ئاجايىپ ئۇدۇل كېلىپ قىلىشلار
مەشھۇر يازغۇچى مارك تېۋىن 1835- يىلى ھاللېيقۇيرۇقلۇق يۇلتۇزى پەيدا بولغان كۈنى تۇغۇلغان. 1909 - يىلى مارك تېۋىن: مەن ھاللېيقۇيرۇقلۇق يۇلتۇزى پەيدا بولغان كۈنى تۇغۇلغان، كېلەر يىلى ئۇ يەنە پەيدا بولىدۇ، مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ ئالەمدىن كېتىشنى ئۈمىد قىلىمەن، دېگەن. دېگەندەك، 1910 - يىلىھاللېي قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزى پەيدا بولغان كۈنى مارك تېۋىن ئالەمدىن ئۆتكەن.
1979 - يىلى گېرمانىيىدىكى بىر ژۇرنال ۋولتېركېلنېر ئىسىملىك بىرەيلەننىڭ ئايروپىلان ھەيدەپ ساردىنىيىدىن سىسلىغا كېتىۋاتقاندا ئايروپىلاندىن چاتاق چىقىپ سۇغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى ھەمدە قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقى تەسۋىرەنگەن بىر ھېكايىنى ئېلان قىلىدۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئاۋسترالىيىلىك ۋولتېر كېلنېر ئىسىملىكبىرەيلەن: بۇ مېنىڭ ئەسىرىمنىڭ كۆچۈرۈلمىسى ئىكەن، دەيدۇ. ئەسلىدە بۇ كىشى بۇ ھېكايىدە بايان قىلىنغانغا ئوخشاش كەچۈرمىشنى بېشىدىن كەچۈرگەن ھەمدە كەچۈرمىشىگە ئاساسەن ھېكايەيازغان ئىكەن.
1898 - يىلى بىر يازغۇچى «Titan»ناملىق بىر يۈك پاراخوتىنىڭ ئاپرېلنىڭ جىمجىت بىر كېچىسى نىيۇ - يوركقاكېتىۋاتقىنىدا مۇز پارچىسىغا سوقۇلۇپ كېتىپ چۆكۈپ كەتكەنلىكى، قۇتقۇزۇش كاتېرىنىڭ ئازلىقىتۈپەيلىدىن نۇرغۇن يولۇچىلارنىڭ سۇغا غەرق بولۇپ قازا قىلغانلىقى تەسۋىرلەنگەن بىر رومان يازغان. ھەيران قالارلىقى، ئارىدىن 23 يىل ئۆتۈپ 1912 - يىلىغا كەلگەندە «تىتانىك» ناملىق پاراخوت يۇقىرىقىغا ئوپمۇ - ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولغان.
1900- يىلى 28 - ئىيۇل ئىتالىيە پادىشاھى ئۇمبېرتوبىر تاماقخانىغا غىزالانغىلى بارىدۇ، ھەيران قالارلىقى، بۇ تاماقخانىنىڭ خۇجايىنىنىڭئىسمى ۋە ئۇنىڭ خۇتۇنىنىڭ ئىسمى ئۆزىنىڭكى ۋە خانىشنىڭكى بىلەن، تاماقخانىنىڭ تاماق چىقىرىش ۋاقتى ئۆزىنىڭ قۇبۇلغا چىقىش ۋاقتى بىلەن ئوخشاش چىقىدۇ. تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى، ئىككىنچى كۈنى تاماقخانىنىڭ خۇجايىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ، شۇ كۈنى پادىشاھمۇ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.
1851 - يىلى گلاۋۇد ۋولبوننى ئىسىملىك بىرەيلەن بىر فرانسىيىلىكنى ئۆلتۈرىۋەتكەن. 1872 - يىلى گلاۋۇد ۋولبوننى ئىسىملىك يەنە بىرەيلەن بۇ فرانسىيىلىكنىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈرىۋەتكەن.
«شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» دىن ئېلىندى
|