ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تەرمىلەر ئابدۇقادىر جالالىدىن ھەققىدە
كۆرۈش: 403|ئىنكاس: 8
go

ئابدۇقادىر جالالىدىن ھەققىدە

Rank: 8Rank: 8

توردا
88سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
141 
تېما
31 

شەرەپلىك ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-25 01:41 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش


  ئابدۇقادىر جالالىدىن 1964-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. 1982-يىلى 9-ئايدىن 1986-يىلى 7-ئايغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1986-يىلى 7-ئايدىن 1988-يىلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1988-يىلى 10-ئايدىن 1990-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئىلمىي تەتقىقات ئورنىدا ئىلمىي ژۇرنال مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. 1990-يىلى 8-ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ فىلولوگىيە شۆبە ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتىدۇ. 1993-يىلى 1-ئايدا لېكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1998-يىلى 11-ئايدا مۇئاۋىن پىروففىسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

  2004-يىلى 11-ئايدا پروففىسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2005-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى فىلولوگىيە شۆبە ئىنىستىتۇتىنىڭ پەننىي ساھەدىكى باشلامچىسى بولۇپ باھالانغان. 2009-يىلى 11-ئايدا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىتىغا يۆتكىلىپ كىلىپ، ئاسپىرانت يىتەكچىسى بولغان.

  مۇكاپاتلىنىش ئەھۋالى

  1998-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «» يازغۇچى دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن. 1998-يىلى شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن «ئىلغار شەخس» بولۇپ باھالانغان. 1999-يىلى خەنزۇ ئەدەبىياتى فاكۇلتىتىدىكى ئىلمىي ماقالە باھالاشتا 1-دەرىجىگە ئېرىشكەن. 2000-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇنەۋۋەر كەسپىي تېخنىك خادىم بولۇپ باھالانغان.2000-يىلى مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ «ئۈچ مائارىپ» خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس بولۇپ باھالانغان. 2001-يىلى مائارىپ ئىنىستىتۇتىدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالانغان. 2001-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالانغان. 2002-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۈتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك ناخشا توپلاش پائالىيىتىدە يازغان تېكىستى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2003-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارقاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇش نەتىجە مۇكاپاتىنىڭ 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2004-يىلى شىنجاڭ خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2005-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالانغان. 2006-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كەسپىي تېخنىك خادىم بولۇپ باھالانغان.

  ئەسەرلىرى

  2010-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى توپلىمى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى؛ 2005-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «ئۆزىنى ئىزدەش بۇسۇغىسىدا ناملىق ماقالىلەر توپلىمى»، 1995-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «ئەقىل - پاراسەت مىۋىسى ۋە شەيتان» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى، 1993-يىلى شىنجاڭ ياش - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «سوقۇۋاتقان يۈرەك» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، 2001-يىلى خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «بوشلۇق» ناملىق شېئىرلار توپلىمى قاتارلىقلار بار.


مەنبە؛خەلق گېزى تورى

توردا
1342سائەت 
نادىر تېما
دوست
40 
يازما
1627 
تېما
144 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-25 03:17 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن بۇ ئاكىمىزنىڭ ئازراق ئارخىبىنى ساقلىۋالغان ئىدىم سىللەرمۇ ئاڭلاپ بىقىڭلار!

ئابدۇقادىر جالالىدىن بىلەن سۆھبەت


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
633سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
489 
تېما
55 

شەرەپلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-25 06:07 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇزۇن بولسىمۇ ئاۋۇ نۇتۇقنى ئاڭلىۋەتتىم. ياخشى سۆزلەپتۇ، ئادەمنى يىڭىچە ئىلھاملارغا، يىڭىچە ئىددىيەگە ئىگە قىلىدىكەن.
بۇ يىل ئەجەپ غەلىتە بىر يىل بولدى

Rank: 8Rank: 8

توردا
772سائەت 
نادىر تېما
دوست
94 
يازما
2675 
تېما
454 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-25 09:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن ياخشىكەن ... ماڭا خېلى بەكلا تەسىر قىلىدى ...

توردا
119سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
544 
تېما
51 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-25 15:24 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئادەمنى يىڭىچە ئىلھاملارغا، يىڭىچە ئىددىيەگە ئىگە قىلىدىكەن.

توردا
1سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-25 15:26 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ ياخشى بىر سۆھبەتنى ئاڭلاپ شۇنداق تەسىرلەندىم

توردا
0سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-1-25 19:10 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
غەيۋەت قىلىش ئەخلاقسىزلىق !
تۆھمەت قىلىش جىنايەت...
ئەپسۇس-توردىكى ئىمتىياز مىنى ئابدۇقادىر جالالىدىن
ھەققىدە سۆز قىلىشقا ئۈندىدى

يىقىنلىرىم بىلەن بولغان مۇنازىردە
باشقىلاردىن ئاڭلىغىنىم
ئەڭ يامىنى نوپوزلوق 3~4 يازغۇچىدىن ئاڭلىشىمچە
ئابدۇقادىر جالالىدىن چەتئەلدىكى بەزى داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ
ئەسەرلىرىدىن ئۈزۈندە ئاپتۇدەك ، بىرسى ھەتتە ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ
بىر قىسىم ماقاللىرى چەتئەلدىكى بەزى داڭلىق كىشىلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى
ئۆزپىتى ،قۇرمۇ-قۇر كۆچۆرۈپ ئۆزىنىڭ ئەمگىكى قىلىۋاپتۇدەك!!
قىسقىسى بىر يازغۇچى مۇنداق دىدى.
ئابدۇقادىر جالالىدىن يازغۇچى ئەمەس ،بەلكى تەرجىمان
ئۇ باشقىلارنىڭ ماقالىسىنى تەرجىمە قىلىپلا ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان
دەپ سۆزلىدى..دۇرۇس بۇھەقتە ئىلگىرى ئىزدىنىش تورىدىمۇ بۇ ھەقتە
كۆپ غۇلغۇلا بولغان..
ھەر ھالدا كۆپچىلىكنىڭ ئۆز پىكىرنى ساقلاپ قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن
ئەدەبىايتىمىزدا ،ئەدىپلىرىمىزدە كۆچۈرمىكەشلىك،ئالدامچىلىق ئاۋۇپ كەتكەن
بۇ مەزگىلدە ھەر بىر نەرسىگە ئەقىل كۆز بىلەن قاررىماي بولمايدۇ.

Rank: 8Rank: 8

توردا
88سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
141 
تېما
31 

شەرەپلىك ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-1-25 20:56 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش arginakun نىڭ يازمىسى

ئۆزلىرى قايسى مىللەتتىن بولىلا؟

توردا
83سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
477 
تېما
10 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-2-27 09:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پەخرى، قالايمىقان گەپ قىلمايلى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-20 06:51

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.