- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-3-17
- تىزىملاش
- 2010-10-29
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 96سائەت
- جۇغلانما
- 1064
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 261
- تېما
- 24
- توردا
- 96سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 23
- يازما
- 261
- تېما
- 24
|
توردا تونۇشقان دوستلار !
ئىز تورىدىكى بارلىق بەرنا قىزلارغا، بەردەم يىگىتلىرىمىزنىڭ كەچلىگى خەيرىلىك بولسۇن!!!!
دىلەيسەم بۈگۈن ئولتۇرۇپ تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ تور ھاياتىنى توردا تونۇشقان يېقىن دوستلىرنى ئەسلەپ قالدى، مېنىڭ تور ھاياتىم قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن بىر چايخانىدا باشلانغان، مەن كۈندە ئىشتىن چۈشۈپ ئىشلىرىمنى تۈگۈتۈپ قىلىدىغان تۇنجى ئىشىم شۇ چايخانىغا كىرىش، ئۇ يەردىكى ھەر- خىل بەس- مۇنازىرىلەرنى ئاڭلاش ئىدى.
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ماڭا بۇ چايخانىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولغان بىرەيلەندىن خەت كەلدى، مەنمۇ ئەدەپ يۈزىسىدىن جاۋاپ قايتۇردۇم، ئۇ ماڭا بىر نومۇر يوللىدى، مەن بۇنىڭ نىمە نومۇرلىقىنى سورىغىنىمدا، ئۇ ماڭا:
ــ توۋا !!! سىز مۇشۇ كەمگىچە چ چ ئىشلىتىشنى بىلمەمسىز، دېدى ۋە ماڭا بىر نومۇرنى يوللاپ بۇنى ئىشلىتىڭ، مەخپى شېفىرى ****** دېدى ۋە ماڭا ئۇنى قانداق ئېچىش، قانداق ئىشلىتىش توغۇرلۇق بىر مۇنچە دەرىس ئۆتتى، شۇنداق قىلىپ پېقىر چ چ لىق بولۇپ قالدىم . بۇ مەن توردا تۇنجى تونۇشقان ئادەم ئىدى، ئۇ ئۆزى بىر ئورگان كادىرى بولۇپ، كۆپىنچە ئىشلىرىنى مۇشۇ توردا بىجىردىغانلىقىنى، چايخانا، مۇنبەر ۋە چ چ قاتارلىق ئالاقە قۇراللىرى ئارقىلىق نۇرغۇن دوستلار بىلەن تونۇشقانلىقىنى ئېيتتى.
ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندە بۇ ئاكاش تور دۇنياسىدىن تۇيۇقسىزلا يوقاپ كەتتى، قانداقلا بولمىسۇن مەن تۇنجى تونۇشقان ۋە ماڭا تور توغۇرىسىدا جىق بىلىملەرنى ئۆگەتكەن، ماڭا توردىكى ھەرخىل ئالدامچىلىقلاردىن ساقلىنىشىمنى ئەسكەرتىپ تۇرغان بۇ ئاكاشنى ئەسلەپ تۇردۇم، چ چ سىغا نېمە ئىش بولغانلىقىنى سوراپ ئۇچۇرلارنى قالدۇرۇپ تۇردۇم. ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندە تۇيۇقسىز بۇ تونۇش نومۇردىن خەت كەلدى، مەن شۇنداق خوشال بولدۇمكى، خۇددى ئۇزۇن مەزگىل كۆرۈشمىگەن تۇققىنىمنى تاپقاندەك ھېسياتتا چ چ نى ئاچسام مۇنداق قۇرلار تۇرۇپتۇ:
ــ ھۆرمەتلىك سىڭلىم، مەن *** نىڭ ئايالى بولىمەن، مەن بۈگۈن يولدۇشۇمنىڭ چ چ رىنى ئېچىپ ئۇنىڭ تورداشلىرى بىلەن بولغان سۆھبەت خاتىرىلىرىنى كۆرۈپ چىقتىم، چۈنكى يولدۇشۇم يېقىندا چوڭ ئاۋارچىلىققا ئۇچراپ قانۇن ئورۇنلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرلىۋاتىدۇ، سەۋەبى ئۇنى ئىدارىسىنىڭ (*******) پۇلغا خىيانەت قىلغان دەپ گۇمانلىنىۋاتىدۇ، قانۇن ئورۇنلىرى ئۇنىڭ تور دۇنياسىدا بىرەر قويمىچىغا ئۇچراپ قالغان ياكى قالمىغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، ئۇنىڭ بارلىق سۆھبەت خاتىرىلىرىنى كۆرۈپ چىقىشىمنى ئېيتتى. بىراق ئۇنداق ئىش يوقتەك قىلىدۇ، گەرچە بەزى سۆھبەت خاتىرىلىرى مېنىڭ غەزىپىمنى كەلتۈرگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىدە بۇ ئىشلارنى تەگەپ ئولتۇرۇشنى خالىمىدىم، قارىسام ئىككىڭلارنىڭ سۆھبەت خاتىرەڭلارلا ئاكا-سىڭىللاردەك ۋە قېرىنداشلاردەك سۆزلەر بىەلن تولۇپتۇ، سىزنىڭ كىچىككىنە تۇرۇپ ئۇنىڭغا قىلغان بەزىبىر ئورۇنلۇق گەپلىرىڭىزنى ئوقۇپ تولىمۇ تەسىرلەندىم، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئۇنىڭ دېرىكىنى ئالالماي ئەنسىرەپ قالدۇرغان ئۇچۇرلىرىڭىزنى كۆرۈپ بۇ جاۋاپ خەتنى يېزۋاتىمەن، خالىسىڭىز بىز ئىزدىشىپ ئۆتەيلى، مېنىڭ ئالاقە نومۇرۇم ***********.
شۇ ھامانلا بۇ نومۇرغا تېلىفۇن قىلدىم، ئۇ ھەدەش ماڭا ئىشنىڭ جەريانىنى دەپ بەردى ۋە ئەگەر بۇ پۇللارنىڭ ئورنى چىقمىسا ئۇنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 15 يىل كېسىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ يىغلاپ كەتتى.
مەن شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ ھەدەشنى ھېيت بايراملاردا ئىزدەپ تۇردۇم، بىز يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە ئالاقە قىلىشىپ تۇردۇق. ئۇ ئاكاش ھازىر تۈرمىدە جازا مۇدىتتى ئۆتەۋېتىپتۇ.
مەن تور دۇنياسىدا تونۇشقان بۇ ئاكاشنى ۋە ئۇنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە ھەقىقى ئاياللىق بۇرچىنى ئادا قىلغان ۋە ھازىرمۇ قىلىۋاتقان بۇ ھەدىمىزنى ئەسلەپ تۇرىمەن.
مەنبە : قەلىمىم .
سىزنىڭمۇ تور ھاياتىڭىزدا سىزگە تەسىر قىلغان دوستلىرىڭىز بولغانمۇ ؟؟؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulimire تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-26 18:29
|
|