى قېتىملىق ئايلىنىپ قېلىشتىن كىيىنمۇ يەنە نەچچە قېتىم ئايلىنىپ قالدى بىراق مەن ئۇنىڭغا ھىچنىمە قىلىپ بېرەلمىدىم ، كۈنسىرى قىمارغا ئۆزەمنى ئۇرۇپ ھايات بەدىلىم بىلەن بولسىمۇ ئۇنى داۋالىتىشنى ئويلاشتىم ، بىراق تەلىيى كاژنىڭ يولى ھەر ۋاقىت تار بولىدىكەن ، مانا بۈگۈن بىز كەلگىلى توپتوغرا سەككىز ئاي بولۇپ نەچچە كۈن ئېشىپتۇ ، گۈلمىرە ئىككەيلەن رېستۇراننىڭ ئالدىدىكى خەلق مەيدانىدا كەپتەرلەرگە دان چېچىپ ئۇلارنىڭ ئىختىيارسىز ئۇچۇشلىرىنى تاماشا قىلغاچ ئۆزلىرىمىزنى بەزلەۋاتاتتۇق .
- مۇھاممەت مەن ئۆيگە بىر قېتىم تېلىفۇن قىلىپ باقايمىكىن ! تۇيۇقسىز ئۇ بۇ مەسلىھەتنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ قالدى .
- نىمىنى ئويلاپ مۇشۇنداق قىلماقچى بولۇپ قالدىڭىز ؟ مەنمۇ ئۇنىڭدىن سورىدىم .
- ئۇلارنى بەكلا سېغىندىم ھىچ بولمىغاندا ئاۋازىنى بولسىمۇ ئاڭلىۋالاي ! ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ئىچىم ئاچچىق بولۇپ دەرھاللا ئاتا - ئانام ئېسىمگە كەچتى ، ئەپسۇس بىزنىڭ سەھرادا تېلىفۇن نىمە ئىش قىلسۇن .
- ئىختىيارىڭىز ، سىز نىمە دىسىڭىز شۇنداق بولسۇن ! ئىككىلەنمەيلا ئۇنىڭ تەكلىپىگە قوشۇلدۇم ، ئىككەيلەن رېستۇراننىڭ يېنىدىكى ئاممىۋى تېلىفۇنخانىدا ئۇنىڭ ئۆيىگە تېلىفۇن قىلدۇق ، تېلىفۇن ئۇلاندىدە بىرى دەرھاللا ئالدى .
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! تېلىفۇننى ئالغان ئۇنىڭ ئاپىسى ئىدى .
- ۋائەلەيكۇم ئەسسالام ! گۈلمىرەمۇ ئاۋازىنى ئازىراق ئۆزگەرتىپ ئۇنىڭ سالىمىغا ئەدەپ بىلەن سالام قايتۇردى .
- كىمنى ئىزدەيسىز ؟ تېلىفۇندىن قايتۇرۇلۇپلا سۇئال كەلدى .
- گۈلپىيەنى ئىزدەيمەن ئۇ ئۆيدە بارمۇ ؟ گۈلمىرە بەكلا ھۇدۇقاتتى .
- سىز كىم بولىسىز ؟ تېلىفۇندىكى ئاۋاز تولىمۇ جاراڭلىق ئاڭلىناتتى .
- مەن ئۇنىڭ ئادىچى بولىمەن ! گۈلمىرەنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغان ئاپىسى ئېتىلىپلا يىغلاشقا باشلىدى .
- قىزىم تېلىفۇننى قۇيىۋەتمە سىنى تونۇپ قالدىم نەچچە ئېغىز سۆزلىۋالاي ! ئانىسىنىڭ زار - زار يىلىنىشلىرىنى ئاڭلىغان گۈلمىرە تېلىفۇن توروپكىسىنى پىششىق تۇتقانچە يىغلاپ تاشلىۋەتتى ، ئەسلى گۈلمىرەنىڭ « مەن ئۇنىڭ ئادىچى » دىگەن جاۋابى ئاپىسىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ ئاسانلا تۇنىۋالغان ئىكەن ، ئانا - بالا بىر ھازا يىغلىشىپ مۇڭداشقاندىن كىيىن ئامالسىز خوشلاشتى ، ئەمما گۈلمىرە تۇرىۋاتقان ئورنىمىزنى ئۇلارغا زادىلا ئېيتىپ بەرمىدى ، ئۇنىڭ پەرىشان چىرايىنى كۆرۈپ ئىچىم قاتتىق زېدە بولاتتى .
- ئاپىڭىز سىزنى قانداق تونۇپ قاپتۇ ؟ ئۇنى بەزلىگەچ سۇئال سورىدىم .
- سىڭلىمنى دوسلىرى تېلىفۇندا ئىزدىسە ، مەن ئادىچى دەيتتى ، مەنمۇ شۇنى دەپتىكەنمەن بىلىپ قاپتۇ ! ئۇ جاۋاپ بەرگەچ يەنىلا يىغلاشقا باشلىدى ، مەنمۇ ھەر تەرەپتىن ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىپ ياتاققا ئېلىپ كىردىم ، كەچكە يېقىن رېستۇراندا قويۇلىدىغان ئويۇننىڭ تەييارلىقىنى قىلىشقا باشلىدۇق ، شۇنداقلا كەچلىك ئويۇننى غەلبىلىك ئاياغلاشتۇرۇپ تامىقىمىزنى يەپ تۇرالغۇمىزغا قايتتۇق ، مەن ئىلگىركىدەكلا گۈلمىرەنى ياتىقىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ چوڭ قىمار سورىنىغا كەتتىم ، ئەقلىمدىن يىراقلاپ كەتكەن تەننى نەسھىيەتلەر بەرىبىر ھايات مۇساپەمنىڭ ئېغىر كۈنلىرىدە ئونتۇلۇپ كېتەتتى ، ھېلىھەم ئېسىمدە ، مۇختەركام ماڭا دائىم مۇنداق دەيتتى :
- قوزام ھاياتتا سەن بىلىپ بىلمەي خاتالىشىپ قالىدىغان يوللىرىڭ بەكلا كۆپ شۇندىمۇ بۇ قىمارغا زادىلا بىرىلىپ كەتمە ! دىگەن سۆزلىرى دەل مۇشۇ ئىشىكنىڭ ئالدىغا كەلگىنىمدە قۇلاق تۆۋىمدە ياڭرايتتى ، بىراق ماڭا نىمە ئامال ، بىر ئەركەك تۇرۇپ بېكىنىپ ياشاش قايسى بىر كۈنلەردە ماڭا ياخشى كۈن ئېلىپ كېلەتتى ، شۇندىلا قىلغان ئىشلىرىمدىن ئۆكۈنمەيتتىم ...
مېھمانخانا كارىدورىدىن ئايلىنىپ لېفىت ئارقىلىق ئون ئۈچىنجى قەۋەتتىكى مەلۇم ياتاققا كىردىم ، ياتاق ئىچى بەكلا چوڭ بولۇپ يىگىرمە نەچچە ئادەم نەچچە يەرگە تاۋكا قۇرۇپ يالىڭاچلىنىپ كىتىپتۇ .
- ۋاھ كىچىك شاھزادە كەلگەن قەدەملىرىڭگە مەرھابا ! كىرىشىمگىلا نەچچە كىشى ئالاھىيدە قارشى ئېلىشقا باشلىدى .
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كەچلىكىڭلار خەيىرلىك بولسۇن ! دەرھال ئۇلارغا قول ئۇزارتىپ بىر - بىرلەپ كۆرۈشۈپ چىقتىم .
- قېنى سىلەرنىڭ سارايدىكى چوڭلار ، كەلمەيدىغۇ ؟ ئوتتۇردىكى تاۋكادا قارت ساناۋاتقان ھېكىم سۇئال سوراپ قالدى .
- ئەمدى كېلەر مەن يالغۇزلا كەلدىم ، ئۇلار تاماق يەپ قالغان ! مەن جاۋاپ بەرگەچ ياندىكى تاۋكادا ئولتۇرغان ياش بالىلارنىڭ قاتارىغا قوشۇلدۇم ، ھازىرقى سورۇندا ئولتۇرىۋاتقان قۇشلارنىڭ كۆپۈنجىسى باشقا شەھەردىن كەلگەنلەر بولۇپ چۈشتىن كىيىنلا قىمارنى باشلىۋەتكەن ئىكەن ، قارايدىغان بولساق ئۇلارنىڭ قاپقارا ئىس تۈتەككە سىڭىپ كەتكەن يالىڭاچ بەدەنلىرى تەرنىڭ دەستىدىن پارقىراق داشقاللاردەك ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى ، قىمارنىڭ خۇمارى بەزىلەردە بەكلا كۈچلۈك بولۇپ ھەر قېتىم تەلىيى كەلسە پۈتۈن كۈچى بىلەن ۋارقىراپ قوياتتى ، ئارىلاپ مېڭىپ يۆرۈپ ھازىرچە بىرەر تاۋكاغا چۈشمۈدۈم چۈنكى بۇلارنىڭ كۆپىنجىسىنى مەن بىلەن نا تونۇش ئىدى ، مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن مەن تۇرىدىغان قورغاندىن نەچچە چوڭاملار كېلىپ كەيپىياتىممۇ ئازىراق كۆتۈرۈلۈپ قالدى ، ئۇلار دەسلەپتە سىرتتىن ئېلىپ كىرگەن ئۇششاق - چۈششەك مېۋە - چىۋىلەرنى يىيىشكەچ نەچچە قۇردىن ئايلاندۇرۇپ قاپاق ئوينىدى ، كەيىپنىڭ بىھۇش يەرلىرىگە چىققاندا ئۇلارمۇ نەچچە تاۋكاغا بۆلۈنۈپ قىمارغا چۈشتى ، مەنمۇ مەلۇم تاۋكادا ئولتۇرۇپ يېنىمدا بار ئازغىنە پۇللارنى دەسمىي قىلىپ ئۇلارغا قوشۇلدۇم ، مەن بار تاۋكادا قورغانىمىزنىڭ تۆتىنجى قول سەركىسى قۇدرەتكام بار ئىدى ، ئۇ گەرچە ياشتا چوڭ بولسىمۇ ماڭا بولغان مۇئامىلىسى شۇنچە ياخشى بولۇپ بەكلا ئامراق ئىدى ، شۇنداقتىمۇ قانداقتۇر ئۇنىڭ ماڭا تۇتقان پوزىتسىيەسىدىن قاتتىق گۇمانلىناتتىم ، بىز دەسلەپتە نەچچە سائەت قارت ئارقىلىق چوڭ شاھ ئوينىدۇق ، بىر كەلسە بىر كىتىپ ئوتتۇردىكى پۇللار ئۇياقتىن - بۇياققا ئايلىنىپ يۈرەتتى .
- يىگىتلەر بىر ئاز ئاق تاش ئاتايلى ! تۇيۇقسىز قۇدرەتكام ئوتتۇردىكى قارتلارنى يىغققاچ يېنىدىكى كىچىككىنە ، نۇمۇرلۇق ئاق تاشلاردىن ئالتە دانىنى ئوتتۇرىغا تاشلىدى .
- شۇنداق قىلايلى ئەجەپ زىرىكتىم بۇ قارتتىن ! ئارىدىن نەچچە كىشى قۇدرەتكامنىڭ سۆزلىرىنى قوللاپ قويدى ، مەنمۇ ئامالسىز ئۇلارنىڭ پىكىرىگە قوشۇلدۇم بىراق مۇشۇ ئاق تاش بىلەن زادىلا خوشام يوق ئىدى ، قارت ئوينىسام مەلۇم دەرىجىدە تاكتىكىللىرىم بار بولغىنى بىلەن ئاق تاش ئاتقاندا ھىيلە ئىشلىتىش بەكلا تەس ئىدى ، دائىم نۆۋىتىم كىلىپ تاشلارنى چىنە ئىچىگە تاشلىغىنىمدا پەقەتلا تەلىيىمنى تىلەپ قوياتتىم .
- ئايلان ! ياندا ئولتۇرغان قاپقارا ئادەم قارشى تەرەپ بىلەن تىكىشىۋاتاتتى تۇيۇقسىزلا قوللىرىدىكى تاشلارنى چاڭگاللاپ تۇرۇپ توۋلاپ قويدى .
- ئايلانسۇن ! يېنىدىكى كىشى بۇ نۆۋەت تۇرۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلدى ئەمما ئۇنىڭ يېنىدىكى كىشى قوللۇردىكى پۇللارنىڭ ئارسىدىن نەچچە يۈز يۈەننى ئوتتۇرغا تاشلاپ :
- ئەگەشتىم ! بار كۈچى بىلەن توۋلاپ قويدى .
- بار ! قارا ئاكاش تاشلارنى چىنە ئىچىگە تاشلىغاچ يوقىرى ئاۋازدا توۋلاپ پۇتىنى شاپىلىقى بىلەن چاڭڭىدە قاتتىق بىرنى ئۇرۇپ قويدى ، ئۇلار ئەنە شۇنداق نەچچە رەت ئېتىشىپ ئاخىرى ئەگشكۈچۈ تەرەپ ئوتتۇردىكى پۇللارنى يىغدى ، قىمارنىڭ ئەۋجى كۆتۈرۈلگەنچە ياتاق ئىچىدىن چىققىۋاتقان ۋاراڭ چۇرۇڭلار ئەۋجىشكە باشلايتتى ، بەزىلەر قارت ساناپ سۈيۈنچى ئالسا بەزىلەر غوجاملارغا نەرسە توشۇپ شىرىنكانە يىغاتتى ، يەنە بەزىلەر قاق سەنەملىكنىڭ دەردىدە تام توۋىدە خارتىلدىتىپ قاپاق ئوينايتتى ، يېرىم كېچە بولغاندا قورساق راسا ئېچىشقا باشلىدى ، مەن بەزىلەر ئېلىپ كىرگەن ئالمىلاردىن بىرنى قولۇمغا ئېلىپ يەي دەپ تۇرۇشۇمغا ئۈچىنجى تاۋكادا ئولتۇرغان چوڭاملار سەل ۋارقىرىشىپ قالدى ، ئۇلارنىڭ قالايمىقان ۋارقىراشلىرى دىققىتىمنى تارتىپ ئاستا تۇرغۇنۇمچە ئۇلار بار يەرگە باردىم ، بۇ تاۋكادا سىرتتىن كەلگەن ئۈچ كىشى بار بولۇپ بىز تۇرىۋاتقان قۇشۇننىڭ ئاتامانى تۇرسۇن تارتۇق بىلەن تۇتۇشۇپ قالغان ئىكەن .
- قېنى ئەمدى نىمەڭنى تىكىسەن ! ھا ھا ھا ! تۇرسۇن تارتۇق بۇ قېتىمقى كەلگەن تەلىيىدىن خوشال بولۇپ قاقاقلاپ كۈلگىنىچە تاۋكادىكى پۇللارنى ئالدىغا يىغىشقا باشلىدى ، قارشى تەرەپتە ئولتۇرغان چوڭراق كىشى ئاستا تۇرۇپ يەنە بىر تاۋكادىكى چوڭ بىر قۇشنىڭ يېنىغا بېرىپ ئازىراق جەز قىلىشىنى ئۆتۈندى ، بىراق بۇلارنى كۆرگەن تۇرسۇن تارتۇق ئۇ سىرتتىن كەلگەن كىشىنىڭ بۇ يەردىكىلەردىن قەتئى پۇل ئالماسلىقىنى بۇيرۇق قىلدى ، مەن بۇلارنىڭ بۇنداق توقۇنۇپ قېلىشىنى بىلەتتىم ، ئۇلاردا ئەزەلدىن مەنمەنچىلىك ئىدىيەسى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ ھە دىسىلا پۇللىرىنى كۆز - كۆز قىلىشاتتى ، بەلكىم سىرتتىن كەلگەن بۇ كىشىلەر بىلەن بىزنىڭ چوڭام ئوتتىرسىدا مەلۇم توقىنىش بولىشى مۇمكىن ، ھەش - پەش دىگۈچە بۇلارنىڭ توقۇنىشى ياتاق ئىچىدە قىزىق نوقتا بولۇپ ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتتى ، سىرتتىن كەلگەن ھېلىقى كىشى يۈزىنىڭ چۈشۈپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ دارھال يېنىدىكى تېلىفۇننى ئېلىپ بىر يەرگە تېلىفۇن قىلىشقا باشلىدى .
- ئابدۇقادىرمۇ سەن ؟ تىزدىن مەن بار ياتاققا رۇستەمنى ئېلىپ كىر ! ئۇكىشى نەچچە ئېغىز سۆز بىلەن بىراۋغا بۇيرۇق قىلىپ قۇيۇپ ئورنىغا بېرىپ ئولتۇردى ، ئارىدىكى كىشلەر توپىدىن چىقىۋاتقان غۇلغۇلىلار ئۇ كىشىنى بەكلا بىئارام قىلاتتى ، ئوزۇن ئۆتمەي ئىشىك قوڭغۇرىقى بېسىلىپ سىرتتىن ئىككى بالا كىردى ، ئۇلارنىڭ بىرى يىگىرمە بەش ياشلاردا يەنە بىرى ئون نەچچە ياشلاردا كۆرۈنەتتى .
- نىمانچە قوڭاڭ ئېغىر نىمىلەر سىنىڭ ، نەۋاق تېلىفۇن قىلغىلى ئەمدى كىرىشتىڭمۇ ! ھېلىقى كىشى ئۇلارنى كىرىشى بىلەنلا ئەيىپلەشكە باشلىدى .
- ئاكا رۇستەمنى ئويغۇتۇپ بولالماي شۇ ! ئارىدىكى چوڭى تىرنىقىنى تاتلاپ زۇۋانى بارغانچە ئىچىگە كىرىپ كەتتى .
- رۇستەم كېلە بۇياققا ! ئۇ كىشى قاسسىدە تاماكىدىن بىر تالغا ئوت ياققاچ تاۋكاغا ئالدىنى قىلىپ ئولتۇردى ، ئەسلى ئۇ كىشى بۇ شەھەرگە كېلەشىدە نەچچە شوركىللىرىنى بىرگە بازار ئويناتقاچ ئېلىپ كەلگەن ئىكەن .
- تۇرسۇنجان بۇ شوركام باللارنىڭ ئالدى ، بازارغىلا چىقسا كۈندە بىرەر تۈمەن تاپالايدۇ ! ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ھاڭۋېقىپلا قالدىم ، بۇ نائەھلى مەلئۇنلار بىچارە رۇستەم ئۈستىدە سودا ئېلىپ بېرىۋاتاتتى .
- بولدى ئۈچ تۈمەن بولسۇن ئەمدى تالاشمايلى ! ھېلىقى سىرتتىن كەلگەن خۇجايىن ئاخىرى گەپنى كىسىپلا قىلدى .
- ئەمىسە بىرلا ئاتىمەن پارچىلىمايمىز ! تۇرسۇن تارتۇقمۇ تاۋكانى تەۋرەتكۈدەك گەپتىن بىرنى قىلىپ مېيىقىدا كۈلۈپ قويدى .
- بار ! ھېلىقى كىشى بىر ھازا تۇرىۋاتقاندىن كىيىن ياندىكى شوركىسىنىڭ بوينىدىن تۇتۇپ ئوتتۇرغاراق ئولتۇرغۇزۇپ قويدى ، شۇنداق قىلىپ بۇ بىگۇناھ نارسىدە رەھىمسىز تاۋكا ئۈستىدە ئەرزىمەس بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى ، ھەممەيلەننىڭ دىققىتى ئۇلاردا ئىدى .
- بار !!
- بار !!
- بار !! ئۇلار ئەنە شۇنداق پۇتلىرىغا بار كۈچى بىلەن ئۇرۇپ ، بار ! دەپ توۋلاپ نەچچە رەت ئاق تاش ئېتىشتى ، ئاخىرى چىنە ئىچىدىكى ئاق تاشلار بىر رەت قاتار چۈشۈپ تۇرسۇن تارتۇق تەرەپىدىن قارشى تەرەپ مەغلۇپ بولدى .
- تۇتە بۇنى ! تۇرسۇن تارتۇق نۆۋىتىدە كەلگەن تاشلارنى چۆرۈپ ئېتىۋېتىپ يېنىدىكى قوغدىغۇچىسىغا بۇيرۇق قىلدى ، ئۇ قوغدىغۇچىمۇ شىددەت بىلەن ئۇتتۇردا تاۋكانىڭ خۇنى بولغان رۇستەمنى قاماللىغانچە يەرگە بۇسۇرۇپ باستى ، تۇرسۇن تارتۇق شارتتىدە يېنىدىن يۇغان بىر بىچاقنى ئالدىدە يەردە نالە قىلىپ ياتقان رۇستەمنىڭ ئوڭ قولىنىڭ تۆت دانە بارمىقىنى تۈۋىدىنلا كىسىۋەتتى ، بۇ ئېچىنىشلىق ئىشلارنى كۆرۈپ يۆرۈكۈم تىنىمدىن چىقىپ كەتكىلى تاسلا قالدى .
- ۋاي جان !!! ئاپا ! ئاپا ! ........... بىچارە رۇستەمنىڭ ئۈچ تال بارمىقى قوللىرىدا ئېسىقلىق بولۇپ يەنە بىر تال بارمىقى يەردە ئىختىيارسىز سەكرەيتتى شۇنداقتىمۇ ھىچكىم ئۇنىڭغا ياردەم قىلالمىدى .
- ئەمدى بۇ شوركاڭنىڭ كېرىكى قالمىدى ئېلىپ كەت ! تۇرسۇن تارتۇق ئۇ كىشىگە ھۈرپەيگىنىچە بۇيرۇق سوقتى ، ئۇنىڭ يۈزىدىكى تارتۇقى ئالاھىيدە بولمىغىنى بىلەن كۆزلىرىدىن قانخورلۇق ئەكىس ئىتىپ تۇراتتى ، ھېلىقى سىرتتىن كەلگەن كىشىلەرمۇ نىمە قىلارىنى بىلمەي ھودۇققىنىچە يەردە قانسىراپ ياتقان شوركىسىنى ئاستا يۆلەپ چىقىپ كىتىشتى .
تىرىك تۇرۇپ ئۆلۈكنىڭ ئورنىدا ياشاش ، ئاتا ئانىسى تۇرۇپ يىتىم ئورنىدا ياشاش ، غۇربەت كۈنلەردە خوشال - خورام ياشاش ، بۇ قورغاندىكى كىشلەرنىڭ ئىدىيەسىگە سىڭىپ كەتكەن ئىدى ، مەندىكى ھاياتقا بولغان كۆز قاراش كۈندىن كۈنگە رەھىمسىزلىشىپ قەبھى پىلانلارنى تۈزۈشكە باشلىدىم ، قانداقلا چاغدا قىمار سورىنىدىن قايتسام ساراي دەرۋازىسى يېنىدىكى چوڭ تاش تۆۋىگە ئازغىنە پۇللارنى تىقىپ قويىدىغان بولدۇم ، ئاشۇ كۈندىكى قىمار سورىنىدا بولغان ۋەقەدىن كىيىن ئۆزەمگە قاتتىق ئېھتىيات قىلىپ ئامال بار جەز قىلغان پۇللارنى ۋاقتىدا ئېگىسىگە قايتۇرۇپ كەلدىم ، بۈگۈن بىز كەلگىلى دەل ئون ئاي بولۇپتۇ ، ئاتا - ئانام ، ئورۇق تۇققانلىرىمنى بەكلا سېغىندىم ، شۇ كەڭ كەتكەن يېشىل يايلاق ، سۈپسۈزۈك قىشلاقلار ھېلىھەم كۆز ئالدىمدا نامايەن بولاتتى ، ئاھ رەھىمسىز تەغدىر ! ئاھ رەھىمسىز يىللار ! ... ئاچچىق ئەسلىمىلەرنى ئويلاپ رېستۇران ئىچىدىكى مەلۇم ئايرىمخانىدا ئولتۇراتتىم تۇيۇقسىز تەمبۇرنىڭ ئاۋازى توختاپ قالدى .
- تازا پەيزى يىرىگە كەلگەندە توختاپ قالغىنىنى ، چېلىۋەرمەي يەنە بىر تارىسى بىلەن ! غالىپكام تەمبۇرغا تەڭكەش قىلىپ ناخشا ئېيتىۋاتاتتى ئابدىكېرەم ئۇستام چالغان سازنىڭ بىر تال تارىسى ئۈزۈلۈپ كەتتى .
- باشقا تارا يوق ئىدى ئۇكام ، بۇنىمۇ ئۈزىۋەتمەي دەپ ئەنسىرەپ قاپتىمەن ! ئابدىكېرەم ئۇستام جاۋاپ بەرگەچ ئۈزۈلۈپ كەتكەن تارىنى رىمونتلاشقا باشلىدى ، نەچچەيلەن تاماق يىگەچ ئايرىمخانىدا بىر نەچچە رومكىدىن ئىچىشىپ كەچ بولغاندا ئويۇننىڭ تەييارلىقىنى قىلدۇق . گۈلمىرە ياتاقتا ئۇخلايمەن دەپ قالغان ئىدى ھازىرغىچە يوق ، مەن دەرھال ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ ئويغۇتۇپ چىقتىم ھەم كەچلىك ئويۇننى غەلبىلىك ئاخىرلاشتۇردۇق ، رېستۇراندا ئويۇن قويىدىغان بارلىق ئارتىسلار بىر يەرگە يىغىلىپ كەچلىك تاماق يەپ كىيىن قورغانغا قايتتۇق ، بۈگۈن بىزنىڭ ياتاقتا نەچچە مېھمان بار ئىدى ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى غالىپكامنىڭ دوستلىرى بولۇپ باشقا قوشۇندىن سارىيىمىزغا چىققان ئىكەن ، مەن گۈلمىرەنى ياتىقىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ ياتىقىمدا مېھمان بولۇپ كەلگەنلەر بىلەن ئانچە ئوزۇن ئولتۇرمايلا قىمار سورۇنىغا كەتتىم ، مەن بارغىچە قىمار سورىنى بەكلا قىزىپ كەتكەن بولۇپ باشقا شەھەرلەردىن كەلگەن خۇجايىنلارمۇ شۇنچە كۆپ ئىدى ، ئوتتۇردىكى چامىدان - چامىدانلاپ تىزىپ قويۇلغان پۇللار ھەركىمنىڭ كۆزلىرىنى قىزارتىپ غايىبانە شۇملۇقلارغا ئۈندەيتتى ، مەنمۇ ئارىلاپ يۆرۈپ ئۆزەمگە ماس كەلگىدەك جاينى تېپىپ قىمارنى باشلىۋەتتىم ، قىمارنىڭ ئەۋجى كۆتۈرۈلگەنچە تەلىيىم ئوڭغا تارتىپ ئارقا - ئارقىدىن كىلىشكە باشلىدى ، بەزىلەر قارت ئوينايمىز دىيىشسە بەزىلەر تاش ئاتىمىز دىيىشەتتى ، شۇنداقتىمۇ قايسىلا تۈر بولسۇن مەن ئۈچۈن بەرىبىر ئوڭ كىلىپ يېرىم كېچىگە يېقىن ئالدىمدىكى پۇللار ئوبدانلا كۆپىيىشكە باشلىدى ، مەن ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك ئۇتۇپ باقمىغان ئىدىم شۇڭلاشقىمىكىن ئولتۇرغان ئورنۇمدا ئىختىيارسىز ھودۇقۇش پەيدا بولۇپ قىمىرلاپ زادىلا تۇرالمايتتىم ، ياندا ئولتۇرغان نەچچە كىشى ئالدىمدىكى تىزىپ قويۇلغان قىپقىزىل پۇللارغا كۆز قىزارتاتتى ، شۇنچە جىددىيلەشسەممۇ ئۆزەمنى قاتتىق تۇتىۋېلىپ تەمكىن بولۇشقا تىرىشتىم ، قىمار سورۇنىغا كەلگەنلەرنىڭ كۆپۈنجىسى يېنىدىن سومكا ياكى چامىدانلارنى ئايرىمايتتى ، ئەمما مەندە ئۇنداق نەرسىلەر بولمىغاچقا ئامالسىز ئالدىمدىكى پۇللارنى مېۋە سالغان قارا سولياۋ خالتىغا سېلىشقا مەجبۇر بولدۇم ، ۋاقىت توختىماستىن ئالدىغا ماڭغىنى بىلەن بۈگۈنكى كۈندە تاڭنىڭ ئاتماسلىقى مەن ئۈچۈن بەكلا تەس بىلىندى ، ئالدىمدىكى پۇللارنىڭ قايسى ۋاقىتلارغا كەلگەندە يەنە باشقىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كىتىشىدىن بەكلا ئەنسىرەيتتىم ، چۈنكى قىمارنىڭ ئۆزگىچە قائىيدىسى بولۇپ پۇلى بارلار قىماردىن چىكىنسە زادىلا بولمايتتى .
- تاۋكا ھەققى تاشلاڭلار ! قارشى تەرىپىمدە قارت ساناۋاتقان چوڭراق كىشى ھەممەيلەنگە بۇ قېتىملىق بىر مەيدان قىمارنىڭ باشلانغانلىقىنى ئىنكاس قىلىپ قويدى .
- مانا تاشلاپ قويدۇم ! مەن دەرھال ئەللىك يۈەنلىكتىن بىرنى ئوتتۇرىغا تاشلىدىم ، يان تەرىپىمدە ئولتۇرغان سېمىز ئادەممۇ قىپقىزىل يۈز يۈەنلىتىن بىرنى تاشلاپ مەن قۇيۇپ قويغان پۇلنى ئاستا ئالدىدە :
- تاڭمۇ سۈزۈلۈپ قاپتۇ بۇرادەرلەر چوڭراق تاشلىمامدۇق يەرگە . ئۇنىڭ بەرگەن تەكلىپلىرىنى زادىلا خالىمايتتىم چۈنكى يەنە نەچچە سائەت بەرداشلىق بېرەلىسەملا بۇ خالتىدىكى پۇللارنى بىر تەرەپ قىلىپ كېتەلەيتتىم .
- بولدى مۇشۇنداق ئوينايلى ئاكا ، ھېلىمۇ يەر ھەققىگە ئەللىك سوم تاشلاۋاتىمىز ! قارتلىرىمنى تىزغاچ ئارىلاپ جاۋاپ قايتۇرۇپ قويدۇم ، شۇ ئارىدا نەچچە سائەت قارت ئويناپ قىمارنىڭ ئاخىرلىشىشىغا يېقىن بەزىلەرنىڭ تەلىۋى بىلەن ئاق تاش ئېتىشنى مەسلىھەتلىشىپ قالدۇق ، گەرچە بۇ تۈر بىلەن ئانچە خوشۇم يوق بولسىمۇ قاتتىق ئېھتىيات بىلەن ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈشكە تىرىشتىم ، ئاتە - ئات بولۇپ چىنە ئىچىدىكى تاشلارنىڭ ئاۋازىدىن بىرخىل خوشاللىق ئەكىس ئىتىپ تۇراتتى .
- تىكتىم ! ئارىدىن بىرى بىر تۇتام پۇلنى ئوتتۇرغا قۇيدىدە كۆزلىرىمگە تىكىلىپ قاراشقا باشلىدى ، قۇلۇمدىكى تاشلارنى چىڭ بىر قېتىم سىقىپ قۇيۇپ تەلىيىمنىڭ بۇ قېتىممۇ ئوڭدىن كىلىشىنى ئىچىمدە تىلەپ قويدۇمدە :
- بار ! تاشلارنى چىنە ئىچىگە تاشلىغاچ يوقىرى ئاۋاز بىلەن توۋلىغانچە پۇتۇمغا ئۇرۇپ قويدۇم ، بىراق تاشلىغان تاشلىرىمنىڭ نۇمۇرلىرى بىر - بىرى بىلەن قوراشماي ئېتىش نوۋىتى قارشى تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى ، ئۇ كىشى تىككەن پۇللارنىڭ سانىنى زادىلا بىلمەيتتىم ئەمما بۇ قېتىملىق ئېتىشىش بۈگۈنكى قىمارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرى بولۇپ ئانچە ئەنسىرەپ كەتمىدىم ، ھەر ھالدا بۇ قېتىم تەلىيىم كاژ كىلىپ قالغان تەغدىردىمۇ ئوتتۇردىكى بۇ ئازغىنە پۇلغا يېنىمدىكى پۇللار يىتىپ ئېشىپ قالاتتى ، ئىككەييلەن نەچچە رەت ئېتىشتۇق .
- بار ! ئۇ كىشى توۋلىغىنىچە شۇنداق بىر تاشلىۋىدى چىنە ئىچىگە چۈشكەن سانلار مۇتلەق تاق سان بولۇپ ئۇتتۇرۇپ قويدى ، بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ خوشاللىقىمدا ئىختىيارسىز توۋلاپ سالدىم .
- ئەمدى قايتىمىز ! تۇيۇقسىز تۆتىنجى تاۋكادا ئولتۇرغان چوڭاملار ئورنىدىن تۇرۇشقا باشلىدى ، مەنمۇ دەرھال ئالدىمدىكى پۇللارنى ئېلىپ قولۇمدىكى خالتىغا سالدىمدە پىسسىڭڭىدە يېنىمدىكىلەرگە كۈلۈمسىرەپ قويدۇم ، ياتاق ئىچىدىن چىقىۋاتقان شاۋقۇن - سۆرەنلەر تەدرىجى يوقۇرلاپ كىشىلەر بىر - بىرلەپ سىرتقا مېڭىشقا باشلىدى ، مەنمۇ ئورنۇمدىن شۇنداق تۇرۇشۇمغا پۇتلۇرۇم غال - غال تىتىرەپ ئىختىيارسىز دېمىم سىقىلىشقا باشلىدى ، شۇ دەقىقىدە مەندىكى ئەنسىرەش تۇيغۇسى كۈچىيىپ قوللىرىمغا چىڭ قاماللانغان پۇللارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى زادىلا ئويلاپ يېتەلمىدىم ، باشقىلاردىن ئۆزەمنى ئېلىپ قېچىپ يۈرۈپ ئاران تەستە سىرقا چىقتىمدە بىر كىرا ماشىنىسىنى تۇسۇپ ئۇدۇل سارايغا قايتتىم ، كۈندە قايتىپ كېلىپ ئادىتىم بۇيچە ساراي ئالدىدىكى خۇيزۇلارنىڭ كالا گۆشى ئۈگرەخانىسىدا بىر قاچا ئاچچىق تاماق يەۋېلىپ ئاندىن ئۇيقامنى ئۇخلايتتىم بىراق بۈگۈنكى ئەھۋاللار بۇرۇنقىغا زادىلا ئوخشىمايتتى ، مەن ماشىنىدىن چۈشتۈمدە ئودۇل گۈلمىرەنىڭ يېنىغا كىردىم ، ئۇنىڭ تاتلىق ئۇيقۇسى تېخى بىھۇش ھالەتتە بولۇپ شىرىن چۈشلەرنى كۆرىۋاتقاندەك كۆرىنەتتى .
- گۈلمىرە ! ئويغۇنۇڭە مەن كىردىم ! ئۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ئاستا سۇزۇلۇپ ئورنىدىن تۇرۇشقا باشلىدى .
- تىزرەك ئويقۇڭىزنى ئېچىڭچۇ مۇھىم ئىش بار ! مەن يەنىلا ئۇنىڭغا سۆزلەشكە باشلىدىم .
- نىمە ئىش بار ئىدى قېنى ئېيتمامسىز ! ئۇ كۆزلىرىنى ئۇۋۇلاپ ماڭا قارىدى .
- ياتاقتىكى باشقا قىزلار قېنى ؟ مەن ئاۋال باشقىلارنى سورىدىم .
- بىلمەيمەن ئەتىگەندە ئۇخلاۋاتاتتى ھازىر يوق تۇرىدۇ !
- ئۇنداقتا ياخشى بىز ھازىرلا بۇ جايدىن قاچىمىز ! مەن ئىككىلەنمەيلا بۇ تەكلىپنى ئوتتۇرغا قويدۇم .
- نىمە دەيدىغانسىز ؟ ئۇتقان ئوخشىمامسىز بۇ كېچە ! ئۇ مىنىڭ جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىمنى زادىلا سەزمىگەن ئىدى .
- شۇنداق تەلىيىم ئوڭغا تارتىپ قالدى ، بۇ بىر پۇرسەت تىز بولۇڭ ! مەن بەكلا جىددىيلىشەتتىم .
- ئۇنداقتا بۈگۈن ئازىراق كىر يۇيۇۋالاي ئەتە كىيىملەر قۇرىغاندا ماڭامدۇقيا ! ئۇنىڭ سەبىيلەرچە سۆزلەشلىرى تاقىتىمنى - تاق قىلىپ قولۇمدىكى خالتىنىڭ ئاغزىنى ئاچتىمدە ئىچىدىكى پۇللارنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ قويدۇم .
- ۋاھ ! نىمانچە كۆپ پۇللار بۇ ، سانى قانچە ؟ ئۇ بەزى ئەھۋاللارنى دەمانلىققا قۇبۇل قىلالماي قالدى .
- مەنمۇ بىلمەيمەن بەلكىم نەچچە تۈمەن چىقىپ قالار ، ساناشقىمۇ ئۈلگىرەلمىدىم ، ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسلە بۇ جايدىن ساق - سالامەت ئايرىلىش . مەن سۆزلىرىمنى قىلغاچ ئوتتۇردا تۇرغان چوڭراق سۇلياۋ خالتىنى قولۇمغا ئالدىمدە ئىچىگە پۇل بار خالتىنى سالدىم شۇنداقلا پۇلنىڭ ئۈستىگە بىر تال قارا رەڭلىك كۆينەكنى سېلىپ قويدۇم ، گۈلمىرە يۈزلىرىنى يۇيۇپ تىزلا تەييار بولدى ، ئىككەيلەن قولىمىزغا شۇ خالتىدىن باشقا ھىچقانداق نەرسە ئالماي ساراي ئالدىدىكى چوڭ يولغا چىقتۇقدە بىر كىرا ماشىنىسىنى توستۇق .
- قەيەرگە بارىسىلەن ؟ شوپۇر سۇئالىنى ئوتتۇرغا قويغاچ ماشىنىنى ئورنىدىن ئاستا قوزغاشقا باشلىدى ...

ئەڭ ئېچىنىشلىق تىراگىدىيەلەر باشلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ ، ئەسەرنىڭ 10 . قىسىمىنى داۋاملىق يىزىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن .
بۇ نۆۋەتلىك ئەسەر تاللاش پائالىيتىگە ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hanka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-30 01:17
|