- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-3-1
- تىزىملاش
- 2010-2-17
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 94سائەت
- جۇغلانما
- 776
- نادىر تېما
- 2
- يازما
- 239
- تېما
- 149
- توردا
- 94سائەت
- نادىر تېما
- 2
- دوست
- 4
- يازما
- 239
- تېما
- 149
|
بايلىق ئۆزىڭىزدە
بىر - بىرىنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرۈشىدىغان بىرجۈپ قىز يىگىت قىزغىن مۇھەببەتلەشكەندىن كېيىن توي قىلدى. ۋىسال شارابىنى ئىچكەن شېرىن دەملەر ئۆتۈپ بىر مەزگىلدىن كېيىن، ئۇلار تۇرمۇشنىڭ جاپالىق سىناقلىرىغا دۇچ كەلدى، مۇھتاجلىق ئۇلارنى قىيناشقا باشلىدى. خۇتۇنى ھەر كۈنى ئۆزلىرىنىڭ يوقسۇللۇقىدىن ئازابلىنىپغەمگە پاتاتتى. نۇرغۇن پۇل بولغاندىلا ئۇلار ئۆي سېتىۋالالايتتى، ياخشى يەپ، ئېسىلكېيىنىپ، ئەل قاتارى يۈرەلەيتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ كىرىمى پەقەت ئۇلارنىڭ ئەقەللىي تۇرمۇش خىراجەتلىرىنى قامداشقا ئارانلا يېتەتتى.
خوتۇنىنىڭ ئەكسىچە، ئەر تولىمۇ ئۈمىدۋار ئىدى. ئۇ دائىم ئايالىنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈشكە تىرىشاتتى. بىر كۈنى ئۇلار دۇختۇرخانىغا كىرىپقالغان بىر دوستىنى يوقلىغىلى باردى. دوستى ئۇلارغا ئۆزىنىڭ پۇل تاپىمەن دەپ تۈزۈك تاماق يېمەي، ياخشى ئارام ئالماي ئىشلەپ چارچىغانلىقتىن يېقىلىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلار ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، ئېرى خۇتۇنىدىن:
− بىرسىساڭا ئۇنىڭغا ئوخشاش دوختۇرخانىدا ياتساڭ پۇل بېرىمەن، دېسە، سەن ئۇنامسەن؟ − دەپ سورىدى.
خۇتۇنىبىر دەم ئويلانغاندىن كېيىن: ئۇنىمايمەن، دەپ جاۋاب بەردى.
ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلار شەھەر سىرتىغا سەيلىگە چىقىپ، يول بويىدىكى چىرايلىق بىر داچىنى كۆردى. داچىدىن چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان مۇيسىپىت سۈپەت بىر كىشى چىقىپ كەلدى. ئەر خۇتۇنىدىن:
− سەن مۇشۇنداق بىر چىرايلىق داچاڭ بولۇش بەدىلىگە، ئاۋۇ كىشىگە ئوخشاش قېرىپ كېتىشكە رازىمۇ؟ − دەپ سورىدى
خۇتۇنى ئويلانغاندىن كېيىن:
− رازى ئەمەس، − دەپ جاۋاب بەردى.
ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلار تۇرۇۋاتقان شەھەردە دېلوغا چېتىلىدىغان پۇل 1 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان پەۋقۇلاددە زور بۇلاڭچىلىق دېلوسى پاش قىلىنىپ، سوت جىنايەتچىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. ئەر خۇتۇنىدىن يەنەسورىدى:
− ئەگەر باشقىلار ساڭا 1 مىليون يۈەن بېرىپ جېنىڭنىئالىمەن دېسە، سەن قانداق قىلىسەن؟
بۇنى ئاڭلىغان خۇتۇنى ئاچچىقلانغان ھالدا:
− نېمە دەپ جۆيلىۋاتىسىز؟ ماڭا تاغدەك ئالتۇن بەرسىمۇ، ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن، دەپ جاۋاب بەردى.
ئەر خۇتۇنىنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ كۆلۈپ كەتتى ۋە مۇنداق دېدى:
− قارىغىنا، بىز نېمە دېگەن باي ھە؟ بىزدە جان، ياشلىق باھار ۋە سالامەتلىك بار ئىكەن، بۇ بايلىقلارنىڭ قىممىتى 1 مىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن، بىزدە يەنە ئەمگەك قىلىپ بايلىق يارىتالايدىغان بىر جۈپ قول بار، شۇنداق تۇرۇقلۇق سەن نېمىگە غەم قىلىسەن؟
خۇتۇنى ئېرىنىڭ گەپلىرىنى ئەستايىدىل ئويلانغاندىنكېيىن، چېھرىگە كۈلكە يۈگۈردى.
پۇل كىشىلىك تۇرمۇشتىكى بىردىنبىر بايلىق ئەمەس. كىشىلىك تۇرمۇشتا پۇلدىنمۇ قىممەتلىك يەنە نۇرغۇن بايلىق بار. ئەپسۇسكى، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ بايلىقلارنى بايقىيالمايدۇ، ئازاب ئىچىدە ئۆرتىنىپ يۈرۈپ، ئۆز بەختىنى يۈتۈرۈپ قويىدۇ.
ئېلى جامال تەرجىسى
«شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» دىن ئېلىندى
|
|